جېنىمغا قان قىلدىم بەرداشلىقىڭنى ،
تىنىمگە جان بىلدىم تىنىقلىرىڭنى .
ئاھلىرىم يۇتسىمۇ دەريا سەن دەريا ،
باغرىڭغا قويىۋەتتىم بېلىقلىرىمنى .
تاغلارنىڭ پەريادى كۆچتى بەستىڭگە ،
باغلارنىڭ خازانلىرىنى قويدۇڭ سۈپۈرۈپ .
ئېتىڭنىڭ تۇياقلىرىدىن كېلىپ لەرزىگە ،
ھايات چاتقاللىرىدىن چىقتىم مەن ئۈنۈپ .
قاپقارا كۆزۈمگە لىق تولغان ياشتەك ،
تۆكۈلمەي قۇرىدى گۈللەرنىڭ بەرگى .
سېغىنىش،سېغىنىش يەنە سېغىنىش ،
قەدرىمنى قەدرىڭگە قوشتى ئاخىرى .
ئەزىزىم باغرىمغا سەن سالغان ئوتتا ،
كۆيمەكتە قىسمەتلەر كۆيمەكتە جاھان .
قارىيىپ كۈل بولسۇن،كۈل بولسۇن كۈنلەر ،
كۈل بولماي كۆيىمەن ،كۆيىمەن ھامان .
گۈللۈك كۆينىكىمنىڭ ئېتەكلىرىگە ،
سەھەر شەبنىمىنى يىغىپ قويىمەن .
سەن بىر تال ئوقيادەك كەلسەڭ قاراسلاپ ،
ئىشىكىم تۈۋىدە كۈلۈپ تۇرىمەن !!!
[
ئاھۇ بۇ يازمىنى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى 16:52 دە تەھرىرلىگەن. ]