يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 750 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 674|ئىنكاس: 10

ئون ئىككى ھايۋانلىق كالىندار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
33 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
0
يازما
104
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى 21:37:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                    ئاپتورى:ئابدۇبەسىر شۈكرى

         
ئىنسانيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەۋرىگە كىرگەنلىكىنىڭ بەلگىلىرى سۈپىتىدە ئولارنىڭ كالىندارچىلىقىنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنىمۇ كۆرسىتىشكە بولىدۇ. ئىنسانيەت مەدەنيەت تارىخىدا  بىر مۇنچە كالىندار (تەقۋىم) لەر بارلىققا كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئالاھىدىلىرى مۇنۇلار:     
جەلالى كالېندارى-قەدىمىي مەدەنيەتنىڭ پارىس-تاجىك خەلقلىرى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 7-ئەسىردىن باشلاپلا «ئاۋىستا كالىندارى»نى قوللانغان ئىدى. مىلادىيە 11-ئەسىرگە كەلگەندە پارىسلاردىن چىققان مەشھۇر ئاستۇرونۇم جەلالىدىن مالىك شاھ بۇ ئەنئەنىۋى كالىندارنى زور دەرىجىدە ئىسلاھ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۈگۈنگىچە ئىراندا ئشلىتىلىۋاتقان شەمسىيە كالىندارى مەيدانغا كەلدى. بۇنى ئىلىم ساھەسى «جەلالى كالىندارى»دەپ ئاتىدى.     
مىلادىيە كالېندارى- بۇ رىم كالېندارى، گىرېگوريان كالېندارى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەدىمقى رىملىقلار مىلادىيىدىن ئىلگىركى 46-يىلى ئېپىراتۇر جولېئوس زامانىدا قوياش يىلىنى ئاساس قىلغان بىر تەقۋىمنى مەيدانغا كەلتۈردى. مىلادىيە 1582-يىلى گىرېگورىيان پاپا 13 تەرپىدىن بۇ تەقۋىم يەنە بىر قېتىم چوڭ ئىسلاھ قىلىندى. بۇ تەقۋىمدە ئېيسا ئەلەيھىسالامنىڭ  تۇغۇلغان كۈنى «0» دەپ ھېساپلاندى. شۇنداق قىلىپ «مىلادىيىدىن ئىلگىركى »، «مىلادىيىدىن كېيىنكى» دېگەن ئۇقۇملار شەكىللەندى. بۈگۈن دۇنيا مىقياسىدا مۇشۇ تەقۋىمدىن بارلىققا كەلگەن يىل ھېسابى ئوموميۈزلىك قوللىنىلماقتا.        
ھىجىريە  كالىندارى-بۇ، مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا  ئوموميۈزلۈك قوللىنىۋاتقان كالىندار بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ مىلادىيە 622-يىل7-ئاينىڭ16-كۈنى مەككىدىن مەدىنىگە سەپەر (ھىجرەت) قىلغان كۈنىدىن باشلانغان ئەرەپ- ئىسلام كالىندارىدۇر.        
يوقۇرقى كالىندارلار قاتارىدا ئەجداتلىرىمىزنىڭمۇ  مەدەنيەت تارىخىغا قوشقان  كالىندارچىلىقتىكى تۆھپىسى-«ئون ئىككى ھايۋانلىق تۈرك كالىندارى» دۇر.     
ئون ئىككى ھايۋانلىق كالىندار ئەجداتلىرىمىزنىڭ تولىمۇ قەدىمىي زامان  ھېسابى مەدەنيىتى ئىكەنلىكىنى يازما يادىكارلىقلىرىمىزدىن ئېنىق كۆرەلەيمىز. قەدىمقى تۈرك يېزىقىدىكى ئورخۇن ئابىدىلىرىدە تۈركىي خەلىقلەرنىڭ ، جۈملىدىن  ئۇيغۇرلارنىڭ كالىندارى ناھايتى مۇكەممەل ھالەتتە  قوللىنىلغان. مەسلەن: «بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى»نىڭ جەنۇبىي يۈزى 10-قۇردا مۇنداق بايان بار: «مۇشۇنداق (ئۇلۇغ) ئىشلارنى قىلىپ ئاتام قاغان، ئىت يىلىنىڭ ئونىنچى ئېيىنىڭ يىگىرمە ئالتىنجى كۈنىدە  ئالەمدىن ئۆتتى. توڭگۈز يىلى بەشىنچى ئاينىڭ يىگىرمە  يەتتىنچى كۈنى دەپنە مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدۈم.»     
    بۇ پاكىت شۇ نوقتىنى دەلىللەيدۇكى، مەڭگۈ تاشلار تىكلەنگەن چاغلاردا ئۇيغۇرلار بۇ قەدەر مۇكەممەل ۋە سېستىمىلىق زامان ھېسابىنىڭ بولغانلىقىدىن قارىغاندا، ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئىرالار مۇقەددەم مۈچەل ئىشلەتكەنلىكى شەكسىز. پەخىرلىك بوۋىمىز بۈيۈك تىلشۇناسىمىز مەھمۇد كاشىغەرىي «تۈكىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىدە «بارىس (يولۋاس) سۆزىنى ئىزاھلاپ، ئۇنىڭ بىر يىرىتقۇچ ھايۋان ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئاندىن بارىس» ئاتالمىسىنى ئۇ يەنە «تۈرك تەقۋىمىنىڭ ئون ئىككى يىلىدىن بېرى» دەپ ئەجداتلىرىمىزنىڭ تەقۋىمچىلىكىدىن ئۇچۇر بېرىشكە باشلايدۇ. ئۇ مۇشۇ سەھىپىدە  ئون ئىككى ھايۋانلىق تۈرك كالىندارىنىڭ  ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭ قانداق ئوتتۇرىغا چىققانلىغى، مەزكۈر كالىندارنىڭ  تۈركي خەلقلەر تۇرمۇشىدىكى ئورنى قاتارلىقلارنى  تەپسىلى چۈشەندۈرىدۇ. مۆھتەرەم بوۋىمىز تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان  ئون ئىككى ھايۋان ئېتىنى يىللارغا بېرىپ، ئون ئىككى يىللىق بىر مۆچەلنى ھاسىل قىلغانلىقىنى، ئەۋلادلار ياشلىرىنى، ئۆزلىرىنىڭ كۈرەش تارىخلىرىنى ۋە ئىشلىرىنى مۇشۇ شەكىلدە  خاتىرلەيدىغانلىقىنى قەيىت قىلىدۇ. ئونىڭ بايانىچە تۈرك خاقانلىرىدىن بىرى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىدىن ئىلگىرىكى  بىر سوقۇش ھەققىدە مەلۇمات بەرمەكچى بولۇپتۇ. ئەتراپتىكىلەر بۇ سوقۇشنىڭ ۋاقتى ھەققىدە  مەلۇمات بەرمەكچى بولۇپتۇ. ئەتراپتىكىلەر بۇ سوقۇشنىڭ ۋاقتى ھەققىدە تالاش-تارتىشقا چۈشۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن خاقان قۇرۇلتاي چاقىرىپ مۇنداق دەپتۇ: «بىز بۇ تارىختا خاتالاشساق ، بىزدىن كېيىنكىلەرمۇ خاتالىشىدۇ . يېڭلىشمەسلىك ئۈچۈن كۆكنىڭ ئون ئىككى بۇرچىغا ۋە ئون ئىككى ئايغا بىر مىزان بېكىتەيلى. ھەر بىر يىلغا بىر ئات قويايلى. شۇنداق قىلىپ بۇ يىللارنى ساناپ  ۋاقىتنى بىلەيلى. بۇ مىزان  ھەممىمىز ئۈچۈن بىر بەلگە بولۇپ قالسۇن!»  
     خاقاننىڭ بۇ سۆزىگە خەلقمۇ قوشۇلۇپتۇ. خاقان ئوۋغا چىقىپ  ياۋايى ھايۋانلارنى  ئىلى دەرياسىنىڭ بىر ئېقىنىغا  توپ-توغرا  ھەيدەپ كېلىشنى بۇيرۇپتۇ. خەلق ياۋايى ھايۋانلارنى ئۈكۈتۈپ، ئوۋلاپ دەل  ئاشۇ ئېقىنغا ھەيدەپتۇ. پەقەت ئون ئىككى ھايۋان ئېقىندىن ئۈزۈپ ئۆتۈشكە باشلاپتۇ. ئېقىندىن تۇنجى بولۇپ ئۈزۈپ ئۆتكەن ھايۋان «سىچىغان» (چاشقان)بولۇپ، ئۇنىڭ كەينىدىن تەرتىپ بويىچە يەنە ئون بىر ھايۋان ئۆتۈپتۇ. ئەڭ ئاخىردا «توڭۇز» (توڭگۇز)ئۆتۈپتۇ . بۇ ھايۋانلارنىڭ سۇدىن كېچىپ ئۆتكەن تەرتىۋى بويىچە خاقان ئون ئىككى ھايۋانلىق تۈرك كالىندارىنى مۇنداق بېكىتىپتۇ:
چاشقان يىلى
ئۇي يىلى
يولۋاس يىلى
توشقان يىلى
تىمساھ يىلى
يىلان يىلى
ئات يىلى
قوي يىلى
مايمۇن يىلى
توخۇ يىلى
ئىت يىلى
توڭگۇز يىلى
  بۇ كالىندار توڭگۇز يىلىدىن كېيىن يەنە باشقا قايتىپ چاشقان يىلى بىلەن باشلىنىدۇ ۋە مۇشۇنداق دەۋرىيلىنىدۇ.
مەھمۇت كاشىغەرىينىڭ بايانىچە، تۇركىي خەلقلەر  كالىندار بويىچە ھەر يىلى بەزى ئىشلارنىڭ  بولۇپ تۇردىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
مەھمۇت كاشىغەرىينىڭ ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندا، تۇركىي خەلىقلەر ھەر يىلى  يېڭى يىلنىڭ باشلىنىشىنى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى قىلىپ بېكىتكەن. ئون ئىككى ھايۋانلىق كالىنداردىمۇ  مۇشۇ كۈن يېڭى يىلنىڭ باشلىنىشى ئىدى. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ئەجداتلىرىمىزنىڭ نورۇز  بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش ئەنئەنىسى  ناھايتى قەدىمىيدۇر. مەزكۈر تەقۋىمچىلىك ئادىتىنى  ئۇيغۇرلار تاكى بۈگۈنگىچە  قوللىنىپ كەلمەكتە.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى 20:44:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تېمىلىرىڭىزدىن ھوزۇرلاندۇق، كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن سەلتەنەت!

Rank: 3Rank: 3

توردا
115 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
281
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى 17:57:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككىنچىسى ئۆي يىلى ؟؟؟ قوي يىلىمىكىن دەي دېسەم تۆۋىنىدە  ئۇ باركەن ،بۇ قايسى يىل بولۇپ كەتتى ئەمدى ؟
خاتالىقنى تەھرىرلىۋەتسەڭلار بولغۇدەك .
ئەجرىڭىزگە رەھمەت .

Rank: 2

توردا
33 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
0
يازما
104
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى 19:06:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇي يىلى دەپ يېزىقلىق تۇرمامدۇ!(كالا يىلى)

Rank: 3Rank: 3

توردا
115 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
281
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى 20:20:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كالا يىلىنى ئۇي يىلى دەپمۇ ئاتامدۇ؟  ئەمدى بىلىۋالدىم .

[ nazinin بۇ يازمىنى  2010-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى 21:02  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 3Rank: 3

توردا
173 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى 20:37:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆي ئەمەس ئۇي دەۋاتىدۇ ھوي نازىنىن.... ئۇي دىگىنى شۇ كالىغۇ؟

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى 20:50:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھى ھى ھى ھى ...
بۇ جانىۋارلارنىڭ چاغاتاي تېلىدىكى ئاتىلىشىمۇ ؟ مەنمۇ بىلمەيتىمكەن .

Rank: 3Rank: 3

توردا
115 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
281
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى 21:04:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سامسىپەز بۇ يازمىنى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى 20:37 دە يوللىغان
ئۆي ئەمەس ئۇي دەۋاتىدۇ ھوي نازىنىن.... ئۇي دىگىنى شۇ كالىغۇ؟

ئۇي يىلىما ؟ ۋاي خۇدايىممممممممم ئاڭلىمىغانلا بىر گەپقۇ بۇ ؟ ۋاي بالىلار ئورتاق تىلدا سۆزلەڭلار  ، ئادەم قايمۇقۇپلا قالىدىكىنا ،بىلمەيدىغانلاردىن يالغۇز مەنلا ئەمەسكەنمەن .ئۇفففففف خۇداغا شۈكرى .

Rank: 3Rank: 3

توردا
173 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى 10:20:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇي ، ھۆكۈز ، ئىنەك، سىيىر ، بۇقا، توپاق، موزاي... كالىغا مۇناسىۋەتلىك ئاتالغۇلار جىقكەن.... پەرقىنى بىلىدىغانلار بارمۇ؟

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى 18:43:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويغۇر تىلى بويىچە بولغاندىمۇ يەنىلا شۇ كالىنىڭ بىر قانچە خىل ئاتىلىشى ، ئۇ ھەرگىزمۇ باشقا تىل ئەمەس .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 08:27 , Processed in 0.048941 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش