يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1008|ئىنكاس: 8

ئايالىڭىز قىز تۇغسا قاخشامسىز؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى
نادىر
1
يازما
23
يوللىغان ۋاقتى: 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى 17:28:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايالىڭىز قىز تۇغسا قاخشامسىز

ئاللاھ قىز پەرزەنت بەرسە ئۇنىڭغا رازى بولماسلىق جاھىلىيەتتىكى ئەرەبلەرنىڭ ئىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئەخلاقىدۇر. قۇرئان ۋە  ھەدىسلەردە  مۇنداقلار قاتتىق سۆكۈلگەن. بەزى دوختۇرخانىلاردا ئاياللىرى قىز تۇغقانلارنىڭ ھالىغا قارىسىڭىز ئۇلاردا ئەينەن جاھىلىيەتنىڭ تەسىرىنى ۋە جاھىلىيەت قالدۇقلىرىنى كۆرىسىز. بۇ ئەجەبلىنەرلىك ئىش. ئاللاھ مۇنداقلارنى سۆكۈپ « ئۇلارنىڭ بىرەرسىگە (خوتۇنىنىڭ) قىز تۇغقانلىق خۇش خەۋىرى يەتكۈزۈلسە، چىرايى ئۆزگىرىپ، غەزەپناك بولۇپ كېتىدۇ. يەتكۈزۈلگەن يامان خەۋەردىن قورقۇپ، ئۆز قەۋمىگە كۆرۈنمەي يوشۇرۇنۇۋالىدۇ. ئاندىن ئۇ نومۇسقا چىداپ قىزنى ساقلاپ قالامدۇ؟ ياكى ئۇنى توپا ئاستىغا (تىرىك) كۆمەمدۇ؟ (شۇ ھەقتە ئويلىنىدۇ) ئۇلارنىڭ ھۆكمى (يەنى ئوغۇللارنى ئۆزلىرىگە نىسبەت بېرىپ، قىزلارنى اللەغا نىسبەت بېرىشى) ھەقىقەتەن نېمىدېگەن قەبىھ!»(نەھل يۈرىسى 58-59- ئايەتلەر).

بەزى دوختۇرخانىلاردا بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇللىقىنى رەسىمگە ئېلىش ئارقىلىق بىلگەن ئەرلەرنىڭ قانداق بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسىز. بالا ئوغۇل بولسا ئۇلارنىڭ يۈزلىرى خوشاللىقتىن كۈلىدۇ. ئەگەر قىز بولسا چىرايلىرى تۈرۈلۈپ بىگۇناھ ئايالىغا ئازار قىلىدۇ. بۇ ئەينەن جاھىلىيەت ئەخلاقى ئەمەسمۇ؟ بۇنىڭدا ئايالنىڭ نېمە گۇناھى بار؟ بۇنداق نارازىلىقنىڭ خەتەرلىرى چوڭدۇر. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

1 . مۇنداق قىلىش ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە قارشى چىققانلىق.

2 . مۇنداق قىلىش ئاللاھقا شۈكۈر قىلىش ئورنىغا نا شۈكۈرلۈك قىلغانلىق. مۇنداقلار ئاللاھنىڭ ئازابىغا لايىق بولغۇچىلاردۇر.

3 . مۇنداق قىلىش ئايالىنى خورلىغانلىق، شەنىنى چۈشۈرگەنلىك ۋە ئۇنىڭدىن قولىدىن كەلمەيدىغان ئشنى تەلەب قىلغانلىق.

4 . مۇنداق قىلىش ئەبگالىق ۋە ئەخمەقلىق ۋە ئەقىلسىزلىق.

5 . مۇنداق قىلىش جاھىلىيەت ئەخلاقىنى داۋام قىلدۇرغانلىق.

مۇسۇلمان ئادەم مۇنداق قىلىشتىن ساقلىنىشى لازىم. ئۆزىنى مۇنداق ھالاكەتتىن قۇتقۇزىشى لازىم. ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغىنىغا رازى بولۇش پەرزدۇر. رازىمەنلىك مۇسۇلماننىڭ سۈپىتى.

قىزلارنىڭ ئارتۇقلىقى ھەممىگە مەلۇم مەسىلە. ئۇلار ئانىلىرىمىز، ئۇلار قىزلىرىمىز، ئۇلار ھەدە - سىڭىللىرىمىز، ئۇلار ئاياللىرىمىز، ئۇلار جەمئىيەتنىڭ يېرىمى. جەمئىيەتنىڭ يېرىمى بولغان ئەرلەرنىمۇ شۇلار تۇغىدۇ. ئۇنداقتا ئۇلار جەمئىيەتنىڭ ھەممىسىدۇر.( ئىبنى قەييىمنىڭ « يېڭى تۇغۇلغان بالا توغرۇلۇق ئەھكاملار»ناملىق ئەسىرى 16- بەت).

قىزلارنىڭ ئارتۇقلىقىنى ئاللاھ بايان قىلىپ، ئۇلارنى ئوغۇللارنىڭ بايانىغا ئىلگىرى قىلغان:« اللە نېمىنى خالىسا شۇنى يارىتىدۇ، خالىغان ئادەمگە قىز پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ»(شۇرا سۈرىسى49- ئايەت).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ قىزلارنى ئارتۇق سانىغان ۋە ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشقا تەشەببۇس قىلغان.ئۇ مۇنداق دېگەن:« كىمكى مۇشۇ قىزلارنىڭ خاپىلىقنى تارتىپ، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىدىكەن، ئۇلار ئۇ كىشى ئۈچۈن دۇزاختىن قالقان بولىدۇ». (مۇسلىم).
مەنبە: سەلكىن تورى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
50 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
1
يازما
181

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 23:35:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىز بولسۇن، ئۇغۇل بولسۇن ھەممىسى خۇدانىڭ بەرگىنى...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 23:37:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ بىر جۈپ قىزىم بولغاچ ئۆزۈمنى شۇنداق  بەخىتلىك ھېساپلايمەن، بەزىدە قاقشاپ قويساممۇ

Rank: 2

توردا
7 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
0
يازما
89
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى 16:29:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى بۇ يازمىنى 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 23:37 دە يوللىغان
مېنىڭ بىر جۈپ قىزىم بولغاچ ئۆزۈمنى شۇنداق  بەخىتلىك ھېساپلايمەن، بەزىدە قاقشاپ قويساممۇ

بەخىتلىك ئىكەنسىز ، بەختىڭىزگە كۆز تەگمىسۇن!
بالىلىق ئۆي بازار، بالىسىز ئۆز مازار دىگەن ئىكەن كونىلار

Rank: 3Rank: 3

توردا
56 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
1
يازما
224
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى 21:44:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەلەيلىك ئادەم قىز تۇغىدۇ دەيدىكەن ...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 00:15:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باغرىم بۇ يازمىنى 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى 21:44 دە يوللىغان
تەلەيلىك ئادەم قىز تۇغىدۇ دەيدىكەن ...

نەدىن ئاڭلىغانتىڭىز بۇ گەپنى

Rank: 3Rank: 3

توردا
56 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
1
يازما
224
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 11:30:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى بۇ يازمىنى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 00:15 دە يوللىغان

نەدىن ئاڭلىغانتىڭىز بۇ گەپنى

ئۆزىڭىز  دەپسىزغۇ ئاينا ، بىر جۈپ قىزىم بار بەختلىكمەن دەپ ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 11:53:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر جۇپ قوشماق ئوغۇللۇرۇم بىلەن مەن تېخىمۇ بەختلىكمەن

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 15:44:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
- ئۇستاز قورساقتىكى ھامىلىنىڭ قىز ياكى ئوغۇللىقىنى بىلگىلى بولامدۇ؟
- بۇنى بىلىپ نىمە قىلماقچى ئىدىڭ.
- بالىنىڭ كىيىم كېچەكلىرىنى تەييارلىماقچى ئىدىم.
- 5-ئايلىق بولغان ھامىلىغا ھۆكۈم قىلىش بەك تەس، ئۇنىڭدىن چوڭايغاندا ئازراق پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ.
- ئوغۇل ھامىلە بىلەن قىز ھامىلىنىڭ پەرقى قانداق بولىدۇ؟
- ئوغۇل ھامىلىنىڭ قورساق قىسمى ئالدىغا سىلجىغان، ئۇچلۇقراق كېلىدۇ. قىز ھامىلىنىڭ ئىككى يانغا سەل كېڭەيگەن ھالەتتە بولۇپ، بۇنى " پاقا قورساق" دەپمۇ قويىدۇ. بۇنىڭدا 10 ھامىلىدىن يەتتىسىنىڭ قىز بولۇش ئېھتىمالى كۆپ بولىدۇ. ئەمما يادىڭدا بولسۇن، قىز بولسۇن ياكى ئوغۇل بولسۇن ئەر تەرەپتىن بەلگىلىنىدىغان بىشارەتتۇر، خوتۇنغا دوق قىلىش تولىمۇ ھاماقەتلىكتۇر ھەمدە تەڭرىنىڭ ئىرادىسىگە قارشى چىققانلىقتۇر.
- ئۇنداق بولمايدۇ ئۇستاز، قىز بولسۇن ، ئوغۇل بولسۇن  ئانا بالا ساق بولسىلا خۇدايىمنىڭ بەرگىنى شۇ دىسىلە.
- . . .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 00:54 , Processed in 0.058789 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش