يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 770 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 439|ئىنكاس: 1

بىلىمەن دەيسەن، بۇنىمۇ بىلىپ قوي (دىلداش) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
38 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
58

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى 20:50:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

.

ئاپتۇر:كامىلجان ناسىر(دىلداش)

تۇغۇلدۇڭ پانى ئالەمگە ياشاش پەزلىنى قىممەت بىل،
ھايات كانىدا گۆۋھەرلەر قېزىشنى سەن غەنىمەت بىل.

لاغايلاپ ئۆتمىسۇن ئۆمرۈڭ ئېقىپ گوياكى لاي سۇدەك،
پەرىقسىز قىممىتى قۇزغۇن ياشاش مىڭ يىلكى غەپلەت بىل.

ۋەتەن - خەلقىڭ ئۈچۈن ئىشلە ياشاپ قالساڭمۇ گەر بىر يىل،
شۇچاغ ئەل قەلبىدە مەڭگۈ ياشايسەن مىڭغا نىسبەت بىل.

سېنى ئوغلۇم دىبان تۇغدى پەخىردە جان ئاناڭ دوستۇم،
ئاناڭنى چىن رىزا ئەيلەپ زەپەر قۇچماقنى سۈننەت بىل.

ياشا ئۆز مېھنىتىڭ بىرلە كىشى ھەققىگە قول سوزما،
تامادا ئىچكىچە شەربەت سۇغۇقسۇ ئىچكى لەززەت بىل.

ئىزىن بويلاپ ئاتاڭنىڭ سەن ئىجاد بىرلە زەپەر قۇچقىن،
ئىجاد يولىدا ھەردەمدە جاپا - مېھنەتنى راھەت بىل.

ئۈگەن ئىزدا تۇرۇپ قالماي كىرىپ قەددىڭنى مەغرۇر يۈر،
جاھاندا قەد كىرىش پەيتى ئېلىمدە بۇنى پۇرسەت بىل.


&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&

ھەسەتلەردىن بۇلايلى يىراق


ئۆزىمىزدىن ئىزلىمەي قۇسۇر،
باشقىلاردىن ئىزلەپ ياشايمىز.
ساۋاقلارنى قۇبۇل قىلماستىن،
ھەسەت يۇتۇپ غۇدراپ قاخشايمىز.

ھەيرانمەنكى ئويلىسام تالاي،
بۇ ئادەتتىن ئەقلىم لال بۇلۇپ.
نىمشقىكىن قىسمەن ئادەملەر،
قۇسۇر ئىزلەپ يۈرەر مۇڭلۇنۇپ؟

شەك ئىماننى قاچۇرار دىگەن،
ئەجدادلارنىڭ بارغۇ ھېكمىتى.
نىچۈن ئۇنى قىلماي تىلتۇمار،
ئاۋۇپ بارار دىلنىڭ ھەسرىتى.

ھەسەتلەردىن بۇلايلى يىراق،
گۇمانلارنى قوغلايلى چۇقۇم.
ئىناقلىققىن كۆكلەيدۇ ئالەم،
چاقناپ تۇرسۇن دىلدا بۇ ئۇقۇم.

************************

ھەق خىتاپ



بىلسەڭ دوستۇم تەقدىر ھەر خىل ھاياتتا،
مەيلى كۈلۈش مەيلى يىغلاش بوپ تۇرار.
ھايات يولى گويا سىرلىق تىپىشماق ،
غاپىللارنى ئالدار شەيتان تۇيغۇلار.

سەگەك بولغان ئەقلى بىلەن كۆكلەيدۇ،
بۇ ھەقىقەت تۇرسۇن ھامان ئىسىڭدە.
كۈلگەن چاغدا ئويلاپ قويغىن يىغلاشنى،
تەقدىر ئۈچۈن سۈرگەن ھەر بىر ھېسسىڭدە.

خىياللاردا چۈش كۆرمىگىن ئۇخلىماي،
ئىرادەڭدىن دادىل بولغىن ھەر قاچان.
ئادىمىلىك بولسۇن چۇقۇم مىزانىڭ،
بولما ھەرگىز ئەلنى چاقار شۇم چايان.

پۇرسەتلەردە ئاۋام ئۈچۈن ئىشلەپ قوي،
كۈلگەنلەرگە ھەسەت قىلما ئىچىڭدە.
ھايات چەكسىز ئۆمۈر چەكلىك قەدىرلەن،
ئەۋلاد ئۈچۈن قىلغان ھالال ئەجرىڭدە.


^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^

^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^


ھايات سىرلىق تىپىشماق

قاخشاپ يۈرمەي كۈندە ئۈنسىز ئىچىڭدە،
ۋىجدانىڭنى تارازىدا ئۆلچەپ باق.
ياشىدىڭمۇ ئادىمىلىك تۇيغۇڭدا،
ھېسلىرىدىن ئۆزەڭنى بىر ئەسلەپ باق.

شەكلىنىشتە تەشۋىشلىنىپ ئۆزەڭچە،
گۇمانلاردا ئازاپلىنىپ مۇڭلانما.
ۋەسۋەسلەرنى دىلغا سالسا شەيتانلار،
رەشىكلەرگە ئەسىر بۇلۇپ تولغانما.

سەگەك بۇلۇپ نەزەر سالغىن يىراققا،
ھەسەتلەردە بۇلۇپ يۈرمە بىر ئەخمەق.
تەقدىر دىگەن بىلسەڭ تەدبىر ئەمەسمۇ،
چۈشەنسڭ شۇ ھايات سىرلىق تىپىشماق.



ئاپتۇر:كامىلجان ناسىر (دىلداش) قەشقەر يېڭشەھەر ناھىيسىدە شىپاگەر.
ئاپتۇرنىڭ ئەسكەرتمىسى - مىنىڭ تىمىلىرىمنى رۇخستىمسىز باشقا مۇنبەرگە كۈچۈرۈشكە،خالىغانچە ئۆز نامىدا كۈچۈرۋىلىشقا بولمايدۇ.

داش

Rank: 3Rank: 3

توردا
117 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
285
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى 22:12:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈنچىلىرىڭىزنى بىراقلا تۆكۈپسىز ،بىزگە كۆرسىتىشكە سەل ئالدىراپ كېتىپ يەنە تېمىسىنى توغرا يېزىشقا دىققەت قىلماي قاپسىز .ھەي دىلداش ...ھەي دىلداش ...
باشقۇرغىچىلارمۇ تېما تەستىقلىغاندا ئانچە مۇنچە ئىملاسىغا دىققەت قىلىپ قويسا بولغۇدەك ،مۇنبەردىكى تېمىلارنىڭ تېخىمۇ گۈزەل چىقىشى ئۈچۈن .

[ nazinin بۇ يازمىنى  2010-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى 22:14  دە تەھرىرلىگەن. ]

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 22:06 , Processed in 0.053946 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش