بالىنىڭ تاتلىقلىقىنى بالىلىق بولغاندا تېخىمۇ ھېس قىلارمەن ھەقىچان . ئەمما مەن كىچىك بالىغا بەك ئامراق بولۇپمۇ بوۋاقلارغا شۇنداق ئامراقلىغىم كىلىپ بۇدرۇققىنە قوللىرىنى، پۇتلىرىنى ئاغزىمغا سېلىۋالغۇم كېلىپ كىتىدۇ.
مەن كىچىك بالىلارنىڭ ئۆزلىرىگە چۇشلۇق بىر روھىي دۇنياسى بارلىقىنى بۇ روھىي دۇنياسىدىكى كىشلىك مۇناسىۋەتنىڭ چوڭلار بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.
بالىلاردىمۇ قىزىقىش، ئېتقاد، نۇمۇس ۋە شان شەرەپ، يۈز ئابروي، غورۇر قارىشى شۇنداقلا بىزمۇ ئىشەنمەيدىغان بىر مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى باركەن .
سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە ئەمدىلا مەكتەپ يېشىغا توشقان 6 ياشلىق بالىڭىز تولىمۇ گۆدەك، ئىش ئۇقمايدىغان بولىشى مۇمكىن. ئەمما سىز ئىككى ياشلىق بوۋىقىڭىزنى چوڭ بالىڭىزغا ئوينىتىپ تۇرۇشقا بەرگىنىڭىزدە دىققەت قىلىپ بېقىڭ. ئۇ خۇددى سىزدەكلا ئۇكىسىغا شۇنچىلىك كۆڭۈل بۆلىدۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن پايپىتەك بولىدۇ، ئۇنىڭغا توختىماي سۆزلەپ ئۇنى كۈلدۈرىدۇ. كىچىكى خاتا ئىش قىلسا چوڭى ئۇنى ئەيىبلەپ ئالدىرماي چۈشەندۈرۈپ كىتىدۇ .
قاراڭ مانا بۇ مەسئۇلىيەت، مانا بۇ بالىلاردىكى بىز "ئېتراپ" قىلمايدىغان غورۇر .
مەن بالىلارغا سۆزلىگەندە مۇمكىنقەدەر چوڭلارغا سۆزلىگەندەك سۆزلەيمەن . ھەر بىر ئېغىز سۆزنى توغرا، تولۇق قىلىپ سۆزلەيمەن. مەينەت نەرسىنى " ئىششا " ، سۇنى " ھۈممە"، قاراڭغۇنى " ئۈجۈ" دىمەيمەن .
بالىلارنىڭ چۈچۈك تىلى بەلكىم بىزنىڭ چوڭلارنىڭ تەلەپپۇزىدەك كەلمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما بالىلارنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارىنىڭ چوڭلارنىڭكىگە قارىغاندا تېز ھەم قۇبۇل قىلىشچانلىقىنىڭ تېزلىقىغا ئىشىنەيلى. ئۇلارغا توغرا تەلەپپۇزدا سۆزلەيلى . بۇ بالىنىڭ تىلىنىڭ بالدۇر يېتىلىشىگە پايدىلىق.
ئۇندىن باشقا بالىلارنىڭ ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى قېزىپ چىقىشىغا ياردەم قىلايلى. خۇددى سىز بوۋاقنىڭ ئالدىغا بىر دانە قونچاقنى قويۇپ قويسىڭىز ئۇ ئوڭ قولى بىلەن ئالامدۇ ياكى سول قولى بىلەن ئالامدۇ دىگەن مەسىلىگە دىققەت قىلىڭ، بوۋاق ئوڭ ياننى بېسىپ ياتامدۇ ياكى سول ياننى بېسىپ ياتامدۇ؟ مانا بۇلار بالىنىڭ كەلگۈسىدە سولخاي ياكى ئوڭخاي بولىشىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. سىز خالىسىڭىز مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئۆزگەرتەلەيسىز.
خۇددى يۇقۇرقى بىشارەتتەك، بالىنىڭ بىر قىزىقىشى بوۋاق ۋاقتىدىن باشلاپلا پەيدا بولىدۇ . ئۇنىڭ مۇزىكا سېزىمى قانداق؟ جۇشقۇن ناخشا مۇزىكىلارغا قارىتا ئۇنىڭدا قانداق ئالامەت بولىدۇ. مېنىڭ بىلىشىمچە 2،3 ياشلاردىكى نۇرغۇن بالىلاردا تېلىۋىزوردىكى ئېلانلارغا قارىتا قىزغىنلىقى بىر قەدەر يۇقۇرى بولىدىكەن. دىمەك، ئۇلار رەڭگارەڭ نەرسىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. سىز ئېرىشكەن كىچىككىنە يىپ ئۇچىغا ئاساسەن تەھلىل قىلىپ بالىڭىزنىڭ قىزىقىشىنى قېزىپ چىقىڭ ۋە بۇ جەھەتتىن ئۇنى يىتەكلەڭ.
بالىلاردا ئۆزلىرىنىڭ قىزىقىشى ۋە ئېتقادى بولسا نەرسىلەرگە ئاسان كىرىشىپ كىتەلەيدۇ، بۇ ۋاقىتتا بىز ئۇنۋېرسال بىلىملەر تەمىن ئېتىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇلارنى كۆپرەك ئاممىۋى پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇپ تۇرساق ئۈنىمى مېنىڭچە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
بالىغا ئۆزىنىڭ مۇشۇ جەمئىيەتنىڭ بىر مۇستەققىل ئەزاسى ئىكەنلكىنى ھېس قىلدۇرغىلى بولامدۇ يوق دىگەن مەسىلىدە مەن ھازىرغىچە تەھلىل ئېلىپ بېرىۋاتىمەن . ئۆزىنىڭ ئىسمى دادىل دىيەلەيدىغان بالىلار بىلەن ئىسمىنى سوراپ بولغۇچە قورقۇپ، خىجىل بولۇپ ئاتا-ئانىسىنىڭ كەينىگە ئۆتىۋالىدىغان ئوخشاش ياشلىق بالىلاردىكى پىسخىك پەرق زادى قەيەردە؟
بالا تەربىيلەشتە ئەلۋەتتە ھەددىدىن زىيادە غايىۋىلىشىپ كەتكىلى بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ باقىمىزدە ئەلۋەتتە .