ئۇ كۆيمەكتە چوغدەك يېلىنجاپ
كۆزۈم چۈشۇپ يولدا مومايغا،
مېڭىشىمدىن توختىدىم ئاستا.
سەدىقەمنى بېرىشتىن بۇرۇن،
ھۆرمەت بىلەن قارىدىم ئاڭا.
ئاھ، بىچارە قۇياشكەن قۇياش،
ياشلىغىدا يانغان لاپ قىلىپ.
سۈزۈكلىگى ياقۇتتىن سۈزۈك،
ئوت ئىچىدە يانغان چاس قىلىپ.
يوقمىدۇ يا ئۇنىڭ بالىسى،
يۆلەنچۇگى ياكى جۆرىسى.
قوللېرىدىن يېتىلەپ مېڭىپ،
ئەپ كېتىدىغان ئوماق نەۋرىسى.
قىزارمامدۇ سەھەر كەچلەردە،
تۇيغۇسىدا قۇياش ۋە چولپان.
ئاھ، تۇرمۇشنىڭ ئېغىرلىغىدا،
بۇ يوللارغا ماڭغاندۇ قاچان؟
قالدى موماي، قالدى كوچىدا،
ئادەملەرگە تەلمۈرۈپ شۈنچە.
ئۇ كۆيمەكتە چوغدەك يېلىنجاپ،
بىر كىملەردىن تىلەپ سەدىقە.
نىمىشقىدۇر مۇشۇ ۋاقىتتا،
يىغا تۇتتى مىنى بۆلەكچە.
بۇ كوچىدا يۈرەمدۇ ئانا
دىۋانە بوپ تاكى ئۆلگىچە.
2014-يىل 1-ئاينىڭ 31-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا otkankunlar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى 21:48