ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكرو بىلوگ 2736 پارچە  

مىكرو بىلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 264|ئىنكاس: 5

گىپىڭىزنى مانا مەن ئاڭلاي ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تېما
2
يازما
32
نادىر
0
جۇغلانما
284
يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى 17:20:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
            گىپىڭىزنى مانا مەن ئاڭلاي !
              (مىكرو ھىكايە)

           مەن بۇرۇندىن ناھايتى شوخ ،چاقچاقچى ،كەپسىز بىر يىگىت ئىدىم .مەيلى دوسىتلىرىم يېنىدا بولسۇن،  مەيلى ئائىلەمدىكىلەر ئالدىدا بولسۇن. ئەزەلدىن ناھايتى ئەركىن ،قىززىقچى ئىدىم .مىنىڭ دوسىتلىرىم ئەركىن -ئازادە خاراكتىرىمنى ئالاھىدە ياقتۇرىدىغان بولغاچقا  ، ھەرقانداق سورۇنغا مىنى باشلىۋالاتتى .دوسىتلىرىم «ھە...» دەپ مىنى كۆپتۈرۈپ ،ماختاپ ،  «سەن يامان !»دەپ بەرگەچكە بارا -بارا  تىرەمگە سىغماي ھەممىگە چاقچاق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، قىزلارغا قارا- قويۇق ياخشى- يامان نىيەتلەردە گەپ تاشلاپ خيالىي  يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ،  ئەخمەت ئىسىملىك بىر دوستۇم ئۆيىگە ئاغىينىلەرنى چاقىرىپ قالدى ھەم بۈگۈن مىنىڭ «ھەممە ئىشىمنى قويۇپ، سورۇن قىزىتىپ» بىرىشىمنى ئالاھىدە تاپلىدى ،شۇڭا مەن  بالدۇرلا دۇكاننى تاقاپ ،چاقچاقلارنى كاللامغا تىزغاچ دوستۇمنىڭ مەھەللىسىگە  قاتنايدىغان  ئاپتۇبۇس بىكىتىگە كەلدىم .
        تەلىيىمگە ئاپتۇبۇس ئۇزاق ھايالشىمايلا قوزغالدى .ئاپتۇبۇستا يېرىم  سائەتتىن  ئارتۇقراق  ئولتۇرۇشقا توغرا كىلىدىغان بولغاچقا ،ئارقا رەتتىكى تۆت كىشلىك ئورۇندا جايلىشىپ ئولتۇرۇپ بۇلۇپ ،يېنىمدىكىلەرگە سەپ سالدىم .ئىككى يېنىمدا ئىككى بۇۋاي ساقاللىرىنى سىيلىشىپ ئولتۇرىشاتتى . زىرىكىپ  ئالدىمدىكى ئۇرۇندىكى  12ياشلار چامىسىدىكى ئوغۇل بالا بىلەن ئولتۇرغان چىرايلىق قىزغا نەزىرىمنى ئاغدۇردۇم .
          «سىڭىپ قالغان خۇي» دىگەن يامان بۇلامدۇ- قانداق ،ئۈزۈمنى خىلى بېسىپ ئولتۇرساممۇ ،يەنلا ئۇزاق بەرداشلىق بىرەلمەي «كاس -كاس »مىجەزىم قوزغىلىپ قىزغا گەپ تاشلاپ باققۇم كەلدى .
        -سىزنىڭ ئۆيىڭىزمۇ ئاق ئۆستەڭدىمۇ  قىزچاق ؟  - سورىدىم مەن  قىزغىنلىق بىلەن .
        -نىمە قىلاتتىڭىز ؟گىپىڭىز بولسا ئاچامغا ئەمەس ماڭا دەڭ ! مانا مەن ئاڭلايمەن !!!  دىدى ماڭا قايرىلىپ قاراپ غەزەپلەنگەن كۆزلىرىنى مىختەك تىككەن ئوغۇل بالا زىل ئەمما غەزەپلىك ئاۋازدا .قىز بولسا ماڭا قاراپمۇ قويمىدى .
         شۇئان بايىقى قىزغىنلىقىم قاياقلارغىدۇر غايىپ بۇلۇپ خۇددى بىرسى بىر قاپاق سوغوق سۇنى بېشىمدىن قۇيغاندەك سەگەكلەشتىم . جاۋاپ بەرمەي بولمايىتتى ،چۈنكى گەپنى ئۆزۈم تەشتىم ئەمەسمۇ ...
      - ھە ،...مەن شۇ ....ئاق ئۆستەڭگە چىقاتتىم شۇڭا سىلەرنىمۇ شۇ تەرەپكە چىقامدىكىن دەپ .....
      - بىزمۇ چىقىمىز ،شۇ ياققا !!!   دىدى  بالا ، ناھايتىمۇ كەسكىن ئاھاڭدا .ئۇنىڭ ئۇرغۇلۇق ئېيىتقان  سۆزى  ماڭا «غىتىڭنى قىسىپ ئولتۇرساڭ بولمامدۇ .مەن بار بۇيەردە ! قانداق ئىززىتىڭنى بىلمەيدىغان نىمە سەن ؟....كىمىڭگە چاقچاق قىلاي دەۋاتىسەن ؟سىنىڭ ئاچا سىڭىللىرىڭ يوقما؟ باشقىلار سىنىڭ ئۆيۈڭدىكىلەرگە بىكاردىن مۇشۇنداق گەپ تاشلىسا قانداق قىلاتتىڭ ؟....» دەۋاتقاندەكلا تۇيۇلۇپ كەتتى .
شۇنىڭ بىلەن جايىمدا جىممىدىلا ئويلىنىپ ئولتۇرۇپ كەتتىم .ئىچىمدە ئۆزۈمگە  بەكمۇ ئاچچىقىم كەلدى .«ھەي غېنى !  ئەجەپمۇ سەتلەشتىڭ بۈگۈن ،قىسىپ ئولتۇرساڭچۇ !؟»
           مىنىڭ گەپ -سۆز قىلمىغىنىمنى كۆرگەن بالا ئالدىغا قاراپ ئولتۇردى . بۇ ئوغۇل بالىنىڭ گەرچە يېشى كىچىك بولسىمۇ لىكىن شۇنچىلك قەھىرلىك ،يۈرەكلىك ، ئاق قارىنى پەرىق قىلىدىغان ،ئۆزىنىڭ ھەمشىرىسىنىڭ ئىززىتىنى شۇنچىلىك قوغدايدىغان ، ھۇشيارلىقىغا ھەيران قالدىم .جۈملىدىن مەسىتلىكىم كەلدى دىسەم توغرا بۇلىدۇ .
            يېرىم سائەت بىردەمدىلا ئۆتۈپ دوستۇمنىڭ مەھەللىسىگە كەلدىم . بۇ ئاخىرقى بىكەت بۇلۇپ ،ماشىنىدىن ھەممىمىز چۈشتۇق  چۈشۈۋېتىپ ھېلىقى بالىنىڭ ئاچىسىنى قورۇقداپ ھىچكىمگە سوقتۇرماي «ئالدىرىما !  ...ھە  ..ئەمدى چۈشكىنە ...» دەپ ئاپتۇبۇستىن چۈشۈرگىنىگە مەستلىكتە قاراپ قاپتىمەن. مىنىڭ قاراپ تۇرغىنىمنى كۆرۈپ باشقىچە چۈشەندىمۇ قانداق ، بۇ بالا كىچىككىنە مۇشتۇملىرىنى چىڭ تۈگۈپ يەنە ماڭا:«نىمىگە قارايسەن ؟» دىگەندەك  غەزەپ بىلەن بىر قاراپ قويدى .
           گەرچە ئۇنىڭ «دودەن»لىكىگە ئاچچىقىم كەلسىمۇ ، لىكىن ئائىلىسىدىكىلەرگە  شۇ قەدەر مەسئۇلىيەتچانلىقىدىن سۈيۈندۈم . شۇڭا ئارتۇق ئويلاردىمۇ بولمىدىم .
          مىھماندارچىلىق  جەريانىدا ئىلگىركىدەك كەلسە- كەلمەس چاقچاقلارنىمۇ قىلغۇم كەلمىدى .چۈنكى ھازىر مەن ئېغىر ئويلىنىشتا ئىدىم ....
         «مەنمۇ بىر ئاكا ،ئويلاپ باقسام سىڭلىمغا قارىتا بايىقى كىچىك بالا ئاچىسىنى قوغدىغانچىلىك كۈڭۈل بۆلۈپ باقماپتىمەن ،سىڭلىم ‹ئاكا !› دىسە،‹ھە...›دەپتىمەنۇ ئۇنىڭغا ئاكىسى ،قېرىندىشى  قوغدىسا قانداق بۇلىدىغانلىقىدەك بەھىرلىنىشنى ،پەخىرلىنىشنى ، توق يۈرەكلىكىنى ،مەغرۇرلۇقنى بىرەلمەپتىمەن ،قىزلارغا كەلسە -كەلمەس چاقچاقلارنى قىلىپتىمەنۇ ئۇلارمۇ مىنىڭ قېرىندىشم ،ھەمشىرەم ئىكەنلىكىنى بىلەلمەپتىمەن ....ھەي ....ئازغۇنلۇق ....... »
         كەچتە ئۆيگە قايتىپ كەلسەم سىڭلىم ئۆيدە يوق ،ئاپامدىن سىڭلىمنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىنى سورىسام ئاپام سىرىتقا «كىر يۇيۇش پاراشۇكى  سېتىۋالغىلى» چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئېيىتتى .شۇئان كۆڭلۈمگە بىر دەككە- دۈككە كىرىۋالدى . ئەدەپسىز يىگىتلەر سىڭلىمغا  خۇددى مەن باشقا قىزلارغا قىلغاندەك قاملاشمىغان چاقچاقلارنى قىلسا، سىڭلىم بىچارىلەرچە يىغلاپ تۇرغاندەك ئويلارغا كەلدىم - دە ،ئاپامغا  :«بۇندىن كىيىن زەمىرەنى كىچىسى سىرىتقا چىقارما ،مانا مەن ئېلىپ كىرەي نىمە لازىم بولسا ...»دىدىم .ئاپام ھەيرانلىقتا ھەم خۇشاللىقتا ماڭا سەپ سالدى .
           مەن چاققانلىق بىلەن چاپانلىرىمنى كىيدىم- دە،سىرىتقا ماڭدىم .
        -نەگە بالام ؟
        -زەمىرەنى ئېلىپ كىرەي !
         چوڭ يولغا چىقسام ئالدى تەرەپتە زەمىرە ئىككى قاپ كىر يۇيۇش  پاراشۇكىنى تۇتقىنىچە ئىككى يىگىتكە بىرنېملەرنى دەپ تۇراتتى .غەزەپ ئاچچىقىم كىلىپ ئۇچقاندەك باردىم  -دە ، زەمىرەنى بىر ياققا تارتىپ ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ھېلىقى يىگىتلەرگە :«ھە گىپىڭىزنى مانا مەن ئاڭلاي ! »دەپ تىكىلدىم .
ئۇلار  ئەسلى زەمىرەنىڭ ساۋاقداشلىرى بۇلۇپ ،زەمىرە كىر يۇيۇش پاراشۇكىنى ئېلىپ قايىتقۇچە ئۇچرۇشۇپ قېلىپ سالاملىشىپ تۇرغانكەن . ئۇنىڭغىچە زەمىرە يېڭىمدىن تارتىپ چۈشەندۈرۈپ ئۈلگۈردى .ھېلىقى ئىككى يىگىتمۇ چۈچۈپ كىتىشتى بولغاي :«خاتا چۈشىنىپ قالماڭ ئاكا ...»دەپ چۈشەنچە بىرىشتى .«مەسىلە »ئايدىڭ بولغاندىن كىيىن ھەممىمىز ئۆيلىرىمىزگە تارقاشتۇق .
             يولدا كەلگۈچە مەن سىڭلىمنىڭ قولىدىكى كىر يۇيۇش پاراشۇكىنى كۈتۈرۈۋالدىم ھەم ئۇنىڭغا :« بۇندىن كىيىن سىرىتقا چىقما ‹جىنتەك› ،ئشلىرىڭنى مەن قىلىپ بىرەي .بىرەرسى بۇزەك قىلسا ماڭا دىگىن ،مەن دىگەن سىنىڭ ئاكاڭ ! قىز بالا تۇرۇپ  ئوغۇللار بىلەن كىچىدە پاراڭلىشىپ تۇرساڭ قانداق بۇلىدۇ ؟ ساۋاقدىشىڭ بولسىمۇ بولمايدۇ ، ئەمدى سەن چوڭ بولدۇڭ !مەن قايتا كۆرۈپ قالماي ! گىپىمنى ئىسڭدە تۇت ! ئاڭلىدىڭمۇ ؟» دىدىم  .
سىڭلىم خۇددى مىنى ھازىرلا كۈرۈۋاتقاندەك ھەيرانلىقتا قاراپ ،«بۇ راسىت سەنما ؟»دىۋىدى ئۇنىڭ بېشىغا كىلىشتۈرۈپ بىرنى سالدىم .
شۇنىڭدىن كىيىن مەن ھەقىقىي ئۆزۈمنى تېپىۋالدىم .
ئۆزىنى بىلەلمىگەن تايتاڭلارغا «گېپڭىزنى مانا مەن ئاڭلاي ! »دىگەن سۆزنى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ قىلىدىغان بولدۇم !!!!

                        مەنبە :سۇمرۇغ

Rank: 8Rank: 8

تېما
116
يازما
2397
نادىر
5
جۇغلانما
7639

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى 20:19:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دىگەن ياخشى ئەسەر بۇ؟ مېنىڭمۇ ئاكام بولسا دەپ ئارمان قىلاتتىم. ياخشى بىر ‹‹ئاكا›› غا ئېرىشتىم، ئاللاھقا شۈكىرى.

ماۋۇ كومپىيۇتىر ئىمتىھانى تېزراق تۈگىسە، ئاندىن ئاراملىققا چىقاتتىم.

Rank: 3Rank: 3

تېما
0
يازما
47
نادىر
0
جۇغلانما
399
يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى 13:59:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشىكەن ئللا ھەممە ئاكا-ئېنىلىرمزگە مۇشۇنداق جاسارات ئاتا قىلسۇن

Rank: 3Rank: 3

تېما
1
يازما
43
نادىر
0
جۇغلانما
744
يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى 00:33:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن.  ئوغۇل بالا شۇنداق بولۇشى كىرەك .

كىيۇكىيۇ توپى بوپ قالسا نۇمۇرنى قالدۇرۇپ قويغان بولساڭلا.

Rank: 8Rank: 8

تېما
149
يازما
2612
نادىر
0
جۇغلانما
7275

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى 11:03:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقتۇرۇپ ئۇقۇدۇم، ئالتۇنگۈل رەجەپنىڭ غورتىكىمۇ مۇشۇنداق ئىسىل ئىدى.

دوستلۇق ئۈچۈن سۇنۇلغان قوللار مەڭگۈ ھارارەتلىكتۇر!!!

Rank: 3Rank: 3

تېما
0
يازما
27
نادىر
0
جۇغلانما
203
يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى 10:40:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسىرىڭىز بەك ياخشىكەن  مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرنى يوللىغىنىڭىزدىن كۆپ خۇرسەن  بولدۇم  ....ئاللاخىم بەختىڭىزنى  بەرسۇن ....

سىنىڭ ھازىر ئېرىشكىنىڭ ، دەل سەن  بۇرۇن باشقىلارغا  ئاتا قىلغىنىڭدۇر ............
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش