يۈرىكىمدە ئازاپنىڭ چۆكمىسى قالدى
مېنىڭ ساڭا رىشتىم بار ، يەنى كۆزنىڭ كۆڭۈلگە بولغان رىشتىسگە ئوخشاش، يەنى نەپەسنىڭ جىسمىغا ئوخشاش، يەنى گۈزەل بىر چۈشكە ئوخشاش مەن مېڭىۋاتىمەن، سېنىڭ قەدەملىرىڭ ئارقىسىدىن... پۈتۈن توساقلارنى بۇزۇپ يۈرىكىڭگە سىڭىۋاتىمەن. سۆيگۈم مەۋجۇدلۇقۇڭ ئىلكىدە تەڭداشسىز ساخاۋەت ، ئۇلۇغ كۆيۈشتىن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ۋىسال دەقىقىلەرگە ئاققۇزۇپ مۇھەببەتلىك دەريا ھاسىل قىلماقتا.
مېنىڭ ساڭا رىشتىم بار، گۈللەر ئارىسىدىن ئىزدەيمۇ سېنى؟ بارچە كۆزلەردىن ئىزدەيمۇ سېنى؟ كائىناتنى بەردىم ساڭا خالىغانچە پەرۋاز قىلىۋال. باش ئەگدى تاغلارمۇ، چىمەنلىكىمدە ئەركىن يېتىۋال! قۇنۇپ قالساڭ غېرىپخانامدا ئۈنۈپ چىقار بۈيۈك مۇھەببەت. پەيلىرىڭدىن تۆكسەڭ ئەتىرگۈل ، تاپار ئىدىم ئەڭ چوڭ بەخت، يىراقلايتتى مېنىڭدىن ھەسرەت.

يۈرىكىمدە ئازاپنىڭ چۆكمىسى قالدى. مەن سېنى خىيالىمنىڭ رۇجەكلىرىدىن ئىزدىدىم، تىتىلىپ كەتكەن ئارمىنىمنى قايتا ياماشقا ھەقىقەتەن قۇربىتىم يەتمەيدۇ. سۆيگۈمنى قەلبىڭگە مەڭگۈلۈك يۇشۇردۇم. ھەر بىر كۈنلەر يانچۇقىدىن سېنىڭ ئىسمىڭنى، جاۋاپ خېتىڭنى ساراڭلارچە ، لېكىن ئەقلى-ھۇشۇم جايىدا ئاختۇرىمەن. قەلبىم يەنىلا ساڭا تەلپۈنىدۇ.

ئەگەر مەن ئىشقىڭدا كۆيۈپ ئۆلۈپ كەتسەم قانداق قىلار بولغىيتىڭ ياكى كۈلۈمنى كۆككە سورۇپ خۇشال بۇلامتىڭ ، ۋە ياكى كۆز يېشىمغا جۆر بۇلۇپ ئاقامتىڭ؟ ئاشۇ ئوتلۇق كۆزۈڭدە مېنى سېھىرلەپ ئالغىنىڭدا سۆيگۈ ھەم كۆڭۈل ئاشىقى بۇلۇپ كېتىدىغانلىقىمنى بىلمىگەنمىتىڭ؟

ۋۇجۇدۇمدىكى بارلىق ئىستەكلىرىمنى سېنىڭ يېنىڭغا تىزىمەن. تۇيغۇلىرىمدا چۈشەكەپ يۈرگىنىمگە خېلى زامان بولدى. روھىمنى ئۈن-تىنسىز ئاختۇرىمەن. پەقەت بىر سېنىڭ سۆيۈملۈك رەسىمىڭنى يۈرىكىمگە سېزىپ چىقىمەن. ھەر قاچان سەن ئۈچۈن يېنىۋاتقان قەلبىمدىكى چوغلاننىڭ قانچىلىك دەرىجىدە كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالمىغانسەن ياكى ھېس قىلىشنى خالىمىغانسەن؟ غەلىبە بىلەن مەغلۇبىيەت ئارىسىدا مەن يېرىم جان ، خالاس. سۆيۈشنىڭ ئورنىغا سۈكۈت قىلماقتىمەن.

ئىككىمىزنىڭ ئارىلىقى بارغانسېرى يىراقلاپ كېتىۋاتىدۇ . سېنى قول سوزۇپ تۇتالمىدىم. ساڭا باغلانغان مۇھەببەت يىپلىرىم ئۈزۈلۈشكە باشلىدى. ئالەمنىڭ تاتلىق چۈشىدە سەن ئۈچۈن قەدىمكى گۈللەرنىڭ لېۋىگە يامغۇر بولۇپ تۆكۈلدۈم. سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش پاسىلىدا قىينالغان جېنىمنى سەن ئۈچۈن كۆيۈۋاتقان ئوتقا تاشلىدىم. پىغانىمدىن ئۆرلىگەن ۋىسال توزانلىرى قۇملۇقلارغا يېيىلىپ غايىپ بولدى.
يۈرەكلەر بىر تىلدا سۆزلەشمەس بولدى،
ئاخىرقى ئۈمىدنى توزۇتۇپ ﻫەريان.
ئۆتەلمەي ﻫاياتنىڭ سىناقلىرىدىن،
قوغلىدىڭ باﻫارنى ئەيلەپ زىمىستان.
كۆزلىرىڭ چاچراتقان ئاشۇ ئوتلارنى،
ئۆچۈرۈپ ئۆتەرمەن ئەمدى ئېﻬتىمال.
كۆندۈردۈڭ، كۆنىمەن، كەتمەيمەن ئۆلۈپ،
سەن باشقا قىز بىلەن كۈلگىن بىمالال.
بەخىت ئۇ مەن ئۈچۈن مەۋﻫۇم بىر ئۇقۇم،
بار بولسا ﻫەممىنى تىلەيمەن ساڭا.
خەيرى-خوش، بىز ئەمدى مەڭگۈ ناتونۇش،
سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش ﻫەممىسى ساختا.
[
Coffee بۇ يازمىنى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى 14:36 دە تەھرىرلىگەن. ]