ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكرو بىلوگ 2736 پارچە  

مىكرو بىلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 207|ئىنكاس: 4

ھېكايىدىكى پۇراق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تېما
116
يازما
2397
نادىر
5
جۇغلانما
7639

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى 11:09:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2001-يىلى 12-ئايدا فىرانسىيە دۆلەتلىك كۈتۈپخانىدا سۆزلەنگەن سۆز
مو يەن
   ناپالېئون ‹‹مېنىڭ كۆزۈمنى ئېتىپ قويغان تەقدىردىمۇ پۇراش سەزگۈمگە تايىنىپ يۇرتۇم كىشكا ئارىلىنى تېپىپ بارالايمەن›› دەپتىكەن. چۈنكى كىشكا ئارىلىدا بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۆزگىچە پۇرىقى بار ئىكەن.
    سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىسى شولوخۇپ ‹‹تىنچ دون›› دېگەن ئەسىرىدە ئۆزىنىڭ پەۋقۇلئاددە تەرەققىي قىلغان پۇراش سەزگۈسىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئۇ رومانىدا دون دەرياسىنىڭ پۇرىقىنى، يايلاقتىكى ياپيېشىل ئوت – چۆپلەرنىڭ، قۇرۇق ئوت – چۆپلەرنىڭ، چىرىگەن ئوت – چۆپلەرنىڭ ھىدىنى، ئاتنىڭ تەر ھىدىنى، ئەر – ئايال كازاكلارنىڭ تېنىدىكى پۇراقلارنى تەسۋىرلەپ، رومانىنىڭ كىرىش سۆز قىسىمىدا مۇنداق يازىدۇ: ‹‹ئەي، تىنچ دون، سەن بىزنىڭ ئاتىمىز! تېنىچ دوننىڭ پۇرىقى، كازاك يايلىقىنىڭ پۇرىقى مېنىڭ يۇرتۇمنىڭ پۇرىقىدۇر!››
    جۇڭگو – رۇسىيە چېگراسىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان ئۇسۇلى دەرياسىدىكى كېتا بېلىقى دېڭىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر جايىدا ياشاپ يوغىنايدۇ، ئۇلار تۇغۇم مەزگىلىگە كىرگەندە، ئون مىڭ چاقىرىم مۇساپىنى بېسىپ، خېيىم – خەتەرلەرنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئۆزلىرىنىڭ تۇغۇلغان يېرىگە قايتىپ ئەۋلاد قالدۇرىدۇ. بېلىقتىكى بۇنداق تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئىقتىدار ئالدىدا بىز ئويلانماي تۇرالمايمىز. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بېلىقشۇناسلار بۇ مەسىلىنىڭ جاۋابىنى تاپتى: بېلىقتا گەرچە ئادەملەرنىڭكىدەك بۇرۇن بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئىنتايىن ئۆتكۈر پۇراش سېزىمى ۋە پۇراش خاتىرىسىگە ئىگە ئىكەن. ئۇلار مۇشۇ ئىقتىدارىغا تايىنىپ، تۇغۇلغان ئانا دەريانىڭ ھىدىنى پۇراپ تاپقاندىن كېيىن، دېڭىز دولقۇنلىرىنىڭ زەربىلىرىگە بەرداشلىق بېرىپ، دولقۇنغا قارشى ئۈزۈپ، ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماي، قانچىسى ھايات قالغان بولسا شۇنچىسى باش – كۆزىنىڭ قانغا بويىلىشى بىلەن كارى يوق ئانا يۇرتىغا قايتىپ، ئەۋلاد قالدۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ، ھېچكىمدىن ئاغرىنماي غەم – قايغۇسىز ھالدا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىدىكەن. ئانا دەريانىڭ ھىدى ئۇلارغا نىشان بەلگىلەپ بېرىپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ جاپا – مۇشەققەتلەر ئۈستىدىن غالىب كېلىشىگە كۈچ ئاتا قىلغان.
    مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، كېتا بېلىقىنىڭ ھاياتى يازغۇچىلارنىڭ ھاياتىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيىتىمۇ ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتىنىڭ پۇرىقىغا بولغان ئەسلىمىسىگە تايىنىپ، يۇرتىنى سېغىنىش، ئىزدەش بىلەن ئۆتىدۇ. ئۈنئالغۇ، سىنئالغۇ، ئىنتېرنېت تورى بارلىققا كەلگەن بۈگۈنكى كۈندە، ئەسەرلەردە مەنزىرە – قىياپەت ۋە رەسىملەرنى كوپىيىلەش كەسكىن سىناققا دۇچ كەلدى. قەلىمىڭىز مەيلى قانچىلىك ئۆتكۈر بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ سىنئالغۇ كامىراسىنىڭ ئالدىدا ھېچنېمە ئەمەس. بىراق پۇراش سېزىمىگە كەلگەندە سىنئالغۇ تېخى بۇ قۇدرەتنى ھازىرلىيالمىدى. مانا بۇ بىز بۈگۈنكى زامان يازغۇچىلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى زېمىنى. بىراق بايقىشىمچە بۇ كۈنلەرمۇ ئۇزاققا بارمايدۇ، چۈنكى ئۇزاققا قالماي ئالىملار پۇراش سەزگۈسىگە ئىگە ماشىنا – ئاپپاراتلارنىمۇ ئىجاد قىلىدىغاندەك قىلىدۇ. پۇراق تارقىتالايدىغان كىنو ۋە تېلېۋىزورلارمۇ ئۇزاققا بارمايلا مەيدانغا كېلىدۇ. مۇشۇ، ئاپپارات، ماشىنىلار تېخى دۇنياغا كەلمەستە بىز ئۆزگىچە پۇراققا ئىگە ئەسەرلەرنى تېزرەك ئىجاد قىلىۋېلىشىمىز كېرەك.
    مەن ئەنە شۇنداق پۇراققا ئىگە ئەسەرلەرنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن. مېنىڭچە بۇنداق ئەسەرلەر ياخشى ئەسەرلەرگە كىرىدۇ. ئۆزگىچە، ئالاھىدە پۇراققا ئىگە ئەسەرلەر تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەردىن سانىلىدۇ. ئۆزىنىڭ ئەسىرىنى ئەنە شۇنداق پۇراققا ئىگە قىلالىغان يازغۇچىلار ياخشى يازغۇچىلارغا، ئۆزىنىڭ ئەسىرىنى ئۆزگىچە خاس پۇراققا ئىگە قىلالىغان يازغۇچىلار ئەڭ ياخشى يازغۇچىلاردىن سانىلىدۇ.
    يازغۇچىنىڭ بۇرنى ناھايىتى ئۆتكۈر بولۇشى كېرەك، بىراق بۇرنى ئۆتكۈرلەرنىڭ ھەممىسىلا يازغۇچى بولۇۋەرمەيدۇ. ئوۋ ئىتىنىڭ بۇرنى ناھايىتى ئۆتكۈر، ئەمما ئوۋ ئىتىدە بۇنداق ئىقتىدار يوق. ھازىر نۇرغۇن يازغۇچىدا ئەمەلىيەتتە ئېغىر دەرىجىدە بۇرۇن ياللۇغى بار، بىراق بۇ ئۇلارنىڭ ئېسىل ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىشىغا توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ. مەن بىر يازغۇچى پۇراق ھەققىدە مول تەسەۋۋۇرغا ئىگە بولۇشى كېرەك دېمەكچى. بىر ئىجادچانلىققا ئىگە يازغۇچى يېزىقچىلىق قىلغاندا، قەلىمى ئاستىدىكى پېرسوناژ ۋە مەنزىرىلەرگە پۇراق بېرىشى كېرەك. پۇراققا ئىگە ئەمەس جىسىملارغىمۇ تەسەۋۋۇرنىڭ كۈچى بىلەن پۇراق بېرىشى كېرەك.
    گېرمانىيەلىك يازغۇچى جوسكىندى ئۆزىنىڭ ‹‹ئەتىر›› دېگەن ئەسىرىدە، دەرىجىدىن تاشقىرى پۇراش سېزىمىگە ئىگە غەلىتە بىر ئادەمنى تەسۋىرلەپ يازىدۇ، بۇ پېرسوناژ پۇراق ئىزدەپ ئەتىرنى ئىجاد قىلغان بىر قەبىھ تالانت ئىگىسى، بۇنداق تالانت ئىگىلىرى پەقەت پارىژدىلا دۇنياغا كەلگەن بولىدۇ. بۇ شەپقەتسىز تالانت ئىگىسىنىڭ كاللىسىدا دۇنيادىكى بارلىق پۇراقلارنىڭ ھەممىسى ساقلانغان بولىدۇ. ئۇ بۇ پۇراقلارنى تەكرار – تەكرار سېلىشتۇرۇپ، ئاخىرى دۇنيادا ئەڭ ئېسىل پۇراق ياشلىق مەۋسۇمىگە يەتكەن قىزلارنىڭ پۇرىقى ئىكەن دەپ جەزىملەشتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇراش سېزىمىگە تايىنىپ، 24 ساھىبجامالنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تېنىدىكى پۇراقنى ئېلىپ بىر خىل ئەتىر ئىجاد قىلىدۇ. ئۇ بۇ ئاجايىپ سىرلىق ئەتىرنى ئۆزىگە چاچقاندا، كىشىلەر ئۇنىڭ بەتبەشىرە ھەرىكەتلىرىنى ئۇنتۇپ، ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. گەرچە ئىشەنچلىك دەلىل – ئىسپاتلار تۇرسىمۇ، ئەمما كىشىلەر ئۇنىڭ ۋەھشىي قاتىل ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشەنمەيدۇ. ئۆلگۈچى قىزنىڭ دادىسىمۇ ئۇنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ، ئۇنى ھەتتا قىزىدىنمۇ ئەتىۋار بىلىدۇ. دەرىجىدىن تاشقىرى بۇ غەلىتە مەخلۇق قەتئىي تەۋرەنمەي، كىمكى ئىنسانلارنىڭ پۇراش سېزىمىنى كونترول قىلالايدىكەن، شۇ دۇنيانى ئىگىلىگەن بولىدۇ، دەيدۇ.
    گارسىيە ماركۇسنىڭ ‹‹يۈز يىل غېرىبلىق››دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق بىر تەسۋىر بار: ... ئەتراپ تۈن قاراڭغۇسىغا چۆككەندە يىگىت ئۆزىنىڭ پۇراش سېزىمىگە تايىنىپ كوچىلاردىن ئەگىپ ئۆتۈپ ئۆزى ياخشى كۆرگەن قىزنى تاپىدۇ.
    فۇكنېرنىڭ ‹‹شاۋقۇن ۋە غوۋغا›› دېگەن ئەسىرىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئائىت بىر تەسۋىر بار: ئەسەردىكى بىر پېرسوناژ سوغۇقنىڭ پۇرىقىنى پۇرىيالايدۇ. ئەمەلىيەتتە سوغۇقنىڭ پۇرىقى بولمايدۇ، بىراق فۇكنېر مۇشۇنداق يازغان. بىز بۇنى بەك ئاشۇرۇۋېتىپتۇ دېيەلمەيمىز، ئەكسىنچە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولىمىز، ئەينەن ھېس قىلىمىز. چۈنكى سوغۇقنىڭ پۇرىقىنى پۇرىيالىغان ئادەمنىڭ ئۆزى ھاماقەت.
    يۇقىرىقى مىسال ۋە ئاددىي تەھلىلدىن شۇنى بايقايمىزكى، ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئەمەلىيەتتە مۇنداق ئىككى خىل پۇراق مەۋجۇت، ياكى ئەسەردىكى پۇراقنى مۇنداق ئىككى خىل ئۇسۇلدا يازغىلى بولىدۇ: بىر خىلى ئەمەلىي يېزىش ئۇسۇلى يازغۇچىنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىسىدۇر، يەنى يۇرتىدىكى تەجرىبىلەر بويىچە، ئۇ تەسۋىرلىمەكچى بولغان جىسىمغا پۇراق بېرىدۇ ياكى پۇراق ئارقىلىق ئۇ تەسۋىرلىمەكچى بولغان جىسىمنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. يەنە بىر خىل يېزىش ئۇسۇلى بولسا، يازغۇچى ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرىغا تايىنىپ پۇراقسىز جىسىمغا پۇراق بېرىدۇ، پۇراققا ئىگە جىسىمغا بولسا باشقىچە پۇراق بېرىدۇ. سوغۇقتا پۇراق بولمايدۇ، چۈنكى سوغۇق جىسىم ئەمەس. بىراق فۇكنېر يۈرەكلىك ھالدا سوغۇققا پۇراق بەردى. ئۆلۈممۇ جىسىم ئەمەس، ئۆلۈممۇ پۇراققا ئىگە ئەمەس، بىراق گارسىيە ماركۇس پېرسوناژلىرىغا ئۆلۈمنىڭ پۇرىقىنى پۇرىغۇزالىدى.
    بىراق پۇراقنىڭ ئۆزىلا ئەسەرنى شەكىللەندۈرەلمەيدۇ. يازغۇچى ئەسەر يېزىشقا كىرىشكەندە، ئۆزىنىڭ پۈتۈن سەزگۈ ئەزالىرىنى يەنى پۇراش، ئاڭلاش، سىلاش ياكى بۇلاردىن ھالقىغان ھەيران قالارلىق دەرىجىدىكى پۇراش سېزىمىنى ئىشقا سېلىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئۇنىڭ يازغان ئەسىرىنىڭ ھاياتى تىنىققا ئىگە بولۇشى مۇمكىن. ئۇ بىر دۆۋە جانسىز يېزىقلار تۈركۈمى بولماي، بەلكى پۇراققا، ئاۋازغا، ھارارەتكە، شەكىلگە، ھېسسىياتقا ئىگە جانلىق گەۋدە بولىدۇ. بىز يېزىقچىلىققا يېڭى كىرىشكەندە مۇنداق مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىمىز، يەنى تۇرمۇشتا يۈز بەرگەن ھەقىقىي ۋەقەلەرنىڭ ئۆزىلا ئىنتايىن ئەگرى – توقاي، ئادەمنى بەك تەسىرلەندۈرسىمۇ، بىراق بىز بۇنى ئەينەن ھېكايە قىلىپ يازغاندىن كېيىن ئوقۇساق ناھايىتى ساختا بولۇپ چىقىدۇ، ئادەمنى قەتئىي تەسىرلەندۈرەلمەيدۇ. ئەمما نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنىڭ توقۇپ يېزىلغانلىقىنى ئېنىق بىلسەكمۇ، بىراق بىزگە ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر قىلىدۇ. نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ؟ مېنىڭچە مەسىلىدىكى مۇھىم ھالقا، بىز تۇرمۇشتىكى ھەقىقىي ئىشلارنى بايان قىلغاندا، ئۆزىمىزنىڭ ئىجادكار ئىكەنلىكىنى، ئۆزىمىزدىكى پۇراش، ئاڭلاش، كۆرۈش قاتارلىق ھەممە سەزگۈ ئەزالارنى ئىشقا سېلىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىمىزدا. ئەمما ھېلىقىندەك توقۇلما ئارقىلىق يېزىلغان بۈيۈك ئەسەرلەرنىڭ بىزنى تەسىرلەندۈرەلىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئاشۇ ئەسەرلەرنى يازغان يازغۇچىلار ئۆزىنىڭ بارلىق سەزگۈ ئەزالىرىنى ئىشقا سېلىپ، تەسەۋۋۇرىنى قاناتلاندۇرۇپ، ئاجايىپ تۇيغۇلارنى ئىجاد قىلغان بولىدۇ. مانا بۇ ئادەمنىڭ قۇرۇتقا ئايلىنالمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلسەكمۇ، ئەمما كافىكانىڭ ‹‹شەكىل ئۆزگىرىش خاتىرىسى››دېگەن ئەسىرىدە ئادەمنىڭ قۇرۇتقا ئايلىنىپ قالغانلىقى ھەققىدىكى ھېكايىنىڭ نېمە ئۈچۈن بىزنى شۇنچە تەسىرلەندۈرگەنلىكىدىكى تۈپ سەۋەب.
    كىنو دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن كىشىلەر ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئىستىقبالىدىن ناھايىتى قايغۇرۇشتى. 50 يىلنىڭ ئالدىدىلا جۇڭگودا ئەدەبىي ئەسەرلەر ھالاك بولىدۇ دېگەن پەرەزلەر ئوتتۇرىغا چىققانىدى، ئەمما دەرۋەقە ئۇنداق بولمىدى. تېلېۋىزور كۇرمىڭلىغان ئائىلىلەرگە بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ تەقدىرى تازا ياخشى بولمىدى، گەرچە تېلېۋىزور كىتاب ئوقۇيدىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ نۇرغۇنىنى تارتىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا نۇرغۇن ئادەم كىتاب ئوقۇۋاتىدۇ. ئەدەبىي ئەسەرلەرگە ئۆلۈم يېقىن ئارىدا كەلمەيدىغاندەك قىلىدۇ. ئىنتېرنېت تورىنىڭ ئېچىلىشى ئەدەبىي ئەسەرلەرگە خىرىس ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما مەن ئىنتېرنېت تورى بىزنى پەقەت باشقىچە بىر خىل يېزىقچىلىق ئۇسۇلى ۋە ئەنئەنىۋى يېزىقچىلىقتىن پەرقلىنىدىغان ئۇسۇل بىلەنلا تەمىن ئەتتى، دەپ قارايمەن.
    مەن يېزىقچىلىقتىن باشقىسى قولىدىن كەلمەيدىغان بىر ئاپتور بولۇش سۈپىتىدە ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرسەممۇ، ئەمما ئېتىراپ قىلغۇم كەلمەيدۇ. بۇنداق بولۇشى ئەمەلىيەتتە ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ رولىنى ھەرقانداق بىر خىل سەنئەت ۋە تېخنىكىلىق ئۇسۇل ئالالمايدۇ. گەرچە پۇراق ئېلىش ماشىنىسى ئىجاد قىلىنغان تەقدىردىمۇ. چۈنكى پۇراق ئېلىش ماشىنىسى دۇنيادىكى بار پۇراقلارنى ئالالىغان بىلەن، ئەمما مەۋجۇت بولمىغان پۇراقلارنى ئالالمايدۇ. بۇ خۇددى سىنئالغۇ رېئال تۇرمۇشتىكى مەۋجۇت جىسىملارنىلا سىنغا ئېلىپ، مەۋجۇت بولمىغان نەرسىلەرنى سىنغا ئالالمىغاندەك بىر ئىش. بىراق يازغۇچىلار تەسەۋۋۇرىغا تايىنىپ يوق نەرسىلەرنى بار قىلالايدۇ، تەسەۋۋۇر كۈچىدىن پايدىلىنىپ مەۋجۇت پۇراقلارنىمۇ، مەۋجۇت بولمىغان شەيئىلەرنىمۇ ئىجاد قىلالايدۇ. بۇ بىزنىڭ كەسپىمىزنىڭ ئۆلمەي مەڭگۈ ياشناپ تۇرىشىدىكى بىر ئاساس.
    ئەينى يىلى، گېرمانىيەلىك يازغۇچى تۇماس مان كافىكانىڭ بىر پارچە ئەسىرىنى ئېينىشتىيىنگە بەرگەن، ئەما ئېينىشتىيىن ئەتىسىلا ئەسەرنى تۇماس مانغا قايتۇرۇپ بېرىپ: ‹‹ئادەم مېڭىسى بۇنداقمۇ مۇرەككەپ بولامدۇ؟›› دېگەن. بىزنىڭ كافىكا دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىلىم پەن ئالىمىنى يېڭىۋالغان، مانا بۇ بىزنىڭ كەسىپنىڭ پەخىرلىك تەرىپى!
    ئۇنداق بولسا بىز يۈرىكىمىزنى قاپتەك قىلىپ، بارلىق سەزگۈ ئەزالىرىمىزنى ئىشقا سېلىپ، نەپەس، پۇراق، ھارارەت، ئاۋاز، شۇنداقلا ئاجايىپ – غارايىپ ۋە ئىدىيەگە ئىگە ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلايلى.
    ئەلۋەتتە، يازغۇچىلار ئۆز ئەسەرلىرىنى تىل ئارقىلىق يېزىپ چىقىدۇ. بۇنداق بولۇشى پۇراق، رەڭ، ھارارەت، شەكىللەرنى پەقەت تىل ئارقىلىقلا ياراتقىلى بولىدۇ ياكى بۇلار پەقەت تىل ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. تىل بولمىسا بۇلارنىڭ ھەممىسى مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. شۇڭا تەرجىمىگە قولايلىق بولۇش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، يازغۇچىلارمۇ تىرىشىپ سەزگۈلەرنى ئىپادىلەپ، ھاياتىي تۇيغۇغا ئىگە دۇنيانى يارىتىپ چىقىشى كېرەك. تۇيغۇ بولغاندىلا ھېسسىيات بولىدۇ. ھاياتىي تۇيغۇغا ئىگە بولمىغان ئەسەرلەر كىشىلەرنىڭ قەلبىنى تىترىتەلمەيدۇ.
    بىز ئۇسۇلى دەرياسىدىكى كېتا بېلىقىغا ئوخشاش ئانا دەريانىڭ پۇرىقىنى ھىدلاپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى.
    مەن يۈرەكلىك ھالدا ئېلىمىزنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا مەسئۇل رەھبەرلەرگە: 2008 – يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدە، مەشئەلنىڭ ئۈستىگە 100 خىل گۈل – چېچەك، 100 خىل دەل – دەرەخ، 100 خىل ئېسىل خۇشبۇي ھاراقنىڭ ھىدىنى قويۇپ تۇتاشتۇرۇپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى خۇشپۇراققا پۈركەيلى دەپ تەكلىپ بەرگۈم كېلىدۇ.
    بىز ئۆزىمىزنىڭ خاتىرىسىدىكى بارلىق پۇراقلارنى ئىشقا سېلىپ، ئاندىن شۇ پۇراقنى بويلاپ ئىلگىرىكى تۇرمۇشىمىزنى، مۇھەببىتىمىزنى، خۇشاللىقىمىزنى، زېرىكىشلىك دەملىرىمىزنى، بالىلىقىمىزنى، ئانىمىزنى... قىسقىسى، ھەممە – ھەممە نەرسىمىزنى ئىزدەيلى، خۇددى پوروسىت بىر تال مادىرىنا پىرەنىكى بىلەن بالىلىقىغا قايتقاندەك، بالىلىق ۋە ياشلىق خاتىرىلىرىمىزنى ئاقتۇرايلى.
    ئېلىمىزدىكى بۈيۈك يازغۇچى پوسۇڭلىڭ ئۆزىنىڭ ‹‹لىياۋجەي رىۋايەتلىرى›› دېگەن ئۆلمەس ئەسىرىدە ئاجايىپ سىرلىق بىر گاچا راھىبنى تەسۋىرلەپ يازىدۇ، ‹‹بۇ راھىب ئۆزىنىڭ پەۋقۇلئاددە پۇراش سېزىمىگە تايىنىپ ماقالىلەرنىڭ ياخشى – ناچارلىقىنى ئايرىيدۇ. ئىمتىھانغا قاتناشقانلار ئۆزلىرى يازغان ماقالىلىرىنى ئېلىپ كېلىپ ئۇنىڭغا پۇرىتىدۇ. راھىب ناچار ماقالىلەرنى پۇراپلا قۇسۇۋېتىدۇ، ئۇ ناچار ماقالىلەردىن بىر خىل سېسىق پۇراق چىقىدۇ، دەيدۇ. بىراق كېيىن ئۇ پۇراپ قۇسۇۋەتكەن ماقالىلەر تاللىنىپ، ئۇ خۇشپۇراق دەپ قارىغان ماقالىلەر شاللىنىپ قالىدۇ››.
    تەيۋەندىكى بۇنۇڭ مىللىتىدە مۇنداق بىر ھېكايە تارقىلىپ يۈرۈيدۇ: بىر كەنتتە پۇراش سېزىمى پەۋقۇلئاددە تەرەققىي قىلغان بىر قەبىلە ياشايدىكەن، بۇ قەبىلىدىكى كىشىلەر ئاش – تاماققا ناھايىتى ئىنتايىن ئۇستا بولۇپ، ناھايىتى مەزىلىك تائاملارنى تەييارلىيالايدىكەن، بىراق بۇ تائاملارنى ئۆزلىرى يېمەيدىكەن، ئۇلار بۇ تائاملارنى تەييار قىلغاندىن كېيىن تاختا بېشىغا تىزىپ قويىدىكەن، قەبىلىدىكى ھەممە ئادەم كېلىپ بۇ تائاملارنىڭ خۇشبۇي پۇرىقىنى پۇراپ، توختىماي بۇرنىنى تارتىدىكەن. ئۇلار مۇشۇ پۇراققا تايىنىپ ھاياتىنى ساقلاپ قالىدىكەن. يەرلىك كىشىلەر كېلىپ پەۋقۇلئاددە پۇراش سېزىمىگە ئىگە بۇ قەبىلىنىڭ تائاملىرىنى ئوغرىلاپ قاچىدىكەن. كېيىن مەن بۇنى ھېكايە قىلىپ يېزىپ چىقتىم. ھېكايىدە ئۆزۈمنى تائاملارنى ئوغرىلايدىغان بالا قىلىپ يازدىم. ھېكايە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ناھايىتى پۇشايمان قىلدىم، مەن ئەسلىدە ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ مەيدانىدا ئەمەس، پۇراش سېزىمىگە ئىگە قەبىلىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ يېزىپ چىقسام بوپتىكەن دەپ ئويلىدىم. ئەگەر مەن ئۆزۈمنى پەۋقۇلئاددە پۇراش سېزىمىگە ئىگە قەبىلىنىڭ بالىسى سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلىپ يېزىپ چىققان بولسام ھېكايەم چوقۇم تېخىمۇ سىرلىق تۈس ئالغان بولاتتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Aydar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى 12:58  


Rank: 6Rank: 6

تېما
7
يازما
514
نادىر
1
جۇغلانما
1349
يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى 21:05:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سامسىدىكى پۇراقمۇ شۇ.......

مەدەنىيەتلىك سامسىپەز

Rank: 3Rank: 3

تېما
2
يازما
32
نادىر
0
جۇغلانما
284
يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى 21:25:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەھمەت ئايدار !

قىز بالىنىڭ دوستى ئاز....................

Rank: 6Rank: 6

تېما
4
يازما
305
نادىر
0
جۇغلانما
1195
يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى 21:16:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئەتتىر» قەبىھ ئەسەر جۇمۇ ،  شۇ ناملىق كىنومۇ ئېسىل !

Rank: 8Rank: 8

تېما
116
يازما
2397
نادىر
5
جۇغلانما
7639

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى 07:54:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەئە، مەنمۇ كۆرگەن ئۇ كىنۇنى. مەنمۇ سېسىق پۇرايدىغان بولسىمۇ بىر ئەسەر يېزىپ باقايمىكى....

ماۋۇ كومپىيۇتىر ئىمتىھانى تېزراق تۈگىسە، ئاندىن ئاراملىققا چىقاتتىم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش