يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 752|ئىنكاس: 1

كــەمـبـەغـەلـلـەرنىڭ رومانتىكىلىقى ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى
نادىر
1
يازما
23
يوللىغان ۋاقتى: 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى 17:02:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كــەمـبـەغـەلـلـەرنىڭ رومانتىكىلىقى  !

ئاشۇ كۈنلىكى كەچقۇرۇنلىقى بىريىگىتنىڭ بىرقىزنى ھاپاش قىلىپ ئاسما كۆۋرۈككە چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم .  ئۇلارنىڭ ئۈستىۋىشىدىن قارىغاندا يېزىدىن شەھەرگە كەلگەن ياش ئەر-خۇتۇن ئىشلەمچىلەردەك قىلاتتى . قىز يىگىتنىڭ دۈمبىسىگە چىڭ يېپىشىۋالغان ، يىگىت بولسا چىلىق - چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ كەتكەنىدى .
مەن تېزدىن بېرىپ يىگىتنى يۆلىدىم ۋە كۆيۇنگەن ھالدا :
_ بۇقىز ئاغرىپ قالغان ئۇخشىمامدۇ ؟ سىزگە دوختۇر ماشىنىسى چاقىرىپ بېرەي ، _ دىدىم .
بىز كۆۋرەك ئۈستىگە چىققاندا ، قىز تۇيۇقسىز يىگىتنىڭ دۈمبىسىدىن سەكرەپ چۈشۈپ ، كۈلۇپ تىلىقىپ قالدى .
_ كەچۈرۇڭ ، كەچۈرۇڭ ، _ دېدى ، يىگىت ئالمان- تالمان كەچۈرۈم سوراپ ، _ سىزگە كۆپ رەخمەت ، بىز ئەسلى ئويۇن ئويناۋاتقانتۇق .
_ نېمە ، ئۇيۇن ئويناۋاتقانتۇق ؟ _ بۇ گەپنى ئاڭلاپ سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدىم ، غۇژژىدا ئاچچىقىم كەلدى .
بىرھازادىن كىيىن ئاران دېگەندە كۈلكىسىنى باستى ، ئۇماڭا ، بۈگۈن ئۇلارنىڭ توي قىلغانلىقىنىڭ ئۈچ يىللىقى ئىكەنلىكىنى ، شۇڭا كەچقۇرۇنلىقى رۇخسەت سوراپ چىققانلىقىنى ئېيتتى .
_ ئۇنىڭ پۇلى يوقلىقىنى بىلگىنىم ئۈچۈن ، سوۋغات ئېلىپ بەر دىمىدىم ، _ دىدى قىز  ، _ لېكىن ئۇنىڭ كۈچى بار ، شۇڭا مېنى كۆتۈرۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلدىم ، ئۇمېنى كۆتۈرۈپ ئۈچ قىتىم بېرىپ _ ئەكىلىپلا ھېرىپ ھالىدىن كەتتى ، كەلگۈسىدە توي قىلغىنىمىزغا 30يىل بولغاندا ، ئۇنىڭغا 30رەت كۆتۈرتىمەن ، شۇچاغدا ئۇ كۆرگىلىكىنى كۆرىدۇ .
قىز سۆزلەپ يەنە كۈلۈپ كەتتى ، يىگىت بولسا بىرچەتتە ساددىلارچە كۈلۇمسىرەپ تۇراتتى .
مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇ قىز چىرايلىق ئەمەس ، ھەتتا سەت دېيىشكە بولاتتى . لېكىن شۇ پەيىتتە بۇسەت سەھرا قىزى كۆزۈمگە سۆيگۈ لىباسى كىيگەن نازىنىنلاردەك كۆرۈنۈپ كەتتى .
كىشىلەر ئادەتتە رومانتىكىلىقنى گۈل ، شام نۇرى ، قەھۋەخانا ، مۇزىكا دېگەندەكلەر بىلەن باغلىۋىلىپ ، دۇنيادا  پۇل بىلەن قىلچە ئالاقىسى بولمىغان رومانتىكىلىقنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ قويمايدۇ .
بىز سۆيگىنىمىزگە قىممەت باھالىق نەرسىلەرنى ئىلىپ ئېلىپ بەرمىسەكمۇ ، ھېچ بولمىغاندا ھاپاش قىلىپ ئايلىنىپ كەلسەكمۇ بولىدىغۇ!!
مەنبە: شەبنەم تورى

Rank: 3Rank: 3

توردا
116 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
284
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى 20:33:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپىنچىمىز تۇرمۇشىمىزدا رومانتىك دەقىقىلەرنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز ،بولۇپمۇ خانىم -قىزلار دەل مۇشۇنداق .
يۇقۇرىدىكى قىسقا ھىكايىدە بايان قىلىنغاندەك رومانتىكلىكنى پەقەت ئىقتىسات بىلەنلا سېتىۋالغىلى بولمايدۇ ،مانا مۇشۇنداق دىلىمىزنى سۆيۈدۈرىدىغان كىچىك ئىشلارمۇ بىزگە رومانتىك تۇيغۇ ئاتا قىلالايدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 00:42 , Processed in 0.057059 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش