يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1097|ئىنكاس: 11

تاۋا كاۋاپ پىشۇرۇشنى بىلەمسىز ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى 22:36:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاۋا كاۋاپ پىشۇرۇشنى بىلەمسىز؟



(خۇرۇچى)
قوينىڭ لوق گۆشى بىر كىلوگرام، سوققان زىرە مۇۋاپىق، پىياز 70گرام، سوققان قارىمۇچ مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ئاق ئۇن ئازراق، سوققان لازا مۇۋاپىق، شاكال بەدىيان بەش تال.
(ئېتىش ئۇسۇلى)   
1.گۆشنى سەرەڭگە قېپچىلىك چوڭلۇقتا، بارماقچىلىك نېپىزلىكتە توغرايمىز. ئۇششاق چانالغان پىياز، سوقۇلغان زىرە، قارىمۇچلارنى گۆشكە سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، شۇ پېتىچە 15-20 مىنۇت تۇرغۇزىلىدۇ.
2.تاۋىنى ياخشى قىزىتىپ، ھاۋىسىنى تەڭشەپ، گۆشنى ئۇنغا مىلاپ تاۋىغا تىزىپ، ھەر ئىككى تەرىپىنى ئۆرۈپ تەكشى سارغايتىپ پىشۇرۇلىدۇ.
3.پىشقان كاۋاپقا ئازراق شورپا قويۇپ ئۇنىڭغا قارىمۇچ شاكال بەدىيان سېلىپ، 40مىنۇت دۈملىنىدۇ.
(ئالاھىدىلىكى)
تېشى چۈرۈك، ئىچى يۇمشاق تەملىك بولىدۇ. بۇ كاۋاپنى ئېتىشكە زىخ كەتمەيدۇ. تاۋىدىمۇ، قازاندىمۇ پىشۇرغىلى بولىدۇ.


مەنبە: ئويغۇر تائاملىرى .

[ خۇشچىراي بۇ يازمىنى  2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 18:44  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى 22:52:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىم~~~ خۇشچىراي قۇربانلىق گۆشنى قانداق تۈگىتىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ قويۇپسىز-دە، دادام ئبەك ئامراق بۇ تاۋا كاۋاپقا، رەھمەت مۇشۇ ئۇسۇلدا بىر قىلىپ باقاي دادامغا ياراپ قالسا، سىزگە ئايرىم رەھمىتىم بار  خۇشچىراي

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 09:04:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تاۋا كاۋابقا كاۋىمۇ كىتەمدۇ؟
ئېتىش ئۇسۇلىنىڭ 3-باسقۇچىدا "پىشقان كاۋىغا ئازراق شورپا قويۇپ ئۇنىڭغا قارىمۇچ شاكال بەدىيان سېلىپ، 40مىنۇت دۈملىنىدۇ." دەپسىزكەن .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1850

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 09:13:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاۋا كاۋىپىغا بەكلا ئامراق. تاۋا كاۋاپىنى خوتەندە بەك ئوخشۇتۇپ  پىشۇرىدىغان بىر يەر بار كەلسەڭلار تاۋا كاۋىپى بىلەن مېھمان قىلىمەن.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 09:18:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئاڭلاپ قالدىم جۇمۇ جۇلالىق .
مېنىڭ ئىشتىھايىم بەك ئاز، ئاران 2 كىلوگرام يىسەملا تويۇپ قالىمەن. بەك زورلاپ كەتمەڭ . زىيادە تويۇنۇۋېلىشنى ئانچە ياقتۇرمەيمەن. بەك زورلاپ كەتسىڭىز يوللۇق قىلىپ ئازراق قاچىلاپ بەرسىڭىز ھەر دۇئايىمدا سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن دىگەندەك.

مېنىڭ بىلىشىمچىمۇ ئۇيغۇر يىمەك ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى بولغان قەشقەر، خوتەن ۋە، لوپنۇر ،  كۇچار ناھىيىلىرىدە كاۋابنىڭ تۈرى كۆپ تەمى ئۆزگىچە بولۇپ ھەقىقى بىر ئىپتىدائىي تەمنى تېتىيدىكەن . ( ئەپسۇس بۇلار پەقەت ئاڭلىغىنىمدە، قاچانمۇ تېتىپ كۆرىشىمچە دەپ يۈرەكلىك بايانات ئېلان قىلارمەن) .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1850

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 09:30:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سايە ئاڭلاپ قالسىڭىز ھېچقىسى يوق، قانچە كىلو تاۋا كاۋىپى يەيدىكىن دېسەم ئاران ئىككى كىلو يەمتىڭىز  ئىككى كىلو تاۋا كاۋىپى 60 كويغا كېلىدۇ سىزنى كاۋاپ دېگەنگە تويدۇم دېگۈچە مېھمان قىلىۋېتىمەنغۇ. ئىشتىھايىڭىزنىڭ ئاز بولۇپ قالغىنى بولمىسا راسا بىر مېھمان قىلىۋالاركەنمەن.
يوللۇق تۇتىدىغانغا بىر تال تاۋا كاۋىپى بىلەن بىر نان تۇتسام بوپ قالارمىكىن؟ يولدا ماڭغاچ كاۋاپنى كۆپ يەۋەتسىڭىز ماشىنىدا قىيىنىلىپ قالىسىز سىزگە كۆڭۈل بۆلمىسەم بولماس.
خوتەندە "تونۇر كاۋىپى"نى ھەممە كاۋاپتىن بەكرەك ئوخشىتىدۇ. "ئەتىرگۈل" كاۋاپخانىسى دەپ بىر يەر بار خوتەنگە كەلگەنلەر شۇ يەرنىڭ كاۋىپىنى يېمەي كەتسەڭلار ئارماندا كېتىسىلەر.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 10:07:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتتىرگۈل كاۋابخانىسى دىدىڭىزمۇ؟  ھە يادىمدا تۇتىۋالدىم . كېلەر يىلى توينى قىلىپ بولۇپ، كېلىنچەك بىلەن شېرىن ئاينى ساياھەت قىلايلى دىيىشىپ قويغان. ئۇ خانمۇ مىللىي تىبابەتنى خوتەندە ئوقۇپتىكەنتۇق . " خوتەن" دەپ بولغۇچە كۆزلىرى يورۇپ كىتىدۇ، ئاپىرىپ ئوينىتىپ كىلىمەن دەپ ئۇزۇن بولدى ئارزۇسى بار .
كېلەر يىلى ماي ئايلىرىدا ئوبدان ئەسرارلىشىپ قالغۇدەكمىز ئەمىسە .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1850

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 10:20:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانىمىڭىز بىلەن كەلسىڭىز سىلەرنى ئەتىرگۈلگە ئۆزۈملا باشلاپ بېرىپ مېھمان قىلىمەن.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 2

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
259
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 16:20:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاچان ئوينامىز سايەجان توينى ،دەۋاتىسىز دەۋاتىسز ھىچ بىر سادا ياكى باغاق كەلمەيدىغۇ ؟

Rank: 1

توردا
5 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
0
يازما
28
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 16:37:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سايەنىڭ تاۋا كاۋاپ يىگىسى كەپ كەتسە،نەيىمە خانقىزنىڭ سايىىنىڭ تويىنى ئوينىغىسى كەپ كېتىپتۇ. سايە ئۇكا، تېزراق توي قىلسسىڭىز ھەر ئىككىڭلار ئارزۇيۇڭلارغا يەتكىدەكسىلە.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى 22:56 , Processed in 0.055129 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش