يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 743 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 887|ئىنكاس: 8

مۇساپىرەت قىلغان دوستۇمغا ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى 18:06:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەچۈن قاقشاپ ياشايسەن بەرگىنىگە شۈكرى قىل،
كۆزۈڭ يورۇغ دۇنيانى كۆرگىنىگە شۈكرى قىل.
شىۋىرلىغان مايسىلار گىلەم بولدى يولۇڭغا،
ئېقىن سۇلار ئۆيۈڭگە كەلگىنىگە شۈكرى قىل.
باشىن ئېگىپ دەرەخلەر، يۈز مىڭ نازۇ - نېمەتلەر،
دەستۇرخاننى تولدۇرۇپ تۇرغىنىغا شۈكرى قىل.
باھار بىلەن قوشۇلۇپ، دەرۋازاڭغا باش ئۇرۇپ،
ئايۋانىڭغا قارلىغاچ قونغىنىغا شۈكرى قىل.
سىقىمدالغان قولىدا يۇرت تۇپرىغى بالاڭنىڭ،
گۈس-گۈس قەدەم تاشلاپ، يۈرگىنىگە شۈكرى قىل.
تاغلىرىڭنى چىڭ ساقلا ، قۇملىرىڭنى سىقىمدا،
دېڭىز - ئوكيان تەمەسى ساڭا ياتتۇر شۈكرى قىل.
تەمتىلەيدۇ ئوغلانىڭ، تەمتىرەيدۇ پەرزەنتىڭ،
سەن بولمىساڭ يانىدا شۈكلەپ قالار شۈكرى قىل.
پوتلا بولغان چوكانتال تىرگەنلەردە يەلپۈنەر ،
سەن بولمىساڭ ھىدلىرى ھىدلىنالماس شۈكرى قىل .
كۆپ قارىدىم يولۇڭغا ، ئىككىلا كۈن دېۋىدىڭ ،
ئىشى چىقتى دەپتىمەن ، ئەمدى بولدى شۈكرى قىل .
بۇرادەرلىك قېرىماس ، ئامان بولساق دەپتىمەن ،
ئاتلاپ بوپسەن بوسۇغا مۇساپىر بوپ شۈكرى قىل .
ئىزدەپ بارغان بولغىيدىڭ ، شاھمەشرەپنىڭ ئىزىنى،
ساڭا ھازىر تەشنادۇر پەرزەنت قەلبى شۈكرى قىل .
تىلغانغاندۇر شۇ تاپتا جىگەرلەرىڭ ، تىللىرىڭ ،
تىلغىمىغىن پەرزەنتنىڭ جىگەرىنى شۈكرى قىل !

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 8Rank: 8

توردا
168 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
367

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى 20:36:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرنى ئوقۇپ بولۇپ كۆزۈمنى بوش يۇمۇپ ئۇھ دېدىم.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
26 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
122

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى 21:39:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركمان ئاغا   ئىسىل يازمىدىن بەھرىلەندۇرگىنىڭىزگە تەشەككۇرلەر بولسۇن

يۇم كۆزۇڭنى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
714 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2164

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى 23:02:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركمان ئاكا ئېسىل تېمىڭىزغا تەشەككۈر!
سىرتتىكى ئاپپاق قارغا قاراپ بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇنقى 12- ئايدىكى بىر قارلىق كېچە ئېسىمگە كەلدى

Rank: 3Rank: 3

توردا
115 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
281
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى 08:01:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا شۇكرى قىلغانلارغا نىممىتىمنى ئايىمايمەن دېگەن ئىكەن . مۇشۇ كۈنلەرگە مىڭ شۈكرى .
Erkmanئەپەندىم ئەسكەرتىپ قويغىنىڭىزغا رەھمەت ،بۇ مىسرالىرىڭىز بەك ئېسىل چىقىپتۇ .

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى 10:54:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى بۇ يازمىنى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى 23:02 دە يوللىغان
ئەركمان ئاكا ئېسىل تېمىڭىزغا تەشەككۈر!
سىرتتىكى ئاپپاق قارغا قاراپ بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇنقى 12- ئايدىكى بىر  ...

قارلىق كېچىدە خىيالىمدا نۇرغۇن كەچمىشلەر كېزىدۇ ، نۇرغۇن دوست-قېرىنداش يادىمغا يېتىدۇ ، قىسمەتلىك كېچىدە قىيامەتلەر يۈز بېرىدۇ! بۇ ئىلگىرىكى لىنىيەدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر بۇرادەرچاققا بېغىشلانغان مىسرالار ئىدى !

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1834

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى 17:03:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرىكمان ئاكام ئېسىل سوۋغىلارنى ئەكىلىدۇ.
نۇرغۇن ئىشلارغا شۈكرى قىلماي بولمايدىكەن.ئۆتمۈشنى ئەسلىسەڭ نۇرغۇنلىغان كەچمىشلەر كىنو لىنتىسىدەك كۆز ئالدىڭدىن بىر-بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلايدۇ. ئەنە شۇ ۋاقىتتا ئۆزۈمنى خېلى ياشقا چوڭدەك قېرىپ كەتكەندەك ھېس قىلىپ قالىمەن. خىياللار ئىلكىدىن ئويغانسام مەن يەنىلا ھازىرقىدەك شۇ پېتى تۇرىمەن.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 1

توردا
3 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
20
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى 12:20:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەر يۈزىنى ئاران-ماران ياپقان قاردا مۇنچىلىك گۈزەل قۇرلار قاتۇرۇلغان يەردە بۈگۈن كېچە ياغماقچى بولغان قاردا يەنە قانچىلىك نادىر قۇرلار تۆكۈلەركىن؟

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 09:36:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا ئۇچۇر يازغانلارغا جاۋاب :
بەزىدە Invalid input دېگەن مۇشۇ خەت چىقىۋېلىپ ئۇچۇرنى زادىلا كۆرەلمەيمەن، ھازىرمۇ شۇنداق بولۇپ قالدى !

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى 12:30 , Processed in 0.051828 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش