كۆپ ساندىكى ئەرلەر بالىلىق چاغلىرىدىن تارتىپلا رىقابەت ئىچىدە يېتىلگەچكە، ئۇلار بۇرۇنلا ئۆزلىرىنىڭ ئاياللاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى بايقىغان .ۋاھالەنكى ، ئاتالمىش يېقىنچىلىق ئۆز ئارا ئامراقلىق ۋە بىللە بولۇشنى كۆرسىتىدۇ . ئاياللار ئارىسىدىكى مۇڭدىشىش ئۇسۇلىنى نۇرغۇن ئەرلەر مۇتلەق قوبۇل قىلالمايدۇ . ئۇلار كىچىگىدىن تارتىپلا ھەر قانداق ۋاقىتتا قىلغان ھەر قانداق ئىشىمىزنىڭ ھەممىس جەزمەن ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك دەپ قاراشقا ئادەتلەنگەن .
بىر ئايال بىزگە مۇنداق دەيدۇ :
كۆپ ساندىكى ئەرلەرنىڭ قىلغان ھەر قانداق ئىشىنىڭ سەۋەبى بولىدۇ ، ھەر قېتىم بىر ئادەمنى يوقلاپ بارغاندا ، مەلۇم ئىش ياكى مەلۇم مەقسەتنى كۆزلىگەن بولىدۇ . ئەرلەر بىللە بولغاندا قىلىدىغان ئىشى بولۇشى لازىم . بىر يەردە تۇرۇش بىلەن بىر ئىش ھاسىل بولمايدۇ . شۇڭا ، ئۇلارنىڭ ئاياللار ئارىسىدا ئورنىتىلغاندەك ھېسسىيات جەھەتتىكى ماسلىشىش مۇناسىۋىتىنى ئورنىتالىشى تەس . بۇ خىل ماسلىشىش بولغاچقا ئاياللارنىڭ بىللە بولغاندا قىلىشمايدىغان گېپى ، دېيىشمەيدىغان سۆزى قالمايدۇ . پاراڭلىشىش تا ھازىرغىچە كۆپ سانلىق ئاياللار مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ كەلدى . ئۇلار بىرەر ئالاھىدە خەۋەر ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلىش ئۈچۈن ئەمەس ،بەلكى پاراڭلىشىش ئۈچۈنلا پاراڭلىشىدۇ .
ئەرلەر باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەت باغلىسا ،شۇ مۇناسىۋەتنىڭ مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ۋە مۇشۇ ئورتاق مەقسەت ئۈچۈن تەبىئىي ھالدا بىر يەرگە جەم بولىدۇ . شۇڭا ، ياش ئەرلەر ئوتتۇرسىدا تەكىتلىنىدىغان مۇھىم نۇقتا بويسۇندۇرۇشتۇر . خىرىسقا دۇج كېلىپ ،ئۇنىڭغا قورقماي جەڭ ئېلان قىلغاندا ، ئەر كىشى مۇشۇ نىشانغا يېتىشتە كېرەكلىك بولغان ھەرقانداق غەيرەت ۋە كۈچ-قۇدرەتكە ئېرىشەلەيدۇ . ئەمما ،مۇكاپاتنى ۋە ئايللارنى ئەيۋەشكە كەلتۈرگەن ، مۇناسىۋەتنى ئورنىتىپ بولغان ھامان ،مەسىلە پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ ، ئەمدى ھېچقانداق ئېنىق نىشان بولمىغانلىقتىن ئەرلەرنىڭ قىزىقىشى تۆۋەنلەپ ، ھەيۋىسىمۇ سۇسلاپ كېتىدۇ . شۇنداقتىمۇ «ئورۇنلاشتۇرۇش» داۋاملىق بولۇپ تۇرىدۇ (ئېھتىياج ، ئاسانلىق تۇغدۇرۇش ياكى پىششىق تونۇشۇش ئۈچۈن ) بىراق بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ كۆڭلى باشقا ياقلارغا كەتكەن بولىدۇ .
مەنبە :«ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا بىلدۈرۈشنى خالىمايدىغان سىرلىرى»دىن