ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكرو بىلوگ 2736 پارچە  

مىكرو بىلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 99|ئىنكاس: 0

قەدىمقى ياۋروپالىقلارنىڭ تېرىسى قارا بولغان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تېما
15
يازما
602
نادىر
7
جۇغلانما
1202

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 13:02:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدىمقى ياۋروپالىقلارنىڭ تېرىسى قارا بولغان





ئالىملار ھازىرقى ياۋروپا قىتئەسىدە ياشىغان قەدىمقى ئىنسانلارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىشكە مۇۋەپپەق بولدى.
ھازىرقى زامان ياۋروپا ئىنسانلىرى كۆككۆز، سېرىق چاچ ۋە ئۆڭى ئاق، دەپ قارىلىپ كەلگەن. بىراق ئىسپانىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى غاردىن ئىككى جەسەتنىڭ سۆڭىكى (ئىسكلېتى) تېپىلغاندىن كېيىنكى تەتقىقاتلار بۇنداق قاراشنىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلىدى.
قەبرە ئىچىنىڭ ھاۋاسى سالقىن ۋە قاراڭغۇ بولغانلىقتىن بۇنىڭدىن 7000 يىل (7 مىڭ يىل) بۇرۇن ياشىغان ئىنسانلارنىڭ جەسەتلىرى ئوبدان ساقلانغان.
ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرىنىڭ چىشىدىن گېن ئەۋرىشكىسىنىڭ مەلۇماتلىرىنى ئېلىپ تەكشۈرۈش ئىمكانىيىتى تۇغۇلدى. ئالىملار 7000 يىل بۇرۇنقى بۇ جەسەتلەردىن ياۋروپالىقلارنى قارا تەنلىك سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلىشىۋاتىدۇ. بارسېلونا شەھىرىدىكى ئېۋوليوتسيون بىئولوگىيە تەتقىقات-تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇتەخەسىسلىرى ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقاتلىرى ئاساسىدا ياۋروپادا 7000 يىل بۇرۇن ياشىغان ئوۋ غەنىيمەتلىرى ۋە مېۋە-چېۋە ئىستېمال قىلىپ ياشىغان ئادەملەرنىڭ تېنى قارا، كۆزلەرى كۆك بولغان، دېگەن خۇلاسىگە كەلگەن ۋە ئۇ زامانلاردا ياشىغان ياۋروپالىقلار ئاق تەنلىك بولغان، دەپ قارايدىغان بارسېلونالىق ئالىملار بۇ خۇلاسىدىن ھەيران قېلىشقان.
«ئەپتىدىن ئاق تەنلىك، دەپ تەخمىن قىلغىنىمىزدىن كېيىن، تەجرىبە نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان خۇلاسىدىن ھەيران قالدۇق» دەيدۇ تەجرىبىخانا رەھبىرى كارلېس لاليۇسا فوكس. گېن تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا بۇ ئادەملەرنىڭ كۆزلىرى كۆك، چاچلىرى قارا ياكى قوڭۇر، تەنلىرى قارا بولغان. دۇنيادىكى ئالىملار ئادەمزات ھازىرقى ئافرىقىدىن باشقا قىتئەلەرگە تارقالغان، دەپ قارىشىدۇ. ئالىملار تەخمىنەن 45 مىڭ يىل بۇرۇن ئافرىقىدىن ياۋروپاغا كۆچكەنلەردىن كېيىن، ئادەملەرنىڭ رەڭگى ئاقىرىشقا باشلىغان، دەپ قاراپ كەلگەن.
« ئافرىقىدىن كۆچكەندىن كېيىنكى ئىنسانلار باشقا جايلاردىكى ئىنفىرا بىنەپشەنۇر كەم بولغان جايلاردا ياشاپ، تېرىسىدە ۋىتامىن D سىنتېزلىنىش نەتىجىسىدە تېرە تېز ئاقارغان، دېيىلىپ كېلىۋاتاتتى. مانا ئەمدى بۇ قاراشنىڭ خاتالىقى ئىسپاتلىنىۋاتىدۇ. بۇ ئادەملەر ياۋروپادا 40000 يىل (40 مىڭ يىل) ياشاپمۇ تېرىسى قارا پېتى تۇرۇۋەرگەن» دەيدۇ كارلېس لالىيۇسا فوكس. ئىسپانىيەدىكى غاردىن تېپىلغان ئىنسانلارنى تەتقىق قىلىۋاتقان ئالىم-مۇتەخەسىسلەر «بۇ ئادەملەر ئاقسىل مول يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشقان، سۈت ۋە تەركىبىدە كراخمال بولغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشمىگەن» دېگەن خۇلاسىگە كەلگەن. ئادەتتە سۈت ۋە كىراخماللىقى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئىنسانلار دېھقانچىلىقنى ئۆگەنگەندىن كېيىن ئىستېمال قىلىشقا باشلىغان، دەپ قارىلىدۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش