يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 733 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 492|ئىنكاس: 2

ئاتا ئائىلە يۆلەنچۈكى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
7 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
40
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى 15:46:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتا نوقۇل يىگىتلىكتىن ئائىلىك بولۇپ پەرزەنت دىدارى كۆرۈش بولماستىن، ئۇ يۈكسەك ئاڭ ۋە مەجبۇريەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ مەنىدىكى ئىبارە. دەرۋەقە، پەرزەنت تېپىش، پەرزەنتكە ئاتا بولۇش قىيىن ئەمەس، ئەمما پەرزەنتكە ئاتىلىق قىلماق قىيىن.
ئاتا، ئالدى بىلەن ئائىلە تەركىبىدىكى ئاساسلىق ئەزانىڭ بىرى بولغان <<ئەر>>دىن ئىبارەت. خوتۇنسىز ئائىلە ۋە ئەرسىز ئائىلە تولۇق بولمىغان ئائىلە. ئەمما، بۇ ئىككى جىنىسىنىڭ قايسىبىرى بولمىغان ئائىلىنىڭ يوقتىن پەيدا بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. ئەر - ئايال بىر ئائىلە ئۈچۈن مەنپىي- مۇسبەت ئۇل، بوڭ ۋە زىل ئىككى تار بولۇپ، ئۇنىڭسىز ناۋا ساداسى چىقمايدۇ.
ياخشى ئاتا بولۇش ئۈچۈن ياخشى ئەر بولۇش شەرت. ياخشى ئەر بولۇش ئۈچۈن ياخشى ئەركەك، ياخشى ئىنسان بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. ۋاھالەنكى، ھەممە ئەركەكلەر ئۇلار ئارزۇ قىلغاندەك ياخشى ئەر ۋە ياخشى ئاتا بولۇشى ناتايىن.
ئېيتىش كېرەككى، ياخشى ئەر بولۇش، ئەر جىسىنىڭ ياش، تەمبەل، كېلىشكەن بولۇشنىمۇ ياكى قەھرى- غەزەپلىك، ئىتتىك ۋە ھەركەتچان بولۇشنىمۇ ۋە ياكى قول ئىلكى ئۇزۇن، كەڭ ھەم قولى ئوچۇق بولۇشنىمۇ، ياكى سۆزمەن، ئويۇنپەز، زېرىكتۈرمەس بولۇشنىمۇ ئاساسىي شەرت قىلمايدۇ، ياخشى ئەر بولۇش ئائىلىدە خوتۇنغا نىسبەتەن، ئائىلە ئىچى- سىرتىدىكى ئەرلىك زۆرۈريەتلەرگە نىسبەتەن يۇقىرى ئاڭ، قىزغىنلىق، مەجبۇريەت ۋە ئۈنۈملۈك ئەر ئەبرازىغا مۇۋاپىق بولۇش دىمەكتۇر.
بىلىش كېرەككى، ئەر ھۆكۈمران بولۇش ئۈچۈن، ئائىلىدە ئەرنىڭ ئايالغا نىسبەتەن مۇناسىۋىتى بىر ئەركەكنىڭ ئايالىنى ھەممە جەھەتتە، ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئائىلە ۋە جەمىئىيەتتىكى ئىنسانىي قەدىر - قىممىتىنى تىكلەش، قانائەتلەندۈرۈش مۇناسىۋىتىدۇر، ۋاسالەنكى، ئۆزىنىڭ قەدىر - قىممىتى، ئۆزىنى ئاجخزە، ئايال سانايدىغان ھەرقانداق ساغلام ئايال جىنسىنىڭ بىرىنچى دىققەت مەركىزىدىكى بىرىنچى ئۆزلۈك تۇيغۇسىدىن ئىبارەت. ئەرلىك، دەل مۇشۇ تۇيغۇ تارازىسىدا ئۆلچىنىپ تۇرىدۇ. ئايالنىڭ بەخت ھېسياتى، ھەتتا ماددىي پاراۋانلىق شەرتلىرى تولىمۇ ناچار ھالەتتىمۇ، شۇ تۇيغۇ تارازىسىدا ھاسىل بولغان رازىمەنلىك ۋە قانائەتتىن كېلىدۇ. ئەرلىكنى كۆز- كۆز قىلىش، ئەرلىك ئۈستۈنلىكى غورۇرى ئۈچۈن ئايال قەدىر - قىممىتىنى سۇندۇرۇش، كۈچ ۋە تىل ئارقىلىق، ئىقتىسادتا قامال ۋە بېقىندۇرۇش ئارقىلىق ئەرلىك ھاكىممۇتلەقلىقى، ئايالنىڭ قورقۇپ- تىترەپ تۇرۇشنى خالاش، بۇ ماھىيەتلىك ئەرلىك، ئەركەكلىك شان- شۆھرىتنى ئۆز - ئۆزىدىن يەرگە ئۇرۇش ھېسابلىنىدۇ. ئەركەككە ئۇنى زوراۋان، گۇندىپاي، ۋەھشىي قىلىش ئۈچۈن كۈچ، بەست ۋە تىل ئاتا قىلىنغان ئەمەس.
دەرۋەقە، دۇنيادا كۆڭۈلدىكىدەك ئەر ۋە خوتۇن بولۇشى ئاز ئۇچىرايدۇ، ئادەم جانلىق ۋە ئۆزگىرىپ بارىدىغان نەرسە. ھەر كىمنىڭ ئۆز گۈلى ۋە تىكىنى، ئۆز ئەۋزەللىكى ۋە نۇقسانلىرى بولىدۇ. ئائىلە رەندە: ئۇ ئىككى پارچە، بىر- بىرىگە پۈتۈنلەي ھىم كەلمەيدىغان ياغاچنى ياپسا قىلىپ، بىر - بىرىگە ھىم قىلغاندەك ، ئەر- ئايالنى تەدرىجىي ئاڭلىق ياكى سۈركىلىش ئارقىلىق ئادەتلىنىش شەكلىدە بىر - بىرىگە ياپسا قىلىدۇ. مۇھەببەت ئۇنى يەملەيدۇ. نىكاھتىن ئىلگىرى كۆيۈپ- پىشىپ كېتىشكەن، نىكاھتىن كېيىن <<ياپسالاش>> جەريانىدا پۇچۇلۇپ كەتكەن ئائىلىلەرمۇ، نىكاھتىن ئىلگىرى راسا ئىچ كۆيۈكى تارتىشمىغان، نىكاھتىن كېيىن ئىناق ئائىلە تۈزگەنلەرمۇ بولىدۇ. چۈنكى مەسىلە ئادەمنىڭ بەدىنىدە ئەمەس، ئادىمىيلىك شەرتلىرىدە. ياشلىق ئۆزى گۈزەل بولىدۇ، ياش ۋە گۈزەل ئادەملەر نۇرغۇن. ئەمما ئادىمىي ئادەم بولماق نەچچە ئەۋلاد ئىشى. ئۇ ئائىلىدە ۋە جەمىئىيەتتە ئالغان تەربىيسىگە، نىكاھتىن كېيىن ئۇچىرىغان ئائىلە تەربىيىسىگە، ئاتا بولغاندىن كېيىن ئائىلىدە ئۇچرىغان ئاتا بولۇش تەربىيسىگە، جۈملىدىن ئۆزىنىڭ تەربىيە قۇبۇل قىلىش- قىلماسلىق سۈپەتلىرىگە باغلىق.
ئائىلە - ئەرنىڭ بەخـت بېغى. ئەر مۇقەددەس قەلب ئۆيىدۇر. ئايال روھىيىتىنى ئەر قەلبىدە ئىپتىخار سېزىدۇ. ئايالنىڭ ھەر كۈنكى قارايدىغىنى ئەينەكلا ئەمەس، بەلكى ئەرنىڭ قەلبىدىكى ئۆز شەكلى، ئوبرازى ۋە باھالىنىشى.
ئېيتىش كېرەككى، ئەر ئائىلىدە ھەقىقىي سىمۋول بولماستىن،پاسىق ئايالنىڭ ئويۇنچىقى، ساختا نىقابى، ھاقارەتلەش ئۇبېكتى بولىدىغان ئەھۋال گەرچە كەمدىن - كەم بولسىمۇ، ئائىلە شەنىگە ئېغىر داغدۇر. بۇنداق ئائىلىدىكى خوتۇن پەرزەنتىنى، ئۆزىنى، ئېرىنى قىيىققا سېلىپ ھالاكەت گىردابىغا ھەيدىگەن كىشىگە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ كەينىدە پاجىئە ئاقىۋەتلىك تۇرمۇشنىڭ ئىز بېسىپ كېتىۋاتقانلىقىغا گۇمانلانماسلىق كېرەك .
ئەر ئاتا، بوۋا، مۇرۇۋەتلىك پىشقەدەم.
ئاتا بولۇش ئاتىسىدەك ئىناۋەتلىك ئۇنۋانغا ئىگە بولۇش ئەرنىڭ ئارزۇسى ۋە بەختى.
ئاتا ئائىلە، خوتۇن، پەرزەنتنىڭ غەمگۇزارى، ئۇنىڭ تومۇرىدا قان، خىيال - زېھنىدە پەرزەنت تەلپۈنىدۇ. ئاتىلىق مېھرى ئاتىغا خاس تەلەپ، پىكىر- تۇيغۇ، چىدام بىلەن يۇغۇرۇلغان شەپقەت ۋە مۇھەببەت بولۇپ، ئۇنىڭغا پەقەت ئانىلىق مېھرىنىلا تەڭلەشتۈرۈش مۇمكىن. ئاتىلىق مېھرى سۈكۈتچان، جىم- بىزۇۋان، زېھىندار، شۇنداق مېھىر- مۇھەببەتكى، ئۇ كۆز يېشى ئېقىپ يېنىپ تۇرىدىغان شامغا ئەمەس، بەلكى مەشئەلگە ئوخشاپ كېتىدۇ.
ئاتا مىللەتنىڭ ئائىلىدىكى ۋەكىلى، ئاڭلىق ۋە ۋىجدانلىق ئەركەك مىللەتكە، جەمىئىيەتكە، تەرەقىياتقا كەينىنى قىلۋالغان ئەر بولماستىن، ئۇ ئائىلە ھۈجەيرىسىدە جەمىئىيەت بەختىنى، پەرزەنت گەۋدىسىدە مىللەت كېلەچىكىنى ئۆستۈرگۈچى باۋەندۇر. ئۇ ئەمگىكى، ئىجادىيىتى، جەڭلەردىكى جاھارىتى، ئەقىل- ھېسياتى، تەدبىر- چارە ۋە يۈرۈش - تۇرۇشلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئالىيجاناب ئىنسانپەرۋەرلىكىنى بىجا كەلتۈرىدۇ.
ئەر ئائىلىنى ئۆزىنىڭ يورۇق دۇنيادا جەمىئىيەتكە يۈزلىنىدىغان بارگاھى، قورغىنى ۋە بازىسى دەپ بىلىشى، ئائىلە توغرىسىدىكى ھەر تەرەپلىمە تەربىيىگە ئىگە قىلىشى لازىم. ئائىلە توغرىسىدىكى تەربىيە گرچە تېگى- تەكتىدىن ھەربىر كىشىنىڭ ئومۇمىي مەدەنىيەت ۋە پەزىلەت تەربىيىسىگە ئاساسلانسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس پائال مەزمۇنلىرى بولىدۇ، يېڭى زامان ئۆزبېك ئالىمى، پروفېسور ئابدۇللا ئەۋلانى<<تەربىيە بىز ئۈچۈن يېڭى ھايات، ياكى مامات، ياكى نىجات، ياكى ھالاكەت، ياكى سائادەت، ياكى پالاكەت مەسلىسىدۇر>> دەپ توغرا ئېيتقانىدى. ئائىلە تەربىيىسىگە ئېرىشەلمىگەن تەربىيە تولۇقسىز تەربىيىدۇر.


مەنبە: ئەي ئاتا ئاگاھ بولۇڭ

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1828

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى 08:25:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەر ئائىلىنىڭ تەۋرەنمەس تۈۋرۈكى، تۈۋرۈكسىز ئۆي قەد كۆتۈرۈپ تۇرالمايدۇ.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 2

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
0
يازما
73
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى 15:08:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايال قەدىر - قىممىتىنى سۇندۇرۇش، كېرەك

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 02:08 , Processed in 0.055629 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش