يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: arman-taxkin

سىزگە ئايالىڭىز كېرەكمۇ؟ ئاشنىڭىزمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
560 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1178

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى 14:53:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا، تېما يازسا "ئارمان-تاشقىن"دەك يازسا، ئىنكاس يازسا "سايە"دەك يازسا. كىشىنىڭ ھاردۇقى چىقىپلا كېتىدۇ جۇمۇ.

     سايەنىڭ يازغانلىرىنى ئوقۇغان كىشى بېشىىدىن خېلى قىسمەت ئۆتۈلگەن بالىكەن، دەپ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمما بېشىدىن كەچۈرمىش ئۆتمىگەنلەرمۇ نۆۋەتتىكى  رەڭدار تۇرمۇش كارتىنىلىرىدىن خېلى تەجىرىبىلەرگە ئىگە بولۇپ كېتىدۇ. زاماننىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ ھەر خىل شەيئىگە بولغان تەلەپ ۋە ئېھتىياجى سەرخىللىشىپ كەتتى. شۇنىڭدەك ئەرنىڭ ئايالغا، ئايالنىڭ ئەرگە بولغان ئېھتىياجى بارغانسىرى بىر-بىرىنى قاندۇرالمايۋاتقاندەك، ئەلۋەتتە قىسمەن ئائىلىلەردە شۇنداق.  شۇنچىلىك كۆيۈپ-پىشىپ، نەچچە يىل مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىشقان ئەر-ئاياللارمۇ ھېچ سەۋەبسىزلا مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىپ، تالاغا قارايدىغان ئەھۋال بولىدىكەن. ئەمەلىيەتتە سۈرۈشتۈرۈپ كەلسە تۇتامغا چىققۇدەك سەۋەپ يوق، پەقەت سىرتتىكىلەرنى كۆرۈپ باققۇسى كېلىدىكەن. بۇ ئەھۋال ئاياللار ئۈچۈن ئىنتايىن ئېغىر ئازاب. مەيلى يولدىشى بولغان ئادەم قىمار ئوينىسۇن، ھاراق ئىچسۇن، نەشىكەشلىك قىلسۇن، ئەمما بۇلارنى قۇبۇل قىلىپ كېتەلەيدۇكى، "ئاشنا"نى ھەرگىز قۇبۇل قىلالمايدۇ. قۇبۇل قىلالىشى ناھايىتى تەس، قۇبۇل قىلالىشى مۇمكىن بولسا پەقەت ۋە پەقەت پەرزەنتى ئۈچۈن قۇربانلىق قوي بولۇپلا تۇرۇپ بېرىدۇ، خالاس.!


    بەزى ئەرلەر ئاشنا تۇتقىنى بىلەن ئايالىدىن، بالىلىرىدىن، ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ قالغۇسى يوقكەن. كۆپىنچە ئەرلەرنىڭ شۇنداق قىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز. ئۇنىڭدەك ئەرلەر ئۈچۈن ئائىلىدە ئېرىشىپ بولالمىغان ۋە ياكى تېخىمۇ كۆپ ھېسسىي تۇيغۇ ۋە گۈزەل جامال، پەرى سۈپەت سىماغا ئېرىشكۈسى كېلىدىغان بولۇشى مۇمكىن. ئۆز ئايالى شۇنچە پاكىزە، ئىشچان، ۋاپادار بولسىمۇ، باشقا ئاياللار بىلەن بىلىپ-بىلمەي ئالاقە قىلىدىغان ئەرلەر مەۋجۇت. ئەمما ئۇلارنىڭ ئاياللىرىدا خاتالىق يوق، سەۋەنلىكمۇ يوق، شۇنداق ياخشى ئۆتۈشۈپ تۇرۇپمۇ باشقا ئاياللارغا ئىنتىلگۈسى كېلىپ تۇرىدىكەن. توي قىلمىغان چېغىمدا بۇنداق ئىشنى كۆرۈپ، ئاڭلاپ بەك ئازابلانغان ئىدىم، شۇنچىلىك ئىشەنچىلىك ئەرلەرمۇ ھامان ئىشەنچىسىز يەرلىرىنى ئاشكارىلايدىكەن. بىر تۇققىنىمىزنىڭ يولدىشى ئاشنا تېپىۋېلىپ بەك جاپا تارتتى، ئۆي تۇتۇشلىرى، تاماق ئېتىش، بالىلارنى تەربىيلەش جەھەتتە بىر قوللۇق ئېلىپ ماڭاتتى. ئىۋەن تاپقىلى بولمايتى، چىرايىمۇ چىرايلىق، پاكىز ئىدى. تۇيۇقسىز نېمە بولغىنىنى بىلمەيلا قالدۇق، ئاللىبۇرۇن ئاشنا تېپىۋالغانىكەن.  2  يىل تىركىشىپ يۈرۈپ ئاخىرى 18 ياشلىق ئىككى قىزىنى يىتىم قىلىپ ئاجرىشىپ كەتتى، ئايالى سىز قاچان قايتىپ كەلسىڭىز مەن يەنىلا سىزنى قۇبۇل قىلىمەن، دىگەن گەپنىمۇ قىلدى، بۇ گەپنى قەلپتىن چىقىرىپ دېمەك ئەلۋەتتە ناھايىتى قىيىن. غورۇرنى قويۇپ تۇرۇپ دەيدىغان گەپ. ئەمما يولدىشى يەنىلا سۈكۈتتە تۇرىۋېلىپ يۈرۈپ ئاشنىسى بىلەن كېتىپ قالدى. ئەرلەرنىڭ بۇزۇلغۇسى كەلگەندە كۆزىگە ھېچنىمە كۆرەنمەيدىغان بولىدىكەن.
   
    مېنىڭچە ئەرلەر ئايالىدىن ئېرىشەلمىگەنلىرىگە ئاشنىسى ئارقىلىق تولۇقلاش قىلىدۇ. ئەرلەرنىڭ ئاشنا تېپىۋېلىشى 感情的需要 بولۇشى مۇمكىنمىكىن، دەيمەن. ئەرلەر ئاياللارنى مەڭگۈ قانائەت قىلمايدۇ، دەيدىكەن. ئەسلىدە قانائەت قىلمايدىغىنى ئەرلەردۇر. ئائىلىسىدىن، شۇ خىل مۇھىتتىن قانائەت قىلمىغاچقا ئاشنا تۇتىشى مۇمكىن. ئاشنا تۇتقان ئەرلەر كۆڭلىدە سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بارماي قالمايدۇ. ئايالى شۇنچىلىك ئىشچان، ۋاپادار، رايىش، ئۇنىڭدىن ۋازكەچكۈسى كەلمەيدۇ. ئاشنىسى بولسا خۇلقى بار، لىزىم، گۈزەل، ئۇنىڭ پەقەت ئاچچىقىنى كەلتۈرمەيدۇ، دىرىكىنى قىلمايدۇ. شۇڭا  ئۇنىڭدىنمۇ ئەسلا ئايرىلغۇسى كەلمەيدۇ. چەتئەللىشىش مەدەنىيەتلىكىنىڭ ئۇلغىيىشى بىلەن ئىدىيمىز بارغانچە ئېچىلىپ، شەيئىلەرنى تېزلا قۇبۇل قىلالايدىغان بولۇپ كەتتۇق، ئاشنىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. مۇشۇ سەۋەبلىك ياشاۋاتقان مۇھىتىمىزمۇ ناھايىتى ئېغىر بۇلغىنىۋاتىدۇ. ھەر خىل ئىجتىمائىي ئالاقە جەريانىدا نۇرغۇن دوست-بۇرادەرلەر بىلەن تونۇشۇش، سىردىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇق، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە پايدا يەتكۈزگەندەك قىلسىمۇ سوبىكتىپ جەھەتتە بىزگە زىيان ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. ھەر خىل مۇھىت، شەيئى، ئادەملەر كۆزىمىزنى ئېچىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ شۇ كىشىنىڭ ساپاسى، ئېتقادى، ئائىلە تەربىيسى دېگەنلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
    ئەرلەر ئايالى بىلەن ئاشنىسى ئىچىدە  قايسىنى تاللاشنى ئۆزى بىلىدۇ.  بىلىمى بار، ساپالىق، دىيانەتلىك ئەرلەر ئۆز ئايالىنى تاللىشى مۇمكىن، ئەكسىچە قاراقوساق، تەربىيە كۆرمىگەن، ئېتقادى كەمچىل، كاللىسى ئاددى ئەرلەر ئاشنىسىنى تاللىشى مۇمكىن، ئاشۇ ئاشنىسىنىڭ بىر كۈنلەردە ئۆزىگە ئاشنا بولغاندەك باشقا ئەرلەرگىمۇ ئاشنا بولۇپ يۈرىيدىغىنىغا كاللىسى يەتمەيدۇ-دە.

    ئەڭ ياخشىسى، ئۇلۇغ ئاللا ئەرلەرنىڭ كۆڭلىگە ئىنساب بەرسۇن، ئاياللارنىڭمۇ ھەم شۇنداق. مىللىتىمىزنى ئۇنداق ئاسان تۈگەشتۈرىۋەتمىگەي. ئۇ ئالەمگە ئېتقادىمىز بىلەن كېتىپ قېلىشىمىزغا نېسىب قىلغاي!!!



ئارمان-تاشقىنغا تەشەككۇر!

[ Coffee بۇ يازمىنى  2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى 15:59  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى 18:19:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا مانا تېما ، مانا ئىنكاس دېگەن، قەھۋە خانقىز ئەسلىگە قايتتى، بۇرۇنقى يەتتە قىزلىرىمدىكى قەھۋەنى ئەمدى كۆردۈم، ھېلى ئالدىرىماي ئوقۇي...

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى 16:18:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاسنى ياىشى يازدى دەپ سايىنى ماختاپ ئاندىن ئۈزىڭىزمۇ تازا بىر كەلتۈرۈپسىز غۇ ئىنكاس دىگەننى قەھۋە .

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
560 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1178

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى 15:22:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ۋاقتىم بولسىلا ئاددى ئىنكاس يازمايمەن، بولسا پىكرىمنى كۆپرەك بايان قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن. ئەمما بەزىدە ۋاقت ۋە ھېسسىيات چەكلىمىسى تۈپەيلى كۆپ يېزىپ بولالمايمەن.


مەرۋەرى خېنىم، ئىنكاسلارنى خېلى تەپسىلى يېزىۋاتىمىز جۇمۇسىلا. دىققەت قىلىپ نازارەت قىلالا!

Rank: 1

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
14
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 23:00:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا ئىنسانلارغا ئىككى قولنى تۇتۇشقا ،ئىككى قۇلاقنى ئاڭلاشقا ،ئىككى كۆزنى كۈرۈشكە ياراتقان ،نىمشقا پەقەت بىرلا يۈرەكنى ئاتا قىلغان ؟ چۈنكى بىرلا ئادەمنى سۆيسۇن دەپ .

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 23:03:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەفىسە قىزنىڭ قىسقا، ئەمما مەنىلىك بۇ ئىنكاسى تېمىغا جاۋاپ بوپتۇ ، تەشەككۈر نەفىسە!

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى
نادىر
0
يازما
5
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى 20:54:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىما ۋە ئىنكاسلارغا قارسام
مەن بويتاقنىڭ قۇلقې سەل تىچمۇ نىمە؟
ئائىلسې بارلا ئەنسىرەپلا  يۇردىغان گەپكەنغۇ...

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
560 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1178

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى 17:46:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنسىرىمەڭ مەنزىلىم! تۇرمۇش دېگەن بەك گۈزەل، ئىككى كىشلىك دۇنيادىن بالدۇرراق بەھىر ئېلىڭ. گەپ سىزنىڭ تۇرمۇشتا قانداق يولنى تۇتالىشىڭىزدا.

Rank: 1

توردا
11 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
نادىر
0
يازما
36
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى 21:26:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما ھەقىقەتەن كىشلىك تۇرمۇشنىڭ تولىمۇ نازۇك مۇناسىۋەتلىرىنى ئېچىپ بېرىپتۇ.

Rank: 2

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
259
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى 00:16:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سايەنىڭ ئىنكاسىنى ئوقۇپ بەك ھاياجانلاندىم ،دىمىسىمۇ سايە خۇددى مەرىم دىگەندەك 70ياشلىق نۇرغۇن ئىسسق سوغۇقنى بىشىدىن ئۆتكۈگەن چوڭ ئادەملەردەك يىزىپسىز ،شۇنچىلىك تەپسلى ،ھەقىقەتەن ئەرلەرنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن ،ئۇنىڭغا قوشۇپ ئاۋۇ نىم بولسا بولمامدۇ دەپ ئارلىشىدىغان ئاياللارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 03:18 , Processed in 0.150932 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش