يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 762 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 774|ئىنكاس: 9

چىدىمىساڭ ئۆلىۋال ( سەنسىز 0903 ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
18 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
1
يازما
130
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 16:43:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

چىدىمىساڭ ئۆلىۋال
سەنسىز0903

بىراۋ تاپسا يۈز ئابرۇي، چىدىمىساڭ ئۆلۈۋال،
ئامەت كەلسە ياخشىغا، چىدىمىساڭ ئۆلۈۋال.
يولدا ماڭسا ئاشىقلار ھەسەت قىلىپ، تولغىنىپ،
ئىزدەپ قۇسۇر، يامان گەپ تاپالمىساڭ ئۆلۈۋال.



خوش بولىدۇ بىراۋنىڭ كۈلپەت چۈشسە بېشىغا،
كېچە-كۈندۈز ئويلايدۇ، توپا چاچسام ئېشىغا.
قوندۇرمايدۇ چىۋىننى ھەتتا گۈلە-قېقىغا.
ياخشىلارغا ئورىلار قازالمىساڭ ئۆلۈۋال.



ھالال ئىشلەپ پۇل تاپسا، ئۇخلىيالماي تولغىنىپ،
ئاھ ئۇرىسەن ھەر دەقىق كىچىدىمۇ ئويغىنىپ.
ئۆتەر كۈنۈڭ بىر ئۆمۈر، ئاقنى قارا كۆرسىتىپ.
ياخشىلارغا پەشۋانى ئاتالمىساڭ ئۆلۈۋال.


كۆرسىتىسەن تۆگە دەپ، ھەتتا كىچىك تۈگمىنى،
بىلىمەن دەپ داڭلايسەن، ھەممە ئىشنىڭ ئېپىنى.
ئۆتەر كۈنۈڭ لالمىدەك، تۇتماي ئىشنىڭ بېشىنى.
سەندە نەشتەر بار، لېكىن چاقالمىساڭ ئۆلۈۋال.


دەسسەپ خازان قىلغۇڭ بار بىر چىرايلىق مايسىنى،
چېلىپ ھىيلە كانىيى، ئاپتاپ دەيسەن سايىنى.
يۇۋاشلارنى بۇزەك قىپ، ئۇرالمايسەن نوچىنى،
ھەققانىيەت تېمىنى، چاقالمىساڭ ئۆلۈۋال.


پۇت قويىسەن ياخشىغا، كۈندە قىلماق بولۇپ قەست،
ھەسەت قىلىپ كەينىدىن، گەپ تاپىسەن ئېگىز-پەس.
ئايەم بولار سەن ئۈچۈن، ئۆزگىلەرنى باسسا نەس.
مۇھەببەتكە ئىغۋانى، تېرالمىساڭ ئۆلىۋال.


بېغىدىكى باغۋەننىڭ، تۇرسا مېۋە مەي بولۇپ،
سېسىتقۇڭ بار تۇيدۇرماي، ئۆزگىرىپلا قۇرت بولۇپ.
يازدا ئۆسكەن كۆچەتنى، ئۈششۈتكۈڭ بار جۇت بولۇپ.
بوران  بولۇپ ئورماننى، يۇلالمىساڭ ئۆلىۋال.




ئەسەرلىرىمنى رۇخسىتىمسىز كۆچۈرمەڭ!


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 16:54:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداقلار چىدىمىسا ئۆلۈۋېلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدۇ. چۈنكى ئۆلىۋالسا باشقىلار ئېرىشكەن ياخشىلىققا كىم ھەسەت قىلىدۇ؟

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 17:39:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەنسىز ئۇكە ، بەلەن جۇما يارايسىز !
كۆكۈيۇندەك ئىلىپ ، ئىلىپ تۇرۇپ يازغىنىنى قارا ....
ئايدارنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئىمزا قويۇپ بىرىڭ دەپ ئىزدەپ بارمايلى يەنە ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
550 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
839

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 18:46:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىلۋە خېنىم :كۆكۈيۈن دىگەن ئىشەكنىڭ ساغرىسىدىن كەتمەيىدىغان نەرسە، سەنسىزنى قالايماقان ئوخشاتماڭ جۇمۇ

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 3Rank: 3

توردا
173 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 19:13:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىم... لېكىن  بەزى ئادەملەر ئىشەكتەكلا....كۆكۈيۈن ئۇقماي چېقىپ سالسىمۇ بىرنىمە دېگىلى بولمايدۇ...
شۇڭا دەيمەن، جىلۋىنىڭ ئوخشاتقىنمۇ خاتا ئەمەستەك...

Rank: 3Rank: 3

توردا
18 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
1
يازما
130
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى 09:07:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سامسىپەز ئاكىمىزنىڭ ئىنكاسلىرى ئوتۇندەك بەزى ئادەملەر  راس ئىشەكتەك بوپ كەتتى..

Rank: 8Rank: 8

توردا
550 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
839

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى 09:37:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنى دەيمەن، ئىشەكلىكىنى بىلەرمۇ ئۇلار؟

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 8Rank: 8

توردا
168 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
368

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى 10:42:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىرنى يەنە بىر قېتىم كۆرگۈنىمدىن خوشالمەن.

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى 14:57:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا بوھتان چاپلىماڭلار ئەزىزلىرىم ، كۆڭۈل رەنجىشتىن بەكلا قوقىمەن ، < دىل ئازار ، خۇدا بىزار > دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ . سەنسىزنىڭ قەلەم قۇۋۋىتىگە قاراتقان مۇبالىغەم خالاس ، يىزىپ شۇنداق كەلتۇرۋىتىپتۇ .
ئەمدى ئىشەك مەسىلىسىگە كەلسەك :
ئۆزىنىڭ ئىشەكلىكىنى بىلىپ بولغۇچە يىپىپ ، يۇغرۇپ ئۈلگۈرىدۇ ، شۇڭا نىمىگە ئوخشايدىغانلىقىنى باشقىلار بىلىپ بولالماسلىقى مۇمكىن، ئۆزى بىلەلىسىلا كۇپايە .... ئەمما ، شۇ ، لېكىن ، ئەپسۇس ..............

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 23:37 , Processed in 0.052220 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش