ئاللا....ئاللا.... مەن مەقسىتىمنى قسىمەتكامغا چۈشەندۈرەلمەي، قىسمەتكام ماڭا چۈشەندۈرۈپ بولالماي ساراڭ بوپتىمىز ساراڭ

... كەچۈرۈڭلار ئاسما ئىشتان كىيىدىغان كىچىك بالىنىڭ ئېغىزىدىن گەپ دىگەن سەل چېچىلاڭغۇ چىقىپ قالىدىكەن.
ئۆھھۆ....ئۆھھۆ.. دىمەكچى بولغىنىم...
بەتنىڭ تېما يوللايدىغان يىرىنى باشقا مۇنبەرلەرگە ئوخشاش قىلساق، (دىمەكچىمەنكى،رەڭ بىرىش، ئوتتۇرىغا تەڭشەش، چوڭايتىش) دىگەندەك ئىقتىدارلارنى ئىشلەتسەك، ئاخىرىغا رەڭ كودى، ئوتتۇرىغا تەڭشەش كودى چىقماي، بىۋاستە ئۆزگەرسە، ئوتتۇرىغا تەڭشەلسە. بۇنداق بولغاندا بىر قىسىم مۇنبەرگە كىرىشنى يىڭى ئ.ۆگەنگەن، ياكى تەجرىبىسى بىر قەدەر كەمچىل ئەزالارغا ياخشى پۇرسەت بولاتتى...
ئۆھھۆ... ئۆھھۆ قىسمەتكامنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا چۈشۈنەلمىگىنى....
مەن مۇنبەرگە كىرگەندىن بۇيان نادىر تېما قاتارىدا ئايدار ھەدىمىزنىڭ (يەتتە قىز مۇنبىرىدىكى ئاجايىپ ئىشلار) دىگەن تېمىسىنىلا كۆرۈپ شۇنداق دىدىم. ئەمەلىيەتتە تازا زەن سېلىپ قاراپ باقسام، نادىر تېمىلار شۇ تېمىنىڭ ئاخىرىغا تىزىلىپتۇ. بۇ نىمە ئۈچۈن؟ باشقا مۇنبەرلەردە بىر نادىر تېما چىقسا، بۇرۇنقى نادىر تېمىنىڭ ئالدىغا چىقىدۇ. كەينىگە چىقىپ قالمايدۇ. بۇنداق بولىۋەرسە، باشقىلار، بۇ مۇنبەرنىڭ نادىر تېمىسى بەك ئازكەن، ياكى نادىر تېمىغا بولغان كۆز قارىشى تۆۋەنكەن دىگەن قاراش كىلىپ چىقىدۇ.
مەسىلەن ئالايلۇق. مىنىڭ (شېئىر يېزىشنى ئۆگەنگىڭىز بارمۇ دىگەن رەھمەتلىك، توكۇر تېمام گەرچە نادىرلىغۇدەك بولمىسىمۇ، جۇلالىق ھەدەمنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن نادىر تېما قاتارىغا چىقىپتۇ- يۇ، نادىر تېما رەت قاتارىدا يىگىرمە نەچچىنچى ئورۇنغا ئۆتۈپ قاپتۇ. ) بىر تېمىنىڭ تىزىم نۇمۇرى 421 بولسا، يەنە بىر نادىر تېمىنىڭ تىزىم نۇمۇرى 422 بولسا، چوقۇم 422 ئالدىغا تىزىلىشى، 421- نۇمۇرلۇق نادىر تېما كەينىگە ئۆتۈپ ئورۇن بوشۇتىشى كېرەك ئىدى. ھازىر پۈتۈن مۇنبەرلەردە شۇنداق. بىراق بىر قىسىم كىيىن يوللانغان نادىر تېمىلار ئاخىرىغا چۈشۈپ، بۇرۇنقى نادىر تېمىلار ئالدىغا ئۆتۈۋالسا باشتا سۆلەپ ئۆتكىنىمدەك خاتا چۈشەنچە كىلىپ چىقىدۇ.
شۇڭا نادىر تېمىنىڭ شۇ مەسىلىسىنى، كۆرۈش سانىغا ئەمەس، تېما تىزىم نۇمۇرىغا ئاساسەن رەت تەرتىپ بىكىتىلسە دىگەن قاراشتىمەن.
يەنە بىر مۇھىم گەپ: تاققا-تۇققا پىكىر بىلەن نادىر تېمىلارنىڭ شەنىگە داغ چۈشەرمەكچى ئەمەسمەن. كىچىككىنە ئەرزىمەس پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتۈم. بۇمۇ يەتتە قىز مۇنبىرىنىڭ رەڭدارلىقى ئۈچۈن... كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن... ئاكا-ھەدىلىرىم تەلەپ-پىكرىمنى توغرا ھەزىم قىلغاي!
[
sansiz0903 بۇ يازمىنى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 09:15 دە تەھرىرلىگەن. ]