يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 733 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1626|ئىنكاس: 6

كورىيە پارلامىنتىدىكى ئۇيغۇر قىزى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى 16:29:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئالىيە ھۈسەيىن

ئالىيە ھۈسەيىن (32ياش) ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن، كىيىن كورىيەگە بېرىپ ئىنگىلىز تىل – ئەدەبىياتى ئوقۇغان. بۇ ئىككى كۆزى ئوتتەك چاقناپ تۇرىدىغان جۇشقۇن ئۇيغۇر قىزى ئۇيغۇر، خەنزۇ، ئىنگىلىز ۋە كورىيە تىللىرىدا راۋان سۆزلىشەلەيدىغان بولۇپ، مۇشۇ ئايدىن باشلاپ سىئول پارلامىتىنى زىيارەت قىلغۇچى مىھمانلارنى كۈتىۋېلىشقا مەسئۇل قىلىنىپ، سىئول ساغېن دىمۇكىراتىيە مەيدانىنى نەق مەيداندا تونۇشتۇرۇپ – تەشۋىق قىلغۇچى كۆزىگە ئايلاندى. ئۇ ئۆز يۇرتىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كورىيەلىكلەر ئۇستىدىن غالىپ كىلىپ، يەرلىكنىڭ توختاملىق دۆلەت مەمۇرلىقىغا قوبۇل قېلىنىشتا پۈتۈنلەي يەر شارىلىق رىقابەت كۈچى گە تاياندى.

ئۇ جۇڭگۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ئۈرۈمچى شەھرىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن، شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا كورىيەلىك ئوقۇغۇچىلار بىلەن تونۇشقان، 2000-يىلى كورىيەگە كەلگەن. كورىيەگە كەلگەندىن كىيىن، ئاۋال شۇمىڭ قىزلار ئونۋېرسىتېتىدا كورىيە تىلى ئىنىستىتوتىدا كورىيە تىلى ئۈگەنگەن، كىيىن يەنە شۇ مەكتەپتە ئىنگىلىز تىلى ئۈگەنگەن، بۇيىل خەلقئارا مۇناسىۋەتلىشىش ئىلمىنىڭ ئاسپىرانتلىغىنى تاماملىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: كورىيە ۋە ئىنگىلىز تىل – يېزىقىنى ئۈگۈنۈش جەريانىدا تەبىئىلا < يەر شارىلىق رىقابەت كۈچى > منى يىتىلتۇردۇم.
كورىيە تىلىدا ھۆرمەت سۆزلىرىنى ئىشلىتىش مۇرەككەپرەك، لىكىن ئۇيغۇر تىلىغا ئوخشاشلا ئالتاي تىل سىستېمىسىغا تەۋە بولغاچقا، سۆز تەرتىبى ئوخشاش، ئۈگۈنۈش ئانچە تەس ئەمەس. مەن كورىيە تىلى ئىنىستىتوتىدا ئۆزەمنىڭ پۇلىغا ئوقىغان، كىيىن تولۇق كورس بىلەن ئاسپىرانتلىقنى ئوقۇغاندا ئىنىستىتوتنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىرىشتىم.

ھۈسەيىن قىزى ئالىيە ئۆزىنىڭ كورىيەدە خۇشال-خۇرام ياشاۋاتقانلىقىنى پۈتۈنلەي كورىيەلىك دوستلىرىنىڭ مىھرى-مۇھەببىتىدىن دەپ قاراپ مۇنداق دەيدۇ: مەن كىچىگىمدىنلا دوستلىرىم بىلەن چىقىشىپ ئويناشنى ياخشى كۆرەتتىم. مەن ھازىرمۇ ئازراق ۋاقتىم بولسىلا شۇمىڭ قىزلار ئونۋېرسىتېتىدا بىللە ئوقۇغان دوستلىرىم ۋە ئۇستازلىرىم بىلەن توردا پاراڭلىشىپ تۇرىمەن. بۇ يىل بۇرۇنقى دوستلىرىم بىلەن كۆپرەك پىكىرلىشىشنى ئويلاۋاتىمەن.

ئۇ ئارىلىقتا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى(APEC) مىنىستىرلار يېغىنى(2005-يىل 6-ئاي)، دۆلەتلەر ئولىمپىك كوممىتىتى جەمئىيىتى (ANOC) چوڭ يىغىنى(2006-يىل 3-ئاي) قاتارلىق خەلقئارالىق يېغىنلاردا ئۆزىنىڭ تەرجىمانلىق ھەيۋىسىنى كۆرسەتتى. ئۇ: مەن تۈنجى قېتىم كۆرۈشكەن كىشىلەر بىلەن سۆزلەشكەندە ۋە پىكىر ئالماشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ سىھرى كۈچنى چوڭقۇر ھىس قىلىشىغا ياردەم قىلىمەن.- دىدى. ئۇ يەنە ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا سىئول شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تور بېتىدە پارلامىنتنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىگە مەمۇر قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرىشىنى كۆرگەندىن كىيىن، دەرھال بېرىپ تىزىملىتىشىممۇ مىنىڭ دائىم باشقىلار بىلەن خۇشال – خۇرام ھالدا سۆزلىشەلەيدىغانلىغىمدىن بولدى،-دىدى
ئۇ ئەمدى ھەر يىلى 15مىڭ ئادەمگە سىئول شەھەرلىك پارلامىنتنى تۇنۇشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. ئۇنىڭ خىزمەت سىتراتىگىيىسى بولسا: مەنىلىك سۆزلەش، ئەزمىسىنى ئەزمەسلىك! ئۇ دەيدۇكى: ئالدى بىلەن مىھمانلارنىڭ قايسى دۆلەتتىن كەلگەنلىكىنى، قايسى ياش-قۇرامدا ئىكەنلىكى قاتارلىقلارنى ئوبدان ئىگىلىۋېلىپ، ئاندىن ئەستائىدىل تەييارلىق قىلىش كىرەك. ئەگەر مىھمانلارغا: “سىئول پارلامىنتى ئەسلىدە بىزنىڭ تۇرمىشىمىز بىلەن مانا مۇشۇنداق زىچ مۇناسىۋىتى بار جايكەن” دىگەننى ھىس قىلدۇرالىساق، ئۇلارنىڭ زىيارىتى نىمىشقا مەنىلىك بولمايدىكەن؟ ئەلۋەتتە، بەزىلەر يەنە بىر قانچە ئېغىز ئۇيغۇر تىلى ئۈگۈتۈپ قويۇشنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ.


Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى 20:47:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزلار بۇ تېمىغا ئىنكاس يېزىلماپتىغۇ ، پەخرىمىزكەن ھەي . ھاياتىمىزدا بىر نىشانغا يەتمىكىمىز تەس ، بۇ قىزغا ئالى تىلەكلەرنى تېلەيلى . ئاللاھ ئىگەم جاسارەت ئاتا قىلسۇن!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
709 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2142

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى 22:28:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ قىزلىرىمنىڭ مۇشۇ قىزلاردەك نەتىجىلىرى بىلەن يۇرتقا، مىللەتكە شان- شەرەپلەر ئەكەلسىكەن دەپ ئۈمۈد قىلىپ كېتىمەن، خۇدايىم تىلەكلىرىمگە يەتكۈزەر!!!

Rank: 3Rank: 3

توردا
100 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
318
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى 00:31:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىدە  مۇشۇنداق  نەتىجە  ياراتقان  ئوت  يۈرەك  قىزلىرىمىزنى  كۆرسەم  ئۆز  ھاياتىمدىن  ئۆكۈنۈش  ھېس  قىلىپ  قالىمەن ، داۋاملىق  ئەمەس  بەزىدە  شۇنداق  بوپ  قالىمەن .....مەن  نىمىشقا  شۇنىڭچىلىك  بولامىدىم  دەپمۇ  ئويلاپ  قالىمەن

ئاللا  بۇ  سىڭلىمىزغا تېنىچ  ئامانلىق ، شۇنداقلا تېخىمۇ  زور  نەتىجىلەرنى  ئاتا  قىلغاي .......

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1828

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى 09:38:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرىشچان قىزغا ھۆرمەتلەر بولسۇن!
"ئەجرىنىڭ تېگى ئالتۇن" ئالىيە قىزدەك بىلىملىك قىزلىرىمىزدىن يەنە يىتىشىپ چىققۇسى!
ئالىيەنىڭ بۇنىڭىدىن كېيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن!
ئاللاھ، جاسارەتلىك قىزنىڭ ئىشلىرىنى ئاسان قىلغاي!

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى 15:35:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرنىڭ تىگى ئالتۇن دەپتىكەن ، بۇ پەخىرلىك ئويغۇر قىزىغا تىخىمۇ زور ئۇتۇقلار تىلەيمەن .

مەرۋەرى سىزنىڭمۇ تىلەڭلىرىڭىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى تىلەيمەن .

Rank: 1

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
9
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى 22:38:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭمۇ بەك ھەۋىسىم كىلۋاتدۇ،ئاللا خالسا بىزمۇ شۇنداق شەرەپلەرگە ئىرىشىپ قالارمىز.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 05:08 , Processed in 0.048656 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش