يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 697|ئىنكاس: 2

قىلمىغىن غەيۋەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
9 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
2
يازما
67
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى 05:26:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


قوشناڭغا بۇنچىلا بولما بەھەيۋەت  ،  
ياغمىسۇن خەلقىڭدىن قارغىش ھەم نەپرەت .  
ئاناڭدىن-ئاتاڭدىن قالمىسۇن لەنەت ،
ئۆز خەلقىڭ دوستۇڭغا قىلمىغىن غەيۋەت .  

قوشناڭنىڭ تەلىيى كىلەر بىر كۈنى ،  
ھەم سىنىڭ باشلىقىڭ بۇلار بىر كۈنى .
ھەم ساڭا قەھرىنى چاچار شۇ كۈنى .
بوسۇنۇپ بەرگىن سەن قىلمىغىن غەيۋەت .

دۇنيادا رازى قىل ئاتا-ئاناڭنى ،
ئەخلاقلىق تەر بىيلە بالا-چاقاڭنى .
ئۇنۇتما ياراتقان  ئىگەڭ ئاللانى .  
ھەر ئىككى دۇنيادا قىلمىغىن غەيۋەت .

گەپ تاپسىمۇ سەن توغرۇلۇق باشقىلار ،
ۋە يا  سىنى قەسلەپ يۈرسۇن باشقىلار .
سەن قىلمىغىن قىلسىمۇ گەر قوشنىلار   .
ئۆزنى بىل ئۆزگىگە قىلمىغىن غەيۋەت   .

بەلكى ئىشلەپ بېيىغاننى كۆرگەنسەن ،
ۋە يا ئاڭا گەپ تېپىپمۇ يۈرگەنسەن ،
لىكىن يەنە قوشنا بۇلۇپ ئۆتكەنسەن ،
قوشناڭ شۇ مەڭگۈگە، قىلمىغىن غەيۋەت  .  

ئوغرىنىڭ قوشنىسى مېلىڭنى چىڭ تۇت ،
سۆزلىمە ئۆزگىگە سىرىنى چىڭ تۇت ،
جاپاغا چىدىغىن بىلىڭنى چىڭ تۇت ،
ئوغرىغا قوشنىسەن ،قىلمىغىن غەيۋەت   .   

پارىخور دوستۇڭغا قىلما شىكايەت ،
نەئىلاج شۇ ئىشلار بولدى زۈرۈريەت ،
ئويلىساڭ بۇدۇنيا بىر چۈش قاباھەت ،
ۋە لىكىن ھەر كىمگە قىلمىغىن غەيۋەت .



        -خاتىرەمدىن (دەرۋىش )


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1850

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى 19:22:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىلما دېگەن ئىشنى بەكرەك قىزىقىپ قىلىمىز. بۇ ھاياتلىقتا غەيۋەت قىلماي ياشىيالمايدىغان بولۇپ قالدۇق. ئۈچ ئادەم پاراڭلىشىۋاتقان بولسا بىرسى چىقىپ كەتسە ئىككىمىز بىر بوپ يەنە بىرسىنىڭ غەيۋىتىنى تازا قىلىمىز.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى 22:14:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلباھار رېھىمنىڭ غەيۋەت قىلمىغىن دەپ بىر نائىشىسى بولىدىغان، مەن بەكمۇ ياقتۇراتتىم.بۇ شېئىرنى ئوقۇپ شۇ يادىمغا كېلىپ قالدى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 00:07 , Processed in 0.055295 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش