روھىمدىكى ئاشىقلىق(دىلداش)
ئاپتۇر:كامىلجان ناسىر(دىلداش)
مەشرەپتەك ئۈمۈدتە كەزدىم جاھاننى،
خەيرىيەت ئىشقىمغا تاپالماي داۋا.
شۇندىمۇ كەچمىدىم ئارزۇ-ئۈمۈدتىن،
كۆيگەچكە قەلبىمدە ئۆچمەس بىر لاۋا.
چاپلاشقان تىنىمگە تەلۋە بىر كۈتۈش،
خىياللار قۇترايدۇ تاتلىق ئازاپتىن.
ئەنسىزلىك روھىمدا ھامان ئىسيانكار،
ئارمانىم مەس بولغان سانسىز سۇراقتىن.
باھاردىن كۈز بولدى ئۆمۈر باغلىرىم،
كۈنلەردىن يىل پۈتۈپ چېھرىمدە قورۇق.
ھىجراننىڭ قەسرىگە شاھ بولدۇم مەغرۇر،
تىرىشتىم تاپقىنىم بولدى جىمغۇرلۇق.
نادانلار كۈلگەندۇ تالاي ئاھىمدىن،
<<كىم ئۈچۈن كۆيدى>>دەپ ئەقلى بۇلۇپ لال.
غايىۋى ئاشىقلىق بولغاچ ھېسسىمدە،
بىلەلمەس ئاھ كىملەر قىلسىمۇ خىيال.
ناۋائى ئۇدۇمى قالغان ئەۋلادمەن،
ھەر بىر تال ھۆجەيرەم پۈتكەن سۆيگۈدىن.
ئىشقىم چۈن تىنىقتا قىلىمەن نىدا،
كۈتمىدىن سۆيگۈنى ئەمما ھېچكىمدىن.
<<بىر ساراڭ ئاشىق>> دەپ ئويلىدىم كىملەر،
سەۋدايى كۈيۈمدىن سىزىپ ھەيرانلىق.
بىلىڭلار رەببىمگە ئاتالغان ئىشقىم،
ئۆزگىدىن كۈتمەيمەن شۇڭا نىجادلىق.
ئاپتۇر:كامىلجان ناسىر(دىلداش)قەشقەر يېڭشەھەر ناھيسىدە شىپاگەر.
ئاپتۇرنىڭ ئەسكەرتمىسى - مىنىڭ تىمىلىرىمنى رۇخستىمسىز باشقا مۇنبەرگە كۈچۈرۈشكە،خالىغانچە ئۆز نامىدا كۈچۈرۋىلىشقا بولمايدۇ.