يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 752 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1180|ئىنكاس: 5

قىزلار بىلمەيدىغان 11 تۈرلۈك ئىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
10 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
63
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى 19:30:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1. قىزلار ئەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن كۈچلۈك بولۇشقا ئىنتىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . ئەرلەر قارىماققا كۈچلۈكتەك كۆرۈنگىنى بىلەن ، كۆڭلى نازۇك بولىدۇ . شۇڭا ئۇلار يېنىدىكى قىزنىڭ ئۆزىنى ئەڭ ياخشى دەپ بىلىشى ئۈچۈن ، كۈچلۈك بولۇشقا ئىنتىلىدۇ .   
2. قىزلار ئەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاسانلىقچە ياش تۆكمەيدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . ئەرلەرمۇ ياش تۆكىدۇ . ئۇلار ياش تۆككەندە ، بىر مەزگىللىك مۇھەببىتىگە خاتىمە بېرىدۇ .
3. قىزلار ئەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئازابلانغاندا تاماكا چېكىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . ئەرلەر قويۇق ئىس ئىچىدە ئۆتمۈشتىكى گۈزەل ۋاقىتلارنى ئەسلەپ ، كۆڭلى تىنچىپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ  .
4. قىزلار ئەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن كېيىنمۇ ئۆزىدىن سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ .  ئەرلەرنىڭ بۇنداق قىلىشى سىز بىلەن دوست بولۇپ ئۆتۈشنى ئويلىغىنى ئەمەس ، بەلكى ئۆزىگە تەئەللۇق بولغان ئىلگىرىكى مۇھەببەتنى قايتۇرۋالماقچى .
5. قىزلار ئەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ يىغلاپ قاقشىغانلىقىنى كۆرسە ئاچچىقى كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . ئەرلەر قىزلارنىڭ يىغىسىنى بالايىئاپەتنىڭ بىشارىتى دەپ قارايدۇ .
6. قىزلار ئەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن ، ھەر ئاخشىمى ھاراق ئېچىپ مەست بولۇۋالىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . چۈنكى ئۇلار مەست بولۇۋالمىسا ، شۇ كېچىنىڭ ئەسلەش ۋە ئازاب ئىچىدە ئۆتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ .
7.  قىزلار ئەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئالدىدا مەردلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . ئەرلەرنىڭ بۇنداق قىلىشى سىزنىڭ باشقىلارنىڭ ئالدىدا يۈزىڭىزنىڭ چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن .
8. قىزلار ئەرلەرنىڭ ئۆزىنى شۇنداق ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ، يەنە نېمە ئۈچۈن ئاچچىقلايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى سىزنى سۆيمىگەنلىكى ئەمەس ، بەلكى سىزنىڭ كېيىنكى تۇرمۇش مۇساپىڭىزدە باشقىلارنىڭ شېرىن – شېكەر گەپلىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتمەسلىكىڭىز ئۈچۈن .
9. قىزلار ئەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن لايىقىنىڭ بۇرۇنقى يىگىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . بۇ ئەرلەرنىڭ ئۆزىگە ئىشەنمەسلىكى ئەمەس ، بەلكى لايىقىنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە ئۆزىنى تاشلاپ ، ئىلگىرىكى يىگىتنىڭ قېشىغا كېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى .
10. قىزلار ئەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ باشقىلار ئۈچۈن يازغان كۈندىلىك خاتىرىسنى كۆرگەندىن كېيىنمۇ ، سوغۇققانلىق بىلەن بۇنى چۈشەندۈرۈشنى ساقلاپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . بۇ ئۇلارنىڭ ئاچچىقلىنىشنى خالىغانلىقى ئەمەس ، بەلكى قىزنىڭ ئاغزىدىن زادى كىمنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن .
11. قىزلار ئەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن  سىزنى سۆيىمەن دېمەيدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . ئەرلەر ئۆز مۇھەببىتىنى تىلى ئارقىلىق ئەمەس ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىپادىلەشنى ياخشى كۆرىدۇ .

مۇتەللىپ ياقۇپ تەييارلىغان

     مەنبە - تەڭرىتاغ تورى

[ ayqiz بۇ يازمىنى  2010-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى 20:12  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 4

توردا
51 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
3
يازما
181
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى 11:40:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزلار راسلا بىلمەمدىغاندۇ - ياكى بىلسىمۇ بىلمەسكە سىلىۋالامدىغاندۇ - ؟

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى 21:53:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزلار ئەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ يىغلاپ قاقشىغانلىقىنى كۆرسە ئاچچىقى كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . ئەرلەر قىزلارنىڭ يىغىسىنى بالايىئاپەتنىڭ بىشارىتى دەپ قارايدۇ .

بۇمۇ قىلاي دىسە بىر گەپ .

Rank: 3Rank: 3

توردا
115 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
281
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى 08:07:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
、ئەرلەرنىڭ قىزلارغا ئاشكارىلىمىغان سىرلىرىكەندە ،تۇمان ھەممىنى دەۋېتىپتۇ مانا  .

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى 12:59:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇمان ئەپەندىمنىڭ تېمىلىرىغا كۆپ رەھمەت، بۇنداق سىرلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ بىلىپ قالايلى

Rank: 2

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
52
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى 21:11:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپلا ئاپلا    ئەمدى قانداق قىلغىلۇق بىزنىڭ سىرلىرىمىزنى بىلۋالغاندىكىن سىلەرمۇ سىرىڭلارنى دەپ بەرسەڭلەر  سىلەرنى چۇشۇنۇش ئاسان بولاتتى ھە قىزلار .....

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 21:54 , Processed in 0.050485 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش