يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 750 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1265|ئىنكاس: 14

سۆيۈپ قوي [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
58 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
259
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى 13:45:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سۆيگەننى سۆيۈپ قوي سەندىن كۆڭلى قالمىسۇن ،
بىر سۆيۈشمۇ غەنىيمەت  مەيلى قانسۇن قانمىسۇن.
شۇنڭىغىمۇ يىتەلمەي يۈرگەنلەنى ئاز دەمسەن ،
  لىۋىىڭ سۆيسۇن كۆڭلۇڭنىڭ سۆيمەسلىگى چانمىسۇن.


ئادىمىيلىك سانالغان شۇنداق يۇمشاق كۆڭۈللەر ،
ئاسان ئىشمۇ بىراۋغا تۇتۇپ بەرمەك مەڭزىنى ؟
سۆيۇپ قويساڭ بىر قىتىم ئەجەپ ئەمەس بىچارە،
بۇلۇپ قالسا سۈرگەندەك بۇ جاھاننىڭ پەيزىنى .


ساۋاپ دىگەن شۇ ساڭا تاۋاپ دىگەن شۇ ساڭا ،
باي بولغاندەك سەن بىلەن ئۇنۇتمايدۇ ئۆلگىچە .
كۆڭۇل دىگەن ئەزەلدىن كۆكلەش ئۈچۈن يارالغان ،
ئالدىرايدۇ شۇڭلاشقا سۈيۈلگىچە سۆيگىچە .


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى 16:06:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلىدىن سۆيمىگەن ئادەمنى يالغاندىن سۆيۈش مۆمكىنمۇ؟

Rank: 8Rank: 8

توردا
549 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
836

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى 16:14:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىسىنى سۆيسەك چىشىمىز ئۇپراپ كىتىدۇ...

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 3Rank: 3

توردا
115 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
281
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى 17:40:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىڭىزنىڭ ئىجادىيىتىمۇ ؟ ماڭا بەكلا تونۇش بۇ شېئىر ، ياكى بۇرۇن باشقا مۇنبەرلەردە ئېلان قىلغان بولسىڭىز شۇ يەردە كۆرگەندىمەنمۇ ؟
مۇنداق ئويلاپ قالدىم : شېئىرلارنى يوللىغاندا ئۆزىمىزنىڭ  ئىجادىيىتى  بولسا ،شېئرنىڭ ئاخىرىغا ئىجادىيىتىم دەپ ياكى خالىساق ئىسمىمىزنى  ئەسكەرتىپ قويساق دەيمەن قارايمەن  . ئەسەرنىڭ ھەقىقى ئاپتورى باشقىلارغىمۇ ئېنىق بولىدۇ ،سىزنىڭ ئەسەر ھوقوقىڭىزغا دەخلى -تەرىز يەتكۈزىدىغان ئۇقۇشماسلىقلارمۇ ئاز كۆرۈلىدۇ .
ئەگەر باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى يوللىماقچى بولساق  چوقۇم ئاپتورنىڭ ئىسمىنى ئېنىق ئەسكەرتىپ يوللايلى ر ،بۇ ئەسەر ئاپتورىغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرىدۇ  ،شۇنداق بولغاندا ئۆزىمىزمۇ  ئىززەت تاپىمىز  .
ھازىرچە مۇشۇ مۇنبەردىكى دىلداش ئەپەندىمنىڭ ئەسەر يوللاشتىكى ئۇسۇلى بۇنىڭ مىسالى .

Rank: 8Rank: 8

توردا
147 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
828

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى 18:01:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقارقى شئېر مۇھەممەدجان راشىدىننىڭ  شۇ ناملىق شئېرىدىن ئېلىنغان. يەنە ئىككى كوپلىتى بار.

ئەگىپ يۈرگەن بىراۋنىڭ كۆڭلى قالغان ياماندۇر،
كۆڭۈل دېگەن- قىزىلگۈل، ئۈزمىسەڭمۇ پۇراپ قوي.
ئۇنۇتماپتۇ  دەپ قالسۇن بىركۈنلىرى يىراقتا،
بارغانلاردىن سالام ئېيت، كەلگەنلەردىن سوراپ قوي.

لەنەت تولا  كەينىدە باغرىتاشلىق قىلغاننىڭ،
ئەيىبلەيدۇ ئاشىقلار ئادىمىيلىك ئەمەس دەپ.
مىڭ گۈل پۇراپ،بىرگۈلنى قىسىدىغان ئىش تۇرسا،
بۇ ئىشىقنى بولامدۇ ئىزدىن چىققان ھەۋەس دەپ

ئەمما توردىكى بەزى مەنبەلەردە بۇ شئېرنىڭ ئاپتورىنى مەرھۇم ئابدۇرېھىم تىلەشوف ئۆتكۈر ئەپەندى دەپ ئالغان .
http://baxbat.guldiyar.cn/mb/simple/index.php?t828.html
يەنە بەزى مەنبەلەردە مۇھەممەدجان راشىدىننىڭ شئېرى دەپ ئېلىنىدۇ.
http://bbs.kaxtexi.cn/read.php?tid=2852
يۇقارقى ئۇلانما قىلىنغان تېمىدىكى بىر تورداش بۇ شئېرنى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن شئېرى دەپ خاتىرىلەپ كەلگەن.

ياخشى ئەسەرلەرنى ئۇلانما قىلىپ ئېلان قىلىش ياخشى ئىش، ئەلۋەتتە مەنبەسىنى قوشۇپ ئېلان قىلمىسا يۇقارقى تېمىنىڭ ئاپتورىنىڭ كىملىكىنى بىلەلمىگەندەك ئەھۋال سادىر بولىشى مۇقەررەر.
ھەممەيلەن بۇنىڭغا دىققەت قىلىۋالساق .

Rank: 1

توردا
16 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى
نادىر
0
يازما
48
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى 18:02:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىنىڭ شىېرىغۇ دەيمەن.
نەيىمە ئۇنتۇپ قالغان گەپ،شۇنداقمۇ نەيىمە؟

Rank: 2

توردا
58 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
259
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى 18:52:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ شئېرنىڭ ئاپتۇرىنى ھەقىقەتەن بىلمەيدىكەنمەن ،شۇڭا ئامالسز ئەسكەرتىش بەرمەي يوللىغان ئىدىم ،رەھمەت تەكلىىپ پېكىرىڭلارغا ،خوشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلىمەن .مەنمۇ بىلمگەننى بىلىۋالدىم .

Rank: 3Rank: 3

توردا
9 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
2
يازما
67
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى 23:00:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نازىنىن تۇنۇشلا  شېئىر  دەپتۇ  ،  مۇھەممەدجان راشىدىننىڭ شېئىرى بۇ  شۇڭلاشقا تۇنۇشلا  بىلىنگەن گەپ

Rank: 1

توردا
38 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
79
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى 13:08:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىرنى ناخشا قىلىپ ئوقۇپمۇ بولدڭغۇ ناخشىچىلار ، ئاڭلىمىغانمۇ سىلەر؟

Rank: 3Rank: 3

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
330
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى 15:13:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
RuxNaeY بۇ يازمىنى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى 13:08 دە يوللىغان
بۇ شېئىرنى ناخشا قىلىپ ئوقۇپمۇ بولدڭغۇ ناخشىچىلار ، ئاڭلىمىغانمۇ سىلەر؟

شۇنداق ناخشا قىلىپ ئوقۇپمۇ بولدى، مەن ناخشىنى تۇنجى قېتىم ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتكەن، ئەمدى كۆڭلى قالمىسۇن دەپمۇ سۆيۈپ قويىدىغان ئىش بارمۇ دەپ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 01:50 , Processed in 0.097613 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش