ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكرو بىلوگ 2736 پارچە  

مىكرو بىلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 601|ئىنكاس: 19

مۇنداقمۇ مۇھەببەت بار!(ھىكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تېما
2
يازما
32
نادىر
0
جۇغلانما
284
يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى 01:53:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        

مۇنداقمۇ مۇھەببەت بار!


(ھىكايە)






           باتۇر بىلەن مەۋسىيە ئىككىسى تام قوشنا ئىدى. باتۇر مەۋسىيە تۇغۇلغاندا ئالتە ياشلاردا  بولۇپ ،مەۋسىيەنىڭ ئاپىسى گۈزەلخان باتۇرغا بەك ئامراقلىق قىلغاچقىمۇ ئەتىمالىم ، باتۇرنىڭ ئانىسى ئۇنىڭغا  ئىنىلىرىنى  بېقىپ بىرىشنى ئېيتسا «غىپپىدە»قېچىپ چىقىپ ،مەۋسىيە بۈشۈكتىكى چاغلىرىدا گۈزەلخانغا ياردەملىشىپ مەۋسىيەنىڭ بۈشۈكىنى تەۋرىتەتتى ،يىغلىسا ئاغزىغا ئىمزەكلەرنى سالاتتى . ئۆزىنىڭ سىڭلىسى بولمىغانلىقتىن مەۋسىيەگە بەك ئامراقلىق قىلاتتى .مەۋسىيەمۇ كىچىكىدىن بەك ئۇماق بۇدىرۇق بولۇپ ، ئۇنىڭ تۈكۈلۈپ كۆزلىرىنى يېپىپ تۇرىدىغان قاپقاراچاقماق كىرپىكلىرى، ئاپئاق پاختىدەك يۈزى ،ئالۇچىدەك قىزىل مەڭزى ،تۆت  تال گۈرۈچتەك ئۇدۇل چىشى بوغۇم –بوغۇم قوللىرىنى كۆرگەن ئادەمنىڭ «كاپپىدە» قىلىپ بۇغۇپ يەۋالغۇسىنى كەلتۈرەتتى. مەۋسىيەنىڭ ئاپىسى بىلەن دادىسى دەرۋازىغا يانداش سېلىنغان  چوڭ رەخىت دۇكىنىنى ئاچىدىغان بولغاچقا خېلى ئالدىراش ئىدى .كۈنلەر ئۈتۈپ مەۋسىيە تەمتىلەپ ماڭدى ،يۈگۈردى  ،چۈچۈك تىللار بىلەن باتۇرنى «ئاكا»دەپ چاقىرىدى .بۇ ۋاقىتتا باتۇر ئالەمچە خۇشاللىققا چۈمدى .مەۋسىيە باتۇرنى «ئاكىسى» دەپ بىلەتتى .ئۇنىڭغا  ئەگىشىپ  ماڭسا ماڭدى ،يۈگۈرسە يۈگۈردى، گەپ قىلىشنى ئۈگەندى .گۈزەلخانمۇ باتۇرنىڭ مەۋسىيەنى بېقىشىپ بەرگىنى ئۈچۈن تاتلىقلارنى باتۇرغا ئايىماي بىرىپ تۇراتتى .ھېيىت بايرام ،ئالاھىدە كۈنلەردە كىيىم -كىچەكلەرنى ئىتىپ بىرەتتى ....قىسقىسى ئۇنىڭغا ئۆز ئوغلىدەك  مۇئامىلە قىلاتتى .
باتۇر ئۆزىنىڭ ئىككى ئىنىسىنى ئانچە بېقىپ كەتمەيىتتى  چۈنكى ئىنىلىرى مەۋسىيەدەك  ئۇ نېمە دىسە «ماقۇل ،سېنىڭ راسىت» دەيدىغان يۇۋاش ئەمەستە؟! مەۋىسيە ئۈچ  ياشقا كىرگەندە باتۇر كىچىكىپرەك مەكتەپكە كىرىدى .ئۇ بەكمۇ «ئۇيۇن قېپى» بولغاچقا مەكتەپتە تۈزۈك ئوقۇمىدى . ھە  - دىسە مەكتەپتىن قېچىپ دوسىتلىرى بىلەن «ئىت قوغلاپ» يۈرەتتى .خېلى - خېلى ئىشلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلالايدىغان بولسىمۇ پەقەت مۇشۇ «ئوقۇش»قا كەلگەندە ياخشى قىلالمىدى.ئوقۇتقۇچىللىرى دائىم دۆشكەلىگەچكە مەكتەپكە تېخىمۇ ئۆچ بولدى .مەكتەپتىن بالدۇر قاچقان چاغلىرىدا ئۆيىگىمۇ كىرمەي قىلىدىغان ئىشى «تاتلىق سىڭلىسى »مەۋسىيەنى يوقلاپ چىقىش ،ئۇنىڭ بىلەن بىر «قەپەس» ئويناش ،گۈزەلخان تەييارلاپ قويغان تاتلىقلاردىن يەپ ، گۈلە سۈيى (ئۈرۈك قېقىنى پاكىزە يۇيۇپ قايناق سۇغا چىلاپ ياسايدىغان ئىچىملىك )نى قانغۇچە ئىچىپ زىرىككەندىلا ئاندىن ئۆيىگە چىقىپ ئانىسىنىڭ كوتىلداپ تىللاشلىرى ئارسىدا ئۇلاغلارنى يۇغۇشتۇرۇش ئۆينىڭ ئېغىر- يىنىك ئىشلىرىنى قىلىش بۇلاتتى ....
       كۈنلەر شۇ يۇسۇندا ئۆتۈپ ،مەۋسىيەمۇ ئوقۇش يېشىغا يىتىپ مەكتەپكە كىرىدى .ئارلىقتا مەۋسىيەنىڭ تۇغۇلۇپ ئىككى ئاي بولمىغان ئىنىسى قىزىتىپ كىتىپ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتتى . ئۇنىڭدىن كىيىن ئاپسى ئارقا ئارقىدىن ئىككى قېتىم قۇرساق كۈتۈرۈپ بالىسى تۇرماي چۈشۈپ كەتتى . دوختۇرلار «ئەمدى بالىلىق بولسا خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ،شۇڭا تۇغماسلىق ئوپراتسىيىسىىنى قوبۇل قىلىش لازىم»لىقىنى بىلدۈرۈشتى . ئامالسىز قالغان  گۈلزارخان ھاشىماخۇن بىلەن ئاچچىق ئازاپ ئىچىدە بۇ ئەمەلىيەتنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولۇشتى .شۇ سەۋەپلىك ئۇلار مەۋسىيەگە تېخىمۇ كۈيىنەتتى .بەك ئەزىزلەيىتتى ....بۇ ۋاقىتتا باتۇر ئاللا بۇرۇن تۇلۇقسىزغا چىقىپ بولغان ئىدى .تۇلۇقسىز بىلەن باشلانغۇچ  مەكتەپنىڭ ئارلىقى بىر يېرىم كىلومىتىردىن ئاشاتتى . شۇنداقلىقىغا قارىماي .باتۇر  تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەۋسىيەنى مەكتىپىگە ئاپىرىپ –ئەكىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى .  گۈلزارخان بىلەن ھاشىماخۇننىڭ ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي مەۋسىيەنى دادىسىنىڭ ۋېلىسپۇتىدىن چۈشۈرىۋېلىپ  «مەنمۇ بەرىبىر مەكتەپكە بارىمەن ئەمەسمۇ ،خاتىرجەم ماڭا تاپشۇرۇڭلار !» دەپ ۋېلىسپىتىنىڭ ئارقىسىغا مىندۈرۈپ  ،ۋېلىسپىتنىڭ پىدالىنى تەرلەپ -پىشىپ تەپكىنىچە ،مەكتەپكە ئاپىرىپ –ئەكىلىپ يۈردى .باتۇرنىڭ ئاپىسى بۇنىڭدىن ئاچىچىقلىنىپ «ئۆزۈڭنىڭ ئۇكىللىرى بېرىپ -كەلگۈچە  قىينىلىپ قېلىۋاتسا كارىڭ يوق ،نىمە ھال بۇ ساڭا خەقنىڭ «غالچىلىقىنى» قىلىپ ....»دەپمۇ باقتى .لىكىن باتۇرغا تەسىر قىلمىدى .
باتۇر مەۋسىيەگە شۇنداق ئامراق ئىدىكى مەۋسىيەنىڭ كىچىككىنە ئازار يىيىشىنمۇ كۈرۈشكە چىدىمايىتتى .ئۆزىنى مەۋسىيەنى قوغدايدىغانغىلا يارىتىلغاندەك ،ئۆزى بولمىسا مەۋسىيە تۇلىمۇ ئاجىز ،بىچارە بولۇپ قالىدىغاندەك ھىس قىلىپ كىتەتتى . دىمىسىمۇ مەۋسىيە تۇلىمۇ نازۇك ،يۇۋاش ئىدى .باتۇردىن باشقا دوستىمۇ يوق ئىدى .شۇڭا دەسلەپتە سىنپىدىكى يامان بالىلارنىڭ بۇزەك قىلىشىغا ئۇچراپ يىغلاپ يۈز كۆزلىرى ياش ھەم  قېرىنداش سىياھ يۇقلىرى بىلەن بۇلغىنىپ «يىلىم چۆچىكى»دەك بولۇپ قالغىنىنى كۆرگەن باتۇر مەكتەپتىن قايىتقۇچە مەۋسىيەنى بۇزەك قىلغانلارنى ئىزدەپ، سوراپ يۈرۈپ ئەدەپلەپ ،ئۇلارنى مەۋسىيەگە تىكىلىپ قاراشتىنمۇ قورقىدىغان قىلىپ قويدى .بىر كۈنى مەۋسىيە يىغىدىن كۆزلىرى ئىششىشغان ھالدا قايتىپ چىقتى .ئۇنى كۆرگەن باتۇر يۈگۈرەپ كىلىپ نىمە بولغىنىنى سورىۋىدى ،مەۋسىيە ئاران تۇرغاندەك «پاڭ»ڭىدە يىغلاپ تاشلىدى .ئۇنىڭ بىلەن بىر گە چىققان بىر قىز  باتۇرغا ،مەۋسىيەنىڭ مەڭزىگە  سىنىپىدىكى ئالىم ئىسىملىك «كەپسىز، شۈمىتەك»نىڭ سۈيۈپ قويغانلىقى سەۋەبىدىن سىنىپتىكى ئوغۇللار مەۋسىيەنى زاڭلىق قىلغاچقا ئۇنىڭغا ھار كەلگەنلىكىنى ئېيىتتى .باتۇر غەزەپ بىلەن ئالىمنى ئىزلەپ تېپىپ تەستەكلىرىگە ئۇرۇپ تازا ئەدەپلىدى ....شۇنىڭدىن باشلاپ بالىلارنىڭ ھەممىسى باتۇرنى مەۋسىيەنىڭ ئاكىسى دەپ بىلىدىغان بولدى .مەۋسىيە بىلەن ئېيتىشىپ قالسا «ياخشى كۈن يوق»لىقىنى بىلىشتى .مەۋسىيە خاتىرجەم ئوقۇشىنى داۋام ئەتتى .ئۇنىڭ ئۈگۈنىشى بەك ياخشى ئىدى .ھەرقانداق ئىمتىھاندا 100نۇمۇردىن چۈشمەيىتتى .بۇ باتۇرغا تېخىمۇ خۇشاللىق ئاتا قىلاتتى .مەۋسىيەدىن پەخىرلىنەتتى .ھەركۈنى مەكتىپىدىن بۇرۇن قېچىپ باشلانغۇچ مەكتەپ ئالدىدا مەۋسىيەنى ساقلايىتتى ....
        ئارىدىن يەنە 6 يىللار ئۆتۈپ كەتتى .باتۇر ئىمتىھانلاردا «0»نى قاتۇرۇپ ئېلىپ ئاخىرى تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇشنى «لاياقەتسىز »تاماملاپ ،ئوقۇشتىن توختىدى .كۈندۈزلىرى دادىسىغا ياردەملىشىپ شەھەرنىڭ ئاۋات كۇچىللىرىدا كىرا ھارۋىسىنى ھەيدىدى .كەچلىكلىرى ئاپىسى بىلەن بىىللە  كەچلىك بازاردا ئۇششاق تىجارەت قىلدى .
باتۇر -تاشقى قىياپىتىدىن قارىغان كىشىگە «تەربىيە كۆرمىگەن ،بىپەرۋا ،ئۇيۇنچى ،قېنى قىزىزىق ،لۈكچەك» تەك  تەسىر بەرسىمۇ   .ئۇنىڭ باغرىنىڭ يۇمشاقلىقىنى ، ئەستايىدىللىقىنى ،ئاق –كۆڭۈللۈكىنى،ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلىقىنى  ھەممىدىن مەۋسىيە بەلەن چۈشىنەتتى .چۈنكى ئۇ  بىر كۈنمۇ مەۋسىيەنى ئالغىلى بېرىشنى ئۇنتۇپ قالمايىتتى .مەۋسىيەگە ۋەدە بەرسە قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن ئورۇنلىماي قالمايىتتى . مەيلى قار ياغسۇن ،ياكى يامغۇر ياغسۇن ،ئىسسىق بولسۇن ،ياكى سوغۇق بولسۇن . مەكتەپ ئالدىغا يېرىم سائەت بۇرۇن كېىلىپ  مەۋسىيەنى ساقلاپ تۇرغىنى -تۇرغان ئىدى ...
مەۋسىيە تۇلۇقسىزنىڭ 2-يىللىقغا چىققان يىلى بەختىگە قارشى يېڭىلا ھەج سەپرىدىن قايتىپ كەلگەن دادىسى، سەپەر جەريانىدا تەگكەن كىسەلدىن ساقىيالماي ئۆلۈپ كىىتپ مەۋسىيە خۇددى بىر قانىتى قايرىلغان بىچارە قۇشتەك پۈكلىنىپلا قالدى .
ئۆلۈم بولغان شۇ كۈنى باتۇر مەكتەپكە مەۋسىيەنى توۋلىغىلى بېرىپ سىنىپىغا يېقىن بارالماي ئۇزاق تۇردى .چۈنكى ئۇنىڭغا بۇ ئۆلۈم خەۋىرىنى تۇنجى بۇلۇپ يەتكۈزۈشنى قەتئىي خالىمايىتتى .بۇ خەۋەرنى ئۇقسا مەۋسسىيەنىڭ قانداق بۇلۇپ كىتىشىنى ئويلىغۇسى يوق ئىدى .لىكىن ئامال يوقتە؟ .....
مۇزاكىرە ۋاقتى بولغاچقا باتۇر سىنىپ باشلىقىنى چاقىرىپ  نىملەرنىدۇر پىچىرلاپ قۇيۇپ ،مەۋسىيەگە ھىچ نىمە دىمەيلا ئۇنى ئېلىپ ماڭدى .مەۋسىيە ھەيرانلىقتا ئۇنىڭغا ئەگەشتى .ئۇنىڭ كۆڭلىمۇ بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك بۇلۇپ ،سوراشقا پېتىنالمىدى .
ئۆيگە يېقىنلاشقاندا باتۇر قوينىدىن بىر ئاق ياغلىقنى چىقىرىپ مەۋسىيەگە تەڭلىدى .«چىگىۋال!»دىدى ئۇ تۇلىمۇ تۆۋەن ،تولىمۇ زەئىپ ئاۋازدا .
        مەۋسىيە ياغلىقنى ئالدى ،ئۇ ھويلىسىغا كىرىپ چىقىۋاتقان ،قارلىق كىيىملەردە پۈركەنگەن كىشىلەرنى كۈرۈپمۇ، ياغلىقنى چىگىۋېتىپمۇ خۇددى چۆرگىلىتىپ قۇيۇۋەتكەن ئادەمدەك  ئىسىنى يىغالمىدى .
ھويلىدىن ئايۋان ئۆيگە كىرگۈچە ھويلىدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتقان ،ھىسداشلىق قىلغان يۇسۇندىكى قاراشلىرىدىن يۈرىكى تېىخىمۇ مۇجۇلۇپ كىتىپ باراتتى
        بۇسۇغىدىن پۇتىنى ئېلىشىغا سۇپىدا  بىر توپ ئاق ياغلىقلىق ئاياللار ئىچىدە ئۆزىنى تەرەپ -تەرەپكە ئۇرۇپ يىغلاۋاتقان ئاپىسى بىلەن كۆزلىرى ئۇچراشتى .«دادام ...!» دىگەن  قورقۇنۇچلۇق ،ئازاپلىق خىيال ئۇنىڭ كاللىسىغا چاقماق تىزلىكىدە كىرىپ كىلىشى بىلەن سەلدەك كەلگەن ياش كۆزلىرىگە پاتماي قۇيۇلدى .گۈلزارخاننىڭ  :«كۆزىلىرىنىڭ نۇرى كەلدىغۇ ئاخۇنۇم !!!!! جانلىرىدىن ئەزىزلىرى كەلدىغۇ  ئاخۇنۇم !!!!! ‹دادام قېنى؟› دىسە  نىمە دەيمەن  ئاخۇنۇم !!!! قىيالمايدىغان ئالتۇنلىرىنى  ماڭا تاشلاپ قۇيۇپ كەتتىلىغۇ ،ئاخۇنۇم !!!!گەپلىرىنى دىيەلمەي ،پىشانىسىگە سۈيەلمەي كەتتىلىغۇ ئاخۇنۇم !!!!ئايدەك يۈزىنى كۈرەلمەي ،قوللىرىنى تۇتالماي ئارماندا كەتتىلىغۇ ئاخۇنۇم!!!!!!....»دەپ قاتقان قۇشاقلىرى ھەممىنىڭ يۈرەكلىرىنى تىشىپ ئۆتۈپ ،ھىسداشلىق ياشلىرىنى قۇيۇۋەتتى...
         بۇ  ئازاپلىق مەنزىرىدىن يۈرەكلىرى ھەممىدىن بەك ئېچىشقىنى باتۇر بولدى .مەۋسىيەنىڭ ئاپىسىغا ئېسىلىپ ئۆكسۈپ ،ئۆزىنى يۇقۇتۇپ يىغلاشلىرىدىن خۇدىدى بىرى يۈرەكلىرىنى «گال پىچاقتا ئاستا-ئاستا قىرىپ گۈشىنى ئالغاندەك» بىئارام بولدى ...كۆڭلىدە مەۋسىيەگە:«غەيرەتلىك بول ئەزىزىم ،بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ .سىنى ‹تۇمشۇقلۇققا چۇقۇتماي ،مۆڭگۈزلۈككە ئۈسسۈتمەي› قاتارغا قۇشىمەن .ئاللاھ خالىسا ،مەن ئۆزۈم بېشىڭنى سىلايمەن !»دەپ نىدا قىلدى ....ھەم ئەمەلىيەتتىمۇ راسلا شۇنداق قىلدى .
        ئۇزاق ئۆتمەي گۈلزارخان «ھاجىمنىڭ ئايالى تۇرۇپ ئىزىزىتىنى ساقلاپ ئۆيىدە ئىبادىتىنى قىلماي دۇكان ئاچتى! »دىگەن ئاتاققا قالماسلىقنى ئويلاپ دۇكانلىرىدىكى ماللىرىنى ئەرزانلا ئۆتكۈزىۋەتتى . ئۆينىڭ ئېغىر يىنىك ئىشلىرىغا باتۇر كۈچىنىڭ يىتىشىچە ياردەم بىرەتتى .مەۋسىيەنىڭ ئوقۇشىمۇ ئۆز يۇلىدا كېتىۋاتاتتى .باتۇر مەۋسىيەنى تۇشۇپ ئاپرىپ ئەكىلىشنى توختاتمىدى .ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ خۇشاللىق ھىسابلىنىدىغىنى مەۋسىيەنى كىرا ھارۋىسىغا چىقىرىپ قىزىق پاراڭلارنى قىلىپ بەرگەچ ئاپىرىپ- ئەكلىش.مەۋسىيەگە ئۆزىنىڭ «دادىسىز، يىتىم قىز »ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇرماسلىققا تىرشىش .ئۇنىڭ مىسكىن كۆڭلىنى ئېچىش ئىدى .كىيىنچە گۈلزارخاننىڭ ياردەم بىرىپ يۆلىشى ،باتۇرنىڭ ئۆيىدىكلەرنىڭ قوللىشى بىلەن باتۇرمۇ شەھەرنىڭ ئاۋات رەستىللىرىدىن بىرىگە رەخىت دۇكىنى ئېچىۋالدى .مانا ھازىر مەۋسىيە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتاتتى ئۇ كۆزنىڭ يېغىنى يىگۈدەك چىرايلىقلىشىپ كەتكەن بۇلۇپ ،ئۇزۇن ئۆرىۋالىدىغان دولقۇنسىمان ،قارا چېچى ،تۈكۈلۈپ تۇرىدىغان كىرپىكلىرى ئاستىدىكى ئاھۇ كۆزلىرى ،قاشتېشىدەك سۈزۈك تىرىسى ،مەرۋايىتتەك جۇلالىق لەۋلىرى ،كىلىشىملىك غۇنچە بوي كەلگەن قامىتى قارىغان كىشىگە ئۇستا رەسسام ئالايىتەن سىزىپ چىققان ئىسىل سۈرەتنى ئەسلىتەتتى ئۇنى سىنىپتىكىلا ئەمەس ،مەكتىپىدىكى چوڭ –كىچىك ھەممىسى ناھايتى ياقتۇراتتى ھەم ھۆرمەت قىلاتتى .«گەپ تاشلاپ» يۈرىدىغان يىگىتلەرمۇ كۆپ ئىدى ئەمما  ئۇلار مەۋسىيەنىڭ «قوغدىغۇچى ،ئاكىسى» -باتۇردىن قورقۇپ چىش يېرىپ دادىل  بىر نىمە دىيەلمەي تولغۇنۇشۇپ يۈرۈشەتتى .چۈنكى باتۇر ئىگىىز بوي بەستىدىن غەيرەت شىجائىتى «مانا مەن »دەپ چىقىپ تۇرىدىغان .قاپقارا قۇشۇما قاشلىرىنى  تۈرۈپ ،يۇمران خەت تاتقان بۇرۇتلىرىنى يىمىرىپ قۇيىدىغان بولسا ،كىشىنىڭ بىر تۇرۇپ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدىغان ،چىڭ تۈگۈلگەن مۇشتۇملىرىنى كۆرسە قورۇققۇسىنى كەلتۈرىدىغان ئۇيغۇر يىگىتلىرىگە خاس پالۋانلىقى گەۋدىلىنىپ تۇرىدىغان يىگىت بولۇپ ئۆسكەن ئىدى . سەپسالغاندا  ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بىرخىل ھەسىرەت ،ئازاپ ئۇچقۇنلىرىمۇ ئاندا –مۇندا كۈرۈنۈپ قالاتتى .مۇڭلۇق مۇھەببەت ناخىشلىرىنى ئاڭلىسا تېخىمۇ جىمغۇرلىشىپ ئۈنىمۇ ئاڭلانمايىتتى .
بىر كۈنى باتۇر گۈزەلخاننىڭ ئۆيىگە ياردەملىشىدىغان ئىش بار -يوقلۇقىنى سوراپ كىرىپ قالدى .چاچلىرىغا يېڭىلا يىلىم چېپىپ تال –تال  ئۆرۈلگەن مەۋسىيەگە ئاپىسى ئوسما قۇيۇۋاتاتتى .ئىشىك ئېچىلغان ئاۋازدىن مەۋسىيە ئىتتىك ئۆرىلىپ قاراپ ،باتۇر بىلەن كۆزلىرى ئۇچرىشىپ قالدى .مەۋسىيەنىڭ .ئاپئاق يۈزىگە يېڭى قويغان ئوسما شۇنچىلىك ياراشقان بۇلۇپ ،ئۇنىڭ غۇبارسىز ،مەسۇم چىرايىنى كۆرۈش بىلەن باتۇرنىڭ قەلبىگە بىر خىل ئىللىق سىزىم ئېقىپ كىرىدى ....
كۈنلەر ئۆتۈشى بىلەن ئۇ بارا –بارا ئۆزىنىڭ مەۋسىيە سىز ياشىيالمايدىغانلىقىنى ،ھاياتىدىكى بىردىنبىر خۇشاللىقنىڭ مەۋسىيە بىلەن بىللە بۇلۇش ئىكەنلىكىنى ،مەۋسىيەنىڭ  خۇشاللىقى ، بەختى ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ،مەۋسىيەنى جېنىدىن ئەزىز بىلىدىغانلىقىنى تۇنۇپ يەتتى . مەۋسىيەمۇ باتۇرنى «پۈتۈن يىگىتلەرنىڭ سەردارى . ئۆزىنىڭ ھىماتچىسى ،رۇھىي تۈۋرۈگى،ئەڭ مۇكەممەل ،ۋاپادار يىگىت » دەپ بىلگەچكە .چىن دىلىدىن ھۆرمەت قىلاتتى .ئىككىلىسىلا قارشى تەرەپنىڭمۇ ئۆزىگە مەيلى بارلىقىنى ئىچىدە بىلىشەتتى . ئۇلار بىر -بىرىنىڭ  كۆڭلىنى ئايايتتى، گىىپىنى يىرىشمايىتتى  ... بىر بىرىگە شۇنچىلىك تۈزۈتلۈك مۇئامىلە قىلشاتتى .
مەۋسىيە كىنوكۈرۈشكە ئامراق بولغاچقا ،ئايدا بىرەر قېتىم باتۇرنىڭ ھەمراھلىقىدا كىنوغا باراتتى . ئۇلار بىللە كىتاپ ئوقۇيىتتى .قىزىق تېپىشماقلارنى تېپىشىپ  ئوينايىتتى كۆرگەنلەر ئۇلارنى« ئەجەپمۇ ماس كەلگەن بىر جۈپلەركەن!» دەپ مەسىتلىك تارتىشاتتى .ئىككى ئائىلىدىكىلەرمۇ ئېغىزلىرىدا ئېنىق دىيىشمىگەن بىلەن بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە قارىتا كۆڭۈللىرىدىكى ئىشلار بىر بىرىگە ئايان ئىدى. ھېيىت -بايراملار كەلسە ھەلىمىغان يېڭى كىيىملەرنى مەۋسىيەگە ئالايىتەن سېتىۋالاتتى . (ئاساسەن باتۇر تاللاپ ئېلىپ بېرەتتى ).گۈزەلخانمۇ باتۇرغا باشتىن ئاياق كىيىم قىلاتتى ....
        ئۇلار بەزى كۈنلىرى دەريا بويلىرىغا بېرىپ سۇ كېچىپ ئويناپ كىلىشەتتى .باتۇر مەۋسىيەچوڭ بولغانچە ئۇنى ھەممە نەرسىدىن قىزغىناتتى ،گەرچە مەۋسىيەنى خاپا قىلماسلىق ئۈچۈن تېشىدا ئىپادىلىمىسمۇ، لىكىن ئىچىدە ئۇنى ھەتتا ئۇنىڭ قىز بالا دوسىتلىرىدىنمۇ قىزغىنىپ دوسىت تۇتقۇزمايىتتى «ئوينايمەن» دىسە ئۆزى ھەمراھ بۇلۇپ ئۇنى خۇشال قىلىشقا تىرىشاتتى .«بىر نەرسە سېتىۋالغىلى بارىمەن» دېسە بىللە چىقىپ ئېلىپ بىرەتتى .مەكتەپكە ئاپىراتتى- ئەكىلەتتى .ئۆيگە كەلگەندىن كىيىن سىرىتقا قەتئىيىلا چىقارمايىتتى .بىرەر ئوغۇل بالنىڭ  مەۋسىيەدىن بىر نەرسە سوراپ قالغىنىنى كۆرسە ،يولدا كەلگۈچە ،«ئۇ نىمە دەپ سەندىن سورايدۇ؟ ،باشقا ئادەملەر يوقمىكەن  سەندىن سورىمىسا ؟!....سەن نىمىشقا ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ گەپ قىلىسەن ؟نىمىشقا كۈلىسەن ؟! ...سىنىپىڭدىكى ئوغۇل بالىلارغىمۇ كۈلۈپ گەپ قىلامسەن ؟!!...»دىگەندەك تالاي سۇئاللارنى قۇيۇپ مەۋسىيەنىڭ ئىچىنى سىقىۋىتەتتى .
مەۋسىيەنىڭ كۆڭلى تۇلىمۇ نازۇك بولغاچقا بۇنداق چاغلاردا باتۇرنىڭ يولسىزلىقغا ئاچچىقى كىلىپ ،ئاسانلا يىغلايىتتى .باتۇرنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنىمۇ دەل ئۇنىڭ يىغىسى ئىدى .شۇڭا  ئۇنىڭ يىغىسىنى كۈرۈپ پەسلەپ قېلىپ ،بەزلەپ كۆڭلىنى ئېلىشقا تىرىشاتتى .
        بىر كۈنى باتۇر مەكتەپ دەرۋازىسى  ئالدىدا ساقلاپ تۇرۇپ تۇيۇقسىز كىچىككىنە بىر ئىشقا كۆزى چۈشۈپ قالدى .مەۋسىيە ئوقۇتۇش بىناسىدىن چۈشۈپ دەرۋازىغا قاراپ مېڭىۋاتسا قاياقتىندۇر ئۈچ  يىگىت پەيدا بولدى –دە،.كۆز بېقىشىپ قەستەن مەۋسىيەگە سۇقۇلۇپ ،ئۇنى دۆشكەلەشكە باشلىدى .مەۋسىيەنىڭ قۇلىدىكى كىتاپلار يەرگە چېچىلدى .مەۋسىيە ئۇلارغا بىرنەرسىلەرنى دىگەچ يەردىكى كىتاپلارغا قۇلىنى ئۇزۇتىۋىدى .ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ،كىلىشكەن ،ناھايتى ئىسىل كىيىنىۋالغان بىرى كىتاپلارنى تېپىپ نېرىغا چۆرىۋەتتى .مەۋسىيەنىڭ ئاچچىقتىن مەڭزىلىرى ئوت بۇلۇپ ياندى .ئۇلارغا غەزەپ بىلەن قارىۋىدى ،ھېلىقى پۇزۇر كىيىنگەن چىرايلىق يىگىت ئۇنىڭغا مەسخىرىلىك قاراپ كۈلۈپ مەۋسىيەنىڭ تېخىمۇ  غۇرۇرىغا تەگدى مەۋسىيە تېخىمۇ قىزىرىپ «بىرنىمە دەي!» دىگۈچە، بۇلارنى كۈرۈپ تۇرۇپ ،ئاچچىقى قاتتىق كەلگەن باتۇر ئۇچقاندەك يىتىپ كەلدى دە ،بايىقى پۇزۇر كىيىنگەن يىگىتنىڭ كارنىيىنى ئالقانلىرى بىلەن سىقىپ ئىتتىرىگەنچە ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ تېمىغا تاقاپ گېلىنى سىققان پېتى ئىگىزگە كۈتۈرىۋىدى ، يىگىت تىنالماي تىپىچەكلەپ كەتتى . ....
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئەتراپقا ئوقۇغۇچىلار  توپلاشتى، قورقۇپ كەتكەن مەۋسىيە باتۇرنىڭ قوللىرىغا ئېسىلىپ ئۇ يىگىتنى بۇشاتتى  .باتۇر يىگىتنى قۇيۇۋىتىپ:‹ بۇنىڭ بىر ئاگاھلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى ،سىڭلىسىغا يەنە« قالايمىقان » چاقچاق قىلىپ قالسا ،شۇ تۇتقان پېتى قۇيۇپ بەرمەيىدىغانلىقى› نى ئەسكەرتىپ ئۆتتى  ....
شۇكۈندىن كىيىن ھەممىسى مەۋسىيەنىڭ «ئاكىسى»نى يەنە بىر قېتىم تۇنۇدى ....
       كۈنلەر بىر ئىزىدا ئۆتۈپ تۇلۇق ئوتتۇرا ئوقۇشىمۇ ئاياقلاشتى .ئالىي مەكتەپكە ئارزۇ تولدۇرغاندا  ،گۈزەلخان قىزىنىڭ مۇشۇ شەھەردە ئوقۇشىنى ئۈمۈت قىلغاچقا، مەۋسىيە ئارزۇسىغا مۇشۇ شەھەردىكى مەكتەپنىلا يازدى .ھەم ئالدىنقى تۈركۈمدە قۇبۇل قىلىندى .بۇ ھەممىدىن باتۇرنى خۇشال قىلدى .چۈنكى يەنە بۇرۇنقىدەكلا مەۋسىيەگە كۈيىنەلەيدۇ ،ئۇنى ئاپرىپ –ئەكىلەلەيدۇ ئەمەسمۇ ؟!
مەۋسىيەنىڭ رەڭدار ئالي مەكتەپ ھاياتى باشلاندى .سىنىپىدا ھەر جايلاردىن كەلگەن تۈرگۈن ياشلار كۆپ ئىدى  ،مەۋسىيە تىزلا چىقىشىپ ،بالىلار بىلەن ياخشى ئۆتتى .ياتاقتىكى قىزلاردىن قىزلارغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگەندى .ئۆزىنى ئىلگىركىدىن خېىلى خۇشال سىزىدىغان بولدى .
مەكتەپنىڭ تۈزىمى قاتتىق بولغاچقا ياتاقلىشىپ ئوقۇشى كېرەك بۇلۇپ ،ھەپتە ئاخىرى بولغاندىلا باتۇرنىڭ موتسىكلىتىغا ئولتۇرۇپ ئۆيىگە قايتاتتى .يولدا كەلگۈچە باتۇر ئۇنى بەك سېغىنغاچقىمۇ ئىش قىلىپ ئۇنى –بۇنى سوراپ تىرىكتۈرەتتى .
بۈگۈنمۇ باتۇر ئۇنى تىرىكتۈرمەكچى بۇلۇپ :‹يەنە قايسى «ھارامزادە  »ساڭا چاقچاق قىلدى ؟› دەپ سورىدى .بۇنداق سۇئاللار مەۋسىيەنىڭ ئەڭ يۈرىكىنى سىقىدىغان سۇئاللار ئىدى .شۇڭا مەۋسىيە جاۋاپ بەرمىدى .باتۇر تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ : -گەپ سوراۋاتىمەن سەندىن ؟!دىدى چىڭراق ئاۋازدا .
مەۋسىيە بىر خىل بىزارلىق تۇيغۇسىدا :  -بولدى قىلساڭچۇ ؟-دىدى تۇمشۇقىنىى ئۇچلاپ قۇيۇپ .
ئۇلار قىزىل چىراققا كىلىپ توختىۋىدى  بىر ئوغۇل بالىنىڭ - -مەۋسىيە ! دەپ توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى باتۇر يانغا ئۆرىلىپ قاراپ ،يېنىدا بىر يىگىتنىڭ  موتسىكلىتقا مىنگەن پېتى مەۋسىيەگە سەۋدايىلەرچە قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ كەيپى راسا ئۇچتى . .بۇ مەۋسىيەنىڭ ھازىرقى سىنىپىدىكى ئۇنى قوغلاپ يۈرگەن يىگىتلەرنىڭ بىرى بۇلۇپ ،مەۋسىيە ئىزچىل تۈردە  ساۋاقداشلارچە ئاددىيلا مۇئامىلە قىلىپ كىلىۋاتقان ئىدى .بۇ يىگىت مەۋسىيەنى يولدا ئۇچۇرۇتۇپ قالغىنىدىن خۇشال بۇلۇپ چاقىرغان بولسا كېرەك .
         مەۋسىيە باتۇرنىڭ يەنە خاتا چۈشىنىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ .
        -ھە !  لا  دەپ ئاددىيلا  سالاملاشتى .
        ئۇنىڭغىچە يىشىل چىراق يېىنىپ باتۇر ئاچچىقىدا موتسىكلىتىقا قاتتىق ماي بىرىپ سەت ئاۋازدا« غارقىرىتىپ» ئۇچقاندەك  ھەيدەپ كەتتى .ساۋاقدىشىنىڭ ئالدىدا بۇلۇنغان بۇ ئەدەپسىزلىكتىن خىجىللىق ھىس قىلغان مەۋسىيە يۈزى چۈشكەندەك ھىس قىلىپ  يەنە يىغلاشقا باشلىدى .
        لىكىن باتۇر بولسا ئىلگىركىدەك بەزلەش تۈگەل ئۇنىڭغا يەنىمۇ قاتتىق تىگىپ :«ئۇيەردە بىردەم تۇرۇپ مۇڭدىشالمىغاچقا كۆڭلۈڭ يېرىم بۇلۇپ قالدىمۇ ؟....»دىگەندەك بىر قاتار قۇپال گەپلەر بىلەن مەۋسىيەگە  تېخىمۇ ئازار بەردى .مەۋسىيە خۇددى ئۆزىنىڭ قەدىر قىممىتى يەر بىلەن يەكسان بۇلۇۋاتقاندەك .غۇرۇرى پايمان بۇلۇۋاتقاندەك ،ھىسياتقا كىلىپ،باتۇرنىڭ ئۆزىگەئىشەنىچسىز قارىغانلىقىدىن بەكمۇ ئۈمۈتسىزلەنگەچكە  ،ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن تاماقنى يەپلا ھېرىپ كەتكەنلىكىنى باھانە قىلىپ يېتىۋالدى .ئەتىسىمۇ باتۇرغا كۈرۈنمىدى .باتۇر نەچچە كىرىپ ئۇنى كۈرەلمەي ،ئىچى تىتىلداپ چىقىپ كەتتى .گۈزەلخان قىزى بىلەن باتۇردىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ ،باتۇردىن نىمە بولغىنىنى سورىغاندا  باتۇر «ھىچ ئىش يوق» ،دەپلا تۈگەتتى .
         يەكشەنبە چۈشتىن كىيىن باتۇر دۇكاندىكى ئىشلىرىنى تاشلاپ قۇيۇپ مەۋسىيەنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قۇيۇش ئۈچۈن كەلدى .لىكىن مەۋسىيە ئاپىسىنىڭ توسقىنىغا قارىماي يېرىم سائەت بۇرۇن كىرا ماشىنىسىغا چىقىپ مەكتىۋىگە كىتىپ قالغان ئىدى .10نەچچە يىلدىن بېرى مەۋسىيەنىڭ بۇنداق بەڭباشلىق قىلغىنىنى كۆرۈپ باقمىغان باتۇر قاتتىق تىرىكىپ چىقىپ كەتتى . بۇ  بىر ھەپتە ھەر ئىككىسى ئۈچۈن  ئازاپ ئىچىدە تولىمۇ تەستە ئۆتتى  .مەۋسىيەنىڭ كۆزلىرىدىن ياش قۇيۇلۇپ توختىمايىتتى ،تاماق يىگۈسىمۇ كەلمەيىتتى ،باتۇرنىڭ نىمىشقا ئۆزىنى چۈشەنمەي ،ھە دىسە ئىشەنىچسىزلىك بىلەن قارايدىغانلىقىدىن ئازاپلىناتتى . باتۇر تېخىمۇ قاتتىق ئاچچىقتا ئىدى .ئۇ : «ئەجىبا مەۋسىيەگە باشقا ناتۇنۇش يىگىتلەرگە قارىماسلىق ،گەپ قىلماسلىقنى ئېيىتقىنىم خاتامۇ ؟ ئۇنىڭغا ئامراقلىقمدىن مۇشۇنداق قىلىۋاتقىنىمنى نىمىشقا بىلمەيدۇ .؟نىمىشقا مىنى كۆزگە ئىلمايدۇ ؟!»دەپ ئازاپتا تولغۇناتتى .
       جۈمە كۈنى كىلىشى بىلەنلا باتۇرنىڭ ئىشى «ئىش» بولمىدى .ئەتتىگەندىلا جۈمە نامزىغا ئاتاپ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ ،رەتلىك  كىيىندى .ناماز ۋاقتىغىچە  دۇكىنىدا ئۇنى -بۇنى قىلىپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزدى .نامازدىن كىيىنلا مەۋسىيەنىڭ مەكتىپىگە قاراپ يول ئالدى .مەكتەپ ئالدىغا كەلگەندىن كىيىن دائىم ساقلاپ تۇرىدىغان جايىدا تۇرماي ،مەكتەپنىڭ سول تەرىپىگىرەك توغرا كىلىدىغان ئانچە كۆزگە چېلىقىپ كەتمەيدىغان لىكىن مەكتەپ ئىچىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدىغان ئەپلىك بىر جايغا كىلىپ جايلىشىپ ، ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ساقلىغاندىن كىيىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىردىن- ئىككىدىن چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئورنىدىن قىمىرلاپ قۇيۇپ كۆزلىرىنى تاقاتسىزلىك بىلەن دەرۋازا ئىچىگە تىكىتى .ۋاقىت تولىمۇ ئاستا ئۆتمەكتە .باتۇرنىڭ قەلبىنى بىر خىل دىلغۇللۇق چىرماپ كەلمەكتە ئىدى .«ئۇنىڭ بىلەن قانداق كۆرىشەرمەن؟ئەڭ ياخىشىسى ئۇنىڭغا چىراي ئاچماي ،بولمىسا ئۇتېخىمۇ بەڭباش بۇلۇپ كىتىدۇ .... »دىگەن ئويلار ئۇنى تېخمۇ دىلىغۇللۇققا سۆرەيىتتى ...
       ئاخىر كۈتكەن ۋاقىتمۇ كەلدى .مانا مەۋسىيە سۇس ھاۋا  رەڭلىك كۆينەك كىيگەن ،چاچىلىرى ئازراق چۇۋۇلۇپ كۆزلىرىگە چۈشۈۋالغان .چىرايىدىن غەمكىنلىكى ،نىمىگىدۇر قايغۇرۇۋاتقانلىقى بىلىنگەن ھالدا ياتاق  بىناسىى تەرەپتىن چىقىپ كەلدى ئۇ دەرۋازىغا كەلمەي تۇرۇپلا  دەرۋازا سىرتىدىن باتۇر دائىم ئۇنى ساقلاپ تۇرىدىغان جايدىن نىمىنىدۇر ئىزدەيىتتى .تاپالماي تىت- تىت بۇلاتتى .
        باتۇرنىڭ يۈرىكى شىددەت بىلەن ئۇرۇپ تىپىرلاپ كەتتى .چۈنكى بۇ كەپسىز يۈرەك مەۋسىيەنىڭ نىمىنى ئىزلەۋاتقىنىنى ،نىمىنى تاپالماي تىت- تىت  بولۇۋاتقانلىقىنى ئاللا بۇرۇن سېزىۋالدى ئەمەسمۇ ؟!! . دەرۋازىدىن چىقىپ كەلگەن مەۋسىيە نىڭ كۆزلىرى ئىنتىزارلىقتا ئىزلەپ تالغان بولسا كېرەك ئىزلىگەن نەرسىنى كۆرەلمەي  چىرايىدا ئۈمۈتسىزلىك، ،ئازاپ ئەكىس ئىتىشكە باشلىدى .
         باتۇر دەل شۇنى كۈرۈشنى ئارزۇ قىلغان ئەمەسمىدى ؟مەۋسىيەنىڭمۇ ئۆزىنى سېغىنىشىنى ئۈمۈت قىلغان ئەمەسمىدى ؟نەتىىجىنى چۈشىنىشكە يەنە نىمە بار بۇنىڭدىن ئۆزگە ؟!يەنە نىمىگە قاراپ تۇرىسەن باتۇر ؟!!
باتۇر ئەمدى تاقەت قىلىپ تۇرالمىدى ،  ئىتتىك قەدەملەر بىلەن مەۋسىيەگە قاراپ ماڭدى .دەقىقە ئىچىدە ئىككىسىنىڭ كۆزلىرى ئۇچراشتى .باتۇرنى كۆرۈش بىلەن تەڭ مەۋسىيەنىڭ ئاپئاق يۈزلىرى خۇددى قانسىراتمىغان ئۆپكىدەك قىزىرىپ كەتتى.نەپەسلىرى تىزلىشىپ باتۇرنىڭ ئوتلۇق قاراشلىرىغا بەرداشلىق بىرەلمەي نەزىرىنى پۇتىنىڭ ئۇچىغا ئاغدۇردى .باتۇر مەۋسىيەنىڭ يېنىغا كېىلىپ غەيرەتلىنىپ مۇلايىملىق بىلەن «قانداق تۇردۇڭ؟» دەپ سورىۋىدى .مەۋسىيە تال-تال كىرپىكلىرىنى كۈتۈرىشگە ئىككى تامچە مەرۋايىتتەك ياش ئۇنىڭ مەڭزىىنى بويلاپ ئېقىپ چۈشتى .ئۇنىڭ بۇ تۇرقى ئۇستا رەسسام  كۆڭۈل قۇيۇپ سىزغان بەدئىي رەسىمىدىنمۇ نەچچە ھەسسە گۈزەل بۇلۇپ ،تەسۋىرلەشكە ئاددىي تىل ۋە قەلەم ئاجىزلىق قىلاتتى .بۇ مەنزىرىدىن باتۇرنىڭ يۈرىكى  چىممىدە قىلىپ قالدى . باتۇر يانچۇقىدىن مەۋسىيە تىكىپ بەرگەن چۇچىلىق قول ياغلىقنى ئېلىپ ئاۋايلاپقىنە مەۋسىيەگە تۇتقۇزدى .ئارقىدىن ئىككىسى بىر –بىرىگە مەنىلىك بېقىشپ كۈلۈپ كېتىشىتى .
بۇ قېتىمقى ھەپتىلىك كۆڭۈلسىزلىك بۇ ئىككەيلەنگە بىر بىرىنىڭ قەدىرىنى ،مۇھەببەتنىڭ قەدرىنى ئوبدانلا تۇنۇتقاندەك ئىدى  .
        باتۇر مەۋسىيەنى ئۇدۇللا كاۋاپخانىغا ئېلىپ كىرىدى .ئۇلار ئازادە ئورۇندۇقنى تاللاپ ئولتۇرۇشۇپ ،چاي ئىچكەچ پاراڭغا چۈشتى .
       -مىنى سېغىنمىدىڭما ؟  سۇرىدى باتۇر ھەييارلىق بىلەن .
       -سەندەك ئەسكىنى نىمە دەپ سېغىنغۇدەكمەن ؟!-دىدى مەۋسىيە تۇمشۇقلىرىنى تاتلىق ئۇچلاپ .
       -سېغىنمىغان بولساڭ نىمىشقا دەرۋازىدىن چىققۇچە  مىنى ئىزلەيسەن ؟!
       -سىنى ئىزلىمىدىم ،شوپۇرۇمنى ئىزلىدىم !( قىزىرىپ كەتكەن يۈزىنى ئالقانلىرى بىلەن  ئېتىپ كۈلۈپ كەتتى ،مەۋسىيە.)
(باتۇرنىڭ يۈرەكلىرى خۇشاللىقتا كۆكرەك قەپزىگە پاتماي سوقۇپ كەتتى دە مەجنۇنلارچە تىكىلىپ –دىدى :)
    -شوپۇرۇڭ ،ئىككى سائەت بۇرۇن كىلىپ ساقلاپ تۇرغان ئىدى .ئەمدى قىينىما ئۇ بىچارىنى ،ئۇۋالىغا قالىسەن !  
       -ئۆزىنىڭ شۇرى ،كىم ئۇنى ئىشەنمىسۇن دەپتىكەن !
       -شوپۇرۇڭ  ھەممىگە ئىشىنىدۇ .لىكىن شۇ ....چىىدىمايدۇ !
     مەۋسىيە چىرايلىق كۆزلىرىنى باتۇرغا تىكىتى .باتۇرنىڭ لاۋۇلداۋاتقان ئوتتەك نەزىرى ئۇنىڭ كىچىككىنە ،نازۇك يۈرەكلىرىنى تىشىپ ئۆتۈپ كەتتى ......
       شۇ تاپتا ئۇلار كۆزلىرى ئارقىلىق  بىر –بىرىگە نىدا قىلىشماقتا ئىدى  :.
       «-ئەمدى تەتۈر قاراشمايلى !
       -نىمە قىلساڭ  قىل  ،لىكىن تەتۈر قارىما !
       -ئاسمان ئۆرۈلسىمۇ  ، ھەرۋاقىت ساڭا ساداقىتىم بارلىقىغا  گۇمان قىلما   !
       - بىلدىم ،ئەمدى ئازار بەرمەيمەن !  بەختىمىزگە كۆز تەگمىسۇن ئەزىزىم  !»

                              

مەنبە:  ئۆز قەلىمىم


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سۇمرۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى 01:57  


Rank: 8Rank: 8

تېما
149
يازما
2612
نادىر
0
جۇغلانما
7275

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى 11:03:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆز تەەمىسۇن بىر جۈپلەرگە. موتسىكىلىتتا ماڭغاندا ئۇلارغا بىر ئىش بولمىغىيدى دەپ يۈرىكىم سۇ بولدى.

،ئالاھىدە كۈنلەردە كىيىم -كىچەكلەرنى ئىتىپ بىرەتتى ....خاتالىق بارمۇ نىمە؟

دوستلۇق ئۈچۈن سۇنۇلغان قوللار مەڭگۈ ھارارەتلىكتۇر!!!

Rank: 3Rank: 3

تېما
2
يازما
32
نادىر
0
جۇغلانما
284
يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى 11:57:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسمەتۇللاھ يوللىغان ۋاقتى  2014-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى 11:03
كۆز تەەمىسۇن بىر جۈپلەرگە. موتسىكىلىتتا ماڭغاندا ئۇلا ...

راسىت ! دىققەت قىلالماپتىمەن ،«ئالاھىدە كۈنلەردە كىيىم -كىچەكلەرنى تىكتۈرۈپ بىرەتتى...» دەپ چۈشەنسەڭلار!

قىز بالىنىڭ دوستى ئاز....................

Rank: 3Rank: 3

تېما
61
يازما
472
نادىر
9
جۇغلانما
830
يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى 19:29:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلىقتىن باشلانغان مۇھەببەت ئىكەن.

باھا سۆز

سۇمرۇغ  توغرا دىدىڭىز !مەن مۇشۇنداق تەبئىي مۇھەببەتكە ھەۋەس قىلىمەن !ھى ھى ھى   يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى 10:09:37

Rank: 8Rank: 8

تېما
119
يازما
1672
نادىر
1
جۇغلانما
5032

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى 20:01:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلىغا يەنە بىر ئىشلىسەك ياخشى ھېكايىدىن بىرسى پۈتكۈدەككەن.
قەدەملەرگە مەرھابا.
تېخمۇ ياخشى ئەسەرلەنى كۈتىمىز سىزدىن.

زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...

Rank: 3Rank: 3

تېما
1
يازما
24
نادىر
0
جۇغلانما
213
يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى 08:34:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇدايىم ماڭىمۇ بىرە،ئاشۇنداق جۈپتىن بىرنى

Rank: 3Rank: 3

تېما
2
يازما
32
نادىر
0
جۇغلانما
284
يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى 09:24:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇلخان يوللىغان ۋاقتى  2014-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى 20:01
تىلىغا يەنە بىر ئىشلىسەك ياخشى ھېكايىدىن بىرسى پۈتكۈد ...

مەدەت ،ئىلھام بەرگىنىڭىزگە تەشەككۈر دوستۇم !

قىز بالىنىڭ دوستى ئاز....................

Rank: 3Rank: 3

تېما
2
يازما
32
نادىر
0
جۇغلانما
284
يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى 09:25:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلىم يوللىغان ۋاقتى  2014-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى 08:34
خۇدايىم ماڭىمۇ بىرە،ئاشۇنداق جۈپتىن بىرنى

«تىلىسەڭ تاپارسەن !»دەپتىكەن ئەجداتلار !
ئاللاھىم تىلىكىڭىزگە يەتكۈزگەي!

قىز بالىنىڭ دوستى ئاز....................

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تېما
86
يازما
4665
نادىر
4
جۇغلانما
11375

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى 13:29:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھابا سۇمرۇغ... نەچچە كۈندىن تورغا چىقالماي ئېسىل يازمىلارنى ۋاقتىدا كۆرمەي قاپتىمەن، قەلەملەر ھارمىغاي!!!

باھا سۆز

سۇمرۇغ  قارشى ئالغىنىڭىزدىن خۇش بولدۇم تاتلىقىم!!!!  يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى 10:08:24
ئەتىدىن باشلاپ يوقلىما باشلايمىكىن

Rank: 3Rank: 3

تېما
0
يازما
47
نادىر
0
جۇغلانما
399
يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى 19:06:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى ئەسەركەن ھارمىغايسىز

باھا سۆز

سۇمرۇغ  رەھمەت ،ياقتۇرغىنىڭىزغا !!!!  يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى 10:08:47
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش