قۇشلار قونغان مەجنۇنتالدەك،
مەيلىم بىلەن كەلدىم جانان.
دەردىڭ قويدى مېنى يالغۇز،
دىدارىڭنى كۆرەي قاچان؟
كۆز ئالدىمدا گۈزەل ھۆسنۈڭ،
ھىلال ئايدەك كۆردۈم سېنى.
ئاھ،ھەسرىتا، يۈردۈم سەرسان.
ھىجرانىڭدا غازاڭ كەبى.
ۋىسال تاپماي ئۆتتى يىللار،
پىغانىڭدا چەكتىم ھەسرەت.
سېغىنىشتا كۆكلەر ھامان،
سەنسىز قالغان شۇ مۇھەببەت.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۇيغۇرا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 23:24
|