يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 775 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 763|ئىنكاس: 12

«كىچىك خوتۇن»نى قانۇن قوللىمىدى... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى 20:55:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھورىيىتى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى «نىكاھ قانۇنى»غا ئائىت بىر قانچە مەسىلىلەر توغرىسىدا ئىزاھات ئېلان قىلىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نىكاھ ئىشلىرىدا تالاش-تارتىش بولىۋاتقان «ئۆي مۈلۈك»، «پەرزەنت»، «ئاشنىدارچىلىق» مەسىلىلىرى ھەققىدە بەلگىلىمە چىقىرىپ، جەمئىيەتتىن پىكىر ئالدى.



«ئىزاھات»تا مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئاشنىدارچىلىق» ئائىلە نىكاھ ئىشلىرىنى بۇزىدىغان ئەجەللىك ئۆسمە، «3-كىشى»، «ئاشنا يەنى توقال» گەرچە يېقىنقى يىللاردا كىشىلەر ئارىسىدا مودا بولۇپ يۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما «نىكاھ قانۇنى»نىڭ «بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق بولۇش» دېگەن بەلگىلىمىسىگە تۈپتىن خىلاپ. شۇڭا، مەيلى ئايال ياكى ئەر بولسۇن، جورىسى تۇرۇپ باشقىلار بىلەن بىللە بولۇپ، ئاخىرىدا ئايرىلىپ كېتىش سەۋەبىدىن «تۇلۇقلىما» بېرىش ياكى ئېلىش ھەققىدە كېلىشىم قىلغان بولسا، بىر تەرەپ شۇ «تۇلۇقلىما»نى قارشى تەرەپنىڭ تۆلىشىنى تەلەپ قىلسا ياكى يەنە بىر تەرەپ بېرىپ بولغان كېلىشىمدىكى تۇلۇقلىمىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا سوت مەھكىمىسى قوللىماسلىقى كېرەك. لېكىن قانۇنلۇق نىكاھلانغۇچى شۇ ئېرىنىڭ «ئاشنىسى» ياكى «توقىلى»غا بېرىۋاتقان تۇلۇقلىمىنى ئەر-ئاياللىق ئورتاق مۈلۈكىمىزگە دەخلى-تەرۇز قىلدى دەپ سوت مەھكىمىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا، سوت مەھكىمىسى قۇبۇل قىلىپ كونكرت ئەھۋالغا قاراپ بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ؛


بۇ بەلگىلىمىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى: مەيلى ئاغزاكى ياكى يازما شەكىلدە  «كىچىك خوتۇن» بىلەن «ئاجىرىشىش» سەۋەپلىك تۈزۈلگەن ھەر قانداق ئىختىسادى كېلىشىمنىڭ ھەممىسى ئىناۋەتسىز بولىدۇ... مەسىلەن: بىر ئەر كىچىك خوتۇن ئېلىۋېلىپ كېيىن تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلى ئايرىلىشقا توغرا كېلىپ، ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا 10 مىڭ يۇەن تۆلەم بېرىش كېلىشىمى تۈزۈلگەن بولسا، ئەر بۇ پۇلنى بەرمىگەن بولسا، ئايال تەرەپنىڭ شۇ كېلىشىمنى ئېلىپ سوتقا ئەرز قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ. ناۋادا ئەر تەرەپ كېلىشىم بويىچە بۇ پۇلنى بېرىۋېتىپ، كېيىن پۇشايمان قىلىپ قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا سوت مەھكىمىسى ئوخشاشلا ئەرنىڭ دەۋا تەلىپىنى رەت قىلىدۇ. دېمەك «ئاشنا»، «كىچىك خوتۇن». «توقال» دېگەنلەرنى قانۇن قوللىمىدى، شۇ ئارقىلىق بەزى پۇلدارلارنىڭ ناتوغرا قىلمىشلىرىنى ئۈنۈملۈك توسۇشنى مەخسەت قىلغان بولىدۇ...

مەنبە: مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى خەۋەرلەر بۆلۈمى تورىدىن


خانىم - قىزلارنىڭ مۇلايىملىقى بارلىق گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى .

Rank: 3Rank: 3

توردا
100 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
318
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى 21:44:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەتئى  قوللىماسلىق  كېرەك  ، تېخى  بولسا  شۇ  توقال  شۇ  ئاشنىلاردىن  ئەسلىدىكى  ئائىلىگە  دەخلى  تەرۈز  قىلغان  ، ئەسلىگە  كەلتۈرگۈسىز  زىدە  پەيدا  قىلغان  دەپ  تۆلەم  تۆلىتىش  كېرەك  تېخى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
233 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى 21:57:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەت تۇرامىكىن قانۇن ئۇ ياقنى  قوللاپ قوپسا

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى 22:28:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى ناكاھ قانۇنىي  چىقىپتۇ . ئەسلىدىكى مال - مۇلۇك ئايرىمىسىغا تولۇقلانما بېرىلىپ . ئۆي تويدىن بۇرۇن كىمنىڭ ئىگىدارچىلىغىدا بولسا ئاجىراشقاندىمۇ شۇ كىشى تەرەپكە بولىنىدىكەن .
ئەسلى بۇ مەزمۇن يوق بولۇپ ، ئىچكىرى ئولكۇدىكى بەزى ئاشىق- مەشۇقلار تويدىن بۇرۇن كېلىشىم تۇزىدىغان ئادەتنى يىتىلدۇرۇپتىكەن . ئەمدى بۇ كېلىشىمگە خاتىمەن بىرىلىدىكەن .

Rank: 8Rank: 8

توردا
69 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
156

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى 00:29:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئوت كەتكەن دەرياغا   سۇ  كەلدى» دېگەن گەپ.
دۆلەتنى قانۇن ۋە ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش  ئاقىلانىلىك.
كۆز  كۆرىدۇ، قۇلاق ئاڭلايدۇ، ئېغىز سۆزلەيدۇ. ھەركەت پۇت - قولدىن.

Rank: 2

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
271
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى 11:16:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەرلەرمۇ ئاشنا ئوينىغان بىلەن بەرىبىر شۇ ئاشنىلىرىنى ئالمايدۇ ،ئوينى شۇلارنى دەپ بۇزغان بىلەن ئاخىرىدا شۇ ئاشنىسىنى ئالماي باشقا خوتۇن ئالىدۇ ئۇنداق پەس ئەرلەر ...كونىلادا 'ئاشناڭ بىلەن توي قىلغۇچە ئىشەك بىلەن توي قىل  'دىگەن ھىكىمەتلىك گەپ بارمىش ،بۇ ھەرگىز ئاساسىسز گەپ ئەمەسمىكىن دەيمەن ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى 12:17:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىلتاققا چۈشكەن ئەرلەرنى قوللايدىغان تىرەك تۇرغۇزۇلۇپتۇ-دە ... ياخشى بوپتۇ !

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى 13:36:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانار ئېيتقاندەك ئاشنىنى قانۇن قوللىسا سەت تۇرامىكى .
ھېلىمۇ قانۇن قوللىماي تۇرۇپ بۇ يامان سۈپەتلىك ئۆسمىلەر ھەممە يەردە تاراپ كەتتى.

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
24
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى 15:22:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر قوللىغان بولسا ، بۇ جاھان نېمە بولۇپ كىتەر؟!

Rank: 1

توردا
3 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
20
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى 15:32:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشنا تۇتقان ئادەم يا ئەركىن - ئازادە يۈرەلمىگەن، نېمە قىلىدۇ دەككە-دۈككىدە كۈن ئۆتكۈزۈپ ئاشنا تۇتۇپ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 13:12 , Processed in 0.051908 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش