ئاپتۇر:كامىلجان ناسىر(دىلداش)
ساداقەتكە تولغان سۆيگۈڭنى،
<<تەقدىم ئەتتىم>>دىگەنمۇ ئۆزۈڭ.
سۆيۈشلەرگە رام قىلىپ مېنى،
يەنە تاشلاپ كەتكەنمۇ ئۆزۈڭ.
تاشلىۋەتسەڭ قالمىدىم ئۆلۈپ،
سەنسىزلىككە قالدىم ھەم كۈنۈپ.
ئاڭلاتمايمەن زارىمنى ھەتتا،
گەر دەۋزاقتا ئۆتسەممۇ كۈيۈپ.
ھېس -تۇيغۇمدا چۈشەندىم ئويلاپ،
سەرسان ئىكەن سەندىكى سۆيگۈ.
گوياكى بىر پەسىل قۇشىدەك،
تىنىمسىزلا ئۈزەركەن مەڭگۈ.
ئەمدى سەندىن كۈتمەيمەن ئۈمۈد،
سۆيۈش ئۈچۈن يۇقالدى راھىم.
قاش ئاتمىغىن پىنھاندا تۇرۇپ،
دەرت چەكمىسۇن ئويغاق ئىلھامىم.
ئاپتۇر:كامىلجان ناسىر(دىلداش)قەشقەر يېڭشەھەر ناھيسىدە شىپاگەر.
ئاپتۇرنىڭ ئەسكەرتمىسى - مىنىڭ تىمىلىرىمنى رۇخستىمسىز باشقا مۇنبەرگە كۈچۈرۈشكە،خالىغانچە ئۆز نامىدا كۈچۈرۋىلىشقا بولمايدۇ.