يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1920 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 657|نەقىل: 1

سۆيگۈ داۋانلىرىدا (دىلداش) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
38 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
58

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى 16:51:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


(داستان)





ئاپتور :كامىلجان ناسىر(دىلداش)


    مۇقەددىمە





ئەجەپ ھە بالىلىق بەختىيار چاغلار،
ئادەمدە بولمايدۇ ئەندىشە ھەسرەت،
پەقەتلا قىزىقىپ ئويۇن ئوينايتۇق ،
كەچلىكى چوڭلاردىن ئاڭلاپ ھىكايەت،




«ئالتۇن كەش»«ئۇرتوقماق»...كۈلدۈپ بىزنى،
باشلايتى تەسسەۋۋۇر قوينىغا ئۇزاق.
كۈندۈزى تاللارنى ئات قىلىپ مىنىپ،
چاپاتتۇق شوخلۇشۇپ مەھەللىدىن يىراق.



كىرگەندە يەتتىگە چاپتۇق مەكتەپكە،
ئەتىگەن ئالدىراش،كەچتە تاپشۇرۇق.
بەڭۋاشلىق يۇقالدى كۈنسىرى بىزدە،
بىزلەرگە قۇمادان بولغاچقا بۇيرۇق .



بۇرۇتلار خەت تارتىپ چوڭ بولغان سىرى،
بىر ئوتلۇق ئارمانلار يارالدى مەندە.
ئورنۇمدا ئولتۇرغۇم كەلمەيدۇ بىردەم،
كەچلىكى تالادا يۈرۈيمەن كۈندە.



يۇلتۇزلار ھەمراھىم شاماللار سىرداش،
بۇلىمەن ئۆزەمچە خىيالغا مۇڭداش.
باشلايمەن ناخشامنى ئۇزاقتىن ئۇزاق،
قەلبىمدە بىر تۇيغۇ قىلغاچ ئالدىراش.



مىسالى مەجنۇنمەن ساراڭلىق بىلەن،
نۇمۇس ۋە ھايادىن قالمىدى ئەسىر.
سۆزلەيمەن دوستلارغا سۆيگۈ توغرۇلۇق،
ئارماندىن كەچمىشتىن يۇشۇرالماي سىر.


سەۋدالىق كوچىسى



ئۆلگەن بىر ئادەمنىڭ روھىدەك گويا-
ماڭىمەن،بۇ كۇچا پايانسىز كۇچا.
ئۇچرىتىپ قېلىشنى كۈتسەممۇ كېمنى،
ئۇچرىتىپ قىلىشنى كۈتمەيدۇ ئەمما.

بۇ كوچا شۇ قەدەر سۇغۇق بۇ كۇچا-
ئۆزۈمدىن باشلىنىپ تۈگەر ئۆزۈمدە.
ئىزدەيمەن بىر ئۆمۈر بوپ كېتىشنى يەم،
شۇ سېنىڭ بىپەرۋا خۇما كۆزۈڭگە.

ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن قايان بېرىشنى،
ئىزدەيمەن كىمنىدۇر كىمنى كۈرۈشنى.
قەلبىمنى قاپلىغان مەۋھۇم بىر ئارمان،
كۈتىمەن كىمدىندۇر خەۋەر كلىشنى.

بىپەرۋا ئادەملەر بىپەرۋا كۇچا،
ھەر شەيئى مەن ئۈچۈن تۇماندەك غۇۋا.
ئۆزۈمنى بەزلەيمەن تەسەللى بىلەن،
باقىمەن ھەر ياققا ئەنسىز تۇيغۇدا.

پەرۋاسىز ئادەملەر پەرۋاسىز جاھان،
قەلبىمنى چۇلغايدۇ ئەسەببى ئازاپ.
تەنھالىق دەشتىگە مەھكۇم بولغاچمۇ،
كەتكەندەك تۇيۇلار مەنزىلىم ئۇزاپ.
زىمىستان قوينىدا مۇجۇلدى يۈرەك،
قېنى ئۇ،باھاردەك شىرىن كەچمىشىم؟
مۇزلايمەن بويتاقلىق زىمىستانىدا،
ياستۇققا دەريادەك ئاقىدۇ يېشىم.


تەنھالىق باياۋانى


بۇ تەنھالىق ئۇزۇن نەقەدەر،
بىر زىمىستان پەسلىگە ئوخشاش.
بىرەلمىدىم ئاڭا تەسەللى،
دەريا-دەريا تۆكسەممۇ كۆز ياش.

ۋاراقلىسام كەچمىش بېتىنى ،
لىق تۇلۇپتۇ ئازاپقا يۈرەك.
ئۇنتۇلۇپتۇ ،ھەممە ھەممىسى،
شۇ ھەسرەتلىك سۆيگۈدىن بۆلەك.

بۇ ھاياتنىڭ قىستاڭ يولى كۆپ،
تاپالمىدىم تىخى يول كەڭرى.
ئۆز_ ئۆزۈمگە بەردىم تەسەللى،
تەنھاغۇ دەپ مەن كەبى تەڭرى.

سۆيگۈ تىلەپ ئۈمۈد ئىچىدە،
كۆپ تىكلدىم شەھلا كۆزلەرگە.
قىيانلىدى قەلبىمدە ھېسلار،
ئىنتىزار بوپ جاۋاپ سۆزلەرگە.

زارىقىشتا مۇجۇلۇپ باغرىم،
يۈرەك قىزىپ بولغاندا كاۋاپ.
يۇلتۇزلارنى ھەمراھىم قىلىپ،
مەھەللەرنى ئەيلىدىم تاۋاپ.

شاماللارغا جۈر بولغان ناخشام،
تالاي دىلنى چەككەندۇ بەلكىم.
سىغىنىشتا يۈرسەم ئارمانلىق،
پەرۋا قىلماس زادىلا ھېچكىم.

كۈنلەر ئۆتۈپ باردى تەخىرسىز،
تاپالماستىن سۆيگۈمگە جاۋاپ.
ئۈمۈد كۈتتۈم بەزلەپ دىلىمنى،
ئارمان بىلەن يىراققا قاراپ .

ئىشەنچىمدە چاقنايدۇ ئۈمۈد،
ئۈمۈدۈم زور ئۆتتۈمغۇ كۈتۈپ.
بۇشاشمىدىم چەكسىز ئىخلاستا،
ھەسرىتىمنى ئىچىمگە يۈتۈپ.

<نىيەت ئەلا> دىگەن ئاقىللار،
جۇلالايدۇ نىيىتىم ئەبەت.
ئاشىقلىتا بوپ قالدىم مەجنۇن،
پەرۋاسىزمەن كىم قىلسا لەنەت.

سىڭسە ئەگەر كۆڭۈل ئىزھارىم،
پاك-غۇبارسىز يۈرەك قېتىغا.
مىنى تاللاپ سۈيۈدۇر بەلكىم،
سىېغىپ قالسام ئەگەر دىلىغا.

دىدىم يەنە ئىزھارلىرىمدا،
ماڭا ئاشىق قىزلار يوقمۇ دەپ.
چاپتىم مەغرىب،مەشرىق باغرىدا،
بۇلۇتلاردەك بوشلۇقتا لەيلەپ.

شېرىن چۈشنىڭ ئەللەيلىرىدە،
كۆپ تولغاندىم سۆزلەپ ئۆزۈمگە.
قارچۇقلاردىن چاچرىغان نۇرلار،
جۇلا بەردى ئويچان كۆزۈمگە.

ھېسلىرىمدا جانان سىماسى،
قىيانلىنار قەلبىمدە ھېسلار.
باغلاپ قۇيار بەزى كۆڭلۈمنى،
تەشنالىقتا كۆرۈنمەس يىپلار.

شېرىن چۈشتەك ئۆتتى ھەر كۈنلەر،
چاڭقاقلىقتا تىلەپ جاناننى.
چاك-چاك بولدى يۈرەك ئارماندا،
ئۆڭۈپ كەتتى چىرايىم قېنى.

چۈش كۈرۈشتە ئۆتتى تەنھالىق،
قالدۇرالماي لەۋدە ئاھ بىر ئىز.
چۈشكۈنلىشىپ باردىم قاغجىراپ،
ئۇچرىمىغاچ بىر سۈيۈملىك قىز.

بىداردۇرمەن تۈندە ئۇيقىدىن،
خىيالىمدا كۈلۈپ تۇيغىدىن.
تەنھالىقتا ئۆتتى بۇ كۈنلەر،
سۆيگۈ تىلەپ مەشۇق كۆڭلىدىن.


يۈرەك كۈيلىرى

جانان ئۈچۈن يازدىم ئۈمۈدتە ،
نەزمىلەرنى قانچە قانچىلاپ.
ئارمانلاردىن مۇڭلۇنۇپ يۈرەك،
ئېرىپ باردى تامچە تامچىلاپ.

خاتىرەمدە ساناقسىز مىسرا ،
كۆز تىككەنلەر قالىدۇ ھەيران.
قىزىقسىڭىز تۆۋەنگە بىقىڭ،
سىزدە چۇقۇم تۇغۇلار ئارمان.

ئوت ئىچىدە قاتتىم مۇز بۇلۇپ،
نۇر ئالالماي مۇزدەك يۈرەكتىن.
بېغىشلىدىم ھارارىتىمنى،
ئۈمۈد ئۈزمەي ھامان تىلەكتىن.

ۋىسال ئۈچۈن بولغاچ ئىنتىزار،
ئارمانىمدىن نۇرلاندى قۇياش.
زىمىستاندا ئېچىلدۇردۇم گۈل،
باسالمىدى منى ھالسىراش .

بوشلۇق كەبى چەكسىز خىيالىم،
تىلەك تىلەپ يۈرەر ئالدىراش.
ئۈمۈدلىرىم ئىنتىلگەچ يارغا،
مەۋجۇتمەندە كۆپ خىل گاڭگىراش.

غەمسىز جانان،غەمسىز شۇ قەدەر،
مۇڭ قاپلىغان غىرىپ خانەمدەك.
غەمكىنلىكى كۆيدۈرەر مىنى،
ئوتتىن ئېلىپ ئوتقا سالغاندەك .

زىناقلىرى سۇلاشقان گۈلدەك،
لەۋلىرىدە قاتقان ھاياجان.
ئاھ ،دېڭىزدەك شەھلا شۇ كۆزى،
پەرۋاسىزلا بوپ قالغان نېمجان.

ھىدلار ئېلىپ كەلگەن شوخ شامال،
ئىللىقنا تەگسە يۈزۈمگە.
كىرپىكلەردىن رەڭلەنگەن ھېسلار،
شېھىد بولسا ئويچان كۆزۈمگە.

شىددەتلىنەر قەلبىمدىن ئېقىن،
ئېچىرقاشتا تېۋىنىپ يۈرەك.
جانان يۈرەر بەلكىم بىپەرۋا،
مەن خىيالدا بولساممۇ يۈلەك.

سۆيۈپ قالسام خالىسا ئۇمۇ،
ئېتىلارمۇ يۈرەككە ۋولقان.
سۇئاللاردا بىخلانغان ئويلار،
يۈرىكىمدىن تامچىلىتار قان.

يۈرەك ئۆتمە تۈشۈك بولسىمۇ،
تۈگىمەيدۇ بۇ تاتلىق ئازاپ.
كۈتۈشلىرىم ھامان جاۋاپسىز،
كۈتۈپ كەلدىم يەنىلا چىداپ.

كۆر ياشلىرىم قۇرىغان تامام،
ئۈمۈدلىرىم بوپ كەتكەن خازاڭ.
نىمىشقىدۇر كۈتىمەن يەنە،
مەۋجۇت پەقەت«كۈتۈش» دىگەن ئاڭ.

ئۆتۈپ باردى نەۋقىران ياشلىق،
ئۆتۈپ كەتتى ھەممە ھەممىسى.
قالدى پەقەت كۈتۈش دىگەن سۆز،
كېلىچەكنىڭ بۇلۇپ ھامىيسى.

مەن دىلىڭنىڭ دەرىزىسىنى،
چەكتىم،تالاي چېكىمەن بەلكىم.
تاتلىق چۈشتىن ئويغۇنۇپ شۇچاغ،
بەلكىم ئەسكە ئالمىدى ھېچكىم.

سۆيگۈم بولسا پايانسىز ئۇپۇق،
جانان ئۇندا پارلىغان قۇياش.
مۇزلىتىدۇ مېنىلا پەقەت،
بۇ قۇياشىم تۆككىنىچە ياش.

قۇرلار تامان ئارمانلىرىمنى،
يىزىپ كەلدىم زور ئۈمۈد كۈتۈپ.
ئەنسىلىككە چۆكسىمۇ قەلبىم،
ھەسرەتلەرنى ئىچىمگە يۈتۈپ.


دىل بايانى

بۇلۇپ قالدىم سۆيگۈ سەۋداسى،
بەلكىم «ساراڭ» دىگەندۇ كىملەر.
شەكلىنىپمۇ قالىمەن بەزى،
يۈرۈكۈمدە بۇلۇپ تەشۋىشلەر.

ئەقلى ھۇشى تۇرۇپمۇ ئادەم،
ساراڭلارغا قالاركەن ئوخشاپ.
ئۆزەمچىلا ئۆزۈم ھەققىدە،
خىيال سۈرۈپ ھېس قىلدىم قاخشاپ.

تەشنا بۇلۇپ جانان ۋەسلىگە،
پەيدا بولسا يۈرەكتە ھەسرەت،
ۋىسال تىلەپ تەشۋىش ئىچىدە،
ساراڭ سىياق ئۆتەركەن ھەررەت.

مەجنۇنلۇقتا ساراڭ بوپ قالدىم،
داۋا ئىزلەپ كەزدىم تەلمۈرۈپ.
بەزى كۈلسەم ئارمانلىرىمدىن،
بەزى غەمدە يۈردۈم ياش تۆكۈپ.

باللىقنى سىغىنىپ تالاي ،
ئەسلەپ قالدىم خىياللىرىمدا.
بەكمۇ مۈشكۈل ئۆتەركىن ياشلىق،
مۇھەببەتنىڭ داۋانلىرىدا .

شەيدالىققا چۆككەندە كۆڭۈل،
تاتلىق ئازاپ ئۆتەركىن قىيناپ.
تاقەتلىرى دەمدە تاق بۇلۇپ،
يۈرىكىنى ئۆتەركەن تېلغاپ.

ئويلاپ كەتتىم بۇ دەم كەچمىشنى،
ئەشۇ چاغلار قارچۇقتىن ئۈزۈپ.
ھېسلىرىمدىن ئۇشبۇ قۇرلارنى،
غەۋەسلاردەك ئالدىممەن سۈزۈپ.

ئاشىق- مەشۇق ئوقۇپ زوقلانسۇن،
ئىرادىدە بۇلسۇن ئۈمۈدۋار .
كىمكى قالسا ئۇشبۇ ئەھۋالدا،
تاقەتلىرى ئاڭا بولسۇن يار.


تەشۋىشتىكى نىدا


كەيىپ بولدۇم ئەسلەپ كەچمىشنى،
خىياللاردىن مۇڭلۇنۇپ بۇ دەم.
غايىپ كەبى ئەسسەببى ھېسلار،
يۈرىكىمگە تاشلىدى قەدەم.

بىر خىيالەن مەۋھۇم مەنزىرە،
بىر بۇلاقتەك چاچراتماقتا سۈزۈك سۇ.
ئويلاپ قالدىم ئاشىق-مەشۇقنىڭ،
دىل ساقىتقان يېشىمىدۇ بۇ؟

خىيال سۈرۈپ قاپتىمەن ئۇخلاپ ،
يەتكەچ ماڭا مېھنەت ھاردۇقى.
چۈشلىرىمگە قاپتۇ ئۇلىنپ،
خىيالىمنىڭ قالغان قالدۇقى.

كەلگۈدەكمىش بىر جۈپ قىز- يىگىت،
بايىقى كۆز بۇلىقى تامان.
دېگۈدەكمىش بۇلاق: -«مەرھابا-
سۆيگۈ شاھى قەدىرلىك مېھمان»

مۇجەسسەمتى لىۋەن تەنلەرگە،
گۈزەللىكنىڭ -نۇرنىڭ بارچىسى.
باددام دوپپا ئاپپاق نۇرسەللە،
سىن تۆكەتتى ئەتلەس- شايىسى.

كۆرۈشكۈدەك يىگىت مەن بىلەن،
سالام بەجا كەلتۈرگىدەك قىز.
ھەم گۈلدەستە سۇنغىدەك ماڭا،
بۇ يىگىت- قىز قالدۇرغان جۈپ ئىز.

«-ئالغىن يىگىت ئەجداد سوۋغىسى،
ئۆمۈرۋايەت يار بولسۇن ساڭا.
پاك مۇھەببەت چىن ئەقىدەڭدىن،
گۈزەللىككە تۇيونسۇن دۇنيا ».

دىگەن نىدا ياڭراپ غايىپتىن،
ۋۇجۇدۇمدا چېقىلدى چېقىن.
باقىدىكى ئاشىق-مەشۇق ئۇ،
-دىدىم روھى خىيالغا يېقىن.

كۆز ئالدىمدا جەسۇر جۈپ شۇ روھ ،
بەلكىم تاھىر-زوھرە ئىككىسى .
كۈچەيمەكتە ئىپتىخار ھېسسىم،
مەن تەخىرسىز ئويلىغان سىرى.

چەكسىزلىككە ئۈزگەندە خىيال،
غايىپ بولدى جۈپ گەۋدە ئاستا.
قايناق ھېسلار كەتتى دولقۇنلاپ،
ھۆكۈم سۈردى جىملىق شۇ تاپتا.

بۇلاق تامان چاقنىدى قۇياش،
قىيانلىدى قەلبىمدىن نىدا.
سۆيگۈ ئۈچۈن ھوشيار بول يۈرەك،
قىل پورسەتتە ئۆزۈڭنى پىدا.


خاتىمە


كەچمىشلەرگە تاشلىساڭ نەزەر،
تۇيۇلارمەن بىر ساڭا ئەخماق.
چىن ئاشىقلىق ئۇقتۇردى شۇنى،
سۆيگۈڭ ماڭا مەڭگۈلۈك چاقچاق.

بۇسۇغۇدا يىغلايدۇ ھىجران،
رەشىكلەردىن ئۆرتۈنۈپ تۇرۇپ.
نىمىنىدۇر ئۇنتىدى بەلكىم،
بەخىتلەرنى كۈتكەن كېلىچەك.

تار رەستىدە قالدۇق ئۇچرۇشۇپ،
غەمكىن كۆزدىن چېقىلدى چاقماق.
زورۇقمۇدۇم بىلدىم يەنىلا،
سۆيگۈڭ ماڭا مەڭگۈلۈك چاقچاق.

ئاپتور: كامىلجان ناسىر(دىلداش)قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيسىدە شىپاگەر.


Rank: 8Rank: 8

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1938

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى 15:55:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلداشنىڭ قەلەملىرىگە بەرىكەتلەر بولسۇن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 11:56 , Processed in 0.088445 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش