يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 733 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 693|ئىنكاس: 1

ياخشى ئاتا- بالا مۇناسىۋىتى ئورنىتىڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
7 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
40
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى 15:47:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى زامان كىشىلىرى مۇرەككەپ تۇرمۇش مۇھىتىدا ياشاۋاتقاچقا، كەيپىياتنىڭ ئۆزگىرىشىمۇ خېلى چوڭ بولىدۇ. بولۇپمۇ ئائىلە ئۇنىڭ تەسىرىگە ئەڭ بۇرۇن ئۇچرايدۇ. بالا ئازار يەپ، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا، ئائىلە ئۇلارنىڭ پاناھگاھى بولىدۇ. ئەقىللىق ئاتا-ئانىلار بۇ نۇقتىنى بىلگەچكە، بالا بىرەر نەرسىدىن نارازى بولغاندا، ئۇلارنىڭ ئىچ- قارنىنى بوشتىۋېلىشىغا يول قويىدۇ. بىز ئالدى بىلەن بالىدا نىمە ئۈچۈن نارازلىق پەيدا بولغانلىقىنى دەپ باقايلى. مۇھىمى بالىنىڭ كۆڭلىدىكى ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىغان ياكى ئۆزىنى كۆزگە ئىلمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان چاغدا نارازى بولىدۇ.
كۆڭلىدە ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىگە ئېرىشەلمىگەن ۋاقىتتا، بالا قاتتىق جىدەل قىلىدۇ. سىز كۆپ قېتىم ئەيىبلىگەندىن كېيىن، بالا <<ماي تارتىپ>> تۇرۋېلىپ، سىزگە گەپ قىلماي، گېپىڭىزگە كىرمەي تۇرۋالىدۇ. كېيىن ئۆز ئىشىنى ئۆزى قىلالايدىغان چاغدىمۇ، سىزگە شۇ ئۇسۇلدا مۇئامىلە قىلىدۇ.
مۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ئاۋۋال ئالدىنى ئېلىش كېرەك. باشقىچە گەپ بىلەن دېسەك - بالىنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ھەر ۋاقىت ھۆرمەت قىلىش، ئۇنىڭ ئارزۇسىنى مۇۋاپىق ۋاقىتتا قانائەتلەندۈرۈش لازىم.
ھەممىمىزنىڭ مۇنداق بىر تەجىربىمىز بار: بۇ بىر كىيىمنى ئاچىسى كەيسە لايىق كېلىدۇ، دەپ قارىساق، ئۇكىسىنىڭ ئوي - پىكىرىگە ئېتىبار قىلماي قويىمىز. سېتۋېلىپ كەلگەندىن كېيىن،  ئۇكىسى: <<ئادالەتسىزلىك قىلىپسىلەر، ئاچامنىڭ بار بولىدىكەنۇ، ماڭا نىمىشقا بولمايدۇ؟>> دەيدۇ. بۇ چاغدا نۇرغۇن ئاتا- ئانىلار:<< ساڭا لايىق كېلىدىغان كىيىمنى تاپالمىدۇق>> دەيدۇ. لېكىن، بالا مۇنداق ئويلىمايدۇ، ئۇ سىلەر ئاچامغا ئامراق، ماڭا ئامراق ئەمەس ئىكەنسىلەر، دەپ ئويلايدۇ. بۇ چاغدا سىز <<ماقۇل، سەنمۇ بىرەر نەرسىنى تاللاپ سېتىۋال، باھاسى 200يۈەندىن ئېشىپ كەتمىسۇن، مۇشۇنداق بولسا ئادىل بولىدۇ.>> دېسىڭىز بولىدۇ. مېنىڭچە بالىڭىز تەكلىبىڭىزنى خوشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلىدۇ، سىلەرنىڭ ھەرگىز بىرەيلەنگە يان باسمىغانلىقىڭلارنى ھېس قىلىدۇ.
بالا بىلەن يۈزمۇ- يۈز توقۇنۇشۇپ قېلىشتىن ساقلىنىپ، ئۇنىڭ خىلمۇ- خىل تەسراتلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقسىڭىز، تەبىئىي ھالدا جىدەلدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئاتا- بالا ئارىسىدا بىر قېتىملىق تالاش - تارتىش ئازايسا، بىر ئۆلۈش مېھىر - مۇھەببەت كۆپىيىدۇ، ئارلىقتىكى ھاڭمۇ كىچىكلەپ، بىر- بىرىنى چۈشىنەلەيدۇ. بەزىدە، بالىنىڭ ئىچىدە بۇرۇختۇم بولۇپ كەتكەن گەپلىرىنى تۆككلى قويۇپ، بالا بېسىلغاندىن كېيىن، ئۆز كۆز قارىشىڭىزنى، ئوي - خىيالىڭىزنى ئۇنىڭغا ئېيتسىڭىزمۇ بولىدۇ.
بالا ئاچچىقلاۋاتقاندا ئالدىراپ ئۇنىڭ بىلەن زوكۇنلاشماڭ ياكى كوتۇلداۋەرمەڭ، ئۇنداق قىلسىڭىز بالىنىڭ كەيپىياتى تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىپ، سىزگە بىھۆرمەتلىك قىلىپ قويىدۇ، ئاتا- بالا مۇناسىۋىتىمۇ يىراقلىشىپ كېتىدۇ-دە، ئۇنىڭدىن ساقلىنىش قىيىن چۈشىدۇ.

Rank: 8Rank: 8

توردا
539 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
828

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى 23:45:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالا ئاچچىقلاۋاتقاندا ئالدىراپ ئۇنىڭ بىلەن زوكۇنلاشماڭ ياكى كوتۇلداۋەرمەڭ، ئۇنداق قىلسىڭىز بالىنىڭ كەيپىياتى تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىپ، سىزگە بىھۆرمەتلىك قىلىپ قويىدۇ، ئاتا- بالا مۇناسىۋىتىمۇ يىراقلىشىپ كېتىدۇ-دە، ئۇنىڭدىن ساقلىنىش قىيىن چۈشىدۇ.
----------------
تۆۋۋە دەۋىر ئۆزگەردىمۇ؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى 21:32 , Processed in 0.043071 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش