يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 743 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 616|ئىنكاس: 4

ئىككى ئابدۇللا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 16:03:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىياتشۇناس : غەيرەت مۇرادوۋ

" قۇرئانى كەرىم "دە ئىسىملار ئاسماندىن چۈشىدۇ، يەنى ئىلاھىيدۇر، مەزمۇنىدا ئايەت بار، ئىسىم ئىنسان تەقدىرى بىلەن باغلىنىشلىق، ئېنىقراغى بىر ئادەمنىڭ كەلەچەكى ئىسمىدا يوشۇرۇنغان بولىدۇ،دېيىلگەن. بۇ پىكرىمىز ئىسپاتىنى 20-ئەسرنىڭ ئىككى بۈيۈك ئىجادكارى __ ئابدۇللا قادىرىي بىلەن ئابدۇللا قەھھار ئىسىملىرى مىسالىدا كۆرۈش مۇمكىن.



ئابدۇللا قادىرىي
     ئابدۇللا (ئابدۇللاھ) ئەرەب تىلىدا "ئاللانىڭ قۇلى"دېمەكتۇر. كىمكى ئىسمى قانداق بۆلىشىدىن قەتئىينەزەر پەرۋەردىگارغا چىن دىلىدىن قۇللۇق ئىختىيار ئەتسە، ئۇ مىسلىسىز ئىنئام-ئېھسانلارغا سازاۋەر. مەملىكەت شاھى بولمىغاندىمۇ روھ مۈلكىنىڭ خاقانى بولۇشقا مۇناسىپ.تاشكەنتلىك قادىر ئاتا بىلەن جاسىيەت بىبى ئارقا-ئارقىدىن 14 پەرزەنتلىك بولدى. ئەمما ئۇلار كىچىكىدىلا ئالەمدىن ئۆتۈۋەردى. تاقەتلىك ئاتا-ئانا يېڭى تۇغۇلغان ئوغلىغا ئابدۇللا ، دەپ ئات قويدى. ھەق ئىگەمنىڭ كارامىتىنى كۆرۈڭكى، بۇ ئوغۇل ھەم ئۇنىڭدىن كېيىن تۇغۇلغان ئوغۇللار ( رەھىمبەردى، قۇدرەتۇللا) ئامان قېلىپ، بالاغەتكە يېتىپ، ئۆي-ئوچاقلىق بولۇپ كۆپەيدى.
     يەنە شۇنداق بىر ھادىسە فەرغانەلىك ئابدۇقەھھار ئاىلىسىدە ھەم تەكرارلانغان. ئابدۇقەھھار ئۇستامنىڭ بىرنەچچە پەرزەنتلىرىنىڭ بەزىلىرى يۆگەكتە، بەزىلىرى كېيىنراق ئارقا-ئارقىدىن ئالەمدىن ئۆتتى. پەقەت ئابدۇللا دەپ ئات قويۇلغان كەلگۈسىدىكى بۈيۈك ئەدىب ئامان قالدى.
     بۇنداق ۋەقەدە قانداق سىر بارلىقىنى بىز ئاجىز بەندىلەر بىلمەيمىز. بىر ئاللانىڭ ھۆكۈمى، ئىرادىسى ئىكەنلىكىنىلا بىلىشىمىز مۇمكىن.
     سىرتتىن قارىغاندا ئىككى ئابدۇللا ئارىسىدىكى ئوخشاشلىق ئەنە شۇ ھادىسە (ئەجەلدىن ئامان قېلىش) بىلەن چېگرالانغانغا ئوخشايدۇ. قادىرىي ئەتىيازدا تاشكەنتتىكى باغۋەن، قەھھار كۈزدە قوقانلىق تۆمۈرچى
ئاىلىسىدە تۇغۇلغان. بىرى جەدىد ھەرىكىتىنىڭ، ئىككىنچىسى سوۋېت دەۋرى ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىلى. بىرى يەرگە ،دېھقانچىلىققا مېھر قويغان، يەنە بىرى تۆمۈر-تەسەككە، تېخنىكىغا قىزىققان. ئا.قادىرىي يىغىلىشلاردا نۇتۇق سۆزلەشنى ياقتۇرمىغان، ئا.قەھھار ئاجايىپ ناتىق بولغان...
    ئەمما بۇ مەسىلىگە چوڭقۇرراق زېھىن قويساق، ئۇلارنىڭ ئىجادلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىنتىلىشنىڭ غايەت زور ۋە كۆپ قاتلاملىق ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز.
بىرىنچىدىن : بۇ ئىككى ئەدىبنى سۆزگە بولغان مېھر، سۆز ئالدىدىكى بۈيۈك مەسئۇلىيەت بىرلەشتۈرىدۇ. ئۇلار يامان ناچار يازمىغان، سۆز خەزىنىسىنى ئىسراپ قىلمىغان. شۇ نۇقتىدىن ئەسەرلىرىدە ھەربىر سۆز ئۆلمەس كەبى جۇلالىنىپ تۇرىدۇ. ماھىر زەرگەر__ سۆز ئۇستىسى ئۇلارغا دىت بەرگەن، ئەدەبىيات سەلتەنەتى ئەدەبىيات ئالىمىگە ئاپىرىپ قويغان. ئۇلار كېرەكسىز سۆز-جۈملىلەرنى يازمىغان، ئەكسىچە ئۇلار يازغانلىرىنى تەھرىرلەپ ئىخچاملاشتۇرغان. ئاز سۆز بىلەن ساز ۋە كۆپ مەنە بېرىش ئۇلار ئىجادىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى بولغان.
ئىككىنچىدىن : ئەسلىدە يۇقىرىدىكى ئوخشاشلىق ئىككىلا يازغۇچىنىڭ شەخسىيىتى بىلەن باغلىنىشلىق. ئىككىلىسى كەم سۆز، كەمتەر ئىنسان ئىدى. ئۇلارغا مەنمەنلىك يات بولغان. بۈيۈك ئەسەرلەرنى يازغان بولسىمۇ ئۆزلىرىنى ئاددىي، ئەلقاتارى ئادەم ، دەپ بىلىشكەن. شۆھرەت، ئىمتىيازلارغا ئىنتىلمىگەن، ئەدەبىياتتىن تەمە-مەنپەئەت كۈتمىگەن، ماختىنىشنى يامان كۆرۈشكەن. ئەدەپ، ھايا ئۇلارنىڭ ئىچكىي دۇنياسىنى ھەممىگە كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە ئۇلارنى مەردلىك، يۈكسەك مەنىدىكى ۋىجدان، ئەدلۇ-ئادالەتتىن ئىبارەت ئىنسانىي خىسلەت بېزەپ تۇرغان.
بۇ ئۈچ خىسلەت بىر-بىرىگە باغلىنىشلىق بولۇپ، بىرى ئىككىنچىسىدىن كېلىپ چىققىنى ئۈچۈن بىز بۇ يەردە پەقەت مەردانىلىكى ئۈستىدىلا توختىلىمىز.
     ئابدۇللا قادىرىي ئەزەلدىن مەرد ئىنسان ئىدى. بۇ قەدەر ئېسىل پەزىلەتلىرى تۈپەيلى ئۇ زامان ئۆزگىرىشلىرىگە ماسلاشمىغان. 20-ئەسرنىڭ 20-يىللىرىدا ئۆتكۈر فېلياتونلارنى يېزىپ بەزى مەككار تۆرىلەرنىڭ يېغىرىغا تەگكەن. مەككار تۆرىلەر "سېنى ئۆلتۈرۈشكە قاتىل ياللاندى" دېگەن مەزمۇندا ئەدىبكە مەكتۇپ يوللىغاندا، ئەدىب "مۇشتۇم" ژۇرنىلى ئارقىلىق بۇ تەھدىتكە جاۋاب بېرەر ئىدى ھەم دۇنيادىن  تويغانمەن، دەپ مىيىقىدا كۈلگەن. ئۆلۈمدىن قورقماسلىق، تاتلىق جاندىن ئار-نومۇسنى ئارتۇق قويۇش ئا.قادىرىي ھەم ئۇنىڭ ئىجابىي قەھرىمانلىرىغا خاس خۇسۇسىيەت.
     شۇم تۈزۈمگە بوي ئەگمىگىنى ئۈچۈن ئابدۇللا قادىرىي ئىككى رەت (1926-يىلى ۋە 1937-يىلى) قامالغان. ئۇ تۇتقۇنلۇتىمۇ ئۆزىنى مەردانە تۇتقان، خورلۇقتىن ئۆلۈم ئەۋزەل ، دەيدۇ ئۇ 1926-يىلىدىكى سوتتا. قاماقتىن چىقىپ قىزغىن ئىجادىيەتكە شۇڭغۇپ كەتكەن ۋە 1928-يىلى ئىككىنچى شاھ ئەسىرى "مېەھرابتىن چايان" تاماملىغان.
       يازغۇچىنىڭ پەزىلەتلىرىنى ئۇ ياراتقان ئىجابىي قەھرىمانلاردىن ھەم بىلىش مۇمكىن. "ئۆتكەن كۈنلەر"دىكى ئاتابېك مەرد، دىلاۋەر يىگىت. جاللات مۇسۇلمانقۇل ناھەق پىتنىچىلىكتە ئەيبلىنىپ قوقان ئوردىسىغا كەلتۈرۈلگەن ئاتابېككە غەزەپ ئوتىنى پۈركىگەندە ئۇ قورقۇنچقا  چۈشمەيدۇ، "ھۆكمىڭىزنى چىقىرىۋېرىڭ"
دەيدۇ ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن. بۇنداق جاۋاب مۇسۇلمانقۇلدەك رەھىمسىز جاللاتنىمۇ ھەيرەتكە سالىدۇ ۋە "پاھ، جىگىرىڭ بار ئىكەن يىگىت"دەيدۇ زوقلىنىپ.
      ئا.قادىرىي 1937-يىل 12- ئايدىن 1938-يىل 10-ئايغىچە نكۋد تۈرمىسىدە بولغان ۋە سوت قارارىسىز ئېتىۋېتىلگەن. قاماقتا مىسلىسىز قىيناشلارغا باھادىرانە بەرداشلىق بەرگەن. ئۇ بىرەرمۇ ۋەتەندىشىنى قارىلاپ كóرسەتمىگەن. ھالبۇكى، باشقىلار قىيناشلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي تóھمەتكە تولغان ئەيبنامىلەرگە ئىمزا قويغان.
     ئابدۇللا قادىرىي ھەر بىر مىللەتدىشىمىز ئۈچۈن خەۋپ ۋە ئىبرەتتۇر.
مەردلىك بابىدا ئابدۇللا قەھھار بۈيۈك ئىنساننىڭ مۇناسىب ۋارىسى. ئۇنىڭ تەرجىمىھالىدىن بۇنداق پەزىلەت نىشانىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ۋەقە ۋە دەلىللەرنى كۆپلەپ تېپىش مۇمكىن. نەبىجان باقىينىڭ "قەتلنامە"
دېگەن ئەسىرىدە يېزىلىشىچە، ئابدۇللا قادىرىينىڭ "ئەيىبلەش جىلدى"گە ئىمزا قويمىغان يېگانە ئىنسان ئا.قەھھار ئىكەن.
      ئۆزبېكىستان قەھرىمانى، مەشھۇر يازغۇچى سەىد ئەھمەد "يوقاتقانلىرىم ۋە تاپقانلىرىم" دېگەن كىتابىدا ئۇستاز ئەدىبنىڭ جاسارىتىنى كۆرسەتكۈچى ھادىسىلەرنى ھېكايە قىلغان. ئەدەبىياتنى مۇقەددەس دەرگاھ بىلگەن ئا.قەھھار پۇچەك، بەدىئىيلىكى يوق ئەسەرلەرگە مۇرەسسەسىز مۇئامىلىدە بولغان ھەم بۇنداق ئەسەرلەر ئاپتورلىرىغا قارىشى پىكرىنى ئوچۇقلا ئېيتقان. نابابلىق كۆڭلىگە پۈكلۈلگەن، مەلۇم مەۋقە قوغلىشىدىغان
قەلەمكەشلەر شۇنىڭ ئۈچۈن ئا.قەھھارنى يامان كۆرگەن ، ئۇنىڭغا تۈرلۈك رەزىل يوللار ئارقىلىق بەتنام چاپلاشقا، ئەسەرلىرىنى يامان ئاتلىق قىلىشقا ئۇرۇنغان. جۈملىدىن 20-ئەسرنىڭ 60-يىللىرىنىڭ بېشىدا "قىزىل ئۆزبېكىستان" گېزىتىدە "تاۋۇتتىن تىۋىش ھەققىدە" دېگەن زور ھەجملىك ماقالە بېسىلىپ، ئا.قەھھارنىڭ ئەسەرلىرىدە سوۋېتلار ئىتتىپاقىنى قارىلىغانلىقى ھەققىدە توختىلىشقان. بۇ ماتېرىيالغا ئۈچ مەشھۇر يازغۇچى ۋە ئەدەبىياتشۇناس ئىمزاسى قويۇلغان ئىدى، ئۇلارنىڭ بىرى ئا.قەھھارنىڭ يېقىن دوستى بولغان. مانا شۇنداق ھۇجۇملارغا قارىماي ئېتىقادلىق ئەدىب ئۆز پىكرىدىن قايتمىغان، بەلكى ھەقىقەتنى دەستۇر بىلىپ نادىر ئەسەرلەر يېزىشنى داۋام قىلىۋەرگەن. ئەلۋەتتە، ئەسەب كۈچلىرىنىڭ قاقشايدىغىنى، چاچنى ئاق ئارىلايدىغىنى تەبىئىي.

ئۈچىنچىدىن : ئا.قادىرىي ۋە ئا.قەھھارنى ئۆزبېك خەلقىدىكى مېھماندوستلۇق ئەنئەنىسى بىلەن يۇغۇرۇلغان، دېيىش مۇمكىن. ئىككى ئەدىب ئوخشاشلا ئاجايىپ مېھمانسۆيەر ئادەملەردىن ئىدى. ئىشىك چېكىپ كەلگەن ھەرقانداق كىشى __ ھۈنەرۋەن، دېھقان، مەدىكار، زىيالىي ياكى تۆرە-بايلار بولسۇن ئىللىق چىراي كۈتۈۋالاتتى،

دەستۇرخان سېلىپ چاي-تائام كەلتۈرەتتى. ئا.قادىرىي "ئۆتكەن كۈنلەر"، "مېھرابتىن چايان" كەبى شاھ ئەسەرلىرىنى يېزىۋاتقاندا ئالتۇندىن ئازىز ۋاقتىنى مېھماندىن ئايىمىغان. قەلەمنى توختىتىپ مېھماننىڭ ئىززەت-ھۈرمىتىنى جايىدا بەجا كەلتۈرگەن. مانا بۇلار بۈيۈك ئەدىب تەبىئىتىدىكى سېخىيلىق، مەردلىك خىسلىتىنىڭ ئىپادىسى ئىدى.

        ھەبىبۇللا قادىرىينىڭ يېزىشىچە، 1932~1934-يىللاردىكى دەھشەتلىك ئاچارچىلىق يىللىرىدا ھەر كۈنى ئەدىبنىڭ ئۆيىدە داشقازانلار قايناپ تۇرغان. ئەدىبنىڭ مېھر-شەپقىتى تۈپەيلى قاينىتىلغان بۇ قازاندا

موھتاج كىشىلەر غىزالانغان. ئاشۇ يىللاردا يازغۇچى بىتاب بولۇپ قالغان، بۇ ئاچارچىلىقتىن بولغان ئەمەس، چۈنكى ئۇنىڭ كاتتا باغ-ۋارانلىرى، ئېتىز-ئېكىنلىرى بار ئىدى، بۇنىڭ  سەۋەبى شۇكى، ئۇ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقان ۋەتەنداشلىرىنى كۆرۈپ قاتتىق ئىزتىراپ چەككەن، گېلىدىن غىزا ئۆتمىگەن.

        ئا.قادىرىيگە خاس سېخىيلىق شىجائەت بىلەن بىرىكىپ كەتكەن ئىدى. مەشھۇر فېلياتونچى ۋە ئەدىب غازى ئالىمنىڭ ئوغلى دولقىن يۇنۇسوۋ شۇنداق ئەسلەيدۇ: ئاتام ئەيبلىنىپ قامالغاچ ئۇلارنىڭ كۈنلىرى ئېغىرلاشتى، شۇڭا ئاتامنىڭ ئالتۇن سائىتىنى ئېلىپ ئابدۇللا قادىرىينىڭ ئۆيىگە كەلدىم. بۇ كۈنلەردە غازى ئالىم ۋە ئابدۇللا قادىرىينىڭ ئائىلىسى نازارەت ئاستىدا ئىدى. شۇنىڭغا قارىمايي بۇ بۈيۈك قەلب ئىگىسى مەندەك بىر “خەلق دۈشمىنى”نىڭ ئوغلىنى ئىللىق چىراي كۈتۈۋالدى. ئالدىمغا تائام كەلتۈرۈپ قارنىمنى تويغۇزدى. سائەتكە ئىنساپ بىلەن ھەق بېرىدىغان دىيانەتلىك بىر خېرىدار تېپىپ بەردى. بۇنىڭ بىلەنلا كۇپايىلەنمەي “قىينالغان چېغىڭدا ئارقا ئىشىكتىن تارتىنماي كېلىپ تۇرغىن”دەپ يولغا سالدى. كۆپ ئۆتمەي ئەدىبنىڭ ئۆزىمۇ قاماققا ئېلىندى.

      ئابدۇللا قەھھار ئائىلىسىنىڭ سېخىيلىكى، مېھماندوستلىقىھەققىدىمۇ كۆپ سۆزلەش مۇمكىن. سەئىد ئەھمەدنىڭ ئەسلىشىچە، ئادىب ياز كېلىشى بىلەنلا نۇرغۇن يېڭى چېلەك سېتىۋالىدىكەن. بۇ چېلەكلەرنى بېغىدىكى ئوخشىغان شاپتۇللار بىلەن تولدۇرۇپ، شاگىرتلىرىدىن ئەۋەتىپ تۇرغان. ئا.قەھھارنىڭ تاشقى ھويلىسى “يازغۇچىلار بېغى”نىڭ دەرۋازىسى يېنىدا ئىدى. كەسىپداشلارغا غەمخورلۇق قىلىپ، مېۋە پىوشقان چاغدا ھەر كۈنى بىر چېلەككە مېۋە تولدۇرۇپ، باغدىكى چوڭ سايىۋەن ئاستىغا كەلتۈرۈپ قوياتتى. بۇ يەردە ئىجاد بىلەن مەشغۇل بولىدىغانلار مەززە قىلىشىپ يېيىشەتتى.

      ئابدۇللا قەھھار ئىش يۈزىسىدىن موسكۋاغا بېرىپ تۇراتتى. ھەر بارغىنىدا ئۆزبېكىستانلىق قېرىنداشلار بىلەن ئۇچرىشىپ، پۇل بېرىپ تۇراتتى. بۇ ئىشنى ئۇ ساخاۋەتچىلىكىنى كۆز-كۆز قىلىپ ئەمەس، بەلكى ئۆز مىللىتى ئىستىقبالىنى ئويلاپ قىلاتتى.

      ھەزرىتى مىر ئەلىشىر نەۋائىي شۇنداق يازغان :

مۇرۇۋۋەت – بەرچە بەرمەكدۇر ، يېمەك يوق ،

فۇتۇۋۋەت – بەرچە قىلماقدۇر ، دېمەك يوق .

يەنى : سېخىي باشقىلارغا تائام بېرىدۇ-يۇ ئۆزى يېمەيدۇ . ئالىي سېخىيلىق (فۇتۇۋۋەت) ئادەملەرگە ياخشىلىق قىلىش، ئەمما مىننەت قىلماسلىقتۇر.

      فۇتۇۋۋەت – سوفىلىق شەرتى. ئابدۇللا قادىرىي بىلەن ئابدۇللا قەھھار دەھرىيلىك زامانىدا ياشىغانلىقلىرىغا قارىماي ئەجداد --- سوفىي ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئەنئەنىسىنى داۋام ئەتتۈرگەن. ئۇلار ھەممىگە ياخشىلىق قىلىشاتتى، ئەمما مىننەت قىلىشمايتتى. ساخاۋەت ئۇلار ھاياتىنىڭ جەۋھىرى ئىدى.

      تۆتىنچىدىن : ئىككى ئىجادكار ئۆزبېك ئېپىك ئەدەبىياتىنىڭ بايراقدارى بولۇپ، تارىخ مەيدانىغا چىقتى. ئېپىك ئىجادكار، دېگەندە ھېكايە، قىسسە، رومان يازغۇچى سەنئەتكارغا قارىتىلىدۇ. قادىرىي ۋە قەھھارنىڭ بۈيۈك خىزمەتلىرى تۈپەيلى ئۆزبېك ئېپىك ئەدەبىياتى ئانا تۇپراقتىن كۆتۈرۈلۈپ جاھان ئەدەبىياتى چوققىسىغا چىقتى.  

      جاھان تونۇغان ئەللامە يېۋگېنىي بېرتېلس ئا.قادىرىينى “يېڭى رومانچىلىق مەكتەبىنىڭ ئاساسچىسى” دەپ تەن ئالدى. بۇ ئانچىكى دەپ قويغان قۇرۇق ماختاش ئەمەس، بەلكى چوڭقۇر ھەقىقەتدۇر. شۇغىنىسى ئا.قادىرىي رومانلىرى جاھان ئەدەبىياتى نۇقتىسىدىن چوڭقۇر ئۆگىنىلگىنى يوق. ئەگەر بۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلسا ئۇلۇغ سۆز سەنئەتكارى بەدىئىي مىراسىنىڭ ئالەمشۇمۇل ئەھمىيىتى يەنىمۇ يارقىن، يەنىمۇ ئەتراپلىق ئېچىلغان بولاتتى. ئابدۇللا قادىرىي ئۆزىنىڭ رومانچىلىق مەكتىبىدە شەرق-غەربنىڭ كۆپ ئەسرلىك ئەدەبىي-بەدىئىي تەجرىبە-ئۇتۇقلىرىنى بىرلەشتۈردى. ئۇنىڭ رومانلىرىدا “ئالپامىش”، “مەھابھارەت”، “رامايانا”، “ئىلىادا”، “ئودىسسا”كەبى ئېپوس نەمۇنىلىرى، “ئۇرۇش ۋە تىنچلىق”، “كۋېنتىن دورۋارد”، “گراف مونتې-كرىستو” كەبى ئېپىك ئەسەرلەر بىلەن بولغان غارايىب باغلىنىشلارنى كۆرىمىز. بۇنداق باغلىنىشلار ئا.قادىرىي ئېپىك تەپەككۇرىنىڭ چەكسىزلىكىدىن، جاھان مەدەنىيىتى خەزىنىسىدىن چوڭقۇر خەۋەردارلىقىدىن دېرەك بېرىپ تۇرىدۇ. ئادىب روماننىڭ بەدىئىي شەكىل سۈپىتىدىكى پاسىلنى كېڭەيتكەن، بۇنىڭ يېڭى ئىمكانىيەتلىرىنى كەشىپ قىلغان ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن. سەدرىددىن ئەينىي، مۇختار ئەۋېزوۋ، چىڭغىز ئايتماتوۋدەك جاھان مىقياسىدا تونۇلغان سەنئەتكارلار ئابدۇللا قادىرىينىڭ رومانچىلىق ماھارىتىدىن بەھرىمەن بولۇشقان، ئۇنىڭ بەدىئىي تەجرىبىلىرىنى داۋاملاشتۇرغان. شۇ مەنادا ئۆزبېك ئەدىبى ئاساس سالغان رومانچىلىق مەكتىپى پەقەت قادىرىينىڭ يىرىك ئېپىك ئەسەرلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بەلكى ئۆز بەدىئىي پاسىلىدىن ھالقىپ، جاھان ئەدەبىياتى تۇپرىقىنى ئىگىلىگەن. بۇنداق جەريان ھازىرمۇ داۋام ئەتمەكتە.

      ئابدۇللا قەھھار بۇ جەھەتتە ئابدۇللا قادىرىينىڭ مۇناسىپ ئىزدىشى. “ئۆتكەن كۈنلەر” ئۆزبېك ئەدەبىياتىدا تۇنجى تارىخىي رومان بولغان بولسا ، ئا.قەھھارنىڭ “سەراپ”ئى مىللىي سۆز سەنئئەتىدىكى نادىر زامانىۋى روماندۇر. قادىرىينىڭ رومانىدا ئىلگىرىكى زاماننىڭ پاجىئەلىك، دراماتىك ۋەقەلىرى ئەكس ئەتكەن بولسا، قەھھارنىڭ مەزكۇر ئەسىرىدە سوۋېت تۈزۈمىگە خاس ئىدىيىۋى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي زىددىيەتلەر ئىپادىلىنىدۇ. ئەڭ مۇھىمى مانا شۇ ئىككى ئەسەر يۈكسەك بەدىئىي ماھارەت بىلەن يېزىلغان، بۇ ئىككى ئەسەردە كاتتا روھشۇناس، سۆز زەرگەرلىرىنىڭ بۈيۈك مېھنىتى يۈز كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.

       قىزىقى شۇيەردىكى، ئىككى ئەدىب ئۆز رومانلىرىنى 25 ياشلىرىدا باشلاپ 27 يېشىدا تاماملىغان. بۇ “تەسادىپلىق”تا ئىلاھىي ھېكمەت بار، ئەلۋەتتە.

       شۇنداق قىلىپ مىللىي(ئۆزبېك) رومانچىلىق مەكتىپى ئىككى ئىستېداد ئىگىسى بولمىش سەنئەتكارنىڭ ھەرىكىتى، مېھنەت تەرى تۈپەيلى بىر بەدىئىي مەيدان بولۇپ بارلىققا كەلدى، مانا، ئەسر ئالماشقان بولسىمۇ ئۇ قىممىتىنى، جەزىبىسىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ.

       مەلۇمكى، ئۆتكەن ئەسرنىڭ 10-يىللىرىدا ئا.قادىرىي “جۇۋانباز”، “ئۇلاقتا”، “جىنلار بەزمىسى” ، ئا.چولپان “قۇربانى جاھالەت”، “دوختۇر مۇھەممەديار”كەبى كىچىك ئېپىك ئەسەرلىرى بىلەن زامانىۋى ئۆزبېك ھېكايىچىلىقىغا ئاساس سالغان. ئا.قادىرىينىڭ “ئۇلاقتا” ھېكايىسى بەدىئىي كامىللىقى بىلەن ھەۋەسكارلار ئېتىبارىنى تارتىپ كەلمەكتە. ھېكايىچىلىق بابىدا ئا.قەھھارنىڭ خىزمىتى بىقىياستۇر. ئۇ ئۆتكەن ئەسرنىڭ 30-يىللىرىدا “بىمار”، “ئوغرى”، “ئانار” ھېكايىلىرىنى يازغانكى، ئۇلارنىڭ تەرىپىگە تىل ئاجىزلىق قىلىدۇ. بۇ ئەسەرلەردە ئارتۇقچە تىل ئۇچرىمايدۇ. دېتال (ھېكايىنىڭ مۇئەييەن بىر قىسمى) شۇنداق جايلاشتۇرۇلغانكى، ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇش ياكى ئېلىپ تاشلاشنىڭ مۇتلەق ئىلاجى تېپىلمايدۇ. خاراكتېرلەر مۇكەممەل، تەسۋىر غايەت ئېنىق، يارقىن. بۇ ھېكايىلەر جاھان ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ نادىر ھېكايىلەر بىلەن بىمالال بەيگىگە چۈشەلەيدۇ. بۇ پىكىرنى شۇ دەۋرنىڭ مەشھۇر ئەدەبىياتشۇناسى ۋېرا سمىرنوۋا ئېيتقان، بۇ ھەققانىي ئېتراپتۇر.  

      ئابدۇللا قادىرىي ئۆز رومانلىرى، ئابدۇللا قەھھار يېتۈك ھېكايىلىرى بىلەن يېڭى مىللىي ئەدەبىياتنى جاھانغا قايتىدىن تونۇتتى. دۇنيا فارابى، بېرۇنىي، ئىبن سىنا، مىرزا ئۇلۇغبېك، نەۋائىي، مىرزا بابۇر ياشىغان زېمىن ۋە سۆزلىگەن تىلدا يېڭىدىن يېڭى ئىستېدادلارنىڭ تۇغۇلىدىغانلىقىغا ئىشەندى.

      ئا.قادىرىي ۋە ئا.قەھھار ئادىمىيلىكى ھەم ئىجادىدىكى كامىللىقنىڭ يەنە بىر ئالامىتى ئۇلارنىڭ بەدىئىييەتكە داخىلدار ئىكەنلىكلىرىدە نامايان بولماقتا. ئۆتكەن زامانلاردا نۇرغۇن شائىر-ئەدىبلەر نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان بولسىمۇ بۇلارنىڭ كۆپى ئادىل ۋاقىت ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىدى. ھازىرقى ئەۋلاد ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىلا ئەمەس، ناملىرىنى ھەم بىلمەيدۇ. بۇ تارىخ ھۆكۈمىدۇر. چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ شانلىق قۇچىقىغا پەقەت پىدائىي، ئىنسانىيەت ئىستىقبالى ئۈچۈن خالىس خىزمەت قىلغان مىللەتپەرۋەر، ئىنسانپەرۋەر بۈيۈك ئىنسانلارنى سىغدۇرىدۇ، باشقىلىرىنى بولسا يوقلۇق-ئۇنتۇلۇش قەرىگە سوغۇققانلىق بىلەن غۇلىتىپ تاشلايدۇ.

      ئادەملەر ئا.قادىرىي، ئا.قەھھارنىڭ ھاياتىنى ئۆگىنىپ، بۇ ئىنسانلاردەك ھالال، ھەقىقەتگۇي، مەرد ۋە ئىرادىلىك بولۇشنى ئىستەيدۇ، ئەسەرلىرىدىكى ئىجابىي قەھرىمانلار بىلەن يازغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇيغۇنلۇقتىن ئىبرەت ئېلىشىدۇ. ھېكايە، رومانلىرىدىكى رەڭدار بەدىئىيلىكتىن زوقلىنىشىدۇ. ئۆز يېقىنلىرى، ئائىلە ئەزالىرىغ كىتابلىرىنى مۇتالىئە قىلىشنى تەۋسىيە قىلىشىدۇ.

      ئېيتىلىشىچە، ئا.قادىرىينىڭ تونۇشلىرىدىن بىرىنىڭ ئوغلى مەشھۇر ئەدىبنى يولدا ئۇچرىتىپ، ئۇنىڭغا “ئۆتكەن كۈنلەر”رومانىنى ئوقۇپ چىقانلىقىنى ئېيتقان. يازغۇچى بۇ كىتابنى نەچچە قېتىم ئوقۇغىنىنى سورىغانلىقتىن، ئۇ بىر قېتىم ئوقۇغانلىقىنى ئېيتقان. شۇ چاغدا ئەدىب يىگىتكە روماننى تëت-بەش قېتىم ئوقۇپ چىقىش مەسلىھەتىنى بەرگەن ھەم “شۇنىڭدىن كېيىن ئەسەرنى ياخشى چۈشىنىسەن” دېگەن.



ئابدۇللا قەھھار

      ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئابدۇللا قادىرىيغا قېرىنداش مىللەتلەر ۋە چەتئەل ئەدىب - ئالىملىرىنىڭ بەرگەن باھالىرى :

دۇنيادا بەشلا ، يەنى فرانسۇز ، ئىنگلىز ، رۇس ، نېمىس ۋە ھىندى رومانچىلىقى تەرەققىي قىلغان ئىدى ، ئەمدى ئالتىنچىسى ، يەنى ئۆزبېك رومانچىلىقى يېتىشىپ چىقتى ، بۇنى ئابدۇللا قادىرىي يارىتىپ بەردى .(ئەدەبىياتشۇناس ئالىم ئېۋگېنىي ئېدۇاردوۋىچ بېرتېلس)

مەن تولىستويدىن ، گوركىيدىن ، شولوخوۋدىن ئۆگەنمىگەن ، تاتار يازغۇچىسى ئىبراھىموۋنىڭ " بىزنىڭ كۈنلەر " ىنى ، " قازاق قىزى " نى ، ئۆزبېك يازغۇچىسى ئابدۇللا قادىرىينىڭ " ئۆتكەن كۈنلەر "ىنى ،  " مېھرابتىن چايان " ىنى ئوقۇمىغان  بولسام ئىجادىيەتتە دادىل قەدەم  باسالمىغان  بولاتتىم . (تۈركمەن يازغۇچىسى بەردى كەربابايېۋ)

" مۇشتۇم " ژۇرنىلىدىكى ساتىرىك ئەسەرلەرنى ئافغانىستاننىڭ مازارى شەرىف شەھىرىدىن ئۆز ئۆيۈمگەئېلىپ بارغانمەن . ئابدۇللا  قادىرىي ئەسەرلىرىدىن ئۆيىمىزگە كەلگەن مەيمەننە ، جىۋىرغان ، قۇندۇز ، مازارى شەرىفلىك ئۆزبېك زىيالىيلار ھەم ئوقۇپ بەھرىمەند بولغانلەر .                                 
                                           ___ ئافغانىستانلىق مۇخبىر مۇھەممەد ئەمىن بەلخزادە

تۈركىستاندا ئۆزبېك تۈركلىرىنىڭ كېيىنكى يۈزيىلدا  يېتىشكەن ئەڭ يارقىن مىللەتپەرۋەر ئەدەبىيات نامايەندىلىرىدىن بىرى ئابدۇللا قادىرىي ( جۇلقۇنباي ) دۇر . ئۇ دەل رومانچىلىقتا ، مۇھىم ئىجتىمائىي ۋە تارىخىي ماۋزۇلاردا ، جىددىي تەييارلىقتىن كېيىن ئۆزىنىڭ گۈزەل ئۇسلۇبىغا ئىگە بولدى ۋە بۇ ساھەدە ئۆزىدىن كېيىنكى قەلەم  تەۋرىتىدىغانلارغا ئۆرنەك بولدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە يېڭى ئۆزبېك ئەدەبىياتى تەرەققىياتقا ھەم ئۆزىگە خاس بىر تەسىر   كۆرسەتتى.                                                  
                                               ___ تۈركىيەلىك ئالىم ، پروفېسسور ئىبراھىم يارقىن

ئابدۇللا قادىرىينىڭ "ئۆتكەن كۈنلەر "رومانى مەندە بىر  ئۆمۈر ئۇنتۇلماس تەسىرات   قالدۇرغان ۋە ئىجادىمغا ئىلھام بېغىشلىغان . شۇنىڭدىن كېيىن مەندە تۈركمەن خەلقىنىڭ ئۆتمۈشى ھەققىدە رومان يېزىش ئىشتىياقى تۇغۇلدى. شۇڭا  كاتتا نىيەتتە "قىسمەت "رومانىم ئۈستىدە ئىش  باشلىدىم .                                                  
                                                   ___ تۈركمەن يازغۇچىسى خىدىر دەريايېۋ

ئابدۇللا قادىرىي ... بۈگۈنكى كۈندە ئۆز مەملىكىتىدە ھەم چەتئەللەردە ناھايىتى كۈچلۈك قىزىقىش ئويغاتقان يازغۇچى بولۇپ، ئوتتۇرا  ئاسىيا ئەدەبىياتىنىڭ ئاشۇ يىللاردىكى دولقۇنلۇق تەرەققىياتىنىڭ بېشىدا تۇرغان ئىدى .                                                
                                         ___ نېمىس ئەدەبىياتشۇناسى نيوتاتۇن

ئابدۇللا قادىرىي ئۆزىنىڭ يىرىك رومانلىرىدا قەلەمگە ئالغان دەۋر تۇرمۇشىنى ناھايىتى  جانلىق كۆرسەتتى. ئاشۇ دەۋرنىڭ جانلىق ئادەملىرىنى گەۋدىلەندۈردى. يازغۇچى ناھايىتى راۋان ، شېرىن ۋە مەنالىق قىلىپ تەسۋىرلىدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغاندا پۈتۈنلەي غەرق بولۇپ ئېرىپ كېتىسەن .
                                                    ___ تاتار يازغۇچىسى زەرىف بەشەرىي

جۇلقۇنباي ئەللامە يازغۇچى ، ماھىر دانىشمەن ، ئىستېداتلىق سەنئەتكار ، قەلبى پاك ساھىبقەلەم ئىدى . ئۇ ئوتتۇرا  ئاسىيادا بىرىنچى بولۇپ ئاجايىب رومانلار  يازدى ، خەلققە  تونۇلدى . ئۇ مېنىڭ يازغان رومانلىرىمنى ئوقۇغان ۋە خالىسانە قىممەتلىك مەسلىھەتلەرنى كۆرسەتكەن ئىدى .                                                  
                                                                   ___  تاجىك يازغۇچىسى سەدرىددىن ئەينىي

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 18:18:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇللا قادىرىينىڭ <<ئۆتكەن كۈنلەر >> روماننى قانچە قېتىملاپ ئوقۇغۇنۇم ئېسىمدە يوق ، ئاتابېك - كۈمۈش بىبى - زەينەپ ، ئۆزبەك ئايىم ............... تولۇقسىز سىنىپلاردا ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىم دادامدىن ئوغۇرلۇقچە كىتابنى سومكامغا سېلىۋېلىپ ئوقۇغان ۋاقىتلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم .

خانىم - قىزلارنىڭ مۇلايىملىقى بارلىق گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى .

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى 19:39:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق قىلىپ مۇنبەردە چاتاق باركەن، ھەتتا ئاخىرقى رەت يوللىغان مۇشۇ تېمىمۇ يوق تۇرىدۇ، 9-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن بۇيان ئاران 2 تېما يوللاپتىمەن!

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى 21:25:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erkman بۇ يازمىنى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى 19:39 دە يوللىغان
شۇنداق قىلىپ مۇنبەردە چاتاق باركەن، ھەتتا ئاخىرقى رەت يوللىغان مۇشۇ تېمىمۇ يوق تۇرىدۇ، 9-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن بۇي ...


قانداق دەيسىز ؟مۇنبەر نورمال ھالەتتە سىز 9 -ئاينىڭ 8 -كۈنىدىن ھازىرغىچە بولغان ۋاقىتتا جەمئي 16 تېما يوللاپسىزغۇ .

خانىم - قىزلارنىڭ مۇلايىملىقى بارلىق گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى .

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى 19:27:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ayqiz بۇ يازمىنى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى 21:25 دە يوللىغان


قانداق دەيسىز ؟مۇنبەر نورمال ھالەتتە سىز 9 -ئاينىڭ 8 -كۈنىدىن ھازىرغىچە بولغان ۋاقىتتا جەمئي 16 تېما يوللاپسىز ...

ئۇنداق ئەمەسقۇ ؟ "تېمىلىرىم" نى چەكسەم ئاران 3 تېما تۇرۇپتۇ !

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى 13:15 , Processed in 0.069615 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش