ئاپتور:كامىلجان ناسىر ( دىلداش)
- پۇشايمانسىز ياشايمەن دېسەڭ ئاۋال ئويلان ئاندىن يەكۈن چىقار،بىر سۆزنى دېيشتىن بۇرۇن بۇ سۆزنى دەيمۇ دېمەيمۇ دەپ ئويلانغاندىن كىيىن ئاندىن دە،مانا بۇخىل پەزىلەتنى يېتىلدۈرسەڭ بەلكىم پۇشايمان قىلماسلىقىڭ مۇمكىن...
مەن يۇقارقىنى تەكرار ئويلاپ ئاخىرى قۇلۇمغا قەلەم ئېلىشقا مەجبۇر بولدۇم.
ئۆمۈر دېگەن گويا ئاتقان ئوق،
سەگەك بولماي بەخت تاپقان يوق.
ئۆز ئىشىدىن مەغرۇر كېرىلگەن،
قوزغۇيالماس ئەل كۆڭلىدە زوق.
پۇشايمانسىز ياشايمەن دېسەڭ،
سەگەك بولۇپ ياشا ھەرقاچان.
ئويلاپ باسقىن ھەر بىر قەدەمنى،
شۇندا بولۇر مەنزىلىڭ راۋان.
مىننەت قىلما قىلغان ئىشىڭغا،
خىسلىتىڭدىن سۈيۈنسۇن دىللار.
تۆھپە دېگەن ھاياتقا ئاساس،
ئۇنتۇلمايدۇ ئۆتسىمۇ يىللار.
دوستلۇرۇڭغا قىلمىغىن تۆھمەت،
ياخشىلىق قىل كەلسە قۇلۇڭدىن.
ئىرادىلىك ياشا قەدەمدە،
ئىز قالدۇرۇپ ماڭغان يولۇڭدىن.
گۇمانلاردىن يىراق بول چوقۇم،
ساداقەتمەن ياشا پەخىردە.
ئۇنۇتمايدۇ نامىڭنى ئەۋلاد،
قەدىرلەيدۇ سۆيگۈ مېھىردە .
ئاپتور:كامىلجان ناسىر(دىلداش) قەشقەر يېڭشەھەر ناھىيسىدە شىپاگەر.
ئاپتورنىڭ ئەسكەرتمىسى - مېنىڭ تېمىلىرىمنى رۇخستىمسىز باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈشكە،خالىغانچە ئۆز نامىدا كۆچۈرۋىلىشقا بولمايدۇ.