يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1652|ئىنكاس: 19

سىزگە ئايالىڭىز كېرەكمۇ؟ ئاشنىڭىزمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

توردا
51 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
3
يازما
181
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى 22:02:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ئايال بىلەن ئاشنىنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالماسلىقى ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى رېئاللقتۇر. بۇ يەردە تۇنۇشتۇرۇلغان ئايال ۋە ئاشنا ھەققىدىكى بەزى پىكىرلەرگە جەزمەن نۇرغۇن كىشلەر قوشۇلماسلىقى مۇمكىن. شۇنداق بولسىمۇ، كۆرۈپ قويسىڭىز، بەلكىم ئۇلاردىن بەزى نەرسىلەرنى ئىگىلىۋېلشىڭىز مۇمكىن.
     بىرەيلەن (خوتۇن دېگىنىمىز، كۈندە كۆرىۋەرسەڭ ئىچىڭ پۇشۇپ قالىدىغان، ئايرىلغان ھامان سېغىنىشقا چىدىغىلى بولمايدىغان ئاياللارنى كۆرسىتىدۇ) دېگەنىدى.  
ئەمما، ئاشنا ئوخشىمايدۇ، ئۇ بىر خىل تەم تەڭىشىگۈچ، ئەيش-ئىشرەتنىڭ مەنبەسى.
ئايال ئېرىگە ئاددى-ساددا، رېئال تۇرمۇشنى ئۆگىتىدۇ؛ ئاشنا ئەرلەرگە رومانتىك، خىيالى تۇرمۇشنى ئۆگىتىدۇ.  
ئەرلەر چاپىنى يىرتىلىپ كەتسە، تۈگمىسى چۈشۈپ قالسا بىمالال بېرىپ ئايالىنى ئىزدەيدۇ. ئەگەر ئايالى:<<چاپىنىڭىزنىڭ نەرى يىرتىلىپ كەتتى؟>>دەپ سوراپ قالغۇدەك بولسا، ئۇلار ئايالىغا نارازى بولىدۇ .
ئەرلەر ئاشنىسىنىڭ ئالدىغا پۇزۇر كىيىنىپ، سالەپەتلىك بارىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاشنىسىغا قويىدىغان تەلىپى-چىرايلىق، مۇلايىم، رومانتىك، نازلىنىشنى بىلدىغان بولۇش.
    ئەرلەر ئايالغا نىسبەتەن ئىنتايىن پىخسىق، ئاشنىسىغا نىسبەتەن ئالاھىدە مەرد.  
    ئەرلەر ئىشى كۆڭلىدىكىدەك بولمىغاندا ۋە كۆرەڭلىگەن چاغدا ئاشنىسىنى ئىزدەيدۇ.
ئەگەر بىر ئايال ئېرىنىڭ خوتۇنى ھەم ئاشنىسى بولسا، ئۇ ئايالنىڭ ئېرىنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئادەم
دېيىشكە بولىدۇ.بيا ئاشنىغا يا ئايالىڭغا تۇر دىگەندە  بەزىلەر ئايالىنى تاللىدى، بەزىلەر ئاشنىسىنى تاللىدى، ئەمما كۆپىنچە  ئەرلەر ئاخىرىدا يەنىلا  ئايالىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى.
    ئايالىڭىز تۇغۇلغان كۈنىڭىزدە ئالدىغا پەشتاما تارتىپ ئاشخانىدىن بېرى كېلەلمەيدۇ.
    ئاشنىڭىز ئالدىڭىزدا ئاندا-ساندا يىغلاپ قويىدۇ، سىز ئاياللار يىغلىسا تېخىمۇ گۈزەللشىپ كېتىدىكەن دەپ ھېس قىلىسىز .
    ئايالىڭىز ئالدىڭىزدا بىر كېچە ئازاپلىنىپ يىغلىسا، سىز ئۇنى پەقەت بالدۇرراق ئۇخلىغىن، دەپ بەزلەپلا قويىسىز.
    ئاشنىڭىز ھەمىشە سىزنىڭ تاماكا چېكىۋاتقان ھالىتىڭىزگە مەھلىيا بولىدۇ.
    ئايالىڭىز ھەمىشە بىر مۇنچە سەۋەپلەرنى كۆرسىتىپ، سىزنى تاماكىنى تاشلاشقا دەۋەت قىلىدۇ.   
    ئاشنىڭىز سىزنىڭ ئاچچىقلىنىشىڭىزنى قۇبۇل قىلمايدۇ. ئايالىڭىز سىز بىلەن نەچچە كۈندە بىر جېدەللىشىپ تۇرىدۇ.  
    ئاشنىڭىز سىزنى زېرىكىشلىكتىن خالي قىلىدۇ، سىزگە ئۆزىنىڭ خوشال بولغانلىقىنى ھېس قىلدۇرغۇسى كېلىدۇ.
    ئايالىڭىز سىزگە ئۆزىڭىزنىڭ دەردىنى تۆكىدۇ، ئۇ سىزنىڭ ھىمايىڭىزگە ئېرىشىىشنى ئويلايدۇ.
    ئاشنىڭىز سىزگە:<<مەن  بىر يېڭى ناخشا ئۆگىنىۋالدىم، سىزگە ئېيتىپ بىرەي>>دەيدۇ.
    ئايالىڭىز سىزگە:<<سىزگە يېڭى كىيىم سېتىۋالدىم، تېز كىيىپ كۆرۈپ بېقىڭ >>دەيدۇ.
    ئاشنىڭىز  باشقىلار بىلەن سىز توغۇرلۇق سۆزلىششىنى خالىمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭغا ئۆزى بولدىلا بولدى.
    ئايالىڭىز باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا سىزنى پات-پات تىلغا ئېلىپ تۇرىدۇ، چۈنكى ئۇ بارلىق كىشلەرگە سىزنىڭ ئۇنىڭغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشنى ئويلايدۇ.
   ئاشنىڭىز ھەمىشە  سىزدىن سوۋغا بەرگەندىلا مېنى ئۇنتۇپ قالماپتۇ، دەپ ئويلايدۇ.
   ئايالىڭىز سوۋغىڭىزدىن زادىلا رازى بولمايدۇ، ئۇ ھەمىشە سىز سېتىۋالغان نەرسىنى بەك قىممەتكەن، دەپ ئويلايدۇ.
   ئاشنىڭىز سىزنىڭ ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى ئېسىڭىزدە تۇتۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ.
   ئايالىڭىز سىزنىڭ ئۇنىڭ ھەممە نەرسىنى ئېسىڭىزدە تۇتۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئاشنا ئەرلەر ئېرىشەلەيدىغان دوست.
خوتۇن ئەرلەر  ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ئايال.
    ئاشنىڭىز ئايالىڭىزنى سىغدۇرالايدۇ، چۈنكى، ئۇ سىزنىڭ تەۋەلىكىڭىزدىكى بويۇمغا ئايلىنىش بىلەن بىرگە، سىزمۇ ئۇنىڭغا خۇراچ بولۇپ قالسىز. ناۋادا بىر كۈنى ئۇ سىزدىنمۇ قالتىس ئەرگە ئۇچرىسا ، ھېچنىمىگە قارىماستىن شۇ ئەرنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئاتىدۇ.

    ئايالىڭىز ئاشنىڭىزنى سىغىدۇرالمايدۇ. مۇبادا بىر كۈنى ئۇ ئاشنىڭىز بارلىقىنى سېزىپ قالسا، سىز ئاشنىڭىزدىن  ئايرىلىپ، ئايالىڭىزنىڭ قېشىغا قايتىپ كېلىشىڭىز مۇمكىن، بۇ چاغدا ئۇ قارىماققا سىزنى قۇبۇل قىلغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما سىز ئۇنىڭغا سىز ئېلىپ كەلگەن ئازاپنى ئاسانلىقچە كىتەلمەيدۇ. بەلكىم، دىلى قاتتىق ئازار يىگەن ئايالىڭىز سىزگە ئىلگىرىكىدەك كۆيۈنمەسلىكى، كۆڭۈل بۆلمەسلىكى ، ھەتتا باشقا بىر ئەرنى ئىزدىشى مۇمكىن. بۇنىڭ بىلەن سىز ئايالىڭىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قالىسىز، بۇرۇن ئېرىشكەن بەختىڭىزنى يوقۇتۇپ قويسىز.
   يۇقۇرقىلاردىن شۇنى كۈرىۋىلىشقا بولۇدىكى، خوتۇن بىلەن ئاشنىنى تەڭلا قۇبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، سىز چوقۇم ھېسسىيات تارازىڭىزنى سالماقلىق بىلەن ئىگەللەپ، ئۆزىڭىزدىن كۆپرەك<<ماڭا ئايالىم كېرەكمۇ ياكى ئاشنام؟>>دەپ سوراپ تۇرىشىڭىز كېرەك.


<<ئەرلەرنىڭ كارامىتى>>دىن ئېلىندى.


ئەسكەرتىش:تېما يولللىغاندا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ.

[ Coffee بۇ يازمىنى  2010-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى 15:15  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى 17:11:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما ھەقىقەتەن كىشلىك تۇرمۇشنىڭ تولىمۇ نازۇك مۇناسىۋەتلىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ. شۇ سەۋەبلىك بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئوي-خىيال ۋە پىكىرلەر قورامىغا يەتمىگەنلەر نەزەر دائىرىسى ئىچىدە ئەمەس. شۇڭا قورامىغا يەتمىگەنلەر بولسا ئۆزىنى بىلىپ بۇ تېمىدىن چىقىپ كەتكەي !
ئايال ۋە ئاشنا توغرىلىق پىكىر چىقىپ قالغاندا مەن كىمدۇر بىرىنىڭ " ئايالىڭ بالاڭنىڭ ئاپىسى، ئاشناڭ يەنە بىر بالاڭنىڭ ئاپىسى" دەپ مەسخىرە پاراڭ قىلغىنى يادىمغا كېلىدۇ.
ئايال ۋە ئاشنا ئەلۋەتتە ئەر جىنىسلارغا نىسبەتەن بىردىنبىر ئورتاقلىقى ئىككىلىسى ئايال كىشى. فىزولوگىيىلىك جەھەتتە ئازراق پەرقلەرنى ھىسابقا ئالمىغاندا ئەرلەرنىڭ ياد جىنىسقا بولغان ئىنتىلىشىنى قاندۇرالايدىغان ئەشۇ تەن ئوپمۇ ئوخشاش.
ئوخشاش فىزولوگىيىلىك تەلەپ، ئوخشاش تەن ئوبيىكتى ، ئوخشىمىغان ھۇزۇر !
ھەرقانداق كىشىنىڭ بىرەر نەرسىگە ئېرىشكۈسى كېلىدۇ. ئەگەر رىيال تۇرمۇشتا بۇ ئوي خىيالىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتى بولسا، بۇنى تەلەپ دەيمىز. تېمىمىز بىۋاستە ئەر-ئاياللىق توغرىسىدا بولغاچقا، ئادەمدە بولۇشقا تىگىشلىك باشقا تەلەپلەرنى قويۇپ بىۋاستە مەقسەتكە كېلەيلى.
ھەممە كىشىدە فىزولوگىيىلىك تەلەپ بولىدۇ. مەيلى قىز بولسۇن ئوغۇل بولسۇن . ئەگەر ياد بىر جىنىسنى كۆرگەندە ئۇنىڭغا قارىتا ئازراق تەسىر بولمىسا بۇنىڭ سەۋەبى ئىككى تۈرلۈك. بىرى قارشى تەرەپنىڭ قانداق جىنىسلىقىنى بىلمەي قالدىڭىز ياكى بولمىسا سىزنىڭ پىسخولوگىيىڭىزدە تەڭپۇڭسىزلىق مەۋجۇد .
ئەرلەر يېنىدىن ئۆتۈپ كەتكەن ناتونۇش قىزغا قاراپ سالىدۇ ھەتتا خېلى بىر ۋاقىتقىچە ئۇنتۇيالمايدۇ. ئەمما ئىككىنچى بىر قىزنى ئۇچرىتىپ قالغاندا ئاپتوماتىك ھالدا ئالدىنقى قىزنىڭ ئۇچۇرىنى ئۆچۈرۈپ ئەڭ يىڭىسىنى ساقلايدۇ. دىمەك، قىزىقىش ياكى ھەۋەس قىلىپ قېلىش ھەرگىز شۇ شەيئىگە باغلىنىپ قېلىش ئەمەس .
تېمىدىن چەتنەپ كەتتىم .
ئەمدى ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا قويىدىغان تەلەپلىرىنى ئانالىز قىلىپ باقايلى.
1. ئەرلەر ئاياللارغا ئەڭ ئالدى بىلەن ئورتاقلىق، چۈشىنىش، ئىشىنىش، ساداقەتمەنلىك تەلىۋىنى قويىدۇ.
پىكىر ئورتاقلىقى، ئۆزئارا چۈشۈنۈش، بىرى بىرىگە چۈشۈنۈش  ئىككى كىشىنىڭ ھېسياتىنىڭ پەيدا بولىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى، مۇھەببەتنىڭ ئاساسى دەپ قارايدۇ. ئەگەر بۇلارنىڭ بىرى بولماي قالسا ئەرلەردە قانداق ئۆزگىرىش بولىشى مۇمكىن. ئۈن تىنسىز ئولتۇرۇپ تاماكىسىنى شوراۋاتقان شۇ ئەرلەر دەل مۇشۇ مەسىلىنى ئويلاۋاتىدۇ ھەقىچان.
2. جەزبدار، ناز خۇلۇقلۇق ۋە رومانتىك بولۇش تەلىۋىنى قويىدۇ.
قايسى بىر ئەر كىشى ئۆزىنىڭ ئايالىنىڭ چىرايلىق، جەزبدار بولىشىنى ئۈمۈد قىلمايدۇ. تاشقى قىياپەت ۋاقتى كەلگەندە تۇنجى تەسىر بولىدۇ. ئەرلەرلا ئەمەس ئاياللارمۇ ھەم شۇنداق قارايدۇ.
3.ئايالىدىن تۇرمۇش كاپالىتىگە ئىگە قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
بۇنىڭ قانداق چۈشەنسەك بولىۋېرىدۇ. ئاددىيسى ئاش-تاماقتىن تارتىپ، ئۆيدىكى كىرقات يۇيۇشقىچە ۋە كارىۋاتتىكى ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت تەلىۋىگىچە دىسەك ئاشۇرۋەتمەسمىز ھەقىچان.
4. ئايالىدىن چىچەنلىك بىلەن تۇرمۇش باشقۇرۇش ۋە يولدىشىنى ھەرۋاقىت كونترول قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
بىر ئائىلىگە كۆڭۈل بۆلۈش جەھەتتە شۇنداق كېسىپ ئېيتىمەنكى ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللارنىڭ تۆلىگەن بەدىلى كۆپ بولىدۇ. چۈنكى ئاياللارنىڭ كۈزىتىش ئىقتىدارى تولىمۇ كۈچلۈك. ئۆيگە قاراپ پەردە، داستىخانغا قاراپ چوكا-چىنە ئالدىغان بۇ ئىنچىكە مىجەزى بەزىدە ئەرلەرنىڭ ئىچى پۇشۇرۋەتسىمۇ، ئاياللار بۇ جەھەتتىن يەنىلا يۈكسەكلىكنى بەرپا قىلىشقا تىرىشىدۇ.
5. ئاياللاردىن مەۋجۇدلۇقنى ساقلاپ قېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئاياللار ئەرلەرنىڭ يۇقۇرىقى تەلەپلىرىنىڭ زور كۆپ قىسمىنى ئادا قىلالمىسا ئەلۋەتتە مەۋجۇدلىقىنى يوقاتقان بولىدۇ.
ئەمدى ئاشنىغا قاراپ باقايلى. ئاشىنىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكلىرى باركىن.
1. ئەرگە تەئەللۇق بولمىغان ئايال.
2. ئەخلاق قارىشى ۋە شەرىئەتتىكى ئەمىر مەرۇپلارغا ھېچ ئىككىلەنمەي خىلاپلىق قىلالايدىغان ئايال.
3. ئۆيدىكى خوتۇنغا قارىغاندا تېخىمۇ ناز خۇلۇقلۇق، كەم سۆز، خۇش پېئىل، جەزبدار ئايال.
4. ئۆزىنى ھەرقانداق ۋاقىتتا تۈزەشتۇرۇپ ئاياللىق سېھرىنى نامايەندە قىلىشنى ئۇنۇتمايدۇ ئايال .
5. ئەر بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىدە شېرىن سۆھبەت، جىنسىي تەلەپنىلا ئاساس قىلىدىغان ئايال .
6. ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلەر.
ئەرلەر نىمە ئۈچۈن سىرتتىن ئاشنا تۇتىدۇ؟ دىگەن سۇئال ھامان بۇ تېمىدىكى ئەڭ نۇقتىلىق مەسىلە .
سىرتتىكى ئاشنا بەرگەننى ئۆيدىكى ئايالمۇ بېرەلەيدۇ. ئەمما بېرىش ئۇسۇلى ۋە جەريانىدا مەلۇم پەرقلەر بولسا كېرەك. بۇ جەھەتتە ئەرلەرنىڭ كۆڭلىدە تۇنجى بولۇپ شەكىللىنىدىغان خاتا خاھىش پەيدا بولىدۇ. ئاشنا بىلەن بىرگە بولۇش "ھۇزۇرلىنىش" يۈزىسىدىن، ئۆيدىكى ئايال بىلەن بىرگە بولۇش " مەجبۇرىيەت" يۈزىسىدىن بولۇپ قالىدۇ. مانا بۇ بىز دەۋاتقان ئوخشاش تەندىن ئېرىشكەن ئوخشىمىغان تەسىرات.  ئۆيدىكى ئاياللىرىمىز نىكاھتىن كېيىن يولدىشىغا بۇرۇنقىدەك ئەركىلەپ كەتمەيدۇ ياكى ناز قىلىپ كەتمەيدۇ. چۈنكى ئۇلار يولدىشىنىڭ بىر كۈنلۈك خىزمەتتىن چارچىغان نېرۋىسىغا تىگىشنى خالىمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ۋاقىت ئۆتىدۇ . ئاستا ئاستا ئايالمۇ ئەرمۇ ئەركىلەش، ناز خۇلۇقنىڭ تەمىنى ۋە رولىنى ئۇنتۇيدۇ. بۇ چاغدا ئايال ئۇ ئەرگە نىسبەتەن پەقەت نىكاھ مۇناسىۋېتى بىلەنلا بىرگە ئۆتىۋاتقان ئايال زاتىغا ئايلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ.  شۇ ۋاقىتلارنىڭ بىرىدە، ئەر سىرتتىكى بىر ئايالنىڭ سۆز ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۆيدىكى ئايالىغا قارىغاندا تېخىمۇ بەكرەك ئاياللىق پۇراقنىڭ بارلىقىنى، ھەتتا مېڭىشلىرىنىڭمۇ ئۆيدىكى ئايالىدىن چىرايلىق، مەپتۇن قىلارلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىرتتىكى شۇ ئايالغا نىسبەتەن قىزىقىش بولىدۇ.
سىرتقى قىياپەتنىڭ ئەرلەرنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزۈپ تۇرىدىغانلىقىنى چوقۇم ئېتراپ قىلىشىمىز كېرەك. ئاياللار ياكى بالىلىق بولغاندىن كېيىنكى ئاياللار تۇرمۇش، خىزمەت ۋە بالا بېسىمى بىلەن ھەرۋاقىت ئۆزلىرىنى قىز ۋاقتىدىكىدەك ياساپ چىرايلىق بوپ كىتەلمەيدۇ. مېنىڭچە 80% ئايال ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىدىن ۋاز كېچىپ بالىلىرىغا ئۆزىنى ئاتىۋېتىدۇ. مىسال ئالساق، ئاياللار گۈزەللىكىنىڭ بىر تۈرلۈك ئىپادىسى - ئاياللارنىڭ تولغان كۆكسىلىرىدىن ئىپادىلىنىدۇ. بالىلىق بولغاندىن كېيىن بالا ئېمىتىش ئاياللارنىڭ كۆكسىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىگە بىۋاستە ئامىل بوپ قالىدۇ. شۇ سەۋەبلىك ياشلىقىنى ساقلاشنىلا ئويلايدىغان ئاياللار، بوۋاقلارنىڭ بىردىنبىر ھوقۇقى بولغان ئانا سۈتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. ئەمما بۇخىل ئەھۋال كۆپ قىسىم ئاياللاردا تېخى يامراپ كەتكىنى يوق. نۇرغۇن ئاياللىرىمىز تولىمۇ مەسئۇلىيەتچان. مانا شۇ سەۋەبلىك فىگورىسى بۇرۇنقىدەك جەلپ قىلىش كۈچىدىن قېلىشى ئۇلارنىڭ بۇ مەسئئۇلىيىتىگە تۆلىگەن بەدىلى ھىسابلىنىدۇ. شۇ سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ ئەرلىرى ئىچىدىكى بىر قىسىم شۇ "ئەر"لەر ئايالىنىڭ ھازىرقى بەدەن شەكلىنىڭ ئۆزىنى جەلپ قىلالمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ دە، يولدىن چىقىش خاھىشى پەيدا بولىدۇ.
مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، ئەرلەرنى چۈشۈنۈش ياكى ھېچ بولمىغاندا شۇ ۋاقىتتىكى ھېسياتىنى چۈشۈنۈش جەھەتتە، سىرتتىكى ئاشنا ئائىلىدىكى ئايالغا قارىغاندا تېخىمۇ تەجرىبىلىك بولسا كېرەك. ئائىلىدىكى ئاياللار ئەرلەرگە كۆيىنىدۇ ئەمما ئەرنىڭ كۆڭلىنى تولۇق ئىزلەپ ( كۆڭلىنى ئېچىپ، ئىچ پۇشىقىنى چىقىرىش)  قىلىپ كېتەلمەيدۇ. شۇ سەۋەبلىك ئاشنا تۇتقان ئەرلەر كۆڭلىدە بىرەر تۈگۈن بولغاندا دائىم سىرتتىكى ئاشنىلىرىنى يادىغا كەلتۈرىدۇ ۋە شۇلاردىن قانائەت ھاسىل قىلىدۇ.
ئەڭ ئاخىرقى سەۋەبنى مەن يەنىلا ئەرلىرىمىزنىڭ ئۆزىدىن دەپ قارايمەن. ئائىلىدىكى ئاياللارنىڭ مەۋجۇدلىقىنى بارا بارا يوقىتىش پەقەت بىر يۆنىلىش بولسا، ئەرلەرنىڭ ئىرادىسىنىڭ ئاجىزلىقى ئىچكى سەۋەب بولىدۇ.
يۇقارقىلەر ئەمدىلا 28 ياشقا كىرگەن كەمىنىنىڭ ئاددى كاللام، تېيىز بولغان تۇرمۇش تەسىراتىمدىن يىغىنچاقلاپ ئانالىز قىلىشىمدىن ھاسىل بولغان كۆز قاراشلار. بۇ ھەرگىز بارلىق ئەرلەرگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. پىكىرلەر جەريانىدا تورداشلىرىمىزنىڭ كۆز قارىشى ۋە پىكىرى بىلەن ئىختىلاپ بولۇپ قالسا، توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ئاخىرىدا سۆھبىتىمىز ئارقىلىق ئەرلىرىمىز ۋە ئاياللىرىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ ھەقىقى مەۋجۇدلىقىنى ھېس قىلىپ، تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق سوغۇقىدا تاۋلانغان جۈپتىلىرىنى قەدىرلەپ، مۇھەببەت بېغىدىكى گۈللىرىنى پورەكلەپ ئېچىلدۇرىشىغا، شەيتاننىڭ ئازدۇرىشىغا باقماي، ئىرادىسىنى مۇستەھكەم قىلىپ، بەخىتلىك ئائىلىسىنى قۇرۇپ چىقىشىنى ۋە ھەق نىكاھىنى قوغدىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ئېھتىرام بىلەن : سايە .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 16:02:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمما سايە بەزىدە خۇددى 70 ياشقا كىرگەم مويسىپىتلاردەك تەپەككۈر قىلسەندە ، ئىنكاسىڭدا يېشىڭىنى دىمىسەڭ ھەممە ئىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن پىشقەدەم مويسىپىت ئوخشايدۇ دەپ قالاركەن تونىمىغانلار .
سېنىڭ تېمىغا ۋە تېما يوللىغۇچىنىڭ ئەمگىكىگە بولغان ھۆرمىتىڭىگە بەكمۇ قايىلمەن، شۇنچىلىك ئەستايدىللىق بىلەن ئىنچىكە تەھلىل قىلىپ ئىنكاس يازىسەن، يۇقۇردىكى پىكىرلىرىڭ تولىمۇ ئورۇنلۇۇ بوپتۇ، شەخسەن مەن شۇنداق قارىدىم، داۋاملىق مۇشۇنداك دانا پىكىرلىرىڭنى ئوتتۇرغا قويۇپ تۇرارسەن

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 17:34:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە مەرىم . مەن شۇ ئويلىغانلىرىمنى يىغىنچاقلاپ سۆزلەپ قويدۇم . بىر ياقتىن ئويلاپ بىر ياقتىن يازغاچقا ئىملا خاتالىقلىرى بارمىكىن ھەقىچان .
سىلەرمۇ كۆز قارىشىڭلارنى دەپ بېقىڭلار. چۈنكى بەخىتلىك ئائىلە ھەممىمىزگە كېرەك، ئۈچىنچى شەخىسنى ھەممىمىز يامان كۆرىمىز ئەلۋەتتە.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 17:39:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇدا ئۇرسۇن ئۈچۈنچى شەخىسنى سايە، مۇشۇ گەپنى ئېغىزىمغا ئالساملا يۈرەكلىرىمدىن قان تامىدۇ ، خۇدايىم ئەمدى ئۇنداق قارا قىسمەتلەرنى كۆرسەتمىسۇن،

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 19:50:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى بۇ يازمىنى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 17:39 دە يوللىغان
خۇدا ئۇرسۇن ئۈچۈنچى شەخىسنى سايە، مۇشۇ گەپنى ئېغىزىمغا ئالساملا يۈرەكلىرىمدىن قان تامىدۇ ، خۇدايىم ئەمدى ئ ...


بۇ  قانداق گەپ ئەمدى ؟

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 19:58:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل بۇ يازمىنى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 19:50 دە يوللىغان


بۇ  قانداق گەپ ئەمدى ؟

ئاۋۇ سايىجاننىڭ ئىنكاسىنى ئوقۇڭ ئېسىل خانقىز، مەن ھەر قانداق كىشىنىڭ تۇرمۇشىغا ئۈچۈنچى شەخىسى ئارلىشىپ قالمىسۇن  دېمەكچى

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 20:15:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قورقۇپ كەتتىم جومو مەرۋەرى

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 20:26:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل بۇ يازمىنى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 20:15 دە يوللىغان
قورقۇپ كەتتىم جومو مەرۋەرى

ۋاي ئاللا ئېسىل خانقىز نىمىدىن قورقۇپ كەتتىڭىز

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى 01:46:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىنقى ئىنكاسىڭىزنىڭ ئەڭ ئاخرىقى بىر جۈملىسىدىن ، خاتا چۈشىنىۋالغان ئو
خشايمەن

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 03:36 , Processed in 0.050398 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش