ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكرو بىلوگ 2736 پارچە  

مىكرو بىلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 345|ئىنكاس: 3

سىز يالغان گەپ قىلىپ باققانمۇ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تېما
61
يازما
472
نادىر
9
جۇغلانما
830
يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 19:38:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز يالغان گەپ قىلىپ باققانمۇ ؟

ئاپتورى: خوتەن دىيارىدىن جەننەتگۈلى
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.


     مەن بۈگۈن يالغانچىلىق ھەققىدە بىر نەرسە يېزىشنى ئويلاپ قالدىم، چۈنكى ماڭا پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇنۇ ھەدىسى بەكلام تەسىر قىلدى، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلايھىسسلام مۇنداق دەيدۇ: " مۆئىمىن مۇسۇلمان كىشى ئوغۇرلۇق قىلىپ سېلىشىمۇ مۇمكىن، زىنا،ھارام ئىشلارنى قىلىپ سېلىشىمۇ مۇمكىن، لېكىن، مۇسۇلمان كىشى قەتئى يالغان سۆز قىلمايدۇ  "  دىگەن .
    مەن ئويلىنىشقا باشلىدىم، مەن بىر مۇسۇلمانمۇ ؟
     مەن يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن تارتىپ تاھازىرغىچە قانچىلىك يالغان سۆزلەرنى قىلىپ سالغاندىمەن، قاتتىق ئويلىنىشقا باشلىدىم، ئويلاندىم، يەنە  ئويلاندىم، ئىنسان دىگەن نىمە دىگەن ئۇنۇتقاق ھە ؟!! پەقەتلام ئەسلىيەلمىدىم، قانداق چاغدا ، قانداق ۋاقىتتا ، قانداق شارائىت ئاستىدا يالغان گەپ قىلىپ سالغىيدىم؟ ئەگەر راسلام يالغان سۆز قىلغان بولسام مىنىڭ مۆئىمىنلىك، مۇسۇلمانلىق سۈپىتىمگە داغا تەگكەنمىدۇ؟ ئىمانىمغا نۇقسان يەتكەنمىدۇ ؟ ئى، ئاللاھ، سەن تەۋبە قىلغۇچىلارنى ئەپ قىلغۇچى مېھرىبان ئىگىمىزسەن، بىزنىڭ بىلىپ بىلمەي قىلىپ سالغان گۇناھلىرىمىزنى ئەپۇ قىلغىن، بۇندىن كېيىن، بىزنىڭ مۇسۇلمانلىق سۈپىتىمىزگە داغ يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق بىر ناچار گەپ-سۆز، ئىش-ھەركەتلەرنى،قىلىقلارنى  ئۆز قۇدرىتىڭ بىلەن ساقلاپ قالغىن ۋە بىزنىڭ ئەقىل -پاراسىتىمىزنى ئۆزۈڭ رازى بولىدىغان ئورۇنلارغا سەرپ قىلغىلى ، مۇسۇلمانلىق شۆھرىتىمىزنى ئاشۇرۇشقا ئىشلىتىشكە مۇيەسسەر قىلغىن. ئامىن.

        راست -يالغان
    يالغانچىلىق دىگەن سۆز شۇنداق ئىبارىكى ، كىشىلەر بۇ سۆزنى ئاڭلىغان ھامان بۇ يالغانچىلىقنىڭ تىگىگە نۇرغۇنلىغان ساختا، پەس، رەزىل، يامان ئىشلارنىڭ يۇشۇرۇنغىنىنى ھىس قىلىۋالىدۇ، يالغانچىلىق دىگەن ئىنساننى باشقا بىر نىمىلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ، يالغانچىلىق دىگەن ئەزىز كىشىنى خار قىلىۋېتىدۇ، يالغانچىلىق دىگەن تۆھمەت بۇلۇپ، كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەتنى دۈشمەنلىككە ئايلاندۇرۇپ قويالايدۇ، يالغانچىلىق دىگەن دوستنى دۈشمەن قىلالايدۇ، يالغانچىلىق دىگەن شۇنداق بىر سۆز شۇنداق بىر قىلىقكى ھەتتا شەيتانمۇ ئىنساننىڭ بۇ يالغان گەپ-سۆزلىرىگە ، ئىش-ھەركەتلىىرىگە قاراپ ھەيرانۇ-ھەس قالىدۇ. ئىنسان شۇنداق يالغانچىلىقلارنى كۆپ قىلىۋەرگەنلىكتىن ھازىرقى زامانىمىزغا كەلگەندە نىمىنىڭ راست، نىمىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئادەم پەرق قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يىتىپ قالىدۇ.
قىسىقىسى  ئېلىپ ئېيتساق، ئادەم ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر بىر جۇپ كۆزىگە ئىشەنمەي، ئۆزىنىڭ قۇلىغىغا ئىشەنمەي، قولىدىكى يۈز سوملۇق پۇلنى تۇتۇپ،سىلاپ باقىدۇ، ئىككى كۆزى بىلەن ھېلى ئاسمانغا، ھېلى چىراققا تەڭلەپ ئۆز قەلبىدىكى راس-يالغاننى ئۆزى مۇستەقىل ھۆكۈم قىلماستىن ئاخىرى پۇل تەكشۈرۈش ئاپپاراتىغا تەڭلەيدۇ، ئاندىن شۇ ئاپاراتنىڭ بەرگەن بەلگىسى بىلەن ئاندىن قەلبىنى توختىتىپ راستقا چىقىرىدۇ، بۇ نىمە دىگەن بىچارىلىق؛ ئەقىللىق بىر ئىنسان ئەقىلسىز بىر ماشىنىنىڭ ياردىمىدە ئاندىن راست ۋە يالغاننى پەرق قىلىۋاتسا. بۇ - بىز ئويلىنىشقا مۇھتاج بۇلۇپ تۇرغان ناھايىتى مۇھىم بىر مەسىلە بىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ، ئەگەر سەن ۋە مەن بۇ راست ۋە يالغان توغرىسىدا چوڭقۇر ئويلىنىپ ئۆز-ئۆزىمىزنى ئوڭشىمىساق جەزمەن ئەتە سەن ئاتا-ئاناڭنى ، بالىلىرىڭ سىنى تۇنۇمايدۇ!!
ئەگەر تۇنىدى دىگەن تەقدىردىمۇ خۇددى باياتىن سۆزلىگىنىمىزدەك ئۆز قەلبىدىكىگە ئۆزى ھۆكۈم چىقىرالماي باشقىلاردىن سورىشى مۇمكىن، ئاۋۇ مىنىڭ ئاتا-ئاناممۇ ؟ ماۋۇ مىنىڭ ئاتا-ئاناممۇ؟ بىز كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا  ئاتا - ئانىلىرىمىز بولسۇن، ياكى باشقا چوڭلار بولسۇن بىرەرسىنىڭ يالغان قىلىغىنى بايقاپ قالسا ياكى ساختىپەزلىك قىلغىنىنى كۆرسە ،بالام بۇنداق قىلمىغىن، يامان بولىدۇ، يالغان سۆز قىلسا ئادەمنىڭ ئۆمرى قىسقىراپ ياش ئۆلۈپ كېتىدۇ، ئۇنداق ساختىپەزلىك قىلساڭ باشقىلارنىڭ قارغىشىغا ئۇچراپ بىرەر بالا-قازاغا ئۇچراپ قالىسەن دەپ ئاەمنى ئاگاھلاندۇرۇپ قۇيۇش بىلەن قۇرقىتىپ قوياتتى، ئاندىن بىز چوڭلارنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن قاتتىق تەنبىھ ئېلىپ ھەم قورقۇپ يالغان سۆز قىلىشىدىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەيتۇق، ھەم ساختىپەزلىك قىلىشتىن ساقلىناتتۇق، بىراق ھازىر يالغانچىلىقتىن تۇسۇپ ساختىپەزلىك قىلماسلىقتىن چەكلەيدىغان پاك راسچىل كىشىلەر قالمىدىمۇ قانداق ئىشقىلىپ كىشىلەر بىر-بىرسىنى ئالدىماقچى بۇلۇپ تۇرىۋاتقىنى تۇرىۋاتقان. .....

   بىز ئۇيغۇرلاردا يالغانچىلىق توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان ماقال-تەمسىللەر ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ كېلىۋاتىدۇ، گەرچە بۇ ماقال-تەمسىللەر  بولسىمۇ، بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز ئۆز بېشىدىن تەكرار-تەكرار ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق تاھازىرغىچىلىك كېلىۋاتقان راست سۆزدۇر.  
   بۇرۇنقى زامانلاردىكى ئاشۇق-مەشۇقلار ، دوست-يارەنلەر، شىرىك-ھەمشىرىلەر تېپىلمايدىغان بۇلۇپ قالدى.  كىشىلەر خاتا قاراشلار بىلەن ھەممە ئادەمگە پۇل بولسىلام بولدى، ھىچكىم ھىچكىمگە ياخشىلىق قىلىشنى خالىمايدۇ، ياخشىلىق قىلدى دىگەن تەغدىردىمۇ رىياخورلۇق ئۈچۈن قىلىۋاتىدۇ ئويلايدىغان بۇلۇپ قالدى. ئەلۋەتتە، راست بىلەن يالغاننى پەرق قىلغىلى بولمىسا، كىم كىمگە ياخشىلىق قىلىدۇ؟ كىم كىمگە مېھرى-مۇھەببەت بىرىدۇ؟ تىجارەتتە بولسا يالغانچىلىق دەستىدىن بىر بىرسىنى ئالدەپ بىرنى ئىككى قىلسام دەۋاتسا، يالغاننى راست قىلىپ كۆرسىتىۋاتسا، ئەر-ئايالغا، ئايال ئەرگە ، ئاتا-ئانا بالىلارغا، بالىلار ئاتا-ئانىلارغا يالغان سۆزلەرنى قىلىۋاتسا، بۇ يالغانچىلىق دەستىدىن ئادەم ئۆز-ئۆزىگە ئىشەنچە قىلالمايدۇ-دە، ئەلۋەتتە.  ئادەم دىگەن ئۆز ئىشەنچىسىدىن ئايرىلدى دىگەننىڭ ئۆزى ئۆز-ئۆزىدىن ئايرىلدى، دىگەنلىك قوغدىيالمىغان ئادەم قانداقمۇ ئۆز ئائىلىسىنى بالاۋاقىلىرىنى قوغدىيالىسۇن؟  ئويلىنىش كېرەك، راست ۋە يالغان توغرىسىدا ئالدى بىلەن سەن ۋە مەن ئويلىنايلى، ئالدى بىلەن سەن ۋە مەن ئۆز-ئۆزىمىزنى ئالدىمايلى، ئادەم ئۆز-ئۆزىنى ئالدىمىغان ۋاقىتتا ، ئاندىن باشقىلارنى ئالدىمايدۇ، ۋە باشقىلارغا يالغان سۆز قىلمايدۇ، ئادەمنىڭ يالغان سۆز لىشى ئالدى بىلەن ئۆزىنى ئالداشتىن ئۆز-ئۆزىگە ھىلە ئىشلىتىشتىن باشلايدۇ.
     ئالدى بىلەن راست سۆزلەرنى ، راست ئىشلارنى قىلىشنى ئۆزىڭىزدىن باشلاڭ.  
    شۇ سۆزنى ئىسىڭىزدىن چىقارماڭكى، " قانداق بولسا ئىللىتىڭ، شۇنداق بۇلۇر قەدىر-قىممىتىڭ  " دىگەندەك ئۆزىڭىزنىڭ قەدىر قىممىتىنى ئۆز سۆزىڭىز ، ئۆز ئىش-ھەركىتىڭىز ئارقىلىق تىكلەڭ ۋە ساقلاپ قېلىڭ، ، يەنە باشقىلار ماڭا قانداق مۇئامىلىدە بولسۇن دىسىڭىز ، ئاۋال ئۆزىڭىز شۇنداق مۇئامىلىدە بولۇڭ،  سىز باشقىلارنىڭ سىزگە يالغان ئېيتىشىنى ياخشى كۆرەمسىز ؟ ئەلۋەتتە ياخشى كۆرمەيسىز ، ئۇنداقتا سىزمۇ باشقىلارغا ئۇنداق مۇئامىلە قىلماڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   peacelife212 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 20:42  


Rank: 3Rank: 3

تېما
61
يازما
472
نادىر
9
جۇغلانما
830
يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 19:58:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«يالغانچىنىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتام »، « يالغان سۆزنىڭ تىگى ھاڭدۇر »
بۇ سۆزلەر ھازىر بىزنىڭ ئاغزىمىزدا ماقال-تەمسىل بۇلۇپ قالغىنى بىلەن بىز مۇشۇ سۆزلەرنى تەتقىق قىلىپ باقىدىغان بولساق ، بۇ سۆزنىڭ ھەقىقەتەن راستلىقىنى ، مۇشۇنىڭدەك يالغانچىلىق قىلىدىغان ئادەم بولساق ھامان ئادەم ئۆز قۇيرۇقىنى ئۆزى باشقىلارغا تۇتقۇزۇپ قويىدىغانلىقىنى ياكى شۇ يالغانچىلىقى ئارقىلىق ئۆز-ئۆزىنى تىـگى يوق بىر ھاڭغا تاشلايدىغانلىقىنى بىلىپ يىتىمىز.
    ئىسلام دىنى يالغان سۆز، يالغان ئىش قىلىشىنى قاتتىق چەكلەپ مۇنداق دىيىلگەن، « بىر ئادەم كىشىلەر ئارىسىدا يالغان سۆزلەرنى قىلىۋېرىدۇ، كىشىلەر ئۇنى يالغانچى دەيدۇ، ئاندىن ئاللاھتائالا  ئۇ كىشىنى كازاپ يەنى يالغانچى دەپ ئاتىۋېتىدۇ، ئاندىن ئۇ كىشى مەڭگۈ يالغانچى دىگەن نام بىلەن ياشايدۇ، گەرچە راست سۆزلەپ، راست ئىش قىلاي دەپ ئويلىسىمۇ، قىلسىمۇ، ئۇ كىشى مەڭگۈ يالغانچى بۇلۇپ قالىدۇ؛ بىر كىشى كىشىلەر ئارىسىدا راست سۆزلەيدۇ، كىشىلەر ئۇ كىشىنى راستچىل دەپ ئاتىشىدۇ، ئاندىن ئاللاھ ئۇ كىشىنى سىددىق يەنى راسچىل دەپ ئاتىۋېتىدۇ، ئاندىن ئۇ كىشى مەڭگۈ راسچىل دىگەن نام بىلەن ياشايدۇ بەزىدە يالغان سۆز قىلىپ سالسىمۇ كىشىلەر ئۇنى كەچۈرىۋېتىدۇ ۋە ئۇ كىشى راسچىل دەپ ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ »  ئەلۋەتتە، راست ۋە يالغان سۆز بىر-بىرسىگە قارشى كەلگىنىدەك ئېتىبار ۋە ھۆرمەت جەھەتتە بىر بىرسىگە ئوخشىمايدۇ.
راست سۆز ۋە راست ئىش ئادەمنىڭ ھۆرمىتىنى ئاشۇرسا، يالغان سۆز ، يالغان ئىش ئادەمنىڭ يۈزىنى بىر يەردە بولمىسا بىر يەردە يەرگە قالىتىپ، ئادەمنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىدىن ئايرىپ قويىدۇ.
   بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز يالغان سۆزلەشتىن شۇنداق دەرىجىدە چەكلىگەن ئىدىكى، ھەتتا كىشىلەرنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن بولسىمۇ يالغان سۆز قىلماڭلار ، ئەگەر سىلەر يالغان سۆز قىلماسلىق بىلەن ماڭا ۋەدە بەرسەڭلار ، مەن سىلەرنىڭ جەننەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر ئۆي بىلەن ۋەدە قىلىمەنكى، سىلەر شۇ جەننەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆيگە كىرىسىلەر ، دىگەن ، بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، يالغان سۆز-چاخچاق ياكى كىشىلەرنى كۈلدۈرۈش بولسىمۇ ، ھامان باشقىلارنى رەنجىتىش مۇمكىنلىكى ئىنتايىن چوڭدۇر. گەرچە يالغان سۆز كىشىلەرنى ۋاقىتلىق كۈلدۈرگەندەك قىلغىنى بىلەن جەزمەن شۇ يالغان سۆزنىڭ تەسىرىدىن باشقا بىر ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك پەيدا بۇلۇشى مۇمكىن، ئەگەر بىز شۇ يالغان سۆزدىن ساقلانمىساق، بىزنى بۇ دۇنيادىكى ئىززەت-ھۆرمەتتىن باشقا كەلگۈسىدە ھەممە مۇسۇلمان كىشى ئىنتىلىدىغان جەننەتكە كىرىدىغانلىقىمىز بىلەن بىزنى يالغان سۆزلەشتىن تۇسۇپ ۋە مۇكاپات بىلەن قىزىقتۇرغان ، يەنە مۇنداق دەيدۇ، مۇناپىقنىڭ سۈپىتى ئۈچتۇر، بىرى سۆز قىلسا يالغان سۆزلەيدۇ، ۋەدە قىلسا ۋاپا قىلمايدۇ، ئامانەت قويسا خيانەت قىلىدۇ، دىگەن.

Rank: 8Rank: 8

تېما
15
يازما
602
نادىر
7
جۇغلانما
1202

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى 15:47:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يالغان دېگەننى ئاجايىب قاملاشتۇرۇۋېتىمەنكى، بۇنىسىغا گەپ كەتمەيدۇ. بالام، بىز كىچىكىمىزدە ئۇنداقتۇق، مۇنداقتۇق، دەپ بىر راستقا ئون يالغاننى قوشۇپ ئاۋۇتۇپ-كۆپەيتىپ، دەبدەبىلىك كۆرسىتىپ ئىشەندۈرۈپ-تەسىرلەندۈرۈپ، ئۇنىڭدىكى تەشۋىشنى شۇ ئارقىلىق يوق قىلىپ ئاندىن ئۆگىنىشكە قىزىقتۇرمىسام، بۇ بالىلىرىم شۇقەدەر ئويۇنخۇمار، تېلېۋىزورخۇمار، كومپيۇتېرخۇمار! ئەمدى قانداق قىلىمەن يالغان سۆزلىمەي؟

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تېما
86
يازما
4665
نادىر
4
جۇغلانما
11375

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 18:03:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىدە مېھىر مۇھەببەتلىك يالغان سۆزلەرنى قىلىپ قويىمەن بالىلىرىمغا

ئەتىدىن باشلاپ يوقلىما باشلايمىكىن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش