يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 773 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1213|ئىنكاس: 8

ساقلاپ قويۇشقا تىگىشلىك 100جۈملە سۆز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
567

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى 13:13:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

1. ھەر كۈنى ئۈزىڭىزگە بىر قېتىم «مەن يارايمەن!»دەڭ.
*
2. ئىسىڭىزدە بولسۇن،ھەربىر كۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل كۈندۇر.
*
3. قۇياشقا يۈزلىنىڭ ، شۇندىلا ئۈمۈتسىزلىكنىڭ سايىسى كۆز ئالدىڭىزدىن يۇقىلىدۇ.
*
4. سىز ھاۋارايىنى ئۆزگەرتەلمەيسىز،ئەمما ئۆزىڭىزنىڭ ھاۋارايىغا بولغان بىزار بۇلۇش كەيپىياتىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز.
*
5. ئوي-پىكىرىڭىز ھەركىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ،ھەركىتىڭىز ئادىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ،ئادىتىڭىز مىجەز-خاراكتىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ،مىجەز-خاراكتىرىڭىز تەقدىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.
*
6. ئىرىشكەنلىرىڭىز بىلەن ھىساپلاشماي توختىماي تەر تۆكىۋېرىڭ،بىر كۈنى پايدىسىنى كۆرىسىز.
*
7. قىش كەلدى.شۇنداقلا باھار بىزگە تېخىمۇ يېقىنلاشتى.
*
8. ئىلكىڭىزدە بارىدا قەدىرلەڭ،ئايرىلىپ قالغاندا پۇشايمان قىلماڭ.

9. ھەر ۋاقىت كەينىڭىزدىكى ئىشىكنى يېپىپ مېڭىڭ.(يەنى بۇرۇنقى نەتىجە ۋە سەۋەنلىكلىرىڭىز ئۆتمۈشكە مەنسۇپ،ئۇلارنى ئۇنتۇپ كىتىڭ.)
*
10. ئۈمىد قانچە چوڭ بولسا،ئۈمىدسىزلىكمۇ شۇنچە چوڭ بۇلىدۇ.
*
11. ئەگەر ئايدىن ئايرىلىپ قالغىنىڭىزغا يىغلاپ ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويسىڭىز،ئۇنداقتا يۇلتۇزلاردىنمۇ قۇرۇق قالىسىز.
*
12. تىرىشىپ ئۆگىنىڭ بىلىملىك بۇلىسىز.تەنقىتتىن قۇرقماڭ، غەيرەتلىك بۇلىسىز.ئويلاپ سۆزلەڭ،ئىناۋەتلىك بولىسىز.بىرسىنى تاللاڭ،خاتىرجەم بولىسىز.
*
13. دوستىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر خوشال ئۆتىسىز.جۆرىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر بەخىتلىك ئۆتىسىز.كەسپىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر مۇۋەپپەقىيەت ئىچىدە ئۆتىسىز.
*
14. نۇر چېچىش پەقەت قۇياشقىلا خاس ئەمەس،سىزمۇ نۇر چاچالايسىز.
*
15. ئەخمەقلەر تىنى ئارقىلىق روھىنى باشقۇرىدۇ،دانالار روھى ئارقىلىق تىنىنى باشقۇرىدۇ.
*
16. ئالتۇن ھامان پارقىرايدۇ.
*
17. خوشاللىق بىر خىل پۇزۇتسىيە،بىر كىشى خوشال يۈرۈشنى چىن دىلىدىن نىيەت قىلسىلا چۇقۇم خوشال يۈرەلەيدۇ.
*
18. خوشال ئۈتۈشنىڭ سىرى:ئۆزىڭىزنىڭ سەۋەنلىگى ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى جازالىماڭ.باشقىلارنىڭ سەۋەنلىگى ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى جازالىماڭ.ئۆزىڭىزنىڭ سەۋەنلىگى ئۈچۈن باشقىلارنى جازالىماڭ.
*
19. بىزنىڭ نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلىرىمىزنىڭ مەنبەسى:ئۆزىمىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشتىن يەنى سېلىشتۇرغاندا ئۆزىمىز ئىگە بولامىغان نەرسىگىلا ئېسىلىۋېلىپ،ئېرىشكەنلىرىمىزگە سەل قارىغانلىقىمىزدىن كىلىدۇ.
*
20. ئۇنچىۋالا قايغۇرۇپ كەتمەڭ،ھاياتىڭىزدا مەلۇم نەرسىلەرنى يوقىتىپ قويۇش-بەلكىم ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشتۇر.ئېزىپ قېلىش-بەلكىم يېڭى يول ئىزلەشتۇر.
*
21. ئاچچىقلىنىش-باشقىلارنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن ئۆزىنى جازالاشتۇر.
*
22. بەخىتكە ئېرىشىشنىڭ چارىسى-ئىلكىدە بارىنى قەدەرلەش،ئىلكىدە بولمىغانلارنى ئۇنتۇپ كىتىش.
*
23. سىز مۇھەببەت ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا ئېرىشەلەيسىز،شۇنداقلا ئۆچمەنلىك ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىن ئايرىىلىپ قالىسىز.
*
24. ئاچكۆزلۈك-ئەڭ ھەقىقى نامراتلىق.قانائەت بولسا ئەڭ ھەقىقى بايلىق.
*
25. ئەتىكى ئۈمىد بىزگە بۈگۈنكى ئازاپنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ.
*
26. خۇشاللىقتىن باشقىلار بىلەن تەڭ بەھرىلەنگەندىلا تېخىمۇ خۇشال بولغىلى بۇلىدۇ.
*
27. خۇشاللىق ئېرىشكەنلىرىڭىزنىڭ كۆپلىكىدىن ئەمەس،بەلكى ھىساپلاشقانلىرىڭىزنىڭ ئازلىقىدىندۇر.
*
28. ئادەمنىڭ ھەقىقى قىممىتى ئېزىقتۇرۇشقا ئۇچرىغان ئاشۇ قىسقىغىنە مىنۇتلاردا بەلگىلىنىدۇ.
*
29. بېشىڭغا ھەر بالا كەلسە ئۆزەڭنىڭ خۇي-پەيلىدىن كۆر.
*
30. مەيلى قايسى ۋاقىتتا باشلاڭ،ئەڭ مۇھىمى باشلىغاندىن كىيىن توختاتماي داۋاملاشتۇرۇڭ.
*
31. مەيلى قايسى ۋاقىتتا ئاخىرلاشتۇرۇڭ،ئەڭ مۇھىمى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن پۇشايمان قىلماڭ.
*
32. ئادەم ئەگەر قورقۇنچاق بولسا ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى بولىدۇ.ئادەم ئەگەر باتۇر بولسا ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى دوستى بولالايدۇ.
*
33. ئەڭ زور ئۈمىد ۋە بارلىق كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىڭ،ئەمما ئەڭ يامان ئاقىۋەتكىمۇ تەييارلىق قىلىپ قۇيۇڭ.
*
34. ھۇرۇنلىق،ئىرادىسىزلىك ۋە بىكارچىلىق ئەقىلىنى داتلاشتۇرىدۇ.
*
35. ھەربىر ئىشنى ئوخشىمىغان تەرەپلەردىن كۈزىتىش ۋە تەھلىل قىلىش شۇنداقلا ھەر ۋاقىت ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىدا قويۇپ ئويلىنىپ بېقىش كېرەك.
*
36. ئۈمۈدلۈك ئادەم ئازاپنى خۇشاللىققا،«دوۋزاق»نى «جەننەت»كە ئايلاندۇرالايدۇ.
*
37. بارلىق غەلبىلەر ئۆزىنى بويسۇندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ غەلبىنىڭ ئالدىدا ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ.بارلىق مەغلۇبىيەتلەر ئۆزىنى يوقىتىپ قۇيۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ مەغلۇبىيەتنىڭ ئالدىدا ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ.
*
38. خۇدا كىشلەرنىڭ ئەخمەقلىقىدىن ئەسلا ئاغرىنمايدۇ،ئەمما كىشىلەر دائىم خۇدانىڭ تەڭسىزلىگىدىن ئاغرىنىدۇ.
*
39. دۇنيادا ئادەمنى ئەڭ ھارغۇزىدىغىنى كۈنلەرنى بىكارچىقتا مەنىسىز ئۆتكۈزۈشتۇر.
*
40. ھاياتىڭىزدىكى بىرىنچى ياشلىقنى خۇدا ئاتا قىلىدۇ،ئىككىنچى ياشلىقنى ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرىسىز.
*
41. ئوي-پىكىر ئۈشكىگە ئوخشايدۇ،كۈچنى مەلۇم نوقتىغا مەركەزلەشتۇرگەندىلا ئاندىن تىشىپ ئۆتكىلى بولىدۇ.
*
42. ئادەم ئۆزىنىڭ نىشانىنى يوقىتىپ قويمىسىلا ئۆزىنى يوقىتىپ قويمايدۇ.
*
43. ئەگەر تاڭنى مەدھىيلىگەن بولسىڭىز،ئۇنداقتا قاراڭغۇ كېچىنىمۇ قۇچاقلاپ قويۇڭ.
*
44. ھاياتلىقى مۇھىمى تۇرغان ئۇرنىڭىز ئەمەس،يۈزلەنگەن نىشانىڭىز.
*
45. ئۇچالايدىغان ۋاقتىڭىزدا ئۇچۇشتىن ۋاز كەچمەڭ،سۆيەلەيدىغان ۋاقتىڭىزدا سۆيگىدىن ۋاز كەچمەڭ.
*
46. ھاياتلىق بەك قىسقا،بۈگۈن ۋاز كەچكەنلىرىڭىزگە ئەتە ئېرىشەلىشىڭىز ناتايىن.
*
47. تالانت بىر پىرسەنت ئىلھام بىلەن99پىرسەنت تىرىشچانلىقنىڭ يىغىندىسىدۇر.
*
48. بىز ئادەملەر بەك ئەخمەق،دائىم ئېرىشكەنلىرىمىزنى قەدىرلىمەي ئەكىسچە ئېرىشەلمىگەنلىرىمىز ئۈچۈن ھەسرەت چېكىپ يۈرىمىز.
*
49. ئاۋال ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز كۆزگە ئىلغاندىلا،باشقىلار ئاندىن سىزنى كۆزگە ئىلىدۇ.
*
50. ئۈمىدلىكلەر ئاپەت ئىچىدىكى پۇرسەتنى كۆرەلەيدۇ،ئۈمىدسىزلەر پۇرسەت ئىچىدىكى ئاپەتنى كۆرىدۇ.
*
51. باتۇرلۇق قورقۇنچنىڭ يوقلىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ،بەلكى قورقۇنچقا توغرا مۇئامىلە قىلالىغانلىق ۋە قورقۇنچنى يېڭەلىگەنلىكتىن دېرەك بىرىدۇ.
*
52. خاتالىقىنى تۇنۇغانلىق-خاتالىقنى يېرىم تۈزەتكەنلىك.
*
53. ياشلىق ئەگەر گۆرۆگە قويۇلىدىكەن،مەڭگۈ قايتۇرۇۋالالمايسىز.
*
54. بارلىق ئالداشلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىرى-ئۆزىنى ئالداش.
بارلىق خاتالىقلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىرى-توختىماستىن ئۆزىنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزىشىدىن ئەنسىرەش.
*
55. تەجىربە بولسا ئازاپلىق كەچۈرمۈشلەردىن كىلىدۇ.
*
56. بىر بالاسى بولمىسا تاشتا قۇيرۇق نە قىلۇر؟
بەدەلسىز ھۇسۇل نەدە بولسۇن؟
*
57. غايىنىڭ يولى ئىشەنچكە تولغانلارغا تەييارلاقلىق.
مەغلۇپ بۇلۇشتىن قۇرقۇپ قول سېلىپ ئىشلەپ كۆرمىسىڭىز مەڭگۈ غەلبە قازىنالمايسىز.
*
58. ئىشلەش ياكى ئىشلىمەسلىكنى تاللاش سىزنىڭ ئىختىيارىڭىزدا،ئەمما قول سېلىپ ئىشلەپ كۆرمىسىڭىز مەڭگۈ پۇرسەتكە ئىگە بولالمايسىز.
*
59. ئەگەر كەم-كۈتىسىز دوست ئىزدىسىڭىز مەڭگۈ دوست تاپالمايسىز.
*
60. ئۆزىڭىزنى ھېچنىمىدىن خەۋەرسىز چاغلاپ بىلمىگەنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى خىجىل بولماي سوراپ بىلىۋېلىڭ،شۇندىلا تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالالايسىز.
*
61. باشقىلارنى تۈزىتىشتىن ئىلگىرى ئۆزىڭىزدە خاتالىق بارمۇ-يوق؟تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ.
*
62. ئۆزىڭىز قىلىشقا مۇۋاپىق بولغان ئىشلارنى قىلىپ ئۆز رولىڭىزنى ياخشى ئېلىڭ،ئەڭ ياخشى ئۆزىڭىز بۇلۇڭ.
*
63. تۇرمۇشتىكى بىئاراملىق ۋە ئۈمىدسىزلىكنى يېڭىش ئۈچۈن،ئاۋال ئۆزىڭىزنىڭ خۇجايىنى بۇلۇشنى ئۈگىنىۋېلىڭ.
*
64. يەككە يىگانىلىق ۋە ئەلنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قېلىش ئەڭ قورقۇنچلۇق نامراتلىقتۇر.
*
65. بارلىق ئۇلۇغ ھەركەت ۋە ئىدىيەلەرنىڭ بىرەر ئەرزىمەس باشلىنىشى بولىدۇ.
*
66. ھەر قانداق نەرسىنى ئۆگەنگەندە،جاپالىق بولسىمۇ تەرتىپ بويىچە باشتىن ئالدىرىماي،ئاساسنى پۇختا سېلىپ ئۆگىنىڭ،ئالدىراقسانلىق قىلىپ ئاسانلا ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماڭ.
*
67. ئىلگىرى ئېرىشكەنلىرىڭىزنى ئۇنۇتماڭ.
ھازىر ئىلكىڭىزدە بولغانلىرىنى قەدىرلەڭ.
ئۆزىڭىزگە تەۋە بولغانلىرىدىن ۋاز كەچمەڭ.
ئېرىشمەكچى بولغانلىرىڭىز ئۈچۈن بار كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىڭ.
قولدىن بىرىپ قويغانلىرىڭىزنى ئەسلىمە ئورنىدا كۆرۈڭ.
*
68. پۇرسەت تەييارلىقى بارلارغا مەنسۇپ.
*
69. ھىسيات ئەقىلنى ئەمەس،ئەقىل ھىسياتنى باشقۇرۇشى كېرەك.
*
70. مۇۋەپپەقىيەتنىڭ سىرى:سىز ئەڭ قىزىقىدىغان،سىز قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان ئىش-سىزنىڭ خىزمىتىڭىز بولىشى كېرەك.شۇندىلا سىز خىزمەتتىن ھەر ۋاقىت خۇشاللىق تېپىپ،خىزمەت ۋاقتىدا ئۆزىڭىزنى بەختىيار ھىس قىلىسىز-دە،خىزمەت ئۆنىمىڭىز تېخىمۇ يوقىرى بولىدۇ.
*
71. بىز خۇدا ئەمەس،پۈتكۈل دۇنيانى ئۆزگەرتەلمەيمىز.ئەمما ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۈد بولغانلىقىدىن بۇدۇنيانى تېخىمۇ رەڭدارلىققا ئىگە قىلالايمىز.
*
72. بەرىبىر قىلغاندىن كىيىن چوقۇم ياخشى قىلىش كېرەك.
*
73. ئوقۇش،خىزمەت،نىكاھ،ئائىلە ھاياتنىڭ تۆت چوڭ مەزمۇنى،ھەممىسىگە تەڭ ئىتتىبار بىرىش كېرەك.قايسى بىرسىگىلا كۈچەپ،قالغانلىرىنى تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ.
*
74. ئەگەر بىز ھاياتىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نوقتىسىدا تۇرۇپ،كەينىمىزگە قارايدىغان بولساق،بىزنىڭ ئورۇق-تۇغقان،دوست-بۇرادەرلەر بىلەن بىرگە بولغان ۋاقتىمىزنىڭ ئىنتايىن چەكلىك ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.بۇنى بىلىپ تۇرۇپ بىز يەنە ئۆز-ئارا ئازارلىشامدۇق؟
*
75. مەسلىك-نەسلىك ،ئاقىۋىتى- پەسلىك!
*
76. دۇنيادا گۈزەللىك كەم ئەمەس،كەم بولغىنى گۈزەللىكنى بايقايدىغان بىر جۈپ نۇرلۇق كۆز.
*
77. باشقىلار مىنى ھۆرمەتلىسۇن دىسىڭىز،ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە لايىق ئادەم بولۇڭ.
*
78. بىر بالا ئەگەر تەنقىت ئىچىدە ياشىسا،ئۇنداقتا ئۇ ئەيىپلەشنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
*
79. بىر بالا ئەگەر دۈشمەنلىك ئىچىدە ياشىسا،ئۇنداقتا ئۇ كۆرەش قىلىشنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
*
80. بىر بالا ئەگەر ۋەھىمە ئىچىدە ياشىسا،ئۇنداقتا ئۇ غەم-قايغۇنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
*
81. بىر بالا ئەگەر ئىچ ئاغرىتىش ئىچىدە ياشىسا،ئۇنداقتا ئۇ ئۆزىنى ئەيىپلەشنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
*
82. بىر بالا ئەگەر مەسخىرە ئىچىدە ياشىسا،ئۇنداقتا ئۇ يۈرەكسىزلىكنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
*
83. بىر بالا ئەگەر ھەسەتخورلۇق ئىچىدە ياشىسا،ئۇنداقتا ئۇ قىزغانچۇقلۇقنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
*
84. بىر بالا ئەگەر ھاقارەت ئىچىدە ياشىسا،ئۇنداقتا ئۇ جىنايەت تۇيغۇسىنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
*
85. بىر بالا ئەگەر رىغبەتلەندۇرۇش ئىچىدە ياشىسا،ئۇنداقتا ئۇ ئىشەنچنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
*
86. بىر بالا ئەگەر سەۋرى-تاقەت ئىچىدە ياشىسا،ئۇنداقتا ئۇ سەۋرىچانلىقنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
*
87. بىر بالا ئەگەر تەقدىرلەش ئىچىدە ياشىسا،ئۇنداقتا ئۇ مىننەتدارلىقنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
*
88. بىر بالا ئەگەر رازىمەنلىك ئىچىدە ياشىسا،ئۇنداقتا ئۇ ئۆز-ئۈزىنى قەدىرلەشنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
*
89. بىر بالا ئەگەر تەڭ بەھرىمەن بولۇش ئىچىدە ياشىسا،ئۇنداقتا ئۇ مەردانىلىقنى ئۆگىنىۋالىدۇ........
*
سىزنىڭ بالىڭىز قانداق شارئىتتا ياشاۋاتىدۇ؟


(78-دىن 89-جۈملىگىچە «ئۆگىنىش ئىنقلابى» دىگەن كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىن ئېلىندى.)

90. قارغۇنى كۆزدىن ئايرىغان خۇدا ھاسىدىن ئايرىماپتۇ.خۇدا ئىشىكنى تاقاپ قويغان بىلەن تۈكلۈكنى ئېچىپ قويىدۇ،ۋاقتى كەلگەندە ھامان ئامال تېپىلىدۇ.
*
91. تىرىشچانلىق كۆرسەتتىڭىز،ئەمما چوقۇم غەلبە قازىنالىشىڭىز ناتايىن،بىراق ئەگەر ۋاز كەچسىڭىز چوقۇم مەغلۇپ بولىسىز.
*
92. نىكاھ بىر جۈپ ئۈتۈك. پۇتنى قىستىغان ياكى قىستىمىغانلىقىنى پەقەت كىيگەن ئادەمنىڭ پۇتى بىلىدۇ.
*
93. نىكاھ-ئائىلە تۇرمۇشىدا،ھەر ۋاقىت قارشى تەرەپنى ئۆزگەرتىشكە ئورۇنغاندىن كەڭ قۇرساقلىق بىلەن ئۆزىنى ئۆزگەرتىپ قارشى تەرەپكە ماسلىشىش ئەڭ ئاقىلانىلىقتۇر.
*
94. ھەممە ئىشنى ياخشى تەرەپكە تارتىپ ئۇيلاڭ، ئىش بەلكىم سىز ئۇيلىغاندەك ئۇنداق ئۇسال بولماسلىقى مۇمكىن .
*
95. سىزنىڭ توغرا بولغاندىن كىيىن ئاچچىقلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق،سىزنىڭ خاتا بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئاچچىقلىنىشقا تېخىمۇ ھەققىڭىز يوق. ئۇنداقتا يەنە نىمىشقا ئاچچىقىڭىزنى بېسىۋالالمايسىز؟
*
96. باشقىلارغا كەڭ قۇرساقلىق قىلغانلىق ئەمىليەتتە ئۆزىن ئاسرىغانلىق.
*
97. تاللاش خۇشاللىق ئىش،چۈنكى تاللاش ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىزگە ئەڭ ماس كېلىدىغىنىغا ئېرىشەلەيسىز،شۇنداقلا تاللاش يەنە ئازاپلىق ئىش،چۇنكى تاللاش جەريانىدا ئۆزىڭىز تاللىغانلىرىدىن باشقىلىرىدىن ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدۇ.
*
98. ئامال بار ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەننى تاللاڭ،شۇنداقلا تاللاپ بولغان ئىكەنسىز،چۇقۇم ئۆزىڭىز تاللىغىنىڭىزنى ياخشى كۆرۈڭ.
*
99. بىز ئۆزىمىز تۇرغان مۇھىتنى ئۆزگەرتەلمەسلىكىمىز مۇمكىن،ئەمما بىز ئۆزىمىزنىڭ ئاشۇ ناچار مۇھىتقا بولغان قارىشىمىزنى ئۆزگەرتەلەيمىز.
*
100. ئەڭ ئاز پۇشايمان بىلەن ئۆتمۈشىڭىزگە يۈزلىنىڭ.
ئەڭ ئاز ئىسراپخورلۇق بىلەن بۈگۈنىڭىزگە يۈزلىنىڭ.
ئەڭ كۆپ ئارزۇ-ئۈمىدلەر بىلەن كەلگۈسىڭىزگە يۈزلىنىڭ.


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
744 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2191

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى 22:49:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
100. ئەڭ ئاز پۇشايمان بىلەن ئۆتمۈشىڭىزگە يۈزلىنىڭ.
ئەڭ ئاز ئىسراپخورلۇق بىلەن بۈگۈنىڭىزگە يۈزلىنىڭ.
ئەڭ كۆپ ئارزۇ-ئۈمىدلەر بىلەن كەلگۈسىڭىزگە يۈزلىنىڭ.


ھەممىسىغۇ شۇنداق ئېسىل سۆزلەر ئىكەن، ئەمما ماۋۇ ماڭا بەك، بەك ، بەك ياقتى

Rank: 3Rank: 3

توردا
100 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
318
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى 00:22:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى بۇ يازمىنى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى 22:49 دە يوللىغان
100. ئەڭ ئاز پۇشايمان بىلەن ئۆتمۈشىڭىزگە يۈزلىنىڭ.
ئەڭ ئاز ئىسراپخورلۇق بىلەن بۈگۈنىڭىزگە يۈزلىنىڭ.
ئەڭ كۆپ ئ ...


بالىلار  توغرۇلۇق  ئېيتىلغانلىرىمۇ  يارىدى  ماڭا~ھەممىسىلا  يارىدى بولمىسا

ئەسلى بىر  بىرىدىن ئېسىك  جۈملىلەر ~~~

كۆپ  ئەجىر  قىپسىز ~رەخمەت جانىم

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
835

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى 10:09:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كونا بىر تونۇشۇم ماڭا ئەۋەتىپ بەرگەن بۇ جۈملىلەرنىمۇ مەن بىر قانچە يىلدىن بېرى ساقلاپ كېلىۋاتىمەن.

1) باشقىلارنىڭ ئۈمۈدىنى يىنىكلىك بىلەن يوققا چىقارماڭ ، بەلكىم ئۇ قارشى تەرەپنىڭ  بىردىن- بىر ئۈمۈدى بۇلۇشى مۇمكىن .
  2) ئاچچىقلانغاندا ھەرقانداق قارار چىقارماڭ .
  3) ياللىغان ئىشچىللىرىڭىزغا ئىشنى تۈگەتمەي تۇرۇپ ھەرگىز ئىش
ھەققى بەرمەڭ .
  4) ھېشنىمىسى يوق كىشىلەردىن ئىھتىيات قىلىڭ .
  5) ئەدەپلىك ۋە ئەپچىللىك بىلەن ياق دىيىشنى ئۈگۈنىۋېلىڭ .
  6) تۇرمۇشنىڭ تامامەن ئادىل بۇلۇشىنى ئۈمۈد قىلماڭ .
  7) ئەگەر بىر قېتىملىك جەڭنىڭ مەغلۇبىيىتى پۈتكۈل ئۇرۇشنىڭ
غەلبىسىنى ئېلىپ كەلسە ئككىلەنمەستىن كەسكىنلىك بىلەن ۋاز كىچىڭ .
  8) <<بىلمەيمەن >> دىيىشتىن قورقماڭ .
  9) كۈندە ئۈچ كىشىنى ماختاڭ .
  10) ھېچ بولمىغاندا يىلدا بىر قېتىم تاڭنىڭ سۈزۈلىشىدىن ھۇزۇرلۇنۇڭ .
  11) باشقىلارنىڭ كۈزىگە كۆپرەك قاراڭ .
  12) ھەمىشە<< رەھمەت>> دەڭ .
  13) باشقىلارنىڭ ئۈزىڭىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمۈد
قىلغان بولسىڭىز ، باشقىلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭ .
  14) يڭى دوست تۇتۇڭ كونا دوستلۇقنى چىڭىتىڭ .
  15) مەخپىيەتلىكنى ساقلاڭ .
  16) خاتالىقىڭىزنى ۋاختىدا ئىتراپ قىلىڭ .
  17) كۈڭۈل قۇيۇپ ئاڭلاشنى ئۈگۈنۈڭ ، بەزى ۋاقىتتا پۇرسەت سىز
كۈڭۈل قۇيۇپ ئاڭلاۋاتقاندا ئىشىكىڭىزنى يىنىك چىكىشى مۇمكىن .
  18) يامان گەپلەرگە قۇلاق سالماڭ .
  19) دۇنيانى ئۆزگەرتەلەيدىغان قالتىس چارە ھەمىشە مۇستەقىل ئىشلىگۈچىلەردىن كىلىدۇ.
  20) ئەگەر سىز قايسى تەرەپتە تۇرۇشنى قارار قىلسىڭىز ئۇنداقتا ئىرادە ۋە ئىشەنچىڭىز بۇلۇشى كىرەك .
  21) ئەگەر سىزدە بىر ئانار بولسا ئامال قىلىپ ئۇنۇڭدىن شىرنە چىقىرىڭ .
  22) يۇيۇنغاندا ناخشا ئېيتىڭ .
  23) كىشىلەرگە غىرىق مەس بولغان قىياپىتىڭىزنى مەڭگۈ كۆرسەتمەڭ .
  24) قايتۇرسىمۇ قايتۇرمىسىمۇ بۇلۇدىغان كىتاپنىلا ئارىيەتكە بىرىڭ .
  25) جۆرە ئىزدىگەندە ناھايىتى ئىھتىياتجان بۇلۇڭ ، ئۇ سىزنىڭ %90 لىك بەختىڭىزنى بەلگۈلەيدۇ .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
567

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى 15:31:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىلارنىڭ ئۈزىڭىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمۈدقىلغان بولسىڭىز ، باشقىلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭ .

مانا ماۋۇ گەپ بەكمۇ توغرا ئېيتىلغان ، ھۆرمەت قىلساڭ ئىززەت تاپىسەن دىگەن شۇ .

Rank: 1

توردا
15 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
6
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى 18:18:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ  بىرنى  قوشۇپ   قوياي،  101 بوپ كەتسۇن .     بۇ دۇنيادا  ئوزىڭىزنىڭ  بىردىن_ بىر  ئىكەنلىگىڭىزنى  ئۇنۇتماڭ.

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى 18:51:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ATILLA بۇ يازمىنى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى 18:18 دە يوللىغان
مەنمۇ  بىرنى  قوشۇپ   قوياي،  101 بوپ كەتسۇن .     بۇ دۇنيادا  ئوزىڭىزنىڭ  بىردىن_ بىر  ئىكەنلىگىڭىزنى  ئۇنۇتماڭ.

ئاتىللا بىر كۈن ئولتۇرۇپ ئادەمنىڭ يۈرىكىگە تەگكىدەك سۆزدىن بىرنى قىپتۇ، يادلىۋالدىم

Rank: 3Rank: 3

توردا
56 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
1
يازما
224
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى 21:42:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاچچىقلىنىش-باشقىلارنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن ئۆزىنى جازالاشتۇر.
يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس ، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر دەپ ، بارغانچە ئاچچىققا ھاي بېرىپ ، ئۆزەمنى تۇتۇۋېلىشنى بىلىدىغان بولۇپ كەتتىم ، باتۇر بولۇپ كەتكەن ئوخشايمەن ...

Rank: 1

توردا
38 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
79
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى 16:12:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىسى ياخشى سۆزلەركەن بىراق بىز ئۇنىڭدىن ئۆزىمىزگە قىلالايدىغىنىدىن كەم دىگەندە بىرنى ئۈلگە قىلساق تېخىمۇ قىممىتى ئاشاتتى. خۇشچىراي ھەدەممۇ بىكارغا ئىشلىمىگەن بولاتتى.
يەنىلا ئاتىللا دېگەندەك ئۆزىمىز بىردىن بىر، ھەممىمىزدە ئندىۋىداللىق بار شۇڭا ئۆزىمىزگە ئىشىنىشىمىز ئالدىنقى شەرىت بولسا تېخىمۇ خۇشال بولالايمىز. بەخىتلىك بولۇش ئۈچۈن بەخىتتىن يىراق كەتمەسلىكىمىز كېرەك. ئۆردەكنى تۇتماقچى بولساق غازنىڭ ېيىدە بولاتتۇققۇ؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 08:25 , Processed in 0.064044 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش