يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 766 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1394|ئىنكاس: 1

ئائىلىسى ئاسانلا بۇزۇلىدىغان كىشىلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
0
يازما
12
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 00:11:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1.رومانتىك خىياللارغا زىيادە بېرىلىپ كېتىش. ئەر-خوتۇنلارنىڭ رومانتىك خىيالغا زىيادە بېرىلىپ كېتىشى ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ . بىرى ، ئەر-خوتۇننىڭ ئىككىلىسى رومانتىك خىيالغا زىيادە بېرىلىپ كېتىش ، يەنە بىرى ، ئەر ياكى خوتۇن رومانتىك خىيالغا زىيادە بېرىلىپ كېتىش .
ئەر-خوتۇن ئىككىلىسى رومانتىك خىيالغا زىيادە بېرىلىپ كەتسە، ئەر-خوتۇنچىلىققا پۈتۈنلەي رومانتىك خىيال بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ . ئۇلار كۆڭلىدە مۇھەببەت چوقۇم ئىزچىل ، قىزغىن كەيپىياتتا ئۇزاق داۋاملىشىشى ، نىكاھتىن كېيىنكى تۇرمۇشمۇ بەئەينى مۇھەببەتلەشكەن چاغدىكىدەك قايناق ھېسسىياتتا ئۆتۈشى كېرەك ، دەپ ئويلايدۇ-دە ، نىكاھتىن كېيىنكى رېئال تۇرمۇشقا ئېتىبار بەرمەيدۇ ۋە توغرا مۇئامىلە قىلالمايدۇ.
ئەر ياكى خوتۇن رومانتىك خىيالغا زىيادە بېرىلىپ كەتسە، ئەر-خوتۇننىڭ ئائىلىۋى تۇرمۇش قارىشى بىر يەردىن چىقمايدۇ-دە، ئارىدا زىددىيەت پەيدا بولىدۇ .ئەر-خوتۇننىڭ بىرى تۇرمۇشقا ھەددىدىن زىيادە تەلەپ قويىدۇ ، يەنە بىرى تۇرمۇشنى رېئاللىق ئاساسىدا چۈشىنىشنى خالايدۇ . ئوخشاش بىر ئىشقا بولغان قاراش ئوخشاش بولمىغانلىقتىن ، ئەر-خوتۇنچىلىق ئاسان بۇزۇلىدۇ .
2.كەم -كۈتىسىز بولۇشنى ئويلاش. بۇ خىلدىكى ئەر-خوتۇنلار ھەرقانداق ئىشنىڭ كۆڭلىگە پۈتكەندەك بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ . ئۇلارنىڭ ئوي _ خىياللىرى تىرىشچانلىق كۆرسىتىلسە ئەمەلگە ئاشىدىغاندەك تۇيۇلىدۇ ، ئۇلار خېلى ئۇزاق مەزگىل شۇنچە شاپاشلاپمۇ كۆڭلىدىكى ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغاندىن كېيىن ، ئېغىر روھىي بېسىمغا ئۇچرايدۇ .
3.ھەددىدىن زىيادە پىخسىقلىق. ئەرلەر بىلەن ئاياللارنى سېلىشتۇرغاندا، ئاياللارنىڭ پىخسىقلىقى ئەرلەردىن روشەن پەرقلىق بولىدۇ. ئەمما، بەزى ئەرلەر پىخسىقلىقتا ئاياللارنىمۇ بېسىپ چۈشىدۇ ، ئۇنداقلارنىڭ چېكىدىن ئاشقان پىخسىقلىقى ئۆزى بىلەنلا كەتمەي ، خوتۇنىنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىشكىمۇ سەۋەب بولىدۇ . بۇنداقلار ئائىلە خىراجىتىنى قىسىش بىلەنلە قالماستىن ، خوتۇنىنىڭ تۆشۈك ئىشلىرىغىمۇ ئارىلىشىپ ، خوتۇنىغا ياغ،گۆش ،ئوتياش، گۈرۈچ ۋە ئۇننىمۇ ئۆلچەپ بېرىدۇ .
بىر قىسىم ئاياللارنىڭ پىخسىقلىقى چەكتىن ئېشىپ كېتىدۇ . ئۇلار ئېرىنى ئىقتىسادىي جەھەتتە قاتتىق كونترول قىلىۋالىدۇ . نەتىجىدە زۆرۈر چىقىملارمۇ قىسقارتىلغانلىقتىن ئائىلىدە ئىچى سىقىلىش ، زېرىكىش ، تۇرمۇشتىن كۆڭلى سوۋۇشتەك روھىي ھالەتلەر پەيدا بولىدۇ .
4. ئەركە چوڭ بولۇپ قېلىش. زىيادە ئەركە چوڭ بولغانلار مىشچان ، ئىرادىسىز كېلىدۇ، ھەرقانداق ئىشنى بىر باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ ، بۇنىڭ بىلەن ئاتا-ئانىسىغا يۆلىنىۋالىدۇ . ئۇلار قارىماققا بىر - بىرىگە شۇنداق ئامراقتەك كۆرۈنىدۇ .كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆزىنىڭ قابىلىيەتسىزلىكىنى كۆرمەي ، ھە دېسىلا جورىسىدىن رەنجىيدۇ ، بۇنداق رەنجىش داۋاملاشقانسېرى بىر-بىرىدىن بىزار بولۇپ ، ئائىلە بۇزۇلىدۇ .
5.خاراكتېردىكى تۇراقسىزلىق . خاراكتېرى تۇراقسىز ئەر ياكى خوتۇن يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغان ، بىلىم - تەجرىبىسى كۆپەيگەن چاغدىمۇ ئۆز قۇرامىدىكىلەردە بولۇشقا تېگىشلىك ( ئومۇمىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا) خاراكتېرنى تۇراقلاشتۇرماي ، بالىلىقىنى تاشلىيالمايدۇ . خاراكتېرى تۇراقسىز ئەر ياكى خوتۇننىڭ خوشاللىق ۋە خاپىلىققا بىلدۈرگەن ئىنكاسى ناھايىتى تېز ھەم كۈچلۈك بولىدۇ . بۇنداق ھالەت جورىسىدا بىر خىل ۋەھىمىگە ئۇچراۋاتقاندەك روھىي بېسىم پەيدا قىلىدۇ-دە ، ئاسانلا ئۆيى بۇزۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
6. ھەدېسىلا جورىسىنىڭ يارىسىغا تۇز سېپىش. بۇ خىلدىكى ئەر ياكى خوتۇن جورىسىنىڭ ھەرقانداق ھەرىكەت ۋە ئىدىيىسىنى داۋاملىق قاتتىق تەنقىدلەپ ، جورىسىنى ئۆزىنى قويغۇدەك يەر تاپالمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ . بۇنىڭ بىلەن ئەر-خوتۇندا بىر-بىرىنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈش ، بىر-بىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، بىر-بىرىنى ئۆچ كۆرۈش روھىي ھالىتى پەيدا بولىدۇ .
7.جورىسىنىڭ زىيادە كۆيۈنىشىنى تەلەپ قىلىش . بۇ خىل ئەھۋال كۆپىنچە ئاياللاردا كۆرۈلىدۇ . بۇنداق ئاياللار ھەدېسىلا يوقىلاڭ ئىشلاردىن پۇتاق چىقىرىدۇ ، كۆپ ۋايسايدۇ ، بۇ ئارقىلىق ئېرىنى ئۆزىگە تېخىمۇ غەمخورلۇق قىلدۇرۇش كويىدا بولىدۇ ، بەزىدە ئېرىنىڭ ئىشلىرىدىن قۇسۇر چىقىرىپ ، بۇ ئىشنى باشقىلارغا ھېكايە قىلىپ بېرىدۇ . بۇنىڭ بىلەن ئېرىدە خوتۇنىدىن بىزار بولۇش روھىي ھالىتى پەيدا بولىدۇ .
8.جورىسىغا كۆيۈنۈشنى چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىش. بۇنداق ئەھۋال ئەردىمۇ ، خوتۇندىمۇ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ . بەزىلەر جورىسىغا كۆيۈنىمەن دەپ ، كۆيۈنۈشنى چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىدۇ ، جورىسى نېمىە دېسە "خوپ" دەپ تۇرىدۇ ، نىمە قىل دېسە دەرھال بەجا كەلتۈرىدۇ ، " ياق " دېيىشنى بىلمەيدۇ ، جورىسىغا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن پايپىتەك بولۇپ كېتىدۇ ، ئەمما ئون ئىشنىڭ توققۇزىنى قىلىپ ، بىرىنى قىلمىسا ، بۇ ئىش ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ مەنبەسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ
.

Rank: 2

توردا
7 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
0
يازما
89
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى 16:22:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر مۇكەممەل ئائىلە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈ مەيلى ئايال بولسۇن مەيلى ئەر بولسۇن ئالدى بىلەن ئۆز مەسئۇليىتىنى بىلىش كېرەك دەپ ئويلايمەن.
تەرەققى قىلغان جەمئىيەتتە توي قىلغانلاردىن ئاجراشقانلارنىڭ سانى كۆپ بولۇپ كېتىپ بارىدۇ، بۇ نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى 21:25 , Processed in 0.046981 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش