يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 531|ئىنكاس: 4

دېرىكتۇرنىڭ ھاجەتكە كىرىشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

توردا
51 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
3
يازما
181
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى 12:35:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېرىكتۇرنىڭ ھاجەتكە كىرىشى
بىر كۈنى ئەتىگەندە ، كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ دېرىكتورى سىرتقا چىقىپ تۇيۇقىسىز تەرىتى قىستاپ كېتىپ ، ئاران دىگەندە ھاجەتخانا ئىزدەپ تېپىپتۇ .  نىمە قىلماقچى ؟  سوراپتۇ ھاجەتخانىغا قارايدىغان ئايال .  مەن كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ دېرىكتورى ، تەرىتىم بەك قىستاپ كەتتى . سىز ھازىر ھەممە ئىشقا ھەق ئالىدىغاننى بىلمەمسىز ؟  دەپ سوراپتۇ ھاجەتخانىغا قارايدىغان ئايال . بولىدۇ ، قانچە پۇل ؟  كىرگەندە 5 مو ، چىققاندا 3 مو . دەپ ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپتۇ . نىمە چىققانغىمۇ ھەق ئالامدۇ ؟  دەپ كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ قاراپتۇ دېرىكتور . نىمىگە قارايسىز ، بىزنىڭ بۇ يەردە قوش يۆنىلىشلىك ھەق ھېسابلايمىز . ئەگەر سىز ھاجەتخانىنىڭ يۈرۈشلەشكەن مۇلازىمىتى( تاۋسەن ) بېجىرسىڭىز ، تاق يۆنىلىشلىك ھەق ھېسابلاشقا بولىدۇ، بولىدۇ ، مەن پۇل تۆلەي  دەپ ئون يۈەن چىقىرىپ ئايالغا بېرىپتۇ . چوڭ تەرەت قىلامسىز ياكى كىچىك تەرەتمۇ ؟  سوراپتۇ ئايال پۇلنى تۇتۇپ تۇرۇپ . چوڭ تەرەت . تېزرەك بولۇڭ ھىم ، سىز يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت بېجىرەمسىز ؟ ئەگەر سىز بىر قېتىمدا چوڭ تەرەتنىڭ 50 قېتىملىقىنى بېجىرسىڭىز ، سىزگە يەنە 30 قېتىملىقىنى سوۋغا قىلىمىز . دەپتۇ ئايال . بولدى سۆزلىمەڭ ، مەن ھازىر كىرىپ ، چىققاندا ھېسابلىشاي . دېرىكتور كىرىپ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئورۇنغا ئولتۇرۇپ خېلى ئۇزاق ئولتۇرۇپ قايتىپ چىقىپتۇ . ئەپەندىم ، سىز 5 – نومۇرلۇق ئورۇننى تاللىدىڭىز ، نومۇر تاللاش ھەققىگە 5 مو تۇتۇلىدۇ . سىز ئىچىدە تۇرۇپ ، مۇزىكا ئاڭلىمايدىغانلىقىڭىزنى ئېيتمىدىڭىز . شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قېتىملىقى 6 مو تۇتۇلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ئىچىدە 15 مىنۇت 1 سكۇنت تۇردىڭىز ، ئالدىنقى بىر مىنۇتى 5 مو بويىچە ھېسابلىنىدۇ . كېيىنكى ھەر بىر مىنۇتى ئۈچۈن 4 مو ھېسابلىنىدۇ . قالغىنى بىر مىنۇتقا توشمىسا بىر مىنۇت بويىچە ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا سىز چىقارغان گەندىلەر بىزنىڭ يەر ئاستى كەڭ بەلباغ لىنىيىسىنى ئىگەللىدى ، شۇڭلاشقا سىز ئايلىق كۆتۈرە ئالغان ھېسابتا 50 يۈەن تۆلەيسىز . ئەڭ ئاخىرىدا سىز كىچىك تۆشۈكلەر ئارقىلىق ھاجەتخانىغا كىرگەن باشقا ئادەملەرنى كۆردىڭىز ، كەلگەن ئادەملەرنى كۆرۈش ھەققى 1 يۈەن . دەپتۇ .دېرىكتور ئاللىقاچان ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قاپتۇ، شۇڭلاشقا دېرىكتور ئەپەندىم ، بىزنىڭ بۇ يەردە كارتا ئىشلەتمەيمىز ، جەمئىي تۆلەيدىغان پۇلىڭىز 59.4 يۈەن ، ئەگەر ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ تاپشۇرمىسىڭىز ، كۈنىگە مىڭدە ئۈچ پىرسەنتلىك كېچىكتۈرگەنلىك پۇلى ئېلىنىدۇ . بىز قايتا ئۇقتۇرۇش قىلمايمىز . ھەممىسى يىغىلىپ 1000 يۈەنگە يەتكەندە قانۇنى ۋاستىلەر ئارقىلىق پۇلنى تۆلىتىۋالىمىز . دەپتۇ ئايال .ئايال سۆزىنى تۈگىتىپ بولمايلا ، باش دېرىكتور « پولتۇڭ » قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ تەرەت كۆلچىكىگە يىقىلىپ چۈشۈپ ھوشىدىن كېتىپتۇ . باش دېرىكتور گاراڭ ھالەتتە : بۇ يەردە دۆلەتنىڭ قانۇنى يوقمۇ ؟ دەپتۇ.          ئايال : بۇ مېنىڭ يېرىم ، ئۆزۈم ئىگىدارلىق قىلىمەن دەپتۇ .
ئەسكەرتىش:      http://www.kangsay.com    دىن  كۆچۇرۈپ ئەكەلدىم     

Rank: 1

توردا
3 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى
نادىر
0
يازما
20
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى 13:22:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شېركىتىنىڭ  دېرىكتورىمۇ كىرگەن بولسىچۇ ، بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقاتتىكەن ئۇ ئايال . ئەمىلىيەتتە بولغان بولسا ئابورتلارنىڭ بىرقوساق كۆپىگى ۋىقىۋالاتتى . ھى ھى ھى ھى ...

تەغدىر يولىدا تەدبىر

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
0
يازما
37
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى 17:15:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىېما بەك قىززقكەن، كۈلۈپ ئۈچېيىم ئۈزۈلۈپ كىتەيلا دەپ قالدى~

ئۆزەڭنى بىل،ئۆزگىنى قوي!

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
24
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى 10:36:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك قىزىقكەن .

Rank: 2

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
52
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى 21:30:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خا خا   تازا بابلاپتۇ بۇلارنى ھە   راسلا قىززىققەن يەنە يوقمۇ بۇنداق يۇمۇرلاردىن ...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 06:05 , Processed in 0.051391 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش