يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 672|ئىنكاس: 5

بىپەرۋا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
9 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
2
يازما
67
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى 00:24:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



مەن يىغلىسام كەينىمدە ، مەيلى كۈلگىن كۈلىۋەر .
مەن كۈلگەندە ئەكسىچە مەيلى ياش تۆك يىغلاۋەر.

بەخت كىلىپ نەدىندۇر مەن گۈللەنسەم ئازغىنە ،
ئورەك كۆلاپ كەينىمدىن چارچاپ قالما كولاۋەر.

مەندىن ئاشقان سۇيۇقئاش سەنچە دۇنيا سانىلار ،
قولغا چىقسا سۇقۇپلا ئالغۇڭ بولسا ئېلىۋەر .

ھېلى ھەممۇ ھارمىدىڭ چاشقان كەبى تۇشۇدىڭ ،
قۇلۇم قوشنا دىمەستىن پايدا بولسا  تۇشىۋەر.

مىنى ھەر ۋاق پايلايسەن ئارقامدىن ھېچ كەتمەيسەن ،
ماڭالىساڭ ۋايسىماي ئەگىشىپلا مېڭىۋەر .  

بابلىماقنى ئويلايسەن مەن ماڭغان ھەر سەپەردە ،
كار قىلمايدۇ ماڭا ھېچ زىرىكمەي تور تۇقىۋەر .

قاپقان قۇرۇپ يۇلۇمغا كۈتۈپ ياتتىڭ نەچچە رەت
يول ئۈستىدە سەن مىنى مەيلى كۈتۈپ  يېتىۋەر .

مىنى سۈكۈپ ھارمىدىڭ تۆت ئادەم بار سۇرۇندا ،
مەيلى سۆككىن سەن مىنى قامچا بۇلۇپ ئۇرىۋەر .

بىر مەن ئەمەس گىپىڭگە دۇچ كەلگىنى مەلەمدە ،
شۇم بۇيىنى گۈل قىلىپ سەن چىكەڭگە قىسىۋەر .

سەندىن باشقا بىراۋدا بۇنداق ئەسكى ئىللەت يوق ،
بىزگە خەلقىم ھەمنەپەس  سەن بىلەلمەي يۈرىۋەر .

ھەسەت بىلەن چوڭ بولدۇڭ بەلكى شۇنداق ئۈلەرسەن ،
كۆز قىزارتىپ ھەممىگە بىھۇدىلا قېرىۋەر .

شۇنداقتىمۇ ھارمىدىڭ توۋا دىدۇق ھەممىمىز ،
ئەنە شۇنداق قېرىدىڭ يەنە شۇنداق ئۇلىۋەر .

تۈگىمەسكەن گەپلىرىڭ كۆپ سۆزلەشكە رايىم يوق ،
قېرىپ ئۈلۈپ باقىغا يەنە شۇنداق كىتىۋەر .

-خاتىرەمدىن (دەرۋىش)


Rank: 2

توردا
33 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
0
يازما
104
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى 09:23:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز.

Rank: 3Rank: 3

توردا
116 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
284
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى 10:34:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەتجان راشىدىنىكامغا قاچانلاردىن شاگىرىتلىققا كىرگەن ؟ شۇ  ئاكىمىزدەكلا يېزىۋېتىپسىزغۇ بۇ شېئىرىڭىزنى ، ئېسىل چىقىپتۇ .

Rank: 1

توردا
3 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
20
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى 12:41:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ ، قولىڭىز قەلەمنى تېخىمۇ چىڭ تۇتالايدىغان بولسۇن

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى 13:34:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرۋېش ئەپەندىمنىڭ يەتتە قىزلىرىمغا كەلگەنلىكىدىن بەكمۇخوش بولدۇ، دېمەك ھازىر باي ئاكاملا قاپتۇ-دە .
دىدار ھەدە باي ئاكامنىڭ قولىدىن يېتىلەپ بىر ئەكىرىڭە بۇ سورۇنغا

Rank: 3Rank: 3

توردا
9 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
2
يازما
67
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى 21:36:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھوجون سىزمۇ بىلەمسىز باينى ۋاي-ۋاي باي....

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى 23:39 , Processed in 0.046691 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش