- UID
- 5672
- ھوقۇقى
- 35
- تېما
- 41
- يازما
- 76
- نادىر
- 0
- شۆھرىتى
- 862
- تەڭگە
- 394
- جۇغلانما
- 862
- تىزىملاتقان
- 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى
- توردا
- 33 سائەت
 
- تېما
- 41
- يازما
- 76
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 862
|
 |
 |
 |
 |
لۈكچۈن بازارلىق ھۆكۈمەت مەدىنيەت پونكىتى پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسى ئاياللار بىرلەشمىسى لۈكچۈن بابىمىزدىكى خانىم قىزلارنىڭ ئىچكى تاشقى گۈزەللىكىنى نامايان قىلىش، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىيىم-كىچەك مەدىنىيىتىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇپ باغلىرىمىزدا تۈرلۈك مەدەنىي پائالىيەتلەرنى كۆپلەپ ئىلىپ بىرىش، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بىيىتىش مەقسىتىدە 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى لۈكچۈن بازىرى ئۈچكۆۋرۈك كەنىت ئارا مەھەلىدە مىللي كىيىم-كىچەك مودېل مۇسابىقىسى باردى.
بۇ قىتىمقى مۇسابىقىگە لۈكچۈن بازىرىدىكى ھەر قايسى كەنتلەردىن بولۇپ سەككىز كەنتتىكى يېڭىدىن تەقسىملەنگەن مودېل خانىم-قىزلار ئەترەتلىرى قاتناشقان بولۇپ، باشقۇرغۇچىلار نومۇر قۇيۇپ باھالاپ چىقتى، دەرىجىگە تۇرغۇزۇپ مۇكاپاتلىدى.
بۇ مۇسابىقىگە ناھىيىلىك پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ناھىيىلىك سىياسى كېڭەشنىڭ رەئىسى، ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ سىياسى كومىسسارى، ناھىيىلىك مەدەنىيەت ئىدارسى سەنئەت ئۆمىكى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى كىلىپ قاتناشتى ۋە باھالىغۇچى بولدى، ئۇنىڭدىن باشقا كەڭ ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىدىن بولۇپ 250 دىن ئارتۇق خەلق ئاممىسى نەق مەيداندا ئويۇن كۆردى، مۇسابىقە ئارلىقىدا پىلانلىق تۇغۇت، ئىجتىمائىي كاپالەت ، ئەمىن ئۆي قۇرۇلىشى، ۋە دۆلەتنىڭ ئېتىبار سىياسەتلىرى سۆزلەپ ئۆتۈلدى ۋە زېھىن سىناش سۇئاللىرى سورىلىپ، توغرا جاۋاب بەرگەنلەرگە مۇكاپات تارقىتىپ بېرىلدى.
بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ھەرقايسى ئاھالىلەرنىڭ كومىتېتلىرىدىكى ماھىرلار ئۇيغۇر مىللى مەدەنىيىتىنىڭ ئەنەنىۋى ئەتلەس كۆينەك دوپپا، مىللىيلىققا خاس زامانىۋىلىق بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن كىيىملەرنى كىيىپ، سەھنىدە ماھارەت كۆرسىتىپ، ئەتىراپتىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى ھەيران قالدۇردى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىش ساداسىغا ئىرىشتى.
ئۇيغۇر مىللى كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ بەدەن لاتاپىتىنى تولۇق نامايان قىلدى.
بۇ قىتىمقى پائالىيەت لۈكچۈن بازىرىدىكى نوقتىلىق مەھەللىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ مەھەلىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەر قايسى تەرەپتىن ، ئاڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى .
ئۈچكۆۋرۈك كەنىتتە تۇرۇشلۇق
خىزمەت گۇرۇپپىسىدىن «ئاسېر» «خەۋىرى»
2014-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى
|
 |
 |
 |
 |
|
|