يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 773 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 768|ئىنكاس: 11

(ئاھۇ) كۆزلىرىمىز ياشقا تولىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
169 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
368

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى 22:14:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كۆزلىرىمىز ياشقا تولىدۇ


جېنىم،

ئەتە يەنە  ھېيت  بولىدۇ،

كۆزلىرىمىز  ياشقا  تولىدۇ.

ئالقىنىمىزنى قىلىمىز ئايۋان،

ئېقىپ چۈشۈپ يۇلتۇز قونىدۇ.

سېنىڭ ئاۋازىڭنى قېنىپ ئاڭلىغاچ،

قوڭۇر چاچلىرىمنى گۈلدەك ھىدلايمەن.

ئوغلىمىز"ئۈچ پەدە" گە چالغاندا راۋاپ،

كۆرىنەر كۆزۈمگە چەكسىز باياۋان.

يىنىك يۆتىلىپ قويىسەن سەنمۇ ،

جۇغۇلداپ كىتىمەن كۆزۈڭگە قاراپ.

سېنى دەپ ئۆتكۈزگەن تىزىقلىرىمنى،

يېنىڭدا ئولتۇرۇپ بىرىمەن ساناپ.

دەملىگەن چايلىرىم رەيھان پۇرايدۇ،

پۈۋلەيمەن مەن ئۇنى تىنىقىڭ بىلەن .

شىۋىرلاپ قويىسەن قۇلاقلىرىمغا ؛

"دەرتكىمۇ مېنىڭدەك كۆنۈشنى ئۈگەن..."

تۇرغاندا ئورنىمدىن تارتىسەن قوپال،

ئاۋازىم تۆكىلەر قۇچاقلىرىڭغا .

دۇنيا دەپ بىلىمەن بىلەكلىرىڭنى،

سەن جىمجىت كۈلىسەن قىلىقلىرىمغا.

ئاپامدىن تىلىفون كېلىدۇ شۇ چاغ،

سىلەرنى ئەجەپمۇ كۆرگۈم كەلدى دەپ.

دادامنىڭ يۈرىكى كۆيدىرەر بىزنى،

ئىشىكتىن چىقىمىز قىياندەك دەۋرەپ.....



[ ئاھۇ بۇ يازمىنى  2010-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى 22:19  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 3Rank: 3

توردا
34 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
1
يازما
221
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى 22:45:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتە يەنە ھېيىت بولىدۇ،
ئېمىۋالسۇن
رەيھانگۈلىنىڭ ھىدىنى بىر قۇش.
تۇتۇشۇپ كەتسۇن يۇمشاق شۇ قوللار........
دۇئا ئېلىىپ ھەممىدىن،
ئۈزۈلمىسۇن جىمجىت كۈلكىلەر.....
ئەتە يەنە ھېيىت بولىدۇ،
پۇراپ قاپتۇ جىگدىلىك گۈللەر..............

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى 23:24:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتە يەنە ھېيت بولىدۇ! بۇنىسى راست،
تالايلارغا قىيامەت بولماي قالمايدۇ.
ئۇنداقلارغا ھېيت نەدە؟ كوچىلاردا ...
بۇردا نانغا زار بولۇپ ياشاڭغىرايدۇ ...

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 4

توردا
51 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
3
يازما
181
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى 00:42:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتە يەنە ھېيىت بۇلىدۇ
ھەممە ئەل خۇشاللىققا چۈمىدۇ
ھىيىتگاھ ئالدى ئادەم دېڭىزى
قىرى-ياش ھەممە ساماغا چۈشىدۇ
...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
744 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2191

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى 00:42:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممەيلەننىڭ ھېيتى خوشاللىق ئىچىدە ئۆتكەي!!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
567

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى 09:08:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېيىت خوشاللىقى ھەممىمىزگە يار بولسۇن!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى 10:35:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىڭلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن!
بۈگۈن ھېيىت، بۈگۈن خۇشاللىق، ئاھۇ ھېيتىڭىز شاد-خۇراملىق ئىچىدە ئۆتكەي!

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 1

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى
نادىر
0
يازما
1
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى 14:56:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن ھېيت بولدى، بۇلۇتلار دېڭىزلارغا تارالدى،بىر قىز شاماللارغا بويۇن ئەگدى، دەرەخلەر نالە قىلدى

Rank: 3Rank: 3

توردا
34 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
1
يازما
221
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى 21:59:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  نۇرانە مىسىرالاردە ئىپادىلەنگەن <<مەنە>>قانداقتۇر ئادەتتىكى بىر نەزىمىكەشنىڭ شېئىرغا قىزىقىش كۈچى ياكى ئۆتكۈنچى ھېسىياتنىڭ ئىپادىلىرى ئەمەس.شېئىردىكى ئۈمىد-ئارزۇلارمۇ،ئازاپلىق قايغۇ-ھەسىرەتلەرمۇ ئۆزىگە خاس گۆزەللىك ئۇسۇلبى بىلەن ئازاپلىق تولغاقتىن تۇغۇلۇپ ،ئۇقۇرمەنگە شېئىرنىڭ پاكلىقى،گۈزەلىكىنى،شېئىرنىڭ ساپ جەۋھەر جۇلاسىنى ئاتا قىلىپ،ھەقىقى شېئىرى ھارارەت بەخىش ئېتىدۇ.قىسقىسى،شېئىرى تىلدىكى گۆزەلىلك ئادەمنى قايىل قىلماي تۇرالمايدۇ.

ئاھۇ نىڭ  تېنىگە سالامەتلىك،ئىجادىيەتلىرىگە ئۇتۇق تىللەيمەن!

Rank: 8Rank: 8

توردا
169 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
368

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى 21:04:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت،سىلەرگە...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 05:31 , Processed in 0.052333 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش