يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 752 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 557|ئىنكاس: 0

سىزگە بىر نەسىھەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
10 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
63
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى 19:28:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىكاھ تۇرمۇشىغا تېتىتقۇ سېلىپ تۇرۇش -- ئاياللارنىڭ نىكاھ تۇرمۇشىدا بەختلىك بولۇشنىڭ ئاچقۇچى . ھالبۇكى ، قىزىقىش يېتىلدۈرۈپ ، ئۆزىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ئاشۇرۇش يۇقۇرىقى تېتىتقۇ جۈملىسىدىندۇر . ئارتۇقچىلىقىڭىز بىلەن چاقناپ تۇرۇڭ .
ئاياللارمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش قىزىقىش يېتىلدۈرۈشى ، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك . مانا مۇشۇنداق تۇرمۇشلا ئېسىل تۇرمۇش ھېسابلىنىدۇ . خىزمەتتىكى ئاياللار بولسا ئۇلار ئۆزىنىڭ خىزمەتتىكى ئارتۇقچىلىقىنى نامايەن قىلىپ كەسپتە نەتىجە قازىنالايدۇ . ھەر كۈنى خىزمەتكە بېرىش - كېلىش جەريانىدا ، ئۇلار ئۆزىنىڭ تاشقى قىياپىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ تۇرۇشى كېرەك . ئاياللار ئۈچۈن سېھرىي كۈچ ، جەلپكار بولۇش تولىمۇ مۇھىم . ئائىلە ئاياللىرى  كۈنلەپ - كۈنلەپ ئۆيدە بىكار يۈرۈپ قالىدۇ )ئۆي ئىشلىرىدىن بوشىغان چاغلىرىدا( ، پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ تۇرمىغانلىقتىن ، ئۆزىگە  ئوڭايلا ھارغىنلىق پەيدا قىلىۋالىدۇ  . ئۆزلىرىدە ئاسانلا زېرىكىش ۋە مەنىسىزلىك ھېس قىلىشىدۇ -دە  ، سېھرىي كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋالىدۇ . شۇڭا ، ئەقىللىق ئاياللار بىكار چاغلىرىدا ئۆزىگە خاس قىزىقىش يېتىلدۈرۈشى ، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا ماس كېلىدىغان ئىشلارنى تېپىپ قىلىشى كېرەك . شۇنداق قىلغاندا بىكار چاغلىرىنى مەنىلىك ھەم ئالدىراش ئۆتكۈزىدۇ . تېتىك ، روھلۇق بولۇپ كەيپىياتىمۇ ياخشى بولىدۇ .  ئائىلىنى قانداق باشقۇرۇشنى ، ئېرى بىلەن قانداق قىلغاندا ئىناق ئۆتكىلى بولىدىغانلىقى توغرىلىق كۆپرەك ئويلىنىپ تۇرۇشى كېرەك .
كۆپ خىل قىزىقىش يېتىلدۈرۈڭ
ئەقىللىق ئاياللار ئېرىنىڭ قىزىقىشىنى قاندۇرىمەن دەپلا يۈرمەي ، ئۆزىنى ئوبيېكتىپ تەھلىل قىلىشى ، ئۆزىنىڭ رەسىم سىزىش ، مۇزىكا چېلىش ۋە ئۇسسۇل ئويناشتەك ئالاھىدە ئىقتىدارى بار ياكى يوقلۇقىنى كۈزىتىپ بېقىشى كېرەك . ئەگەر بۇنداق ئىقتىدارى بولمىسا ، ئۆزى ئارزۇ قىلىپ يۈرگەن بىرەر ئىش بولسا ، دەرھال قول سېلىپ پۈتكۈزۈشى كېرەك . ئەگەر ئارزۇسىدىكىدەك بىرەر ئىشنى ئويلاپ تاپالمىسا ، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئارام ۋاقتىنى قانداق ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى كۈزىتىپ ، ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئىشتىن بىرنى تاللاپ ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە قىلسا بولىدۇ . مۇشۇنداق بولغاندا ، ئۆزىڭىزگە خاس قىزىقىش يېتىلدۈرۈپلا قالماي ، نەزەر دائىرىڭىزنى كېڭەيتىپ ، دوست تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيسىز ، ھاياتىڭىزنى تېخىمۇ بېيىتالايسىز .
داڭلىق يازغۇچى شۇمېر بىلەن ئاتېر كېلىن ئۆزلىرىنىڭ "نىكاھ يېتەكچىسى" ناملىق ئەسىرىدە : " ئەر - خوتۇنلار توي قىلغاندىن كېيىن ، ئۇزاق مەزگىل بىر - بىرىدىن ئايرىلماي ياشايدۇ . ئۇلار ھەممە ئىشنى بىللە قىلىدىغان بولغاچقا ، ئۆزئارا مۇناسىۋىتى ياخشى بولالمايدىغان ئەھۋاللارمۇ بولۇپ تۇرىدۇ . ئوخشاش بولمىغان قىزىقىش ۋە ھەۋىسىنى يېتىلدۈرگەندە ، تۇرمۇشتا ئۆزكۈزۈش پەيدا قىلىپ ، ئەر - خوتۇنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ ..... "  دەپ يازغان .


[ ayqiz بۇ يازمىنى  2010-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى 20:14  دە تەھرىرلىگەن. ]

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 01:20 , Processed in 0.046485 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش