يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 520|ئىنكاس: 4

ئويغۇرلارنىڭ قول يۇيۇش مەدەنىيىتى . [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى 21:35:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلار-- كۆپ مەنبەلىك، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تەرەپلىمە مەدەنىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ھەتتا دۇنيا مەدەنىيىتىگە بەلگىلىك تەسىر  كۆرسەتكەن قەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى. قول يۇيۇش مەدەنىيتى- ئۇيغۇر مىللىتى ئارىسىدا ئۇزاق زامانلاردىن بېرى داۋاملىشىپ ۋە مۇكەممەللىشىپ كېلىۋاتقان بىر خىل ئېسىل مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنە ھېساپلىنىدۇ. بۇ يەردە تىلغا ئېلنىۋاتقان تېما گەرچە ئاڭلىماققا كىشىگە ئانچە چوڭ ئىشتەك تۇيۇلمىسىمۇ، ئەستايىدىل كۈزىتىدىغان بولساق، بۇلارغا بىر مۇنچە ئىلمىيلىكنىڭ، ئىلغارلىقنىڭ، ئىجادىيلىقنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.

قول يۇيۇش-- ئۇزاق تارىخقا ئىگە بىر خىل ئېسىل ئەنئەنە بولۇپ، ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ تازىلىققا- پاكىزلىققا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنىڭ روشەن گەۋدىلىنىشى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى كونكىرېت ئىپادىلىنىشىدۇر .  
ئۇيغۇرلار: تازىلىق- ساغلاملىقنىڭ ئانىسى، بارلىق گۈزەللىكنىڭ ئاساسى، ئىنسان تەبىئىتى ۋە ئەخلاقنىڭ زىننىتى، دەپ قارايدۇ. شۇنداقلا، كېسەللىكنىڭ قول ئارقىلىق ئېغىزدىن كىرىدىغانلىقىنى؛ قول پاكىز بولسا، پۈتۈن بەدەن ساغلام، ئۆمرى ئۇزۇن بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، تازىلىققا رىئايە قىلىشنى شەرەپ، رىئايە قىلماسلىقنى نومۇس دەپ بىلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، تازىلىقنى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى بارلىق ئىش ھەركەتنىڭ ئالدىغا قويۇپ، ئومۇمىي بەدەن تازىلىقى، يېمەك- ئىچمەك تازىلىقى، كېيىم- كېچەك تازىلىقى، ئۆي- ئىمارەت تازىلىقى، مۇھىتتازىلىقى،  قاتارلىقلارغا تۈجۈپىلەپ ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە؛ شۇنداقلا قول يۇيۇشنى ئائىلە  مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم مەزمونى قاتارىدا مەركەزلىك ئورۇنغا قويۇپ كەلمەكتە؛ ئۇيغۇرلار ھەر قېتىم ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ ئورۇنلىرىدىن تۇرغاندا، ئالدى بىلەن قولىنى، ئاندىن باشقا  ئەزالىرىنى يۇيىدۇ. ئاش- تاماق ئېتىش، كۆكتات ئادالاش، يېمەك- ئېچمەك تەييارلاش، ھەر خىل ئاش- تاماق ۋە باشقا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ئاۋۋال ۋە كېيىن قولىنى پاكىز يۇيىدۇ. بولۇپمۇ توي- تۆكۈن، نەزىر- چىراغ، مېھماندارچىلىق قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا قول يۇيۇش ئالاھىدە چوڭ ئىش قاتارىدا ھۆرمەت- ئېكرام بىلەن قائىدە- يوسۇنلۇق ھالدا تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىدۇ. مېھمانلارنىڭ قولىغا سۇ ئېلىشتا نەپس ئىشلەنگەن ئاپتۇۋا- چىلاپچىلار ھازىرلىنىدۇ. ساھىبخان تەرەپتىن قولغا سۇ قويۇشقا  مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، قولغا سۇ قويغۇچىلار مېھمانلارغا بولغان ھۆرمەت ھېسياتى بىلەن سۇنىڭ ئىسسىق- سوغۇقلىقىنى ئوبدان تەڭشەپ، ئوڭ قولىدا ئاپتوۋانىڭ بېغىنى تۇتۇپ، سول قولىنىڭ ئالقىنىنى ئاپتوۋانىڭ قورسىقىغا يەڭگىل تەككۈزۈپ، ياشتا ۋە  ھۆرمەتتە چوڭ بولغانلاردىن باشلاپ، مېھمانلارنىڭ ئالدىغا ئېگىلىپ تۇرۇپ، نۆۋەت بىلەن ئالدىرىماي ئۈزۈپ- ئۈزۈپ قولىغا سۇ قويىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئائىلە ئەزالىرى ئارا قول يۇيدۇرىدىغان ئىشلارمۇ دائىم بولۇپ تۇرىدۇ. قولغا سۇ بېرىشنىڭمۇ مۇناسىپ قائىدىسى بولۇپ بار بولۇپ، ئادەتتە 3 قېتىمدىن 5 قېتىمغىچە سۇ قويۇش بويىچە داۋاملىشىدۇ. يەنى بېرىنچى قېتىمدا ئازراق، ئىككىنچى قېتىمدا ئوتتۇرھال، ئۈچىنچى قېتىمدا يەڭگىل، ئۈزۈلدۈرمەي سۇ قويۇش كېرەك.  

مەيلى قانداق جايدا بولسۇن كىچىكلەر چوڭلارنىڭ، پەرزەنتلەر ئاتا- ئانىلارنىڭ قولىغا سۇ قويىدۇ ۋە بۇمۇ ئوخشاشلا يۇقىرقى قائىدە- تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھەر قېتىملىق قول يۇيۇشلاردىن كېيىن، پاكىز لۆڭگە بىلەن قول سۈرتىلىدۇ. چۈنكى، ئۇيغۇرلار قويۇق تاماق ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنى پاكىزە قول بىلەن يېيىشنى كىچىكىدىن باشلاپ ئادەت قىلغان بولۇپ، بۇنداق يېيىلگەن تاماقنىڭ تەمى قوشۇق ۋە چوكا بىلەن يېيىلگەن تاماققا قارىغاندا تاتلىق ۋە يېيىشلىك بولۇپ، كەيپىياتنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ قول يۇيۇش مەدەنىيىتى ئەنئەنىۋىلىككە ئىگە. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇيغۇرلار ئادەتتە ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە ئوڭايلىقچە گىرىپتار بولمايدۇ ھەمدە بۇنىڭ خاسىيىتى تەن قۇرۇلۇشى، چىراي گۈزەللىكى، روھىي كەيپىياتى جەھەتلەردىنمۇ گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلىمىز ھەتتا دۇنيا بويىچىمۇ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈدىغان مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىمۇ قول يۇيۇش ئاساس قىلىنغان تازىلىق مەدەنىيىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، دەپ قاراشقا بولىدۇ.

مەنبە : «شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى» تورى دىن ئېلىندى.

Rank: 3Rank: 3

توردا
117 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
285
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى 07:33:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇڭا ئۆيگە كىرىپ بىرىنچى قىلىدىغان ئىشىمىز قول يۇيۇش ئەمەسمۇ .
بۇ ئەنئەنىنى خېلى ئوبدان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز .

Rank: 3Rank: 3

توردا
10 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
63
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى 20:41:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ ھازىرمۇ ئىسىمدە ئۆيدە لەغمەن ئەتسەك چوڭ ئانام چوكىدا يىمەي قولىدا يەيتتى. چوكىدا يەڭ دىسەم، قولىدا يىسە بەك مەزىلىك تېتىيدۇ دەيتتى.

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى 01:39:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل مەدىنيەتلىرىمىز يوقالمىسۇن

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
24
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى 16:03:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىسىل مەدەنىيىتىمىزنى بالىلارغا ئۈگىتەيلى !
ئۆتكەندە بىر خىزمەتدىشىمنىڭ قىزىنىڭ غۇنچە تويىغا قاتناشتىم. توي رىياسەتچىسى بالىلارغا تۈرلۈك ئويۇنلارنى ئوينۇتۇپ ئارلىقتا ئاپتۇۋا، چىلاپچىنى ئاچىقىپ بالىلاردىن ‹‹ بۇ نېمە ؟›› دەپ سورىدى. بالىلار ‹‹ جاۋۇر، چوگۈن›› دېگەندەك جاۋاپلارنى بەردى.
   رىياسەتچى ئاپتۇۋا، چىلاپچىلارنى نېمىگە ئىشلىتىدىغانلىغىنى چۈشەندۈردى.
  مەن ئويلۇنۇپ قالدىم ‹‹ بەلكىم بۇ بالىلارنىڭ ئاتا- ئانىسىمۇ ئۇنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەس››

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 04:58 , Processed in 0.057021 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش