يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 733 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 808|ئىنكاس: 2

كەيپىيات ۋە ساغلاملىق ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
7 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
40
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 12:25:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەلۇمكى، كەيپىيات بىر خىل سوبىكتىپ ئىنكاس بولۇپ، كونكىرىت ئېيتقاندا ئۇ ئادەملەرنىڭ ئوبىكتىپ تاشقى دۇنيا ۋە تۇرمۇشقا شۇنداقلا ئۆزلىرى ئۇچراتقان تەبئىي، ئىجتىمائىي ھادىسىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيە تۇيغۇسىدىن ئىبارەت.

تەبئىيكى، كەيپىيات ئادەم پىسخىك پائالىيىتىنىڭ بىۋاستە مۇھىم ئىپادىسى، ئۇ ئادەمنىڭ ئىچكى ئېھتىياجىنىڭ قانائەتكە ئېرىشكەنلىكى ياكى ئېرىشمىگەنلىكىدىن پەيدا بولىدۇ. شۇڭا ئادەملەرنىڭ مەلۇم مەسىلە ياكى ۋەقە ھەققىدىكى كەيپىيات ئىنكاسىغا ئاساسەن ئۇلارنىڭ ئىچكى تۇيغۇسىنى، بىلىش قاتلىمىنى، ئۆزلۈك خائىشىنى ئالدىن مۆلچەر قىلغىلى، بىلگىلى، بايقىۋالغىلى بولىدۇ. ئېنىقكى مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا، كەيپىيات ئادەملەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ تاشقى دېرىزىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

بۈگۈنكى دۇنيانىڭ مۇرەككەپ، كۆپ قاتلاملىق، ئۆزگىرىشچان، رەڭدار ھالىتى ئوخشاشلا كىشىلەردىكى كەيپىياتنىڭ خىلمۇ- خىل، تۇراقسىز، مۇرەككەپ بولۇش ھالىتىنى بەلگىلىگەن ئوبىكتىپ سەۋەپتۇر.شۇڭا بىز قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەت پەلسەپە ئىلمىي قارىشى بويىچە ماددىنىڭ تۆت قاتلاملىق مەۋجۇدىيەت نەزىرىيىسىگە ئاساسەن كىشىلەردە مەۋجۇد بولۇۋاتقان تۈرلۈك تۈمەن خىلمۇ-خىل كەيپىياتلارنى خۇشاللىق، غەزەپلىنىش، قايغۇرۇش، قورقۇش قاتارلىق تۆت خىل ئاساسى تۈرگە يىغىنچاقلايمىز.

خەنزۇلاردىن يېتىشكەن پىسخولوگىيە ئالىمى لىن چۈەندىڭ 1944- يىلى << سۆزلەر ئىزاھاتى >> دېگەن كىتاپتىن ئادەمنىڭ كەيپىيات ئىپادىسىنى تەسۋىرلەيدىغان 354 سۆزنى تېپىپ چىقىپ ئۆز مەنىلىرى بويىچە ئۇلارنى 18 تۈرگە، يەنى << خاتىرجەملىك، خۇشاللىق، غەزەپ، بىچارىلىك،ئازاپ، غەم، تىتىلداش، ئىچى پۇشۇش، ھۆرمەت، مېھرىبانلىق، نەپرەت، ئاچكۆزلۈك، نومۇس >> قاتارلىقلارغا ئايرىغان. ئۇ ئىنسانلاردىكى مول ئۆزگىرىشچان كەيپىيات ئاساسلىق 18 تۈرلۈك ئاساسى كەيپىياتتىن تەشكىللىنىدۇ، بىر ئادەم مەلۇم بىر ۋاقىت ئىچىدە بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر خىل كەيپىياتنى ھېس قىلالايدۇ. شۇنداقلا بىرلا ۋاقىتتا كۆپ خىل كەيپىيات بارلىققا كېلىدۇ دەپ قارايدۇ. يېققىنقى يىللاردىن بۇيان، غارب ئەللىرىدە بەزى كەيپىيات پىسخولوگلىرى كەيپىياتنى ئاساسى كەيپىيات ۋە بىرىكمە كەيپىيات دەپ ئايرىشنى تەكىتلەۋاتىدۇ. بىز كەيپىياتنىڭ كۈچلۈك، ئاجىزلىق دەرىجىسى بويىچە قايناق ھېسىيات، كەيىپ، قىزغىنلىق دەپ ئۈچ خىل ھالەتكە بۆلۈۋاتىمىز.

ئادەمنىڭ يارىلىشى ھەققىدىكى قىسسەلەردە مۇنداق بىر بايان بار:  ئاللاھ بىر ئوچۇم لاينى ئادەم سىياقىدا قونچاق ياساپ، جاننى<< قونچاقنىڭ ئىچىگە كىرگىن >> دەپ بۇيرىغان ئىكەن، جان: << تۇپراقتىن بولغان بۇ قارا لاينىڭ ئىچىگە مەن قانداق كىرىمەن؟ >> دەپ جاھىللىق قىلىپ تۇرۇۋاپتۇ. ئاللاھ دەرھال قونچاقنىڭ كككرەك قىسمىدىن گۈزەل مىلودىيىلىك يېقىملىق مۇزىكىلارنى ياڭراتقان ئىكەن، جان ئىختىيارسىز ھالدا شادلىنىپ قونچاقنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئاللاھ ئادەمگە جان كىرگۈزۈش ئىشىنى تاماملاپتۇ.. مانا بۇ مىسالدىن كۆرۈشكە بولۇدىكى، كەيپىيات ناھايىتى قەدىمى تېما بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنسان تەقدىرىگە بىۋاستە ھالدائاكتىپ ياكى پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن. شۇڭا يىراق قەدىمقى زاماندىن ئارىستوتىلغىچە ھەتتا بۈگۈنگىچە تېخى بۇ ھەقتە تەتقىقات ئۈزۈلگىنى يوق. دېمەك، دۇنيادا ھاياتلا بولىدىكەن كەيپىيات ھامان بولىدۇ.سىز ۋە بىز ياشاۋاتقان تۇرمۇش بىزگە تۈرلۈك ئېھتىياج بىلەن تۈرلۈك كەيپىياتلارنى بەخشەندە ئېتىدۇ. شۇڭا كەيپىيات بىلەن روھ ساغلاملىقىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا تونۇش بولغۇسى ھاياتىمىزنى قەدىرلەپ، تۇرمۇش سۈپىتىمىزنى ئۆستۈرۈپ، تەمكىن ساغلام تۇرمۇش مۇھىتى ھازىرلاش جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئۇنداق بولسا كەيپىياتنىڭ رولى قانداق بولىدۇ؟

بىرىنچى، كەيپىياتنىڭ ماسلاشتۇرۇش رولى.

كەيپىيات مەلۇم شەخىسنىڭ ياكى مەلۇم ئۆزلۈكنىڭ ھاياتقا ۋە تەرەقىياتقا ماسلىشىش جەھەتتىكى مۇھىم ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇ بىر خىل تەڭشەكتىن ئىبارەت. مەسىلەن: ھايۋانلارنى ئالساق، ھايۋانلار ئۇشتۇمتۇت خەتەرگە يولۇققاندا تۈرلۈك تاۋۇشلار بىلەن جىددىي سىگنال بېرىش جەريانىدا ئۆز ھەرىكىتىنى تەڭشەيدۇ. رىئال ھاياتتا كەيپىيات كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ھالىتىنى ئىپادىلەيدۇ. بولۇپمۇ خۇشاللىق ئەۋزەل تۇرمۇشنى، غەم- قايغۇ ئېغىر تۇرمۇشنى كۆرسىتىدۇ. كىشىلەر دائىم مانا شۇنداق ئوخشىمىغان تۇرمۇش مۇھىتىغا ئوخشىمىغان كەيپىيات بىلەن ماسلىشىشتا بولىدۇ. دوستلارنى كۆرسە كۈلۈمسىرەپ قارايدۇ. كىشىلەر دەل شۇنداق ئوخشىمىغان كەيپىيات ئارقىلىق ئۆز ئارا ئىجتىمائى مۇناسىۋەتنى تەڭشەپ، مەنپەئەت تەقەززالىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، ياشاش شارائىتىنى ياخشىلايدۇ.

ئىككىنچى، كەيپىياتنىڭ قوزغۇتۇش رولى.

كەيپىيات مۇددىئانى پەيدا قىلىدىغان مەنبە. شۇڭا كەيپىياتنى مۇددىئا سېستىمىسىنىڭ ئاساسى دەپ تونۇيمىز. كەيپىيات دائىم ئادەمنىڭ روھىنى قوزغاپ، ئادەمنىڭ ھەرىكەت ئۈنىمىنى ئۆستۈرىدۇ. كەيپىياتنىڭ مۇۋاپىق دەرىجىدە قوزغۇلۇپ تۇرىشى ئادەمدە يېڭى روھى ھالەت پەيدا قىلىدۇ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ بەلگىلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ. تەتقىقات جەھەتتىكى بايقاشلار، مۇۋاپىق جىددىيلىك ۋە تەشۋىشلىكنىڭ ئادەملەرنى ئاكتىپ ئىزدىنىش ۋە مەسىلە ھەل قىلىشتا قوزغىتىش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ.

ئۈچىنچى، كەيپىياتنىڭ تەشكىللەش رولى.

كەيپىيات ئۇ بىر خىل مۇستەقىل پىسخىك جەريان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا پەيدا بولۇش قۇرۇلمىسى ۋە تەرەقى قىلىش جەريانى بار. ئامرىكىلىق پىسخلوگ كىلوف. شىرىپ كەيپىيات چوڭ مىڭىدە كۈزىتىش سېستىمىسى رولىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، باشقا پىسخىك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش رولىغىمۇ ئىگە دەپ قارايدۇ. كەيپىياتنىڭ بۇ خىل رولى ئاكتىپ ئاكتىپ مەسىلىدە ئىلگىرلىتىش، پاسسىپ مەسىلىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىش جەھەتتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ئوتتۇرھال سۈرئەتتىكى كۆڭۈللۈك كەيپىيات ئىلمىي پائالىيەتلەرنىڭ ئۈنىمىنى ئۆستۈرىشىگە پايدىلىق بولىدۇ. ۋەھىمىلىك، ئازاپلىق كەيپىيات بولسا پائالىيەت ئۈنىمىگە پاسسىپ تەسىر ككرسىتىش بىلەن پائالىيەتنىڭ ئۈنىمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.

كەيپىياتنىڭ تەشكىللەش رولى كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىدە ئىپادىلەنسە، ئادەملەر كۆڭۈللۈك ھالەتتە تۇرغاندا شەيئىلەرنىڭ گۈزەل يارقىن نۇقتىلىرىغا ئوڭاي نەزەر سالىدۇ ھەم ئوچۇق بولۇپ، يېڭى شەيئىلەرنى ئاسانلا قوبۇل قىلالايدۇ. ئەكسىچە كىشىلەر پاسسىپ كەيپىياتتا بولغاندا ئاسانلا ئۈمىدسىزلىنىپ، ئىشەنچىنى يوقىتىپ ئازاپقا قالىدۇ ھەتتا باشقىلارغا ئورۇنسىز چېقىلىش خائىشىنى پەيدا قىلىدۇ.
تۆتىنچى، كەيپىياتنىڭ ئۇچۇر بېرىش رولى.
كەيپىيات كىشىلىك ئالاقىدە ئۆز ئارا ئۇچۇر يەتكۈزۈش، ئىدىيە ئالماشتۇرۇش رولىغا ئىگە. كەيپىياتنىڭ بۇخىل ئىقتىدارى كىشىلەردىكى مىمىكىلىق ھالەتلەر بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. مەسىلەن ئالساق، كۈلۈمسىرەش ماقۇللۇقنى، باش لىڭشىتىش ئېتراپ قىلغانلىقنى ئىپادىلەيدۇ. مانا بۇ مىسالدىن بىز كەيپىياتنىڭ ماسلاشتۇرۇش رولى يەنىلا تۈرلۈك ئۇچۇر بەلگە يوللىرى بىلەنمۇ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

ھەممىمىزگە مەلۇم، خەلقىمىزدە << بىر قېتىم كۈلسەڭ ئون يىل ياشىرىسەن >> دېگەن سۆز بار. مۇشۇ سۆزدىنلا بىز دەل كەيپىياتنىڭ ئادەمنىڭ ساغلاملىقىغا ككرسىتىدىغان تەسىرىنى ئېنىق مۆلچەر قىلالايمىز. شۇڭا رىئال تۇرمۇشتا كىشى كەيپىيات مەسىلىسىگە ئېتىۋار بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. بولۇپمۇ ئاكتىپ كەيپىياتنىڭ ئادەمدىكى ئىممۇنىت سېستىمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ ئادەمگە كۈچ- قۇۋۋەت، غۇرۇر، شىجائەت بېغىشلايدىغان، پاسسىپ كەيپىياتنىڭ ئادەمنى زەئىپلەشتۈرۈپ كاردىن چىقىرىدىغان قانۇنىيىتىنى بىلىش كېرەك. شۇڭا بىز ھەر قاچان ھەر جايدا ئۆز ئارا مۇھەببەتنى تەغدىم قىلىشىمىز، غەزەپنى يېپىشىمىز كېرەك. شۇ ۋەجىدىن بولسا كېرەك خەلقىمىز << بۇغداي نېنىڭ بولمىسا، بۇغداي سۆزۈڭ يوقمۇ؟ >> دىگىنى دەل يوقۇرقى مەسىلىگە بىشارەتتۇر. شۇڭا كەيپىياتنى تەڭشەش سەنئىتىمىزنى ئۈزلىكسىز ئۆستۇرۇپ، چېھرىمىزدىن ھەر دائىم نۇر يېغىپ تۇرىدىغان ھالەتنى ساقلىشىمىز كېرەك.ھازىرقى زامان تىبابەت ئىلىمى كەيپىيات سەۋەبىدىن پەيدا بولىدىغان كىسەللەرنى مۇنداق تۆت تۈرگە يىغىنچاقلايدۇ:

(1) كەيپىيات بىۋاستە ھالدا ئادەمنىڭ نېرۋا سېستىمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.(2) كەيپىيات ئادەمنىڭ ئىممۇنىت ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.(3)  كەيپىيات ئادەمنىڭ ئىچكى ئاجىرىتىش سېستىمىسىنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

(4) كەيپىيات ئادەمدە روھى، فىزئولوگىيىلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ.

سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ فىزئولوگىيە ئالىمى پاۋلوف كەيپىيات بىلەن ئاشقازاننىڭ ئىقتىدارى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئۇزۇن مۇددات كۈزىتىش جەريانىدا ئادەم تەشۋىشلەنگەن ياكى مەيۈسلەنگەن چاغدا، ئادەمنىڭ ئاشقازان شىللىق پەردىلىرىدە قان يېتىشمەسلىك، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجىرىلىشىدا توسالغۇ پەيدا بولۇش، ئاشقازان ھەرىكىتىدە تورمۇزلىنىش پەيدا بولىدىغانلىقىنى، ئەگردە ئادەم ئۇزۇن مۇددەت قارشىلىشىش خاراكتىرىدىكى كەيپىيات ھالىتىدە تۇرغاندا يەنىلا ئاشقازان شىللىق پەردىلىرىدە قاناش، يارىلىنىش ئوڭاي يۈز بېرىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئامرىكىدىكى مەلۇم بىر دوختۇرخانا 500 نەپەر ئاشقازان ئۈچەي كېسەللىكى بىمارىنى كۈزەتكەندە، بۇ بىمارلارنىڭ%74 دە كۆرىنەرلىك دەرىجىدە كەيپىيات توسالغۇسى بار ئىكەن.مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دەلىللىشىگە قارىغاندا، كەيپىيات ئۆسمە كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدىغان مۇھىم سەۋەپلەردىن ئىكەن.1982- يىلى شاڭخەيدىكى مەلۇم بىر تىببى ئۇنۋېرسىتىت 200 نەپەر ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولغان بىمارنى كۈزىتىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ كېسىلىگە ئۇزۇنغا سوزۇلغانپاسسىپ كەيپىيات،روھىي بېسىم، روھىي زەربە، ئائىلە ماجىراسى سەۋەپ بولغانلىقىنى بايقىغان. غەزەپلىنىش كەيپىياتى قان بېسىمنى پەيدا قىلىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ پىسخىلوگلىرى 23 نەپەر يوقۇرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارنى كۈزىتىش ئارقىلىق بۇ بىمارلارنىڭ %74.5 ى ناچار كەيپىيات سەۋەبىدىن قالغان 6 سى يىگىرمە يىلغا سوزۇلغان تەشۋىشلىك كەيپىيات سەۋەبىدىن قان بېسىم كېسىلى بولغانلىقىنى بايقىغان. كەيپىياتنىڭ زىيادە تۇراقسىز بولۇشى، ئارتۇقچە ھاياجانلىنىشمۇ يۈرەك سانجىقى، يۈرەك تىقىلمىسى، قان بېسىم، قان- تومۇرلارنىڭتارىيىشى قاتارلىق كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەپلەردىن ئىكەن. 1983- يىلى مەملىكىتىمىزدىكى مەلۇم بىر تىببىي مۇتەخەسسىس 40 نەپەر بىمار بىلەن ساغلام ئادەمنى سېلىشتۇرۇپ، كەيپىيات بىلەن يۈرەك تىقىلمىسى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلغان. نەتىجىدە بىماردىكى كېسەللىكنىڭ قوزغۇلۇش تېزلىنىشى ساغلام كىشىلەرگە نىسبەتەن 60 :23 بولغان. دېمەك بىماردىكى كېسەلنىڭ قوزغىلىشى ساغلام كىشىلەرگە نىسبەتەن ئۇچ ھەسسە يوقۇرى بولغان. ئەلۋەتتە بۇ كېسەللەرنىڭ قوزغىلىشىدا يەنىلا كەيپىيات ئامىلى %94 نى ئىگەللىگەن. تۇرمۇشتا كۆپىنچە ئاياللار ئاسانلا ھاياجانلىنىدۇ، شۇڭا ناچار كەيپىياتنىڭ ئاياللارغا نىسبەتەن زىيىنى تېخخمۇ ئېغىر بولۇشى مۇمكىن.

ئومۇمەن ئالغاندا كەيپىيات مەيلى قانداق بولسۇن ئۇنى بىلىش، كونتورول قىلىش يەنىلا ئۆزىمىزگە باغلىق. ئەلۋەتتە پىسخىك ساپاغا ككڭۈل بۆلۈش، كەيپىياتنى تەڭشەشنى ئۈگىنىۋېلىش، ئەمەلىيەتتە بىز ئارزۇلىغان ساغلاملىقنى ئۆزىمىز كونتورول قىلىش مەسىلىسىدۇر.

مەنبە: ئېنتىرنىت
ئاپتورى: شەۋكەت ھامۇت

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
709 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2142

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 13:32:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم بەزىدە كەيپىياتنى كونتۇرۇل قىلىمەن دەپمۇ كونتۇرۇل قىلالمايدىغان ئەھۋاللار بولۇپ قالىدىكەن، مەن مۇشۇ يېقىندىن بېرى راستىنلا تولا جىلى بولىدىغان، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان بولۇپ قالدىم، شۇنداق ۋاقىتلاردا مۇزىكىلارنى قويۇپ، ئۆزۈم ياقتۇرىدىغان كىيىملىرىمنى كىيىپ، مىۋىلەرنى يەپ، ئاما بار كەيپىياتىمنى تۇراقلاشتۇرۇشقا تىرىشىمەن، ئەمما بەزىدە بۇلارمۇ قەتئى رولىنى كۆرسىتەلمەيدۇ، ئەڭ ئاخىردا يوقلا بىر ئىشنى باھانە قىلىپ ئازراق كۆزۈمنىڭ سۈيىنى چىقىرۋالىمەن-دە، ئوڭشىلىمەن.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
229 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1286

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى 21:26:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى بۇ يازمىنى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 13:32 دە يوللىغان
ئادەم بەزىدە كەيپىياتنى كونتۇرۇل قىلىمەن دەپمۇ كونتۇرۇل قىلالمايدىغان ئەھۋاللار بولۇپ قالىدىكەن، مەن مۇشۇ  ...

يېقىىندىن بېرى مەنمۇ شۇنداق بوپ قالدىم
ئەسلى يەنە بىرەر يىل دەم ئالساممۇ بوپتىكەن دەيمەن

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 02:11 , Processed in 0.046728 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش