ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكرو بىلوگ 2736 پارچە  

مىكرو بىلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1002|ئىنكاس: 4

بىر ئائىلە ئايالىنىڭ تۇنۇشۇش ئارزۇسى....چۇقۇم ئوقۇڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تېما
61
يازما
472
نادىر
9
جۇغلانما
830
يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى 18:49:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بىر ئائىلە ئايالىنىڭ تۇنۇشۇش ئارزۇسى ..........

                تۇنۇشۇپ قويايلى

ئاپتورى:  خوتەن دىيارىدىن جەننەتگۈلى
مەنبەسى: جەننەتگۈلى ھەدىمىزنىڭ قوليازما خاتىرىسى فوتو نۇسخىسى

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تۇنۇشۇپ قويايلى!!!
كىم بىلەن دەمسىز ؟ ئەلبەتتە ئىنسان ئۆز ئەتراپىدىكى ئەسلى-ئەۋلاتلىرى بىلەن ئاندىن خۇلۇم-خوشنا، ئەل-جامائەت بىلەن تۇنۇشۇپ بىر قەۋمى-قېرىنداشنى ھاسىل قىلىپ ياشايدۇ-دە؟!
بىراق مىنىڭ پۈتۈن دۇنيا خەلقى بىلەن جۈملىدىن مۇسۇلمانلار بىلەن تۇنۇشۇپ ئۆتكۈم بار.
    ئىنسان بۇ دۇنياغا تۇغۇلىدىكەنمىز، ئۆلىدىكەنمىز، تولىمۇ ئەپسۇس بۇ ناھايىتى قىسقا ئۆمرىمىزدە ھەتتا ئۆزىمىزنىڭ ئەتراپىدىكى قېرىنداشلىرىمىز بىلەنمۇ تۇنۇشۇپ بولالمايدىكەنمىز. ھەم ئىنسان ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن تۇنۇشقان ۋە بىلىشكەن ئادەملەر ھەتتا ئەۋالتلىرى تەرىپىدىنمۇ ناھايىتى تىزلا ئۇنتۇلۇپ كېتىدىكەنمىز. تولىمۇ ئەپسۇس، مەن ھازىر پەقەت بىر ئانا ، ئانا بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن مىنى نەچچىنچى ئەۋلاتلىرىمغىچە تۇنىيالا؟ مىلى ئەسلىيەلەمۇ؟ ئاللاھتائالاغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت، ھېلىمۇ مىنى ئەۋلاتسىز قويمىغىنىغا، ئويلىنىپ قالدىم، نىمىشقا بىز مۇشۇ قىسقىغىنا ھاياتىمىزنى ھەقىقى بىر مەناغا ئىگە قىلمايمىز، نىمىشقا ئىنسان ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە شۇنچە تىزلام ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ؟ ئادەم ئۆلۈپ كەتسىمۇ بۇ دۇنيادا ئەسلىنىپ تۇرىدىغان بىرەر ئىش قىلىش مۇمكىن بولماسمۇ؟ ئەگەر بار دىيىلسە شۇ قىلغان ئىشىڭ سىنى بۇ دۇنيادا ھەم ئۇ ئالەمدە بەختلىك قىلالامدۇ؟ زادى نىمە قىلىش كېرەك؟ ئويلاندىم، ئويلاندىم......
    بۇ دۇنيادا ئۇنتۇلۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈن چۇقۇم خانىش بولساق بولىدۇ، ئاماننىساخاندەك ياكى ئىپارخاندەك.....تولىمۇ ئەپسۇس ،مەن بىر ئاددى بىر ئائىلىنىڭ ئائىلە ئايالى، مىنىڭ ئارزۇيۇم مەن ئۆز-ئۆزۈمگە ئۈنلۈك ۋاقىردىم، مىنىڭ ئارزۇيۇم......نىمىشقا ئۈمۈتسىزلەنگۈدەكمەن، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن پەقەت فاجىر، فاسىق، كاپىرلار ئۈمۈت ئۆزىدۇ. ۋاھ!!!! ئۈمۈت تۇغۇلدى، مانا رەسۇلىمىزنىڭ مۇنۇ ھەدىسى نىمە دىگەن ئاددى بىراق ئىنساننىڭ ئىككىلا دۇنيالىقى ئۈچۈن نىمە دىگەن پايدىلىق ھە؟!!!   مەيلى ئەر بولسۇن، ياكى ئايال بولسۇن، مەيلى ئاددى ئىنسان بولسۇن ياكى ئالى تەبىقىدىن بولسۇن ھەممىمىزگە يىتەرلىككەن، ماشائاللاھ!!!  « پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دەيدۇ، ئەگەر ئادەم بالىسى ئۆلسە ، ئۇنىڭ ئۈچ خىل ئەمىلىدىن باشقا ئەمىلىنىڭ ساۋابى ئۈزۈلۈپ قالىدۇ، بىرىنچىىسى، ئۈزۈلۈپ قالماستىن پايدىسى جارى يەنى داۋام بۇلۇپ تۇرىدىغان سەدىقە مەسجىت قۇرۇلۇشى، مەكتەپ مەدرىسە ۋەخپە قاتارلىقلارغا ئوخشاش خەيرىيەت ئىشلىرى؛ ئىككىنچىسى ، خەلق پايدىلىنىپ تۇرىدىغان ئىلىم ۋە باشقىلارغا ئىلىم ئۆگۈتۈش،كىتاپ يېزىپ قالدۇرۇشقا ئوخشاش، ئۈچۈنچىسى، ئۆزى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ياخشى پەرزەنت تەربىيىلەپ قۇيۇش »  (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان )  . مانا بۇ ھەدىسنى ئوقۇپ باشقىدىن ئۈمۈت چىچەكلىرىم ئېچىلىپ قالدى، مەن گەرچە ئاددى بىر ئىنسان بولساممۇ ، مەن بىر ئۆزەم بىر ئائىلە ئايالى بولساممۇ مىنىڭ پۈتۈن دۇنيا خەلقى بىلەن تۇنۇشۇش ئارزۇيۇم چۇقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ، قانداق قىلىپ دەمسىز؟ چۇقۇم ھەيران قالدىڭىز شۇنداقمۇ؟ بىر ئائىلە ئايالى پۈتۈن دۇنيا خەلقى بىلەن تۇنۇشىدىكەن ،نىمە دىگەن كۈلكۈلۈك؟!!!!
     مەن بىر ئائىلە ئايالى بۇلۇپلا قالماي ،بەلكى يەنە بىر ئانا ، ئانا دىگەن ئەڭ ئۇلۇغ ، ئەڭ بۈيۈك ، ئەڭ كاتتا بىر ئاتالغۇ، بۇنى كۆپچىلىك جەزمەن بىلىدۇ. نىمىشقا مۇمكىن بولمىغۇدەك ، ئاللاھ خالىسا ،چۇقۇم، چۇقۇم مۇمكىن بولىدۇ.مەن تەربىيىلىگەن باللىرىم، باللىرىمنىڭ باللىرى، ئاندىن ئۇنىڭ باللىرىدىن بولسىمۇ ئاللاھ خالىسىلاچۇقۇم بىر-ئىككىسى دۇنيا خەلقى تۇنىيالىغۇدەك يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇت قەشقەرى، ھازىرقى زامانىمىزدىكى مۇھەممەد سالىھ داموللام ھاجىدەك ......ۋە ئۇندىن باشقا پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە تۇنۇلىۋاتقان رەئىسلەردىن چىقىشى تامامەن مۇمكىن. ئەنە شۇ ۋاقىتلاردا ئاللاھ خالىسا ئەلبەتتە مەندەك بىر ئەجدادىنى يەنى ئانىسى، مومىسى ياكى ئۇلۇغ مومىسىنى ئەسلەيدۇ، شۇنداق ياراملىق بىر ئىنساننى ئىمىتىپ باققان، ئاندىن خەلقىم چۇقۇم پەخىرلىنىدۇ، نىمىشقا ئۆزىمىز ئالدى بىلەن ئەۋلاتلارغا ئارزۇ-ئارمانلىرىمىزنى سۆزلەپ بەرمەيمىز؟ نىمىشقا ئۆزىمىزنى ئەۋلاتلىرىمىزغا تۇنۇشتۇرۇپ قويمايمىز؟ قايسىمىزنىڭ ئائىلىسىدە ھازىر تۆت-بەشىنچى ئەجدادىنى ئەسلىيەلەيدۇ؟ ھازىر بالىلار تاس قالىدۇ كۆز ئالدىدىكى چوڭ ئانا، چوڭ دادىسىنى تۇنۇمىغىلى، بىز تۇنۇشۇپ قويايلى، بىز تۇنۇشۇپ قويايلى...ئالدى بىلەن ئۆز باللىرىمىز بىلەن ئاندىن نەۋرە،چەۋرە، ئەۋرىلىرىمىز بىلەن .....قانداق بالىلىرىم، مەندەك ئاناڭلار ، موماڭلار بىلەن تۇنۇشۇشنى خالامسىلەر؟؟؟!!!  ئۇنداق بولسا مەن ئۆزەمنى بىر تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي، مەن مۇسۇلمان ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن ، بۇ مىنىڭ بۇ دۇنياغا  كۆز ئېچىپ ئەڭ ياخشى بىر سوۋغىغا ئىگە بۇلۇشۇم ( ئاللاھغا كۆپ شۈكۈرلەر بولسۇن.) مەن بىر مۇسلىمەمەن.
مىنىڭ ئىسىم فامىلەم :*************،
تۇغۇلغان ۋاقتىم : *****يىلى ***ئاينىڭ *** كۈنى ،
مۆچىلىم: *****،
ياخشى كۆرىدىغىنىم: ئاللاھ ، ئاللاھنىڭ رەسۇلى ۋە ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ياخشى كۆرگەن بارلىق كىشىلەر، ئۇنىڭدىن كېيىن كۆيۈمچان بىر پەرزەنت بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن بالىلىرىمنىڭ دادىسى، مېھرىبان ئانا بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن پەزەنتلىرىم، ئۇندىن باشقا ئۇرۇق ئۇرۇق-تۇققانلىرىم، دوست-يارەنلىرىم، يىتىم-مىسكىنلەر، ئۇندىن باشقا ئاللاھ بارلىق مۇسۇلمانلار قېرىنداش دىگەن شۇ قېرىنداشلىرىم....
قىزىقىشىم: چوڭ ئىشلارنى قىلىش، ئەپسۇس مۇمكىن بولارمۇ ؟ ھېلىمۇ ئىسىمدە مەن باشلانغۇچنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇيدىغان ۋاقتىم ئىدى، بىزدىن ئوقۇتچىمىز« سىلەر چوڭ بولغاندا نىمە ئىش قىلىسىلەر» دەپ سورىغان ئىدى، مەن شۇ ۋاقىتتا« پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئالقىشلايدىغان ئالىم بولىمەن ، ئەگەر ئالىم بولالمىسام، شۇنداق ياخشىلارنى دۇنياغا تۇنۇشتۇرىدىغان مۇخبىر بولىمەن» دىگەن ئىدىم، ئەپسۇس شۇ قىزىقىشىمنىڭ ھىچقايسىسىغا يېتەلمىدىم .....
ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغىنىم: ئاللاھنىڭ كالامى ۋە رەسۇلىمىزنىڭ سۈننىتى (ھەدىس) ۋەز-نەسىھەت، تارىخى كىتاپلارنى ئوقۇش
ئارتۇقچىلىقىم : راستچىللىق ، ۋەدىگە ۋاپا قىلىش
ئۆچ كۆرىدىغىنىم :ئۈستىدىكىلەرنىڭ قارىمۇ-قارشىسى
كەمچىلىكىم: تەۋەككۈلچى
ئارزۇيۇم:ئىنساننىڭ قىزىقىشى ئارزۇيىغا، ئارزۇسى ئاللاھ خالىسا رىياللىققا ئايلىنىدىغان گەپكەن، بىر ئايال ئۈچۈن بەك چوڭ ئارزۇ-ئارمانلارنى، غايە-نىشانلارنى قەلبىگە پۈككەن بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەقىقەتەنمۇ مۇشكۇل تەسكەن، ئى، ئەۋلاتلىرىم، مىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىمغا يىتىشىم ئۈچۈن ياردەم قىلارسىلەرمۇ ؟ مىنى ئاللاھىم ئۈمۈتسىز قويماي سىلەردەك پەرزەنتلەرنى ماڭا بىرىپتۇ، ھەم سىلەر ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگەن ئەڭ چوڭ نېمىتى، ئامانىتى، مىنى مۇشۇ ئامەنەتنى ياخشى تەربىيىلەپ ئۆز ئىگىسىگە ياراتقۇچىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىشىم ئۈچۈن، مەن بىلەن يېقىندىن ھەمنەپەس بولارسىلەرمۇ ؟ ئۇنداقتا مىنىڭ سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار!!! سىلەرنىڭ مۇسۇلمان ئائىلىدە دۇنياغا كۆز ئاچقىنىڭلارنىڭ ئۆزى سىلەر ئۈچۈن ئەڭ چوڭ بەخت.
ئى بالىلىرىم، مىنىڭ سىلەرنىڭ كۈتىدىغىنىم ئالدى بىلەن تەۋھىد ئۈستىدە چوڭ بۇلۇشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن، ئۇنىڭدىن كېيىن سىلەر گەرچە بىر ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتلىرى بولساڭلارمۇ مەن سىلەرنى پەقەت بىزنىڭ پەرزەنتىمىزلا دەپ قارىمايمەن. سىلەر بۇ دۇنياغا كەلگەن كۈندىن باشلاپ سىلەرنى خەلقىم ئۈچۈن ئاتىغانمەن، سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز « ئۈممەتنى ئويلىمىغان ھەر قانداق كىشى بىزدىن ئەمەس » دىگەن، ئى بالىلىرىم، بىز كىمنىڭ بەندىسى، بىز كىمنىڭ ئۈممىتى ؟ بىزنىڭ دىنىمىز نىمە؟ بىز نىمە ئۈچۈن ياشايمىز ؟ نىمە ئۈچۈن ئۆلىمىز ؟ نىمە ئۈچۈن ؟!!!!دىگەندەك تەپەككۈر ئۈنچىلىرىنى ئۆزەڭلاردىن دائىم سوراپ تۇرغايسىلەر، ئىنسان ئۈچ خىل بولىدۇ، بىرىنچىسى ئەقىللىق كىشىلەر چوڭ ئىشلار ئۈستىدە پىكىر-تەپەككۈر قىلىدۇ، ئىككىنچىسى ئوتتۇرۇھال كىشىلەر، بۇلار بولسا پەقەت ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىلا ئويلايدۇ، پەقەت ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكى كىشىلەرنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىرىشسىلا بولدى، ئۈچۈنچىسى ، ئەقىلسىز كىشىلەر ، بۇنداق ئادەملەر ئۆزىنىمۇ بەك ئويلاپ كەتمەيدۇ،  بىرەر نەتىجە قازانغان كىشىلەرنى كۆرسە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئۇنداق ياكى مۇنداق دەپ گەپ تارقىتىپ، شۇلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور پۇتلىكاشاڭ بولىدۇ. سىلەر ھەرگىز ئۈچۈنچىسى بولۇپ قالماڭلار، خەير ، مەن بىلەن تۇنۇشۇپ بولغان ئەۋلاتلار مىنىڭ سىلەرگە دەيدىغان سۆزلىرىم بەكمۇ كۆپتى ،بىراق ۋاقىت شارائىتى بىلەن نۇرغۇنلىرىنى ئېيتالمىدىم، بىزدىكى ئەڭ كەمچىل نەرسىلەر نەسەبنامە يېزىپ قالدۇرۇش ئىكەن، بىز ھەر بىر ئائىلە ئاددى ئىخچام قىلىپ بىرەر خاتىرىگە شۇنداق نەسەبنامە يېزىپ قالدۇرساق ئاللاھ خالىسا بىزنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىمىزنى ئەۋلاتلىرىمىز كۆرۈپ، ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا مىراس بۇلۇپ قالغان ئاشۇ ئارزۇ-ئارمانلىرىمىزنى بىرەر ئەۋلادىمىزنىڭ قولىدا  روياپقا چىقىپ قالسا،  بۇ نىمە دىگەن ئۇلۇغ غايە-نىشانغا يىتىش بولغىتى ھە ؟!!! مەسىلەن ، بىر دېھقان ئۆز ئائىلسىدىن بىرەر دوختۇر چىقىشىنى ئۈمۈت قىلسا،ئۇنىڭ بالىسى بولالمىسا، بالىسىنىڭ بالىسى بۇلۇشى مۇمكىن، بىرەر زىيالى ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىن بىرەر ئۇچقۇچى چىقىشىنى ئۈمۈت قىلسا، ئۇنىڭ بالىسى ۋە ياكى نەۋرىسى ۋە ياكى ئەۋرىسى بۇلىشى مۇمكىن، چۈنكى ئەۋلات دىگەن ئاتا-ئانىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ياقىلاپ ماڭىدۇ ئەمەسمۇ؟؟؟!!!  قىسقىسى كىنو ۋە ھىكايىلەردىمۇ بالىلىرى « ئاتامنىڭ مۇنداق ئارزۇسى باركەنتۇق، ئانام مەندىن مۇنداق قىلىشىمنى كۈتەتتى  »  دىگەندەك كۆرۈنۈشلەرنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز ھەم بالىلىرىنىڭ شۇ ئىشلارنى روياپقا چىقارغانلىقىدىن تەسىرلىنىپ كېتىمىز.
    ئى بالىلىرىم، ئىنسان ئۈچۈن غايە-نىشان تىكلەش ئەڭ مۇھىم  بىرەر مەخسەتكە يىتىشدۇر. ماڭا شۇنچىلىك ئۈمۈت، غايە-نىشان تىكلىشىمگە ئەڭ ياردەم قىلغان پەيغەمبىرىمىزنىڭ يۇقۇرىقى ھەدىسى ئارزۇ-ئارمانلىرىمغا يىتىشىمنىڭ مەنبەسى بولغۇسى. ئاللاھ خالىسا شۇ ھەدىستىكى ئۈچ خەيرىيەتلەرگە يېتەلىسەك بىزنىڭ ئىككىلا دۇنيالىقىمىز ئۈچۈن چەكسىز مەنپەئەت ھاسىل بۇلۇپلام قالماستىن بەلكى يەنە  بىز بىلەن تۇنۇشۇشنى خالايدىغان بارلىق كىشىلەر بىلەن ئاللاھ خالىسا جەزمەن تۇنۇشۇپ قالغۇدەكمىز.  ھەم ئىنسان ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ تىرىكلەر تەرىپىدىن ياد ئىتىلىپ تۇرۇش شۇ ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمنىڭ يەنىلام بۇ دۇنيا تىرىكلەر بىلەن بىللە ياشىغىنىغا باراۋەر بولىدىغان خەيرىيەتلىك ئىشتۇر.
   تۈگىدى..
   مەنبە: خوتەن دىيارىدىن ئائىلە ئايالى جەننەتگۈلى ھەدىمىزنىڭ قوليازما خاتىرىسى فوتو نۇسخىسى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   peacelife212 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى 18:53  


Rank: 3Rank: 3

تېما
61
يازما
472
نادىر
9
جۇغلانما
830
يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى 19:03:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەرنىڭ فوتو نۇسخىسىنى ئەۋەتكەندە ماۋزۇسىنى كۈرۈپ  بەكمۇ قىزىقىپ قالغان ئىدىم، مۇنبەرگە يېزىش جەريانىدا تۇللۇق ئوقۇپ چىقىپ، خۇددى ئۆزبەك يازغۇچى رەھىمە شامانسوروۋا  ئاپپاينىڭ يېزىش ئۇسۇلى، ئوي پىكرى ، ئەسەرلىرى كۆز ئالدىمغا كەپ قالدى. خۇددى، ئالدىمدا تۇرۇپ، ماڭا سۆزلەپ بىرىۋاتقاندەك، ئىسىمگە ئالدىم، بۇ ئاددى بىر ئۇيغۇر ئانا، ئائىلە ئايالى، لېكىن، ئەسەردە ئانىنىڭ بالىلىرىغا قىلغان نەسىھەتلىرى شۇنچىلىك تېتىمىلىق، شۇنچىلىك كىشىنى ئۈمۈتكە باشلايدىغان، راستىمنى دىسەم، شۇ ئائىلە ئانىدا بار بولغان ئىشەنچ ، ئۈمۈت، مەندىمۇ ئاز تېپىلىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم.....بەلكىم نۇرغۇن ئۆزىنى زىيالى چاغلايدىغانلارمۇ بۇ ئانىمىزدەك ئويلىيالماسلىقى تۇرغانلىكى ئېنىقلام ....ئارىمىزدىكى ئانىلارنىڭ مۇشۇنداق ئۈمۈت،ئارزۇ، ئىشەنچ، غايە،نىشان بىلەن ياشىشىنى بەكمۇ ئۈمۈت قىلىمەن.

Rank: 3Rank: 3

تېما
2
يازما
32
نادىر
0
جۇغلانما
284
يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى 09:28:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازما ئەجەپمۇ بىر تەسىر قىلدى دىسە ئەتتىگەندە .
يېزىلىشىمۇ ناھايتى راۋان ھەم چۈشىنىشلىك ئىكەن .ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى  «
بىز ھەر بىر ئائىلە ئاددى ئىخچام قىلىپ بىرەر خاتىرىگە شۇنداق نەسەبنامە يېزىپ قالدۇرساق ئاللاھ خالىسا بىزنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىمىزنى ئەۋلاتلىرىمىز كۆرۈپ، ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا مىراس بۇلۇپ قالغان ئاشۇ ئارزۇ-ئارمانلىرىمىزنى بىرەر ئەۋلادىمىزنىڭ قولىدا  روياپقا چىقىپ قالسا،  بۇ نىمە دىگەن ئۇلۇغ غايە-نىشانغا يىتىش بولغىتى ھە ؟!!!....»مۇشۇ قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدىم .مەن ئەزەلدىن بۇ ھەقتە ئويىلىنىپ  باقماپتىمەن .بۇ تەشەببۇس راسلا ھەربىر ئائىلا ئويلىنىپ قىلىپ بېقىشقا تىگىشلىك تەشەببۇسكەن!
ھارمىغايسىز دوستۇم!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سۇمرۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى 09:29  


قىز بالىنىڭ دوستى ئاز....................

Rank: 8Rank: 8

تېما
119
يازما
1672
نادىر
1
جۇغلانما
5032

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى 20:37:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دۇنيادىن ئۇنتۇلماسلىق ئۈچۈن خانىشلىق مەرتىۋىسى ھېچنىمە ئەمەس،نى نى خانىشلار ئۆتكەن.ئۇنتۇلدى،مەيلى خانىش بولايلى مەيلى قۇل بولايلى،باي بولايلى نامرات بولايلى،ئادىميلىكىمىز بىلەن ياشاپ ،ئىمان ئىتىقادىمىز بىلەن كۆكلەپ ئالدى بىلەن ياراتقۇچىمىزنى،ئاندىن كىيىن ئەتراپىمىزدىكىلەرنىرازى قىلىپ ياشىساق مۇشۇنىڭ ئۆزى كۇپايە ئىنسان ئۈچۈن،
بەلكىم بىلىپ بىلەمي نام شۆھرەتكە ئىنتىلىپ قالىدىغاندىمىز.لېكىن ئۇ نام شۆھرەتلەر بىزنىڭ ياراتقۇچى ئالدىدا قىلىدىغان ئەمەللىرىمىز ئالدىدا ھېچنىمى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.

زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...

Rank: 3Rank: 3

تېما
0
يازما
27
نادىر
0
جۇغلانما
203
يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى 10:55:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىلار بىر  قۇلىدا  بۇشۇكنى  تەۋرەتسە ،  بىر  قۇلىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ  

سىنىڭ ھازىر ئېرىشكىنىڭ ، دەل سەن  بۇرۇن باشقىلارغا  ئاتا قىلغىنىڭدۇر ............
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش