يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 406|ئىنكاس: 1

بولدى بەس، ئەي ئەبگاھ خىياللار (دىلداش) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
38 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
58

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى 17:25:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاپتۇر:كامىلجان ناسىر(دىلداش)

سىغىنىشنىڭ قۇچىغىغا چۆكتۈرۈپ،
سەرسان قىلما مېنى ئەبگاھ خىياللار.
بارسام ئەگەر سېنىڭ ئەشۇ راھىڭغا،
يۈرۈكۈمدە ئاشىقلىقىم قىيانلار.

بىردەم مەندىن يىراقلارغا كىتىڭلار،
سۈكۈتلەردە تۇرۇپ ئالاي بىمالال.
سىلەر بىلەن قانچە ئەسرا بولساممۇ،
مەۋھۇملىشىپ بارار ئىكەن شۇ ۋىسال.

ئارمانلىرىم قۇل بۇلاركەن سىلەرگە،
مىڭ ئۆتۈنەي مەندىن يىراق بۇلۇڭلار.
پەرۋاسىزغا ئېنتىلدۈرمەي ئارامسىز،
بىردەم مېنى ئىختىيارغا قۇيۇڭلار.

ئاپتۇر:كامىلجان ناسىر(دىلداش)قەشقەر يېڭشەھەر ناھيسىدە شىپاگەر.
ئاپتۇرنىڭ ئەسكەرتمىسى - مىنىڭ تىمىلىرىمنى رۇخستىمسىز باشقا مۇنبەرگە كۈچۈرۈشكە،خالىغانچە ئۆز نامىدا كۈچۈرۋىلىشقا بولمايدۇ.


Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى 19:41:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋۇجۇدۇمنى تىترىتىپ سۆيگۈ،
تېرىلدۇردى ھىجراننى گويا.
ئۆرتەنگەندە زەرداپلىق يۈرەك،
نىگاھىڭنى تېلىدىم زىيا.

يۈلتۈزلاغا تۆكىمەن ئۇنسىز،
تەغدىرىمگە كۆتۈرۈپ غەۋغا.
ئۈمۈتلەردە تەلپۇنسەڭ ماڭا،
كۆز يېشىمنى قىلىمەن سۆغا.

مۇڭ كۈيلەرگە قوشقاندا سېنى،
خىياللىرىم باردىمۇ يوقلاپ.
ساڭا مەپتۇن باققان كۆزلەرنى،
قارچۇقلىرىڭ تۇرارمۇ ياتلاپ.

مەن ناتىۋان ئاجىز بىر تەنمەن،
تىنىقىڭغا بولدۇمغۇ خۇمار.
بىزگە قۇچاق ئاچارمۇ سۆيگۈ؟
ئىشقىمىزنى قىلىشساق ئىزھار.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 23:58 , Processed in 0.044255 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش