يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1226|ئىنكاس: 6

30ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24مەخپىيەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى
نادىر
1
يازما
23
يوللىغان ۋاقتى: 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى 17:27:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
30ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24مەخپىيەت
1.كۆڭۈلدىكىدەك كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش.چۈنكى ئاياللار 30ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن خالىغانچە كەسىپ ئالماشتۇرۇشى قىيىن بولىدۇ.
2.ئائىلىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يىتىش.مەيلى سىز سىرتتا قانچىلىك كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچراڭ،يەنىلا ئۆزىڭىزنى سىغدۇرغۇدەك بىر ئىللىق ماكانىڭىز بولۇشى كېرەك.
3.ئۆزىنى ياساشقا ماھىر بولۇش.ئۆزىگە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۆزىنى ياساش ماھارىتىنى ئىگىلەش 30ياشلىق ئاياللار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.
4.تېرىنى ياخشى ئاسىراش كېرەك.يىللار ئادەمگە باقمايدۇ.ياشلىق باھارىنى ساقلاش ئۈچۈن تېرە قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،تېرىنى مۇھاپىزەت قىلىشنى بالدۇر باشلاش كېرەك.
5.ئۆزىگە خاس خاراكتېر يىتىلدۈرۈش.باشىقلارنى دورىماي،ئۆزىنىڭ خاراكتېرىگە ئاساسەن ئىش قىلىش كېرەك.
6.زىلۋا بەدىنىنى ساقلاش.30ياشتىن كېيىن ماي بەدەنگە يىغىلىشقا باشلايدۇ.مايلار يىغىلشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زىلۋا بەدەننى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىش كېرەك .
7.تەنھا ياشاشنىڭ تەمىنى تېتىپ بېقىش كېرەك.ياشلىق مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ،ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان ۋاقىتتىن بەھرلىنىش،كۆپ پىكىر قىلىش،ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئىش بىلەن شۇغۇللىنىش كېرەك.
8.ئاتا_ئانىسىغا كۆيۈنۈش.ئاتا _بالىلار بارغانسېرى قېرىيدۇ.30ياشقا كىرگەندە ئاياللار ئۆزىنى مۇھەپىزەت قىلىشتىن سىرت،ئاتا_ئانىسىغا كۆپرەك كۆيۈنۈشى ھەم ئۇلانى دائىم يوقلاپ تۇرۇشى كېرەك.
9.نىشان بەلگىلەش.نىشاننى بەلگىلەپ بولغاندىن كېيىن،شۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك.
10.بىر خىل چەتئەل تىلىنى ئۆگىنىش.30ياش ئانچە چوڭ ھېسابلانمايدۇ.بۇ ۋاقىتتا چەت ئەل تىلىنى كۆپرەك ئۆگىنىش تۇرمۇش ۋە كەسىپكە پايدىلىق.
11.بىلىم ئاشۇرۇش.30ياشتىن بۇرۇن ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىليىتى يۇقىرى بولىدۇ.شۇڭا ۋاقىتىنى چىڭ تۇتۇپ،ئۆزىنى بىلىم بىلەن قوراللاندۇرۇشى لازىم.
12.ئاشپەزلىك ماھارىتىنى ئىگىلەش.ئەگەر جورىڭىز بولسا،مەززىلىك تاماقلىرىڭىز بىلەن ئۇنىڭ سىزگە بولغان غەمخورلۇقىنى قايتۇرۇڭ.ناۋادا يالغۇز بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى تاماقلىنىپ،ئۆزىڭىزنى ئاسىراڭ.
13.چاچ پاسونى بىلەن گىرىم قىلىش جەھەتتە كۆپرەك ئىزدىنىش كېرەك.30ياشتىن ئىلگىرى چېچىڭىزنى قانداق پاسوندا ياساتسىڭىز بولىدۇ.ئەمما يىشىڭىز چوڭايغاندا،ئويلىنىپ ئىش قىلىمىسىڭىز كۈلكىگە قالىىسز.
14.بانكىغا قويۇقلۇق مۇقىم مەبلىغىڭىز بولسۇن.ئىگىلىك تىكلەش،توي قىلىش،جىددىي ئىش چىقىپ قالغاندا ئىشلىتىدىغانغا مۇقىم مەبلەغ بولمىسا بولمايدۇ.
15.بىر پارچە گىرىمىسىز رەسىمگە چۈشۈپ قويۇش كېرەك.بەدەن زىلۋا،فىگۇرا چىرايلىق ۋاقىتتا بىر پارچەخاتىرە سۈرئەتكە چۈشۈپ قويۇش ناھايتى مۇھىم.بەللەر يوغىناپ تېرىلەر بوشاپ كەتكەندە كېچچىكەن بولىسىز.
16.مەبلەغ سېلىپ مالىيە باشقۇرۇشنى ئۆگىنۋېلىڭ.ئائىلىنىڭ ئۆزى بىر كىچىك شىركەت ،چىقىم بىلەن كىرىم ئوتتۇرىسىدىكى نىسبەتنى بالدۇرراق ئۆگىنۋېلىڭ.
17.ئاغىزىڭىزغا ھېزى بولۇڭ.30ياشتىن كېيىن ئاياللارنىڭ ئۇششاق _چۈششەك ئىشلىرى كۈنسېرى كۆپىيىدۇ.بۇ تەرەپتىن قاتتىق دىققەت قىلىڭ.چۈنكى ئەرلەر كوت_كوت ئاياللاردىن بەك بىزار.
18.ساۋاقداش ھەم دوستلار ئارا يىغىلىشلارغا كۆپرەك قاتنىشىڭ.30ياشتىن ئىلگىرى ئائىلە تېخى مۇستەھكەم يىلتىز تارتمىغان بولىدۇ.بۇ چاغدا دوستلۇق ئېلىپ كەلگەن خوشاللىقتىن كۆپرەك بەھرىمەن بولۇش كېرەك.
19.ھەم ئەسلىنى ئۇنتۇماسلىق ھەم زامانغا ماسلىشىپ تۇرۇش كېرەك.ئەنئەنىۋىي پەزىلەتكە ۋارسىلىق قىلىش بىلەن ئائىلە كەيپىياتىنى ياخشىلاپ،ئۆزىنى كۆرسىتىپ تۇرۇش كېرەك.
20.ئۆزىدە بىر خىل ھەۋەس يىتىلدۈرۈش كېرەك .بۇ مەزگىلدە ئادەمنىڭ زېھنى ئۆتكۈر بولۇپ،بىرەر خىل ھەۋەسنى يىتىلدۈرۈش ناھايتى ئاسان.بۇنىڭ بىلەن ئادەم بىرەر ئىشقا يولۇقسا ئۆزىنى ئەركىن تۇتالايدۇ.
21.بالا تەربىيلەش بىلىملىرىدىن ساۋاتى بولۇش.توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن قۇلىقىڭىزنى تەشتۈرسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز،ئەمما بالا تۇغۇلۇپ بولغاندىن كېيىن بۇ توغىرىدا كىتاپ ۋاراقلىسىڭىز كېچچىكەن بولىسىز.
22.كۆپرەك سۇ ئۈزۈپ بېرىش كېرەك.ئېيتلىشىچە،سۇ ئۈزۈپ بەرگەننىڭ بەدەن گۈزەللىكىنى ساقلاپ قېلىشقا پايدىسى بار ئېكەن.بەدەن سەمىرىپ،ئىسكەت بۇزۇلغاندىن كېيىن سۇدىن چىقماي يىتىۋالغان بىلەنمۇ پايدىسى يوق.
23.بىر نەچچە قېتىم لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىڭ.ئاياللار 30ياشتىن ئىلگىرى تەلەيگە ئىشىندۇ.30ياشتىن كېيىن تەقدىرگە ئىشىنىدۇ.
24.بىر قۇر شوخ رەڭلىك ئىچ كېيىم بولۇشى كېرەك.بولمىسا 30ياشتىن كېيىن ئۇنداق رەڭنى كېيىشكە خىجىل بولىسىز.
                                              مەنبە:خوتۇنلارغا101مەسلىھەت

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى 19:46:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما ئىكەن ،رەخمەت سىزگە .
           ئەرلەرنىڭ ئەڭ كوڭۇل بولىدىغىنى ،خانىم -قىزلارنىڭ ئاياللىق گۇزەللىكى ۋە ئەقىل -پاراسەتلىك بولۇشى .

Rank: 1

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
47
يوللىغان ۋاقتى: 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى 19:56:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنبە:خوتۇنلارغا101مەسلىھەت
ياۋ پانا كىمنىڭ  101 خۇتۇنلىرىكەن بۇ ؟ ما دۆلەتتە 2 گىمۇ يول قويمايدىغان تۇرسا قانداق ئالغاندۇ ئاۋۇ 101 خۇتۇننى  ، توۋا...
17.ئاغىزىڭىزغا ھېزى بولۇڭ.30ياشتىن كېيىن ئاياللارنىڭ ئۇششاق _چۈششەك ئىشلىرى كۈنسېرى كۆپىيىدۇ.بۇ تەرەپتىن قاتتىق دىققەت قىلىڭ.چۈنكى ئەرلەر كوت_كوت ئاياللاردىن بەك بىزار.
مۇشۇ ماددىنى مىنىڭ بۇرۇنقى قىز دوستۇمغا دەپ قويغان بولساڭلار.ھازىرغىچە  بىر ئوبدان يۈرەر بولغىيتۇق. 365 كۈن ئارلىشىپ بىر كۈن ئاغزىغا بىر نەرسە چىقىپ قېلىپ كوتولدىمىغىننى ھىساپقا ئالمىغاندا    364 كۈن توختىماي كوتۇلداپ چىقتى، باشلىرىمنى مىڭىلىرىمنى يىگىدەك كوتولدايتى. ئاخىرى ئۇ كوت كوتتىنمۇ ئايرىلىپ ھازىر بويتاقلىقنىڭ دەردىنى تارتىپ ياق ياق  دەردىنى ئەمەسكەن  ھۇزۇرىنى سۈرۈپ يۈرۈۋاتىمەن.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 10:17:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4.تېرىنى ياخشى ئاسىراش كېرەك.يىللار ئادەمگە باقمايدۇ.ياشلىق باھارىنى ساقلاش ئۈچۈن تېرە قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،تېرىنى مۇھاپىزەت قىلىشنى بالدۇر باشلاش كېرەك.
10.بىر خىل چەتئەل تىلىنى ئۆگىنىش.30ياش ئانچە چوڭ ھېسابلانمايدۇ.بۇ ۋاقىتتا چەت ئەل تىلىنى كۆپرەك ئۆگىنىش تۇرمۇش ۋە كەسىپكە پايدىلىق.
22.كۆپرەك سۇ ئۈزۈپ بېرىش كېرەك.ئېيتلىشىچە،سۇ ئۈزۈپ بەرگەننىڭ بەدەن گۈزەللىكىنى ساقلاپ قېلىشقا پايدىسى بار ئېكەن.بەدەن سەمىرىپ،ئىسكەت بۇزۇلغاندىن كېيىن سۇدىن چىقماي يىتىۋالغان بىلەنمۇ پايدىسى يوق.
23.بىر نەچچە قېتىم لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىڭ.ئاياللار 30ياشتىن ئىلگىرى تەلەيگە ئىشىندۇ.30ياشتىن كېيىن تەقدىرگە ئىشىنىدۇ.
بۇلارغا زادىلا دىققەت قىلىپ باقماپتىكەنمەن، قالغانلىرىدا بەكمۇ مۇكەممەل بولمىسىمۇ ھەر ھالدا دىققەت قىلىپ كەپتىمەن!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 14:25:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا باركەن تېخى مانچە يىل ھىھىھىھى

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
550 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
838

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى 11:01:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
6-، 22-، 23-سىنى سىناپ باقماپتىمەن....

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى 16:00:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anar بۇ يازمىنى 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 14:25 دە يوللىغان
ماڭا باركەن تېخى مانچە يىل ھىھىھىھى

توۋا.....بەزىلەرگە ئامال يوق جۇمۇ، ئەمدىلا تەمتىلەپ ماڭدىم دىيىشتىنمۇ يانمىغىدەك ئۆزىنى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 01:25 , Processed in 0.044260 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش