يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1885 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1974|ئىنكاس: 8

ئوت يۈرەك شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
236 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
639

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى 19:41:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



        تالانلىقشائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئابدۇراخمان ئوغلى 1901 - يىلى 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنىتۇرپان شەھرىدە سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۆز دەۋرىگە نېسبەتەنمەرىپەتلىك ئائىلە ئىدى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 5 يېشىدىلا ساۋادىنى چىقارغان بولۇپ، 12 ياشلارغا كەلگەندە دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ، ئەرەپ، پارىس تىللىرىنى ئۆگەنگەن ۋە كىلاسسىكشائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنىئى ئوقۇشقا باشلىغان.

    1916 - يىلى چوڭ دادىسى مىجىت ھاجى سودا بىلەن روسىيىگە بارغاندا، ئۇمۇ بىللەبېرىپ، روسىيىنىڭ شەمەي(ھازىرقى سمپىلاتنىسكى) شەھىرىدە رۇس تىل - يېزىقىنى ئۈگىنىدۇ. تۇرپانغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يەنە تۇرپان يېڭىشەھەردىكى شۆتاڭغا كىرىپ خەنزۇ تىليېزىقىنى ئۆگۈنىدۇ ۋە ئەلا نەتىجە بىلەن مەكتەپنى تاماملايدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ خەنزۇكىلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشۇپلا قالماي، ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى توغرىسىدىمۇمۇئەييەن ساۋاتقا ئىگە بولىدۇ. ئەينى دەۋىردە ئۇ دوست بۇرادەرلىرىگە خەنزۇ كىلاسسىكئەدەبىياتىنىڭ " سۇ بويىدا"، "قىزىل راۋاقتىكى چۈش" رومانلىرىنىڭمەزمۇنىنى سۆزلەپ بەرگەن ۋە سۇنجوڭشەن ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ، دېمۇگىراتىيىگە نىسبەتەنتونۇشىنى ئۆستۈرگەن. ئەنە شۇ مەزگىللەردىلا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىدىيىسىدە فىئوۋدالكونىلىققا، خۇراپاتلىققا ۋە نادانلىققا قارشى تۇرۇپ، ئىلىم - پەننى ئوموملاشتۇرۇشئارقىلىق جەمىيەتنى ئۆزگەرتىش غايىسى تۇغۇلغان.1923 - يىلى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر مەخسۇتمۇھىتى قاتارلىقلار بىلەن بىرگە 2 - قېتىم سوۋىت ئىتتىپاقىغا بېرىپ، يەنە 3 يىل ئىلىمتەھسىل قىلىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ پوشكىن، لېرمۇنتوۋ، تولوستوي ۋە گوركى ئەسەرلىرىنىئوقۇپ رۇس ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشىدۇ. شۇنداقلا ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسىنىئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ. 1926 - يىلى ۋەتەنگە قايتىپكېلىپلا يېڭىچە ئىلىم - پەننى تەرغىپ قىلىپ، خەلقنىئويغىتىش ئۈچۈن گېزىت جۇرنالنەشر قىلىشقا ھەرىكەتلىنىپ، تۇرپاندا باسما زاۋۇتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. لېكىنئەكسىيەتچى، مىللىتارىس ياڭ زىشىڭ ھۆكۈمېتى بۇنىڭغا يول قويمايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىنئابدۇخالىق ئۇيغۇر تۇرپان ئاستانىدىكى مەخسۈت مۇھىتى، پىچاندىكى ئىسكەندەر خۇجاقاتارلىق كىشىلەر بىلەن 1927 - يىلى" ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى" نامىدا بىرمەرىپەت جەمىيىتى قۇرۇپ، ئىئانە توپلاپ تۇرپان يېڭىشەھەردىكى نىياز سەيپۇڭ دېگەن كىشىنىڭ قوروسىدا بىر يېڭى مەكتەپ، كېيىنكى يېلى يېڭىشەھەر ئاق سارايدا "ھۆرىيەت مەكتىپى"، كونا شەھەر جەنۇبىي قۇۋۇقتا يەنە بىر مەكتەپ ئاچىدۇ.
   بۇ دەۋىردە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىجادىيىتىدە زور ئىلگىرىلەشلەر بولىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى چوڭقۇر سىياسىي مەزمۇن، ئۆتكۈر ئىسيانكارلىق سادالىرى ھەتتا ئەينى دەۋىردىكى مۇستەبىت ھاكىميەتنى ئەندىشىگە سالىدۇ. ھۆكۈمەت ئۇنى شېئىر يېزىشتىن، خەلقنى ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇشتىن چەكلەيدۇ.
   ئۆز غايىسى يولىدا تېز پۈكمەس روھقا ئىگە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1932 - يىلى 11 - ئايدا"ئويغان"، "ئاچىل" دېگەن شېئىرلىرىنى ئاق رەختكەچوڭ خەتلىك قىلىپ يېزىپ، كوچىلارغا چاپلاپ، ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتنىڭ ھەيۋىسىگە تاقابىلتۇرىدۇ.1932 - يىلى 12 - ئاينىڭ بېشىدا تۇرپان ۋە قۇمۇلدا دېھقانلار زۇلۇمغا قارىشىقوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا بارغان شىڭ شىسەي 1933 - يىلىنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىگە قايتىشىدا تۇرپانغا كەلگەندە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرۋە ئۇنىڭ بىرقانچە سەبدىشىنى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ مەنىۋى تەرغىباتچىسى دەپ قاراپتۇتقۇن قىلىپ تۇرمىگە تاشلايدۇ. جاللات شىڭشىسەي 1933 - يىلى 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنىئۇنى سەبداشلىرى بىلەن قوشۇپ تۇرپان شەھىرىنىڭ يېڭى شەھەر قازىخانا مەسچىتىنىڭئالدىدا قەتلى قىلىدۇ. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بوينىغا قىلىچ تەڭلەنگەندىمۇ دۈشمەنگەباش ئەگمەي، باتۇرلارچە كۆكرەك كېرىپ، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە يالقۇنلۇق نۇتۇق سۆزلەيدۇ. بوينىغا قىلىچ ئۇرۇلغاندا "ياشىسۇن ئەركىنلىك!"، "ياشىسۇن ئازادلىق!" دەپ ياڭراق شۇئار توۋلاپ قەھرىمانلارچە قۇربان بولىدۇ.
   شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىدىن مەھمۇت زەيدى، مەھمۇتئەكبەر، ئىمائىل تۆمۈرىلەر نەشرگە تەييارلىغان " ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى"ناملىق كىتابتىن.



                                 ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرىدىن پارچىلار


ئۇيغۇر قىزى



ئەي قەمەر،قارىشىڭدا مەن ھەيرەتتە قالدىم ئۇشبۇ تۇن ،
ماھى رۇخسارىڭ سىنىڭ ئون تۆت ئىكەن تولغان بۇ كۈن .


ئول قۇياش تارلىق قىلىپ ،چاچقانى راسىت ئوخشايدۇ ياغ،
شۇل سەۋەبتىنمۇ يۈزۈڭدە بار ئەجەپ يىتمەس بۇ داغ،


ئۇشبۇ داغدىن گۈل يۈزۈڭگە يەتمىدى ھېچبىر زەرەر.
بۇ ئەسەر بىر مەڭ بۇلۇپ،ھۆسنۈڭنى ئارتتۇردى مەگەر.


بىر قاراشتا گۈل يۈزۈڭگە ئاشىق بولدۇم بىمارار،
ئوخشىغان نەركەس كۆزۈڭ خۇددىي ئېلېكتىر يالتىراق ،


لەۋلىرىڭنىڭ قېنى ئانار رەڭگىدىنمۇ ياخشىراق .
چىشلىرىڭ چىن ئۈنچىدىن،تىللىرىڭ مەھبوبراق .


قاشلىرىڭدۇر يىڭى چىققان ئەينى شەۋۋالىنىڭ ئېيى ،
سىنىڭ ئالدىڭدا باراۋەردۇر گادا،شاخۇ بېيى .


سېھىرگەر گۈل ،كۆزگە ساقچى ،كىربىكىڭ بىر نەيزىدۇر،
ھەر قاراشىڭدا نەيزەڭ .يۈرەكنى ئىزىدۇر.


ساچلىرىڭ رەقىبلىرىڭ كۆڭلى كەبى بىر سىر قارا،
ئەۋرىشىمدەك يەلپۈنۈپ سالدى كۆڭۈلگە جىق يارا.


قوللىرىڭنىڭ ئاقلىقى ،سۈزۈكلۈكتىن نۇر چىقۇر ،
بۇ قۇپال قۇلۇم بىلەن تۇتسام قۇلۇڭغا ھۆر چىقۇر.


تەنلىرىڭ ئالماسقا ئوخشاش ئاق سۈزۈك بىر شەئىلدۇر،
خېنە ياققان تىرنىقىڭ مىسلى بەدەخشان لەئىلدۇر.


بويلىرىڭ زىلۋالىقى سەرۋىگە ئوخشار ئەي قەمەر،
كۆرمىدىم ھېچبىر چىرايلىق ساڭا ئوخشاش بىر نەپەر .


نەۋرىنىپ كەتسەڭ ئەجەپ يەلپۈنەر بۇ ساچلىرىڭ ،
ئىلتىپاتىڭىدىن ئۈمىد ئەيلەپ ئاقۇر قان_ ياشلىرىم .


قاتتى .قالدى قارىغان يەردە سېنىڭ بۇ شائىرىڭ ،
تىلىسەڭ قىلغىن مۇسۇلمان ،تىلىسەڭ مەن كاپىرىڭ .




سېغىنىش




ئەي پەرى سەن كەتكىلى بولدى قاراڭغۇ بۇ جاھان،
مېنى يالغۇز مۇندا تاشلاپ، ئاھ ئەجەپ قىلدىڭ يامان.
كەتمىدى كەتكەندىكى كۆز بىقىشىڭ، قاش قېقىشىڭ،
ئىختىيارسىز مەن ئۇزاتتىم، نائىلاج بولدۇڭ راۋان.


مەن ئۇزاتقان يەردە تۇردۇم، سەن كۆزۈمدىن يىتكۈچە،
سەن يوقالغاچ ئايلىنىپ باش، يەر بولدى گويا ئاسمان.
يىغلىغانغا يانمىدىڭ، ئەسلا يېشىمغا باقمىدىڭ،
خەت-خەۋەرمۇ بەرمىدىڭ, ئەي پەرى بولدۇڭ قايان؟


يول يىراق، يوق ۋاستە دەپ بىكار باھانە ئەيلىمە،
ئوڭىمىزدا بولمىسا، كەلگىن چۈشۈمدە قىل بايان.
«كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس» ئابدۇخالىق كۈت ئۈمىد،
سېغىنغانىڭ كېلىدۇ، سۈزۈلۇر شۇندا جاھان.


  




باردۇر




جاھالەت سەمەرسىدىن بىزگە بىر كۈن كۆپ جاپا باردۇر،
ئېيتىڭىزچۇ،بۈگۈنكى ھالىمىزنىڭ قايسى بىرىدە ساپا باردۇر.


زاماننىڭ ھالىدىن ۋاقىپ بۇلۇپ تۇرماقنىڭ ئورنىغا،
بىرىنى شاڭيۇ سايلاپ ئارقىدىن دەۋايىمىز باردۇر.


ئىلىمنىڭ ئىجتىھاتىغا كۆڭۈلنى قويمىدۇق بىزلەر،
ئوقۇرمىز-ئوقۇتۇرمىز دەپ سېغىز چايناشىمىز باردۇر.


تەناسۇر ئورنىغا بىزلەردە بىر ئادەت،
يىڭى باشنى كۆتۈرگەننى ئۇرۇپ يىغقانىمىز باردۇر.


يەنە يۇرت پايدىسىغا جەمئىي بولماقلىق بەسى مۈشكۈل،
ئەگەر بىر يەردە توي بولسا،بېرىپ ياتقانىمىز باردۇر.


ئومۇمنىڭ پايدىسىغا يۈز يىلدا ھەم ئەسلا چۈشەنمەيمىز،
زىيان قىلماق ئۈچۈن بولسا ئەجەپ چاققانىمىز باردۇر.


بىرسى بىر ياخشىلىق قىلسا،ئۇنىڭ يادىنى قىلماق يوق،
ئېپى كەلسە بېرىپ ئەۋرەتلىرىن ئاچقانىمىز باردۇر.


ئەگەر مىللەت ئۈچۈن بىر پۇل چىقىش كەلسە تاپالماسمىز،
چىقىمى يوق ناۋا پۇلغا تولا ئىخلاسىمىز باردۇر.


ئىخۋان ھەم بۇرادەرلىك نىشانى قالمىدى بىزدە،
مەگەر دوست بولساقمۇ ئەسلى، بۆلەك مۇددىئايىمىز باردۇر.


خاتائەن دوستىمىزدا بىر ئەيىب زاھىر بۇلۇپ قالسا،
يۇشۇرماي بىرگە ئوننى تېپىپ قاتقانىمىز باردۇر.


بابالار شۆھرىتىنى،غەيرىتىنى ھېچ سېغىنماسمىز،
قىلىپ غەپلەت جاھالەتتە يۇمۇپ كۆز،پو ئاتقانىمىز باردۇر.


كېرەكسىز مۇستەھەپ ئىشلار ئۈچۈن جاننى پىدا قىلماق،
ۋە لېكىن ھەجگە باج ئالسا،توزۇپ قاچقانىمىز باردۇر.


ئۇيۇن-چاخچاق تۈپەيلىدىن ئۆز-ئارا بىئەت بولساق،
ياراشتۇرۇپ قويۇش نەدە،ئارىغا ئوت ياققانىمىز باردۇر.


خۇشامەت بابىدا بىزدىن بۆلەك ئۇستىسى ھەم يوقتۇر،
قۇۋلۇقۇ شۇملۇق بىلەن رەڭمۇ-رەڭ يالغانىمىز باردۇر.


ئىت ئۇرغاننى تۇنۇر دەپ بار ئىدى بىر تەمسىلى،
لويى، ئامبال ۋە دارىن دەپ سېمىز باققانىمىز باردۇر.


ئىلىم-پەنگە يۈرۈش قىلغان ئۇچار كۆكتە-ئۈزەر سۇدا،
مېنىشكە قوتۇر ئېشەك يوق، پىيادە قالغانىمىز باردۇر.


گۈركىرەپ كەلسە ئاپتۇموبىل،نېمە ئەي،خۇدايىم دەپ،
ئەقلىنى ئىشلىتەلمەي ھاڭ-تاڭ قېتىپ قالغانىمىز باردۇر.


ھۈنەر بىلەن سانائەتتە «يېتىشتۇق»،ئەمدى ئىش پۈتتى،
ئۇماچ ئىچمەككە خۇمداندا غېدىر قويغانىمىز باردۇر.


مىسلى جەننەت تاغۇ-دەريانى بېزەشكە يوق كىشى،
ياستۇقنى قىرلاپ قويۇپ بىغەم ياتقانىمىز باردۇر.


مۇنەججىم ھەم ئىنژىنىر، ئالىملارنىڭ ئورنىغا،
تونۇ سەللە،نەپسى بالا موللىمىز-سۇلتانىمىز باردۇر.


قىزىل كۆزلۈك، كۆرەلمەسلىك ۋە يا ئۆزى قىلالماسلىق،
قىلاي دەپ بەل باغلىغانلارغا تۈرلۈك-تۈمەن بۆھتانىمىز باردۇر.


ئەل-يۇرتىنىڭ دەردىگە قىلچىمۇ دەرمان بولمىدۇق بىزلەر،
كېلۇر بىر كۈن ئاشۇ چاغدا ئورنىغا كەلمەس پۇشمانىمىز باردۇر.


ئابدۇخالىق بەس، يېتەر ئاۋارە بولما، قاخشىما،
شۇ چاغ كەلگەندە بىزلەردە ئازابقا تەييار ۋىجدانىمىز باردۇر.


Rank: 8Rank: 8

توردا
158 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
467

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى 10:50:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

نەقىلاي  

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر

دوستلىرىم،يورۇمىغان زۇلمەت زاماننى نە قىلاي،   
باسقىلى بولماس تىكەنلىك بۇ زاماننى نە قىلاي.  

چەرخى گەردۇن تەسكىرى بىلمەك كېرەكيارانلىرىم،  
تەسكىرى چەرخلىق بولۇپ قالغان زاماننى نەقىلاي.

ئەي پەلەك،ساڭا قاراپ چەرخ ھەم تەتۈر بولدىراۋان،  
يول تۇنۇپ يۇرەلمىگەن قارىغۇ زاماننى نەقىلاي.  

نەگە بارساڭ بارچىنىڭ ئاغزىدا دەردى بار ۋەتەن،   
ھاردۇقى،تىبىبى يوق،دەرتلىك زاماننى نە قىلاي.  

سۆزلىگەندە ئۇشبۇ كۈندە بارچە خەلق ئاغزىدابار،  
سۆزلىسەم قەلبلىرى پارچە ياراننى نە قىلاي.  

بۇلبۇل بىلەن قاغىنى بىل پەرق قىلماسھېچكىشى،  
بۇلبۇلى بىچارىگە زىندان جاھاننى نە قىلاي.


خانىم - قىزلارنىڭ مۇلايىملىقى بارلىق گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى .

Rank: 8Rank: 8

توردا
158 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
467

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى 10:52:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

غەزەپ ۋە زار


ئابدۇخالىق ئۇيغۇر



ئەي پەلەك،بۇ دەھشىتىڭدىن ئىنتىھا بىزارىمەن،

ئىستىدىم كۆپ،تاپمىدىم بۇ دەردىمە ھېچ دارىمەن.


ئاتا-بوۋامدىن مىراس كونا كېسەلنىڭ دەردىدە،

گاھ ئۆلۈپ،گاھ تىرىلىپ،كۆپتىن بېرى ئاۋارىمەن.


بىر پۇراپ كۈلسەم نە ئارمان،بېغىم باھارى گۈلىنى،

ھەر سەھەر گۈل ئىشقىدا بۇلبۇلغا ئوخشاش زارىمەن.


دوستلىرىم ئوۋغا چىقاردا كەلتۈرۈر مىسالىغا،

قارچىغا قۇشلار ئۇلار،مەن مىسالى سارىمەن.


يۈزمۇ-يۈز قىلماس تەئەررۇز كۆپ كۆڭۈلچاندۇر ئۇلار،

كۆرسەم چاينار نىجىس گوياكى دىل ئازارىمەن.


لا ئەقىل دەپ ئويلىدى،چىندىن نەزەر سالماي تۇرۇپ،

يېڭىلىپ كەتتى ئۇلار،كۆپتىن بېرى ھۇشيارىمەن.


قولدىن ئىش كەلمەيدۇ دەپ،دائىم غىدىقلايدۇ مېنى،

مەن ئۇلارنىڭ شۇ سۆزىگە بەكمۇ-بەك خۇنبارىمەن.


پەنگە ماڭساق كۆز ئېچىپ كاپىر،جەدىت دەپ قارغىشۇر،

بۇ ھاماقەت دەۋرىدە ئاتەش بۇلۇپ يانارىمەن.


چۆل-جەزىرە،دەشتۇ-سەھرا ئىچرە قالدىم نائىلاج،

ئاھ قاچان بىر يول تېپىپ قوشۇلاي قاتارىمەن.


سۇغا تەشنادۇر بۇ چۆل،بىپايان مۇنبەت زېمىن،

مىسلى دەريا تاپماي ئېقىش،قاينام بۇلۇپ قاينارىمەن.


ئويغىنىپ كەتتى جاھان،مەغرىبى-مەشرىق تامام،

مەن تېخى سۈت ئۇيقۇدا،چۈش كۆرۈپ ياتارىمەن.


باشقىلار كۆكتە ئۇچۇپ،سۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق،

مەن مىسالى يالاڭ ئاياق دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن.


ئىلىم-پەندىن يوق خەۋەر،باستى غەپلەت،خەۋىپ-خەتەر،

ھالىمىز قۇلدىن بەتەر،قانداق چىداپ تۇرارىمەن.


تىل-ھاقارەت،تەنە-دىخمار ۋاي داد!...بۇ جاننى قىينىدى،

ئەمدى نە قىلماق كېرەك،ئەجەپمۇ بولدۇم خارىمەن.


زۇلۇمنىڭ ئوكيانىدىن تاپماي پاراغەت ئارىلى

تاغ كەبى دولقۇنىدا ئۆرلەپ،ھەققە ئاھ ئۇرارىمەن.


دەۋرى جەبرىدىن ئىسىت!ھالىڭغا ئۇيغۇر ۋايىكىم،

جاننى ئالقانغا ئېلىپ چىق،تاپمايسەن باشقا چارىسەن.


1927-يىلى


خانىم - قىزلارنىڭ مۇلايىملىقى بارلىق گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
96 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
579

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى 12:59:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ غەزەپ ۋە زار دىگەن شېئېرىنى دەرىسلىك قىلىپمۇ ئۆتكەن ئىدى بىزگە .

Rank: 8Rank: 8

توردا
236 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
639

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى 20:46:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر مەقبەرىسى



Rank: 8Rank: 8

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1938

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى 20:50:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ نېسىپ قىلسا، بىر كۆرۈپ كەلگۈم بار.
رەسىمنى ساقلىۋالدىم.

Rank: 8Rank: 8

توردا
236 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
639

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى 20:50:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ھەققىدە قىسقىغىنە چۈشەنچە
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر يىڭى زامان دېمۇكراتىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان،ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا ئۇيغۇر پوئىزىيىسىنى تىل،ئۇسلۇپ،مەزمۇن ۋە ژانىر جەھەتتىن يىڭى يۈزلىنىشكە ئىگە قىلىدىغان ئاجايىپ نادىر شېئىرلىرى بىلەن خەلقىمىز ئىچىدە تۇنۇلغان بىردىنبىر تالانتلىق نامايەندە،شۇنداقلا ئەينى يىللاردىكى فىئوداللىق زۇلۇمغا قارىشى خەلق قوزغىلاڭلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ،خەلقنى ئەركىنلىك،دېمۇكراتىيە ۋە مەرىپەت ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن كۈرەش قىلىشقا ئۈندەپ،ئۆتكۈر سىياسى لىرىكىلىرى بىلەن دېھقانلار قوزغىلاڭلىرىنىڭ زەپەر مارىشىنى ياڭراتقان نۇرلۇق سىماھدۇر

1901-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى تۇغۇلغان.
1906-يىلى 5 يېشىدا ساۋادى چىققان.
1913-يىلى 12 يېشىدا ئەرەپ،پارىس تىللىرىنى ئۆگىنىشكە باشلىغان.
1916-يىلى روسىيىگە بارغان ۋە روس تىل-يېزىقىنى ئۆگەنگەن.
1917-يىلى تۇرپاندا شۆتاڭغا كىرىپ ئوقۇپ،مەكتەپنى ئەلا تاماملىغان.شۇ يىلى تۇنجى شېئىرى <ئۇيغۇر قىزى>نى يازغان.
1920-يىلى ئەڭ مۇنەۋۋەر شېئىرى <ئويغان>نى يازغان.
1923-يىلى سوېىت ئىتتىپاقىغا بېرىپ،موسكىۋا شەرق داشۆسىدە بىلىم ئاشۇرغان.
1926-يىلى سوۋىت ئىتتىپاقىدىن قايتىپ كەلگەن.
1927-يىلى مەخسۇت مۇھىتى،ئىسكەندەر خۇجا قاتارلىقلار بىلەن مەرىپەت جەمئىيىتى قۇرۇپ تۇرپان يىڭى شەھەردە بىر مەكتەپ ئاچقان.ھەم شۇ يىلى يەنە بىر مەشھۇر ئەسىرى <غەزەپ ۋە زار>نى يازغان.
1928-يىلى تۇرپان يىڭى شەھەر كونا شەھەردە ئىككى مەكتەپ ئاچقان.
1930-يىلى ئايالى ئايىمخان قازا قىلغان.
1932-يىلى تۇرپان دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتناشقان.
1933-يىلى 1-ئايدا شېڭ شىسەي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان.
1933-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى قەتلى قىلىنغان.قەتلى قىلىنىشتىن بۇرۇن ئەڭ ئاخىرقى شېئىرى <ئۆلۈم ئالدىدا>نى ئوقۇغان.

2،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئىزلىرى ۋە تەتقىقاتلار

1947-يىلى ئۇنىڭ شېئىرلىرى تۇنجى قېتىم <شىنجاڭ گېزىتى>دە ئېلان قىلىنغان.
1979-يىلى نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.
<تارىم> ژورنىلىنىڭ 1979-يىللىق 12-سانىدا بىر قىسىم شېئىرلىرى تۇنجى قېتىم ئاشكارە ئېلان قىلىنغان.
1981-يىلى يەنە <بۇلاق>مەجمۇئەسىدە شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان.1981-يىلى يەنە <تۇرپان>ژورنىلىنىڭ 1981-يىللىق1-سانىدا بىر قىسىم شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان.
شۇ يىللاردا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى شائىرنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى ۋە ئەسەرلىرىنى يىغىش،رەتلەش مەخسۇس گۇرۇپپىسى قۇرغان.
1985-يىلى شائىرنىڭ ھايات پائالىيىتى ۋە ئەسەرلىرى توپلىمى تەييارلانغان.
1986-يىلى شائىرنىڭ ھاياتىغا بېغىشلانغان تۇنجى ئەسەر <بالدۇر ئويغانغان ئادەم>(خېۋىر تۆمۈر)نەشىر قىلىندى.
1987-يىلى <ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى>(1-نەشىرى)شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.
1987-يىلى مايدا تۇرپاندا ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن ۋە بۇ يىغىنغا ئاتاپ ماقالىلەر توپلىمى نەشىر قىلىنغان.
1995-يىلى شائىرنىڭ بالىلىق ھاياتى تەسۋىرلەنگەن قىسسە <كەلگۈسىنىڭ شائىرى>(مۇھەممەت شاھنىياز)<تۇرپان>ژورنىلىدا ئېلان قىلىندى.
2000-يىلى <ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى>(2-نەشىرى)شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىپ تارقىتىلدى.
http://www.sanam

Rank: 8Rank: 8

توردا
12 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
55
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى 11:16:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئەدىبىياتىمىزدىكى مەڭگۈلۈك يۇلتۇزلارنىڭ بىرى.مەن ئۇنىڭ شېئىرلىرىبەك ياخشى كۈرىمەن.
سىلەرچۈ دوسلار؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى 14:21 , Processed in 0.064306 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش