يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 733 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 709|ئىنكاس: 11

چىمەنىستان (چىمەنگۈل ئاۋۇت) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى 13:07:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈل چىمەنلەر ئىچىدىكى گۈل چىمەنگە  چىمەننىستاندىن يەنە بىر سوۋغا . بۇ مۇنبەرگە يوللاپسىز، دەپ مەندىن ئاغرىنىپ يۈرمىگەيسىز ، يەنە نۇرغۇن ئەسەرلىرىڭىزنى يىغىپ ساقلاۋاتىمەن، بۇنى تولىمۇ ياقتۇراتتىم.

چىمەنىستان


چىمەنگۈل ئاۋۇت


(1)

ئازاپ پۈتكەن ۋۇجۇدۇمدا سېزەرمەن مىسلى غەلياننى.
قازارمەن تىرنىقىم بىرلە بېسىلغان ئىزگۈ ئارماننى.

يۈسۈپ چۈشكەن قۇدۇقتا ئاي يۇيۇنسا كۆك چاراسلايدۇ،
پەرق ئەتمەس ھايات بەرقى سۈزۈك كۆز ياش بىلەن قاننى.

ۋىسالنىڭ پەيتى بىر مەررە، لېكىن قىسمەتلىرى چەكسىز،
كېزەرمەن بىر ئۆمۈر قەھرىم خاراپ ئەتكەن بۇ ئورماننى.

قىيامى ئۆچمىگەن لەۋلەر لىغىرلار چۈش سىياقىدا،
قەپەزگە تاشلىغاي كىملەر كۆيۈك ئالقاندىكى داننى.

ئىشقسىز بىر كۈنۈم ئۆتسە ياغار قەلبىمگە مىڭ كۈلپەت،
كۈتەر تۈننىڭ چىمەنزارى ئاراملىق ئىستىگەن جاننى.

(2)

يىرىڭلىق لەۋ پايانىدىن تاراملار ئىشق لاۋا چەندان.
ھايات كۆكىدە پارلايدۇ دىلى ھۆرلەر ئۇرۇپ خەندان.

قەدەملەر ئۆركىشى يالماپ يۇتار ئويلارنى، ئايلارنى،
خازانلىق يولدىمۇ،  ھەيھات، تېپىلماس شۇ كەبى غەمخان.

قىياندەك يامرىغان چاچلار بەدەنلەر قەھرىگە تال - تال،
كۆيەر ھەر لەھزە كۆز ياشتا چېچەكلەپ شام كەبى ئارمان.

چاقار ئەينەكنى،  بىلمەيسەن،  سوزۇلغان قايسى قابىل قول ؟
قىلار مېھرىڭدە توختاۋسىز خىياللار دەھشىتى جەۋلان.


ئۆمۈرنىڭ سەلكىنى يەلپۈپ ئۆتەر گۈللەرنى، يوللارنى،
پۇرار خۇشبۇي ئازابمۇ ھەم قۇچاق ئاچسا چىمەنىستان.

(3)

ئەتىرگۈل شاخلىرى قات - قات كۆيەر تىمتاس يۈرەكلەردە،
ئەقىل زەنجىرىدەك دەردلىك بۇلۇت يامرار پەلەكلەردە.

ھارارەت تەپتىدىن ياشناپ كۆكەرگەن چۈش باياۋانى
ئۇچۇرما بولمىغان قۇشتەك بۇقۇلدايدۇ تىلەكلەردە.

ئىشىك، تۈڭلۈك ئېتىلگەن چىڭ شامالنىڭ شەپىسى كىرمەس،
لېكىن تاملار قاراسلايدۇ مېھىر سىڭگەن بىلەكلەردە.

قوناقلىققا كىرىپ كەتكەن جۇۋاننىڭ كۆزلىرى كۈندەك،
پۈتۈن خۇۋلۇق - ئازاپلارنى چىقار يۆگەپ ئېتەكلەردە.

چىمەنلەر باغرىدا نەمخۇش قەدەملەر سەلكىنى يۇمران،
خىيالنىڭ قۇردىشى بىرلا بەخىت - سۆيگۈ كېرەكلەرگە.

(4)

چىلان رەڭلىك تورۇق ئاتنى مىنىپ كەلسەڭمۇ نە ھاسىل؟
بولالمايمەن مانا ئەمدى سېنىڭ ۋەسلىڭگە مەن نائىل.

كۈنۈم ئۆتكەندە يامغۇرلۇق ئۈنۈمنى باقمىدىڭ ئاڭلاپ
بىلەلەيسەن سېغىنچىمنى ھايات بولساڭلا، ئەي ئاقىل.

مېنىڭ قەھرىمگە رەڭداشتۇر ھىدىمنى سەزمىگەن شۇ يول
يۇشۇرمايمەن، نېسىپ بولماس ماڭا ھابىل  ۋە يا قابىل.

قىلىچلاپ ئۆز تېنىمنى، ئاھ، قۇياشنى ئەيلىسەم سەۋدا،

بىراق شۇ دەمدە زەنجىرلەپ دېمەس ھېچكىم مېنى قاتىل.


سۆيۈلگەن، سۆيگىنىم راستتۇر ئۆمۈرلۈك قىسمىتىم بىرلە،

قالارمەن ئەسلىنىپ شەكسىز چىمەنلىكتە خۇدا، ئادىل!

(5)

يۈرەكنىڭ بېغىشى بىرلە غۇۋا ئۈن يانچىلار رەت - رەت،
سۈرەنلەر ئەۋجىدە بۇ دەم قارا كۆزدىن ئاقار زۇلمەت.

رىزق شاخىدا شىلدىرلاپ ئۈزۈلگەن ئۇشبۇ نۇرلۇق تەن
سۈزۈك قان مەۋجىدە يامرار غېرىپلىققا بېرىپ تاقەت.

مېھىر ئازغۇنلىقى سىڭگەن چىغىر يوللاردا سۇسىزلىق
ئۈمىد گۈلشەنى چەيلەنگەن ئازاپتا بىر تۇتام راھەت.

ۋىسال - ھىجران پەرقسىزدۇر خىياللار بولمىسا تۇتقۇن،
ئۇچار روھ قۇشلىرى ئاتەش داۋانلاردىن تىلەپ ئاپەت.

كۆيەر جان مۈلكى ھەر كىمنىڭ چېقىنلار دەشتىدە شۇ چاغ
داۋالغۇيدۇ گۈزەل چۈشتەك چىمەنلەر ياشنىغان خىلۋەت.


(6)

سىلكىنەر تەن قورغىنى خۇلقى - سىياقى مىسلى قار.
سەزگۈلەر ھىجرىدە كۈندىن ئىزدەيدۇ كۆزلەر شەرم - ئار.

تەشۋىشى يوقتۇر كۆيۈك روھنىڭ ئازابتىن زەررىچە،
ئەھلى ئىنسانلار بىلۇر بۇندا مۇقەددەس ناخشا بار.

ئاي يۈزىدە سۈپسۈزۈك داغ نۇرلىنار پىل - پىل قىلىپ،
ئاھ، ئۆلۈمنىڭ دەھشىتى قىلماس كۆڭۈل چۆلىدە كار.

قىز چانايدۇ چاچلىرىنى ھەسەن - ھۈسەن يىتكەن كىچە،
غۇنچىلايدۇ تىترىگەن بارماق ئارا بىر سېھرىتار.

قۇش پېيى توزۇپ تۆكۈلگەن باغلارمۇ ھېچ سولغۇن ئەمەس،
ياپيېشىل ئوت ھەم چىمەندەك دىل قەسرىگە كۆچكەن باھار.

(7)

ئېغىر دەملەردە سەن بار دەپ لېۋىمنى چىشلىدى قان-قان،
قولۇمنى جۈپلىدىم مۇڭلۇق يۈرەكىمگە ياساپ ئايۋان.

رىيازەت ئىستىگەن قۇشتەك قونۇپ مەن تۈن پىراقىغا
بۇلۇت چۆككەن قاراقىمنى قىلىپ ھەمدە ئۆزۈمگە دان.

لىغىرلار ئىرىگەن يۇلتۇز كۆزۈمنى يۇممىقىم مۈشكۈل
قوڭۇررەڭ چاچ كەبى، ھەيھات، چاراسلاپ كۆيگىنى ئورمان.

ئارامىم پەسلىدە كۆكلەپ ئىمان سۈيىدە نۇرلاندىڭ
بالام، ئەمدى يەنە مىڭ رەت جېنىم بىرلە بېرەي دەرمان.

نادامەت چەكمەيدۇ ھېچبىر ئەر چىمەنلىك بولمىسا قاقشال
ئاناڭ كۆكسىدىن قان ئاقسا ئۆزەڭ باش بوپ كۆتەر غەليان.


(8)

يېپىنچامنى شامال قايرىپ ئۇچۇرسا سەن تامان كۈندە،
پىراقىڭغا ئىلىنغايمۇ يېنىپ ئاتەش بولۇپ تۈندە.

سۇلايمان ھېكىمىتى بىرلە ياشارغايمۇ ھايات ۋەسلى،
ماكانى كۆكتىكى قۇشنىڭ تىلىنى بىلسە گەر بەندە؟

كۆزۈڭنىڭ زۇلمىتى چىرماپ شوراپ يىتكەن بۇ باغرىمنى،
بۇ دۇنيالىق مېلىم شۇ دەپ ئاۋايلاپ يۈرىمەن تەندە.

تىنىقلار ئەۋجىنى پۈتكەن ئۇلۇغلۇققا چۆكەلمەس كىم ،
لېۋىنى قان قىلىپ كاككۇك پىغان چەكسە غېرىپ ئۈندە؟

ياقاڭنى سۆك، يېشىڭنى تۆك قېنىم دەرياغا ئايلانسۇن،
جىمى ئالەم گۇۋاھ بولسۇن چىمەننىڭ يىلتىزى سەندە.


(9)

پۇچۇلاپ كۈلگىن ئۈنۈڭدە ھىجرىڭنى سەن ئەتسەڭ بايان.
بىر ساڭا مۇشتاقلىقىم ئالەم ئارا بولۇر ئايان.

كۆكسى چوڭقۇر كۆك دېڭىزنىڭ ئاستىدا يۈرگەن بېلىق
ۋەسلى ئىمكانى پۈتۈپ بولغان يۇنۇسقا ھۆر ماكان.

قىسمىتىمنى مۈشكۈلات كەلكۈنى ھېچ قىلماس خاراب،
سەن مېنىڭ باغرىمدا نۇردەك چايقىلىپ بولساڭ ئامان.

ئىشقىمىز ھەم مېھرىمىزدىن ئوت بولۇپ يانسا زىمىن،
كار قىلامدۇ كۈلكىمىزگە بۇ ھايات سالغان توغان!؟

مەي بولۇپ پىشقان ئۈمىدنىڭ لەھزىدە بىر تال چىمەن،
قىيغىتىپ دۇلدۇللىرىڭنى قول سوزۇپ كەلگىن جانان.

(10)

بىز مېڭىپ گۈللۈككە كەلسەك ئاي مېڭىپ يانىمغا كەلدى.
ئول پىراقىڭنىڭ ئوتى ئەمدى بۇ جانىمغا كەلدى.

سىلكىتىپ سۇمبۇل چېچىمنى ئەيلىسەم باغرىمنى قان،
سەن ئۇچۇرغان ئىزگۈ قۇشلار ئايلىنىپ تارىمغا كەلدى.

قەھرىتان كۈنلەر ئۇزاپ قالدى يىراقتا ھەممىسى،
مىھرىڭ ئۇيۇتقان نۇر - زىيا بۇ كۆڭۈل غارىمغا كەلدى.

يايرىدىم ئاشىقلىقىمنى پەيمانە ئەيلەپ دىل ئۈچۈن،
ئەشئارلىرىمنىڭ سۈلكىتى قاينىغان قانىمغا كەلدى.

سەندە بولغاچ يەتتە ئىقلىم غۇلمانلىرىنىڭ بەركىتى،
بارچە خۇش ھىد، بار پەزىلەت گۈل چىمەن باغىمغا كەلدى.

(11)

سەۋرنىڭمۇ چېكى باردۇر، مۇراد ۋەسلىڭنى گۈل قىلغىن.
مۇشەققەت ئىچرە بۇ جاننى قارا بەختىڭگە ئۇل قىلغىن.

قۇرۇتتىن پاكلىنىپ ئەييۇب يۇيۇنغان نۇر - زىيا بىرلە،
كۆيۈشنى ئىستىسەڭ شۇدەم ئارامىڭنى ئۇيۇل قىلغىن.

جاراھەتتەك ۋىلىلدايدۇ بۇلاقنىڭ كۆزلىرى، ئەركەم،
ئېقىشنى بىلمىگەنلەرنى كۆڭۈل باغىدا تۇل قىلغىن.

يېشىنى مەي قىلىپ تۇتقان غېرىبنىڭ كۆكسىدە خەنجەر،
ئۇرۇلسا سەن تامان ھەردەم سالام بىرلە قوبۇل قىلغىن.

جاھان يەكتالىرى بىلگەي چىمەننىڭ قۇردىشى ئوتتۇر،
مەگەر بىلسەڭ بۇ ئۆمرۈڭنى ئىشق ئەھلىگە قۇل قىلغىن.
*********************************
( تۈگىدى )


Rank: 3Rank: 3

توردا
34 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
1
يازما
221
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى 17:11:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز مېڭىپ گۈللۈككە كەلسەك ئاي مېڭىپ يانىمغا كەلدى.


دىمىگەن بىلەن ھەجەپ ھوزۇرلىنىشنى ئۇقىۋالدىم جۇما شېئىر دىگەندىن

Rank: 8Rank: 8

توردا
539 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
830

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى 17:29:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىمەنگۈل ھەر جەھەتتىن يىتىشىپتۇ، غەزەل يېزىش دىگەن ھەممىلا ئادەمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ، بولۇپمۇ بۇنداق نازۇك پۇراقلىق غەزەللەرنى....

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 8Rank: 8

توردا
168 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
367

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى 22:40:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىلۋە،رەھمەت سىزگە!سەمىمىيلىكىڭىزدىن،ئەجرىڭىزدىن سۈيۈندۈم....
4-غەزەلنىڭ داۋامى 9-غەزەلنىڭ ئاخىرىغا ئۇلىنىپ قاپتۇ. تەھرىرلەپ قويۇش مۇمكىنمىكىن؟

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 00:54:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز بىلەن قايتا ئۇچۇرشۇپ قالىمەن دەپ ئويلاپمۇ باقمىغانتىم ، ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن ، ھۆرمەت باغچىسىدىن سىزگە گۈل تىزدىم  بۇ كۆڭۈل سوۋغامنى قۇبۇل قىلىڭ . بارلىق بەخت ،خاتىرجەملىك مەڭگۈ سىزگە يار بولغاي .



كەچۇرۇڭ ، تەھرىرلەلمىدىم ۋاقتىم قىس بولغاچ دىققەت قىلمايلا يوللىۋىتىپتىمەن ، ئەسلى 4-بۇلەكنىڭ ئاخىرقى كوبلىتى ،8-بۇلەككە كىرىپ قاپتۇ ،  بۇ مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىغا قالدى .


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى 15:29:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقۇرغۇچىلار بەكلا ئالدىراش بولسا كىرەك ، ھىچقايسى قىلماپتۇ . يا ئادەمگە ئۈزىنىڭ تىمىسىنى تەھرىرلىيەلەيدىغان ھوقۇقنى بەرمەپتۇ .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1828

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى 16:57:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۈرۈڭلار ئەزىزلەر مەن تەھرىرلىۋېتەي.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 3Rank: 3

توردا
173 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى 11:02:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەھشىي ھە،  قاتىل.... نەق قاتىل غەليانلار ئىكەن بۇ........ بۇنداق "غەليانلار" ئايال زاتىنىڭ قەلەملىرىدىن قاراسلاپ چىققىنىغا ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
168 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
367

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى 11:50:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشىنىۋىرىڭ سامساپەز...

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى 13:09:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇلالىق بۇ يازمىنى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى 16:57 دە يوللىغان
كەچۈرۈڭلار ئەزىزلەر مەن تەھرىرلىۋېتەي.

كەچۇرۇڭ پەرىشتەم ، قەھۋە بۇ تېمىنى تەھرىرلەپ قويۇپتۇ ، ھازىر ئەسەر نورمال ھالەتتە ، رەھمەت سىلەرنى ئاۋارە قىپتىمەن .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 00:58 , Processed in 0.052483 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش