يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 773 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 762|ئىنكاس: 7

(ئاھۇ) يامغۇر يېغىۋاتىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
169 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
368

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى 21:34:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يامغۇر يېغىۋاتىدۇ

تاملارنىڭ كۆيىشىنى قىلىمەن قىياس ،

كىملەردىندۇر ئالغۇم بار قىساس !

سەن ئىكرانغا قاراپ ئولتۇرىسەن ،

يىغلاۋاتقان دېڭىزنى

كۆزلىرىڭگە سىغدۇرىسەن ...

چىراقلار ياندى!

سەلدەك ئېقىپ چىقتى ئادەملەر توپى،

سەن چىقمىدىڭ...

لەيلەپ يۈرەر،


بوشاپ قالغان ئورۇندۇق ئارا

قەلبىڭدىكى جاراھەت،

قەلبىمدىكى ھارارەت ....

ئاياق تېۋىشىڭنى ئاڭلىدىم ،

ئىشىككە

قولۇمدىكى كۈنلۈكنى يوشۇرغاچ،

بوغۇزىمدىكى يىغىنى يۇتقاچ قارىدىم.

سەن چىقمىدىڭ...

پەلتۇيۇمنىڭ ياقىسىنى كۆتۈرۈپ قويدۇم

مەن بىلىمەن،

سېنىڭ ئولتۇرغىنىڭ

توتىنجى رەت،بىرىنجى ئورۇن.

ئوڭ يېنىڭغا قارىساڭ

ئەگكۈڭ كەلمەس قىسمەتكە بويۇن.

قولۇڭدىكى بىرتال گۇل،

تىزىڭغا بېشىنى قويۇپ ئۇخلاپ قالار،

ھېجران لەمپىلەردىن چىپىلداپ ئاقار.

ئىشىك بېشىدىكى لامپۇچكىغا،

جىمجىت قاراپ تۇرۇپ قالدىم .

يانچۇقۇمدىن

سەن ئىبەرتكەن قەلەمنى ئالدىم.

ئىلان تاختىسىدىكى كېنو ئىسمىنى

سارغىيىپ كەتكەن تاملارغا يازدىم .

جېنىم !

يېزىۋىتىپ،

مېھرىم بىلەن نەچچە رەت ئازدىم .

ئېقىپ ئۆتتى ئالدىمدىن كېمە،

نەمخۇش چاچلىرىمغا ئۇرۇلدى شامال.

ئۇنىڭدا كۆرگۈنۈم،

توپان بالاسىدا ئامان قالغان،

ئۆز باغرىغا پىچاق سالغان،

مۇھەببەتتەك ئۇلۇغ،ئۆلۈمدەك گۈزەل

يالغۇز بىر ئايال.....


Rank: 8Rank: 8

توردا
215 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
561

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى 00:42:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تەنھا بىر ئارال

يامغۇر پەسلىگە ئىنتىلگەن ئايال،

ئۇ چۈش كۆرىۋاتىدۇ

قۇياش تېخى پاتمىغان چاغدا.

يىنىك تىنىپ،

ئۇيقىغا قېنىپ،

رۇخسارىغا قىزىل گۈلنىڭ تامچىسى ئېقىپ.


بارماقلېرىم

كونۇپكىدا ئوينايدۇ ئۇسۇل،

ھەرىپلەرنى تىزىپ قاتارغا.


ئىغاڭلايدۇ دېڭىزدا كېمە

لەيلەپ ئۇچۈپ

شامال

ئوينايدۇ تەپ تارتماي ئايال چېچىنى.


كېچە

قۇياش ئاي  سۆيۈشكەن چاغدا

يۈلتۈز كۆز قىسىپ

تاماشا قىلىدۇ يۈلتىزنى يىغىپ.

ئاندىن

مەن

سەن

ئۇلار

بامداد نامىزىغا كېتىدۇ تاراپ.


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
567

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى 14:46:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككىڭلار بىر بىرىڭلاردىن ئىلھام تېپىپ ياخشى شېئېرلارنى يېزىۋاتىسىلەر جۇمۇ .

Rank: 8Rank: 8

توردا
169 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
368

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى 08:28:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ ئىلھامىغا بەرىكەتلەر بولغاي!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى 16:49:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككەيلەننىڭ قەلىمىگە بەرىكەتلەر تىلەپ ئاستا چىقىپ كېتەي، چاچما شېئىرغا  ئىنكاس يېزىشقا ئاجىزلىق قىلدىم.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
553 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
846

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى 08:39:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇلالىق: چاچما شېئىر يازالمىسىڭىز چېچىلمىغان شېئىر يېزىڭ.
ئىشقىلىپ بۇ شېئىر ئىلھام قوزغايدىغان شېئىر جۇمۇ.

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى 08:55:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر يېزىشقا قەلەم ئاجىزلىق قىلىدۇ ھەدە. ئوقۇرمەن بولاي.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
169 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
368

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى 16:55:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر يازىدىغان شائىرلاردىن،شېئىر يازمايدىغان شائىرلار كۆپ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 04:02 , Processed in 0.074068 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش