يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 774 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1341|ئىنكاس: 18

ئەرلەرنى جەلىپ قىلىدىغىنى ئاياللارنىڭ ھەقىقى ئۆزىدۇر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
42 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
0
يازما
38
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 23:56:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


گۈزەل چېھرى ، جايىدا قىلىنغان گىرىم ،كېلىشكەن قەددى قامەت ... مانا بۇلار پەقەت ئاياللارنىڭ تاشقى قىياپىتى ، خالاس . بىر ئايالنى باشتىن- ئاخىر  ھەقىقى جۇلالاندۇرۇپ تۇرىدىغىنى ئۇنىڭ ئىدىيەسى ، تەربىيە كۆرگەن - كۆرمىگەنلىكى  ۋە قورسىقىدىكى بىلىمىدە ، < بوياق بىلەن بويىغىچە تېشىڭنى ، بىلىم بىلەن زىننەتلىگىن ئىچىڭنى ، > دىگەندەك ، تېشىنىلا ئەمەس  ، ئىچىنىمۇ پەردازلىيالىغان ئاياللارلا  مەڭگۈ سۇلمايدىغان گۈلدۇر .

   ئەرلەرنى جەلىپ قىلىدىغىنى  ئاياللارنىڭ  ھەقىقى ئۆزىدۇر  

     تۇرمۇشتا  ، ھەممىلا ئاياللار " مەڭگۈ قېرىماي ياش تۇرسامكەن " دىگەن ئوي- خىياللاردا  بولىشى مۇمكىن ، زامانىۋى تېخنىكا ۋە ئەسلىھەلەر  بىلەن قېرىشنى كىچىكتۈرەلىشىمىز ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە كىنولاردىكى ئايال پىرسۇناژلارغا  ئوخشاش قېرىماي ، چىرايلىق تۇرىشىمىز مۇمكىن . ئەلۋەتتە ، شۇ  جۈملىدىن ئاياللارنىڭ ئارزۇلايدىغىنى قوپالراق ئېيتقاندا تاشقى پوستىنىڭ قېرىماسلىقىنى ئىستەشتىن ئىبارەت .
    بىر پادىشاھ سەھراتتىكى چېغىدا  ئىككى ئوغلىنى ئالدىغا چاقىرىپ ، ئۇلارغا مۇنداق  دەپتۇ  : " ئەبەدىي سۇلاشمايدىغان گۈل تېپىپ كېلىڭلار ، قايسىڭلار شۇ گۈلنى ئالدىدا تېپىپ كىلەلىسەڭلار ، شۇ تەخىت ۋارىسى بولسۇن "  شۇنىڭ بىلەن ، ئىككى شاھزادە تاغ - داۋان ، چۆل - چەزىرىلەرنى كېزىپ ، ئاتىسىنىڭ كۆڭلىدىكى گۈلنى تېپىپ كىلىشكە ئاتلىنىپتۇ . نۇرغۇن جايلارغا بېرىپ ، نۇرغۇن باغۋەنلەردىن سۈرىشتۈرىپتۇ ، بۇنداق گۈلنى تاپالماپتۇ ، دۇنيادا نەدىمۇ سۇلاشمايدىغان گۈل بولسۇن دەيسىز !
     شۇنداقتىمۇ ئىككى شاھزادە قۇرۇق قول قايتماپتۇ ، ھەر قايسىسى ئۆزى تاپقان گۈلنى ئېلىپ ئوردىغا قايتىپتۇ ، چوڭ شاھزادىنىڭ ئېلىپ كەلگىنى ئادەتتىكى گۈل ئىكەن ، ئۇ ناھايىتى مەغرورلانغان ھالدا  ئۆزىنىڭ باغۋەندىن ئۆگىنىپ كەلگەن پارنىك تېخنىكىسىنى پادىشاھقا كۆرسىتىپتۇ ، ئۇ ئېچىلغان گۈلنىڭ تېمپىراتورىسىنى تۇراقلاشتۇرۇش ئۇسولى بويىچە گۈلنى ئېچىلغان ھالىتىدە ساقلايدىكەن . پادىشا بۇنى كۆرۈپ ئۈندىمەپتۇ . كىچىك شاھزادە شاھ ئاتىسىغا " پۇرەكلەپ ئېچىلغان گۈل چىرايلىق بولغىنى بىلەن ، ھامىنى ئۇنىڭمۇ ۋاقتى - قەرەلى بولىدۇ . پەقەت گۈلنىڭ سۇس پۇرىقىلا ئۇزۇنغىچە يوقىماي كىشىگە چەكسىز لەززەت ئاتا قىلىدۇ . جاھاندىكى گۈللەرنىڭ ھەممىسى ئېچىلىپ توزۇپ كەتسىمۇ ، مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش گۈللا ئەبەدىي سۇلمايدىغان گۈلدۇر " دەپ يېنىدىن ئىزىپ ئۇندەك قىلىۋېتىلگەن گۈل قاچىلانغان بىر كىچىك ئەينەك قۇتىنى چىقىرىپتۇ . پادىشاھ كىچىك شاھزادىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ مەمنۇنيەت بىلەن كۈلۈمسىرەپتۇ . دىمەك . كىچىك شاھزادىنىڭ تەخىت ۋارىسى بولغانلىقى ئېنىق .
   كۆپ ھاللاردا تاشقى قىياپەتنىڭ چىرايلىق ياكى سەت بولىشى ھەممىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ . تاشقى قىياپەتنىڭ چىرايلىق بولىشى كىشىگە  تۇنجى قېتىم  چوڭقۇر تەسىر بەرسىمۇ ، بىراق بىر ئادەم چىرايلىق تاشقى قىياپىتىگىلا ئىگە بولۇپ ، قۇرسىقىدا ئومىچى بولمىسا ، باشقىلار ئۇنىڭ بىلەن بىر مەزگىل ئارلاشقاندىن كېيىن ھامىنى زېرىكمەي قالمايدۇ . بىراق بەزى ئاياللار  گەرچە ئانچە چىرايلىق بولمىسىمۇ ، ئەرلەرنى ناھايىتى ئاسانلا جەلىپ قىلالايدۇ ، چۈنكى ، ئۇلارنىڭ گەپ- سۆزلىرى جايىدا  . يۈرىش - تۇرىشلىرى ئەدەپلىك ، ئۆتكۈر كۈزىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغاندىن سىرت ، يەنە كىشىلەر بىلەن ئەپ ئۆتىدۇ . بۇنىڭدىن جەلىپكارلىقنىڭ چىراي بىلەن ئوڭ تاناسىپ ئەمەسلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ . ئۇ پەيدا قىلىدىغان تەسىر گۈزەل تاشقى قىياپىتىنى  بېسىپ چۈشىدۇ .
    گەرچە يىللار  ئاياللارنىڭ يۈز - كۆزىگە تال - تال قورۇقلارنى چۈشۈرسىمۇ ، بىراق شۇ قورۇقلار شۇ ئايالنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنىڭ بىر مۇھىم بەلگىسىدۇر  . ئاياللارنى مەڭگۈ جۇلالاندۇرىدىغىنى ئۇنىڭدىكى ئىچكى گۈزەللىك ، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ چىرايى ئەمەس . قوسىقىدا ئومىچى بار ئاياللارلا ئەبەدىي سۇلمايدىغان گۈلدۇر ، گەرچە گۈلنىڭ رەڭگى چىرايلىق بولغىنى بىلەن ، كىشىگە چەكسىز لەززەت ئاتا قىلىدىغىنى يەنىلا ئۇنىڭ خۇشبوي ھىدىدۇر ، ئۇلۇغ ئالىملار ، يازغۇچىلار ، سىياسىئونلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا گۈلدەك چىرايى بولمىسىمۇ ، كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلىگەن . چۈنكى ئۇلارنىڭ ئوي - پىكرى ، ئەقىل - پاراسەت  نۇرلىرى ئۇلارنىڭ ئۆزىنىلا ئەمەس ، بەلكى باشقىلارنىڭمۇ دىلىنى يورۇتقان .  تاشقى قىياپەت ماھىيەت ئەمەس ، شۇڭا ئۇ يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن سۈپەت ئۆزگىرىشى  ياسايدۇ ، ماھىيەتتە ، نۇرلاندۇرىدىغىنى ، جۇلالاندۇرىدىغىنى يەنىلا بىلىم .تەربىيەلىنىش ، ئىقتىدار ، ئەخلاق قارىشى ، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىدۇر ، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتۈرىدىغان زۆرۆر  شەرتتۇر .
    داڭلىق مودىل  جاڭ پىيلىن  ھەركەت پېسخولوگىيىسىنى ئۆگەنگەن بىر يەسلى ئوقۇتقۇچىسىدىن داڭلىق مودىل بولغانغا قەدەر  قىسقىغىنە ئۈچ يىل  كەتكەن . 1999- يىلدىن 2001- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ،ئۇ 1999- يىللىق شاڭخەي خەلقارا مودىل مۇسابىقىسىدە  ئىككىنچى ، 2000- يىللىق جۇڭگودىكى  ئون داڭلىق مودىل رەت تەرتىپىدە بىرىنچى بولۇشتەك شەرەپكە ئېرىشتى ، 2001- يىلىدىن كېيىن ، ئۇ يەنە تىرىشىپ 2002- يىللىق جۇڭگو خەلقارا سودا كىيىم ھەپتىلىكىنىڭ ئەڭ  ياخشى كەسپى مودىللىرى مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى بولغان .
    قولغا كەلتۈرگەن بۇ بىر قاتار نەتىجىلىرى توغرىسىدا توختالغاندا ، ئۇ پۇرسەت ۋە چىراينىڭ ئوينىغان رولىنى ئىنكار قىلمىدى بۇ توغرىدا ئۇ مۇنداق دەيدۇ " ھەممىسىنى بۇنىڭدىن كۆرسەك توغرا بولمايدۇ ، مودىللار ئىچىدە چىرايلىقلار بەك كۆپ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر گۈزەللىككە بېرىدىغان باھانىڭ ئۆلچىمىمۇ ئوخشاش ئەمەس ، مىنىڭ نەتىجەمنىڭ  بىر قىسمى مىنىڭ ئەستايدىللىقىمدۇر " بىراق ، جاڭ پىيلىنى ئەڭ خوشال قىلغىنى بۇ  نەتىجىلەر ئەمەس ، بەلكى ئوڭۇشلۇق ھالدا بېيجىڭ پىداگوگىكا ئونۋېرسىتېتىنىڭ پىسخىلوگىيە ئىلمى  بويىچە ئاسپىرانتلىققا ئىمتاھان بېرىپ ئۆتۈپ ، داۋاملىق ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىدۇر . ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ سۆزى بويىچە  ئېيتقاندا  " ئۆگىنىش ئۇنىڭغا نۇرغۇن پايدىلارنى كەلتۈردى ، ئۇ داۋاملىق بىلىمنى تۇلۇقلاپ  تۇرغاچقا باشقىلارغا  قارىغاندا تېخىمۇ جۇلالىق كۆرىنىدىغان  بولدى "
رېئال تۇرمۇشتا  ، كۆپ ساندىكى كىشىلەر تاشقى قىياپىتىگە ئېتىبار بەرسىمۇ ، مىجەزىنىڭ باشقىلارغا  ياخشى تەسىر بېرىش - بەرمەسلىكىگە ئانچە ئېتىبار قىلىپ كەتمەيدۇ . گۈزەل چېھرى ، مودا  كىيىم - كېچەك ، جايىدا قىلىنغان گىرىملەر كىشىلەرگە بىر خىل گۈزەللىك تۇيغۇسى بېرىدۇ . بىراق بۇلارنىڭ  ھەممىسى ۋاقىتلىقتۇر ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يوقايدۇ . مىجەزنىڭ باشقىلارغا بېرىدىغان ياخشى تەسىرى  ياش ،  كىيىم - كېچەك ۋە  پەردازلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ . بىر ئادەمنىڭ ھەقىقى جەلىپكارلىقى ئاساسلىقى ئۇنىڭ ئالاھىدە خارەكتىرگە  ئىگە بولغانلىقىدىندۇر  . مۇشۇنداق مىجەزگە  ئىگە بولغاندا ھەممە  ئادەمنى جەلىپ قىلغىلى بولىدۇ . بۇ بىر  خىل ماھىيەتلىك جەلىپكارلىقتۇر .  


  قۇت يالدامىسى : گەرچە يىللار ئاياللارنىڭ يۈز - كۆزىگە تال - تال قورۇقلارنى چۈشۈرسىمۇ ، بىراق بۇ قورۇقلار شۇ ئايالنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنىڭ بىر مۇھىم بەلگىسىدۇر ، ئاياللارنى مەڭگۈ جۇلالاندۇرىدىغىنى ئۇنىڭدىكى ئىچكى گۈزەللىك ، ھەرگىزمۇ  ئۇنىڭ چىرايى  ئەمەس ، قۇرسىقىدا ئومىچى بار  ئاياللارلا ئەبەدىي سۇلمايدىغان گۈلدۇر ، گەرچە گۈلنىڭ رەڭگى چىرايلىق بولسىمۇ ، كىشىگە چەكسىز لەززەت ئاتا قىلىدىغىنى يەنىلا ئۇنىڭ خۇشبوي  ھىدىدۇر .


       مەنبە : ئاياللانىڭ يەتتە ئەڭگۈشتەرى.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 12:14:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىراي گۈزەللىكى گۈزەللىك ئەمەس، قەلب گۈزەللىكى ھەقىقىي گۈزەللىك.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
233 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 14:21:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىب گۈزەللىكىنى كۆرەلەيدىغان ئەرلەر قانچىلىك ئۆزى ؟
بارغانسىرى كۆزى كورلىشىپ كېتىۋاتىدۇ ئادەملەرنىڭ

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
744 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2191

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 22:58:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anar بۇ يازمىنى 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 14:21 دە يوللىغان
قەلىب گۈزەللىكىنى كۆرەلەيدىغان ئەرلەر قانچىلىك ئۆزى ؟
بارغانسىرى كۆزى كورلىشىپ كېتىۋاتىدۇ ئادەملەرنىڭ

كۆزى كورلاشسا دوختۇخانىڭىزنىڭ سودىسى ياخشىلانغىدەكقۇ ئەمسە

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
233 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى 16:05:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ئۇنداق قەلىب كۆزى ئېتىلىپ قالغانلارغا داۋا يوق جېنىم

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
50 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
1
يازما
181

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى 16:19:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەسىمدىكى خان ئادەمنى بەك جەلىپ قىلىدىكەن...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
744 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2191

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى 16:20:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
jahandar بۇ يازمىنى 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى 16:19 دە يوللىغان
رەسىمدىكى خان ئادەمنى بەك جەلىپ قىلىدىكەن...

يائاللا جاھاندار نەگە بارسىڭىز شۇ چىرايلىق خانىم- قىزلارغا قاراپلا يۈرۈڭ ھە

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
50 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
1
يازما
181

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى 16:23:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىرايلىق خانىم قىزلار جاننى ياشارتىدۇ ئەمەسمۇ...چىرايلىقلارنى كۆرگەندە يا كۆزنى يۇمۇپ تۇرغىلى بولمىغان....

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
233 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى 09:41:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
jahandar بۇ يازمىنى 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى 16:23 دە يوللىغان
چىرايلىق خانىم قىزلار جاننى ياشارتىدۇ ئەمەسمۇ...چىرايلىقلارنى كۆرگەندە يا كۆزنى يۇمۇپ تۇرغىلى بولمىغان.... : ...

جاھاندار ، بوباقلار ماڭغىدەك بولدىمۇ يا ...

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
50 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
1
يازما
181

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى 10:31:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anar بۇ يازمىنى 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى 09:41 دە يوللىغان

جاھاندار ، بوباقلار ماڭغىدەك بولدىمۇ يا ...

قىز دوستۇم بىلەن سەيلە قىلىمەن دەپ چىقىپ كەتكەن، ھېچ قايتىپ كەلمەيدىغۇ تاڭ....

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 10:28 , Processed in 0.052828 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش