ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكرو بىلوگ 2736 پارچە  

مىكرو بىلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 278|ئىنكاس: 4

[7يىگىت] دۇنياۋېي شۆھرەتلىك سازچىلار .. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تېما
33
يازما
274
نادىر
3
جۇغلانما
1176

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 17:39:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



ئەرمىك زامانىمىزدا ئىخلاسمەنلىرى  ئەڭ كۆپ بولغان دۇنياۋېي گىتارچى بولۇپ تۇرماقتا.  خەلقىمىزدىمۇ ئۇنىڭ گىتار كۈيلىرىگە مەستانە بولغان گىتار ھەۋەسكارلىرى ۋە كۈي زوقمەنلىرى ئاز ئەمەس.

بۈگۈنكى زامان مۇزىكا دۇنياسىدىكى ‹‹ يېڭى فىلەمېنكو گىتار ئېقىمى ›› نىڭ ئەڭ مەشھۇر ۋەكىلى ئەرمىك ئىراندا ئەرمىنىيەلىك كۆچمەن ئائىلىسىدە  تۇغۇلغان . دادىسى ساز دوكىنىنىڭ خۇجايىنى ئىدى. بالىلىق دەۋرىدىلا مۇزىكا تالانتى بايقالغان، گىتارغا چۇڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان  ئەرمىك يەتتە يېشىدا ئەتىۋارلىق قول سائىتىنى قىلچە ئىككىلەنمەي گىتارغا تېگىشىپ، قازناقتا يۇشۇرۇن گىتار مەشق قىلىشقا كىرىشىدۇ. دادىسىنىڭ قىزغىن رىغبەتلەندۈرىشى ۋە قوللىشى بىلەن مۇنتىزىم ھالدا گىتار دەرسىگە قاتنىشىپ، ئىككى يىلدا گىتارنىڭ ئاساسىي بىلىملىرى ۋە ماھارەتلىرىنى دېگۈدەك ئىگىلەپ بولىدۇ. ئۇنىڭ دەسلەپتە ئىخلاس قويغىنى جاز مۇزىكىلىرى بولۇپ ،12 يېشىدا گىتارنى كىشىنىڭ مەستلىكى كەلگۈدەك دەرىجىدە ماھارەتلىك چېلىش سەۋىيىسىگە يەتكەندىن باشقا، مۇزىكا ئىجاد قىلىپ، باشقىلارنى تاڭ قالدۇرىدۇ.

ئۇ 1970-يىللارنىڭ دەسلىپىدە گىتارنىڭ مۇقەددەس ماكانى ئىسپانىيەگە سايەھەت ۋە ئۆگىنىشكە كېلىپ، ئىسپانىيەنىڭ فىلەمېنكو مۇزىكىلىرىدىن زىلزىلىگە كېلىدۇ. بولۇپمۇ، ئىسپانىيەلىك مەشھۇر گىتار ئۇستازى پېكودولوكىيانىڭ ئۇسلۇبى ۋە ماھارەتلىرىدىن چۇڭقۇر ئىلھام ئېلىپ، فىلەمېنكو گىتار كۈيلىرىنى ئۆگىنىشكە كىرىشىدۇ، زور ئىجتىھات ۋە جاپالىق مەشق  گىتار ئاساسى ۋە بىلىمى پۇختا بولغان ئەرمىكنى ئۇزۇنغا قالماي، بۇ ئۇسلۇبتىكى يېتۈك ئىجراچى ۋە ئىجادىيەتچىگە ئايلاندۇرىدۇ.گىتار ئۇستىلىرى توپلاشقان ئىسپانىيەدە ناھايىتى تېزلا كۆزگە كۆرۈنىدۇ. بۇ ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ.1975-يىلى تۇنجى پىلاستىنكىسى《Faramarz Aslani》 نەشىردىن چىقىپ، ئۆزىنىڭ فىلەمېنكو ئۇسلۇبىدىكى ئىستىداتىنى دەسلەپكى قەدەمدە نامايەن قىلىپ، مۇئەييەن ئېتىراپقا ئېرىشىدۇ. 1981-يىلى ئامېرىكىغا بېرىپ، كەسپىدە تېخىمۇ  تەرەققى قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.بۇ مەزگىلدە  بىر تەرەپتىن ئامېرىكىدا كەڭ تارقالغان زامانىۋېي مۇزىكا ۋە گىتار ماھارەتلىرىنى پىششىق ئۆگەنگەچ،يەنە بىر تەرەپتىن  كىلاسسىك ،جاز ، فىلەمېنكو ، سىگان ئۇسلۇبىدىكى كۈيلەرنى بىرلەشتۈرۈپ يېڭى ئۇسلۇب يارىتىش ئۈسىتىدە چۇڭقۇر ئىزدىنىدۇ، بۇ ئۇسلۇبتا مۇزىكا ئىجاد قىلىدۇ ۋە گىتارغا دادىل بىرلەشتۈرىدۇ. ئۇزۇن مەزگىللىك جاپالىق مەشق،ئەستايىدىل ئۆگىنىش، چۇڭقۇر ئىزدىنىش،سىناق،ئەتىراپلىق تەتقىقات، قىزغىن ئىجادىيەت ئۇنى قاتتىق تاۋلايدۇ.ئۇ ئاخىرى پارتلاپ، 1994-يىلى ئامېرىكىدا تۇنجى مۇنتىزىم  پىلاستىنكىسى - ‹‹ يامغۇردىكى ئۇسسۇلچى ›› نەشردىن چىقىشى بىلەن گىتار ساھەسىنى تىترىتىۋىتىدۇ. 1995-يىلى ‹‹سىگانغا مۇھەببەت ›› ، 1997-يىلى ‹‹ مالاگا ›› ناملىق پىلاستىنكىلىرى  ئېلان قىلىنىپ، تېخىمۇ زور ئالقىشقا سازاۋەر بولىدۇ ۋە دۇنيا فىلەمېنكو ساھەسىدە ئورتاق ئېتىراپ قىلىنغان گىتارچىغا ئايلىنىدۇ. 2002-يىلى ‹‹ جەننەتتىكى ئېزىقىش ›› ناملىق پىلاستىنكىسى تارقىتىلىپ، دۇنيا گىتار ساھەسىدە سىلكىنىش خاراكتېرلىك تەسىر قوزغايدۇ.ئاجايىپ تېز سۈرئەتتە دۇنياغا تاراپ كېتىدۇ. بۇ پىلاستىنكا ئىجادىيەت ۋە ئۇرۇنلاش جەھەتتىن يىپيېڭى بىر ئۇسلۇبنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە ، ئۇنىڭغا ئالەمشۇمۇل شۆھرەت ئېلىپ كېلىپ، گىتار ساھەسىدىكى تەۋرىمەس ئورنىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالىدۇ. دەرۋەقە ، ئەرمىك بۇ پىلاستىنكىسى بىلەن ‹‹ جاز، سىگان، فىلەمېنكو ئاھاڭلىرى ›› نىڭ گىتاردىكى ھەقىقىي جىپىسلىشىشى بولغان ‹‹ يېڭى فىلەمېنكو  گىتار ئېقىمى›› نىڭ دۇنياۋېي ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى دۇنياغا جاكارلايدۇ. ئۇنىڭ پىلاستىنكىلىرى كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلىنىپ ،ئاجايىپ كەڭ تارقىلىدۇ.

ئۇ ئۇرۇنلىغان ‹‹ ئالتۇن – كۆمۈش ئارىلى ››، ‹‹ يامغۇردىكى ئۇسسۇلچى ››، ‹‹ يامغۇرلۇق يەكشەنبە ››، ‹‹ روسسېنىڭ يېڭى يۇلتۇزى ››، ‹‹ سېنىڭ تەپەككۇرۇڭ ›› ، ‹‹ چۆچەكلەردەك ئاي نۇرى ›› ، ‹‹ يالقۇنلۇق ھېسسىيات ››، ‹‹ كېلەنتې ›› ،‹‹ مالاگا ››،‹‹ جەننەتتىكى ئېزىقىش ›› ، ‹‹ قىزىل ئەتىرگۈل ›› ، ‹‹ پىيانىنو كېچىسى ›› ، ‹‹ خىيال ›› ،‹‹ رۇمانتىك چۈش ››، ‹‹ رۇمانتىك قەھۋە ›› ، ‹‹ ئەتىرگۈلدەك يار ››..قاتارلىق گىتار مۇزىكىلىرى دۇنيادىكى ، كۈي سۈيەرلەر تولىمۇ سۆيۈپ ئاڭلايدىغان، ئاڭلىغانسېرى قانمايدىغان ، گىتار ئەھلى ئۈلگە قىلىدىغان كۈيلەرگە ئايلىنىپ كېتىدۇ.ئەرمىك قىزغىنلىقى  پەيدا قىلىپ، گىتارنىڭ سېھرى كۈچىنى قايتىدىن تونۇتىدۇ. ئۇنىڭ ھازىرغىچە ‹‹ رۇمانتىك چۈش ›› ( 2004)، ‹‹ بىرازىلىيەدىكى بىر كۈن ›› ( 2007)، ‹‹ بارسېلونا ›› ( 2008 )، ‹‹ قايناق سېرېنادا ›› ( 2009)، ‹‹ سۆيۈش ›› ( 2010 )، ‹‹ ئەرمىك كۈيلىرىدىن تاللانما ›› ( 2008 )، ، ‹‹ يېڭى فىلامېنكو كۈيلىرىدىن جەۋھەرلەر ›› ( 2008 )، ‹‹ گىتار قەھرىمانى ›› ( 2007 )، ‹‹ مېنىڭ قىزغىنلىقىم ›› ( 2006)، ‹‹ دېڭىزنىڭ چۈشى ›› (2005 ) ، ‹‹ گۆھەر ›› ( 2004 )، ‹‹ پىيانىنو كېچىسى ›› ( 2004)، ‹‹ گىتارغا مۇھەببەت ›› ( 2003 )، ‹‹ جەننەتتىكى ئېزىقىش ›› ( 2003 )،‹‹ يامغۇردىكى ئۇسسۇلچى ›› ( 1994)، ‹‹ سىگان يالقۇنى ›› ( 1995)، ‹‹ رۇبىيە ›› (1996 )، ‹‹ مالاگا ›› ( 1997 )، ‹‹ قۇياش ئارىلى ›› (1999 )، ‹‹ ئەتىرگۈلدەك يار ›› ( 2001 )، ‹‹ رۇژدېستۋولىق تىلەك ›› (2006 )، ‹‹ رۇمانتىك قەھۋە ››( 2004 )...قاتارلىق مەخسۇس پىلاستىنكىلىرى نەشىر قىلىنغان بولۇپ،ھەر بىرسى دېگۈدەك ئابىدە خاراكتېرلىك پىلاستىنكا بولۇپ قالىدۇ.

     فىلەمېنكو –ئىسپانىيەنىڭ ئىككى دۆلەت مەدەنىيەت گۆھىرى ( يەنە بىرى  تەنھەرىكەت تۈرى – كالا سوقۇشتۇرۇش ) نىڭ بىرى . فىلەمېنكو ناخشا، مۇزىكا ، ئۇسسۇل بىرلەشتۈرۈلگەن ئۆزگىچە سەنئەت شەكلى بولۇپ، 15-ئەسىرلەردە ئىسپانىيەنىڭ جەنۇپ تەرىپىدىكى سىگانلار ئارىسىدا پەيدا بولۇپ راۋاجلانغان. 19-ئەسىرلەرگە كەلگەندە، لاتىن ئامېرىكىسىغا كىرگەن.كېيىن دۇنياۋېي خاراكتېرلىك مۇزىكا ئېقىمىغا ئايلىنىپ، دۇنياغا كەڭ تارالغان. فىلەمېنكونىڭ مۇزىكا تۈرى ئاساسەن گىتار بىلەن ئورۇنلىنىدىغان مۇزىكىلارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ ، ئىسپانچە ئالاھىدىلىكى قويۇق بولغان بۇ مۇزىكا ئۇسلۇبى ھازىرقى دۇنيادىمۇ گىتارچىلارنىڭ سەۋىيە ۋە ماھارىتىنى دەرىجىلەيدىغان ئاساسلىق ئۆلچەم بولۇپ قالدى.بۇ ئۇسلۇپ 7 ئەسىرلىك تەرەققىيات جەرىيانىدا ، شەكىللىنىش ۋە كىلاسسىك دەۋرىنى بېسىپ ئۆتتى. بۈگۈنكى كۈندە يېڭى فىلەمېنكو ئېقىمى ھاياتىي كۈچىنى نامايەن قىلىپ، دۇنيادىكى ئەڭ جەلىپكار مۇزىكا ئېقىملىرىنىڭ بىرى بولۇپ تۇرماقتا.

‹‹ يېڭى فىلەمېنكو مۇزىكا ئېقىمى ››  كىلاسسىك فىلەمېنكو كۈيلىرى بىلەن جاز ۋە سىگان كۈيلىرى ئاجايىپ جىپىسلىشىشىتىن خاراكتېرلەنگەن مۇزىكا ئېقىمىدۇر. ئەرمىك دۇنيا مۇزىكا ساھەسىدە ، گىتار ئورۇنلاشتا ‹‹ يېڭى فىلەمېنكو مۇزىكا ئېقىمى ›› نىڭ ئەڭ مەشھۇر ۋەكىلى ھېسابلىنىدۇ.ئۇنىڭ گىتار كۈيلىرىنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى ئۆزى ئىجاد قىلغان ياكى ئۆزگەرتكەن بولۇپ، ئاككوردلاشتۇرۇش، ئۈن ئېلىش قاتارلىقلارغىمۇ ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىدۇ.بۇ كۈيلەر ئادەمگە ئاجايىپ زور كەيپىيات بوشلۇقى، تەسەۋۋۇر كەڭلىكى، ھېسسىيات پەرۋازى بەخش ئېتىدۇ. ئۇنىڭ كۈيلىرى ئاساسلىقى گىتار بىلەن ، ئۆز نۆۋىتىدە پىيانىنو، دۇمباق،ئىسكىرىپكا قاتارلىق كۆپ خىل ساز يانداشتۇرۇلغان ھالەتتە ئورۇنلىنىپ كەلدى.بۇ كۈيلەرنىڭ كۆپى ساپ مۇزىكىلا بولۇپ،تېكىست سېلىنىپ، ناخشا سۈپىتىدە ئورۇندالغانلىرى كۆپ ئەمەس. ئۇنىڭ گىتارلىرىدىن تۆكىلىۋاتقان كۈيلەر تولىمۇ سىرلىق روھ ۋە ھېسسىيات بىلەن سۇغۇرۇلغان ، لېرىك شېئىرلاردەك رۇمانتىك مېلودىيە ۋە جۇشقۇن ئۇسسۇللاردەك رېتمغا تۇيۇنغان. ئۇ گىتار ماھارىتىدە ئەقىلنى لال قىلغۇدەك سەۋىيەگە يەتكەن بولۇپ، تەبىئىي،نازۇك، ياۋايى ھېسسىيات بىلەن ئىنچىكە، پۇختا ماھارەت تەبىئىي رەۋىشتە بىرلىشىپ كەتكەن. ئۇنىڭ تولىمۇ نەپىس، لەرزان، جۇشقۇن كۈيلىرىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا، ئۇ سىزگە يۈرەكنىڭ ئەڭ چۇڭقۇر قاتلاملىرىدىكى ئەڭ پىنھان، نازۇك ھېس- تۇيغۇلارنى سۆزلەپ بېرىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ.ئۇنىڭ  شۇنچىلىك تېز ۋە لەرزان چېكىلىۋاتقان  گىتارىدىن تەبىئەتنىڭ ھاياتبەخش  پىچىرلىشى ۋە ھاياتنىڭ قانۇنىيەتلىرى يۇغۇرۇلغان قۇيۇق ھېسسىيات تېمىپ تۇرىدۇ.

رۇمانتىك، لەرزان ھېسسىيات بىلەن يۇغۇرۇلغان، سىرلىق روھ، ئەركىن تەسەۋۋۇر ، تېرەن مەزمۇن بىلەن يۇغۇرۇلغان كۈيلىرى ، كامالەتكە يەتكەن ئورۇنداش ماھارىتى بىلەن يېڭى فىلەمېنكو مۇزىكا ئېقىمىنى ،  دۇنيا گىتارچىلىقىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرگەن بۇ سەنئەتكار 2012-يىلى 1-ئايدا يېڭى پىلاستىنكىسى - ‹‹ سۆيگۈ قەسىرى ›› نى ئېلان قىلىپ، مۇزىكا ساھەسىدە تېخىمۇ زور زىلزىلە پەيدا قىلىپ، گىتار مۇزىكىلىرىنىڭ سېھرىي كۈچىنى دۇنيا ئەھلىگە يەنە بىر قېتىم چۇڭقۇر ھېس قىلدۇردى.


بىلىپ ‹ قىل › ئاخىرى ئېچىنما ،
- بىلىپ ‹ تاشلا › ئاخىرى سېغىنما .
                                               « سۇلتان » ...

Rank: 8Rank: 8

تېما
33
يازما
274
نادىر
3
جۇغلانما
1176

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 17:46:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




ئەگەر بۈگۈنكى دۇنيا ناخشا ساھەسىدىكى ئەڭ شۆھرەتلىك شەخس مەرھۇم  جېكسون دېيىلسە، ئەڭ تەسىركار موزىكانت ( سازەندە ) شۈبھىسىزكى، ئامېرىكىلىق مەشھۇر ساكسچى، كومپوزىتور كېننى.جىدۇر. ئۇنىڭ مۇزىكىلىرىمۇ جېكسوننىڭ ناخشىلىرىغا ئوخشاش ، دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا قەدەر تارالغان. ئۇنىڭ مۇزىكىلىرىغا كەسىپ ئەھلىلىرىلا ئەمەس، ئاددى مۇزىكا شەيدالىرىمۇ قول قويماي ئامالى يوق.ئەقەللىسى، ئۇنىڭ ‹‹ ئۆيگە قايتىش ›› نامىدىكى يىنىك ساكس مۇزىكىسى دۇنيادا ھەشەمەتلىك قەھۋەخانىلاردىن تارتىپ، ئاددى سەھرا يوللىرىدىكى ھارۋىكەش بالىنىڭ رادىيوسىغا قەدەر دېگۈدەك ياڭراپ، كۈي مۇخلىسلىرىنىڭ كۆڭۈل ئارامىغا ھەر ۋاقىت ئارامبەخش تۇيغۇ بەخش ئېتىپ كەلمەكتە.
ئۇ ھازىرقى زامان مۇزىكا تارىخىدا پىلاستىنكىلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سېتىلىش رېكورتىنى ياراتقۇچى (ھازىرغىچە 75 مىليون دانە سېتىلغان ، بۇ سان داۋاملىق ئاشماقتا )، ئۇ تالاي نادىر مۇزىكىلارنىڭ ئىجادچىسى ، ئۇ تارقالسىلا  دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە دېگۈدەك مودا بولىدىغان سەرخىل مۇزىكىلارنىڭ كامالەتكە يەتكەن ئىجراچىسى، ئۇ ساكس دېگەن چالغۇنى قايتىدىن تىرىلدۈرگەن مۇزىكا ئىنقىلابچىسى، ئۇ دۇنيا  مۇزىكا تارىخىمۇ كەم تېپىلىدىغان رىۋايەتلىك مۇزىكانىت، ‹‹ دۇنيا ساكس سۇلتانى ›› دېگەن مۇبارەك تاجنىڭ ساھىبىلا ئەمەس، زامانىمىزدىكى ئەڭ داڭلىق مۇزىكانت ( سازەندە ) دەپ تەرىپلىنىدۇ.
ئۇنىڭ دۇنياۋېي  شۆھرىتى ئۇنىڭ ئۆسۈپ-يېتلىشى ۋە شانلىق سەنئەت ھاياتى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان.
كېننى.ج 1956-يىلى 5-ئىيۇن ئامېرىكا ۋاشىنگىتون شىتاتىنىڭ سىئاتىل شەھرىدە ئاددىي بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن، تۇغۇلغاندا مۇزىكا تالانتىنىڭ بارلىقى ئېنىق ئەمەس،لېكىن دادىسىنىڭ ئوغلىنى مۇزىكىدا تەربىيىلەپ قۇياي ، دېگەن ئىستىكىنىڭ نەتىجىسىدە دەسلەپتە پىيانىنو بىلەن ئۇچراشقانلىقى ئېنىق. ئەمما، ئۇنىڭ قىزىقىدىغىنى ۋە بىر ئۆمۈر شۆھرەت بېغىشلايدىغىنى ساكس بولىدىغانلىقى دادىسىنىڭمۇ خىيالىغا كىرىپ چىقمىغان. 10 يېشىدا دادىسى تاساددىپىي پۈرسەتتە ، ئۇنى ساكس بىلەن ئۇرۇندىلىدىغان بىر ئوپېرانى كۆرۈشكە ئاپارغان، 10 ياشلىق كېننى ساكسنىڭ سېھىرلىگۈچى ئاۋازىدىن لەززىگە كېلىپ، ساكسچى بولۇشنى قەلبىگە پۈككەن، ئوتتۇرا مەكتەپتە، ساكس كۇرسىدا قىسقا مۇددەت تەرىبىيلىنىپ، ئۆزىنىڭ دەسلەپكى ئاساسىنى تۇرغۇزغان. مەكتەپداشلىرى بىلەن ئاددى بىر مۇزىكا ئەترىتى قۇرۇپ، ئۆزىنىڭ مۇزىكا سېزىمى ۋە تەجرىبىسىنى پۇختىلىغان. ئەمما، ئالىي مەكتەپتە، ئائىسىدىكىلەرنىڭ ئارزۇسى بويىچە، ۋاشىگىتون ئۇنېۋېر سېتېتتنىڭ پۇل-مۇئامىلە كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. ۋەھالەنكى، بۇ كەسىپ ئۇنىڭ مۇزىكا سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۇسالغۇ بولۇپلا قالماي، ئەكسىچە ، دىتى بار كېننىنى ئەۋزەل شارائىت بىلەن تەمىنلىگەن. ئۇ كۈندۈزى تۆگىمەس رەقەملەرنىڭ ئارىسىدا پىرقىرىسا، ئاخشىمى ئۇخلىماي دېگۈدەك ،ساكس مەشق قىلغان. 17 يېشىدىلا جون.ماتس قاتارلىق نامدار مۇزىكانتلار جۇغلاشقان - ‹‹ پايانسىز سۆيگۈ ›› جاز مۇزىكا ئەترىتىگە كىرىپ، ئۆزىنى تاۋلىغان. بۇ مۇزىكا ئەترىتى ئۇنىڭ سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ ماڭغان. تۈرلۈك سورۇنلاردا ئويۇن قۇيۇش داۋامىدا ئۇ تەدرىجى پىشىپ-يېتلىشكە باشلاپ، يىراق-يېقىنغا ئانچە-مۇنچە نامى تارالغان، جاز مۇزىكا ئىستانسىسىلىرىدا تىلغا ئېلىنغان. مەكتەپداشلىرىنى يېتەكلەپ، ئايرىم مۇزىكا ئەترىتىمۇ تەشكىللەپ، مەكتەپنىڭ مۇزىكا چولپىنىغا ئايلانغان. بۇ جەرىياندا داڭلىق جاز مۇزىكا ئۇستازى ( غەمخورى ) رۇيكۇممىڭىسنىڭ ئەسەرلىرىنى نۇقتىلىق ئۆگەنگەن ۋە ئۇنىڭ سەمىمىي غەمخورلىقىدا مۇزىكىدىكى كۆپخىللىقنى گەۋدىلەندۈرۈشنى يېتىلدۈرگەن. 22 يېشىدا جاز مۇزىكا ئۇستازى جېف.لوربېر باشچىلىقكىدىكى داڭلىق مۇزىكا ئەترىتىگە كىرىپ، ھەر خىل يەللىك سازلارنى ئورۇنلاش، ئۈنگە ئېلىش قاتارلىقلاردا ئاجايىپ مول تەجرىبىگە ئىگە بولغان، ئامېرىكىنى ئايلىنىپ ئويۇن قويغان. دەل شۇ پەيتتە ، ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ، شاھادەتنامە ۋە بۇغالتېرلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىغا نائىل بولغان كېننى ھاياتىدىكى كەسكىن تاللاشقا دۈچ كەلگەن ، چۈنكى ئامېرىكىدا بۇنداق شاھادەتنەمە ۋە سالاھىيەتكە ئېرىشەلەيدىغانلار كۆپ بولمىغاچقا ، ئۇ نۇرغۇن شەرەپ ۋە ئىقيىسادتىن دېرەك بېرەتتى.
دەل شۇ چاغدا ، ئۇنىڭ مۇزىكا ئورۇنلاش قابىلىيىتى ۋە ئۇخچۇپ تۇرغان مۇزىكا سېزىمى ئارىستا پىلاستىنكا شىركىتىنىڭ مەسئۇلىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، زور ئىشەنچ بىلەن ئۇنىڭ ساكس مۇزىكىلىرىنى پىلاستىكا قىلىپ ئىشلىگەن. شۇنىڭ بىلەن كەسكىن تاللاشقا دۈچ كەلگەن كېننى 1982-يىلى تۇنجى مەخسۇس پىلاستىنكىسى ( مۇزىكا ئالبۇمى ) - ‹‹ كېننى.ج ›› نى چىقىرىشقا مۇۋەپپەق بولۇپ، ئۆزىنىڭ كەسپىي ساكسچىلىق ھاياتىنى باشلىغان. تۇنجى پىلاستىنكىسى خېلىلا بازار تېپىپ، كېننىنىڭمۇ ، شىركەتنىڭمۇ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرغاچقا، 1984-يىلى ‹‹ كېننى.ج 2 ›› ، 1985 –يىلى  ‹‹ ئېغىرلىق كۈچى ›› ناملىق مەخسۇس پىلاستىنكىلىرى بازارغا سېلىنىپ، ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەسىر پەيدا قىلغان.1986-يىلى نەشردىن چىىققان ‹‹ بۇلبۇل ›› ناملىق مەخسۇس پىلاستىنكىسى ›› ئامېرىكىدا پارتلاش خاراكتېرلىك تەسىر قوزغاپ، يېڭى بىر پەۋقۇلاددە مۇزىكانتنىڭ ، يېڭى بىر ئېقىمنىڭ، يېڭى بىر يېتۈك كومپوزىتورنىڭ  دۇنياغا كەلگەنلىكى سۈپىتىدە، كېننىگە مەڭگۈلۈك ئابرۇي ئېلىپ كەلگەن. ئۇ سۆيگەن يارىغا سوۋغا سۈپىتىدە يازغان ‹‹ بۇلبۇل ›› ساكس مۇزىكىسى پۈتۈم ئامېرىكىنىڭ مۇزىكا زاللىرىدىن، رېستۇرۇرانلىرىغىچە، ھەتتا، ئايرۇدۇرۇملارغىچە ياڭراپ، كېننىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسىرىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ چوقۇنغۇچىلىرى شىددەت بىلەن كۆپىيىپ، پىلاستىكا سودىگەرلىرى تالىشىدىغان ئەتىۋار مۇزىكانتقا ئايلىنىدۇ. ئەزەلدىن چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئەستايىدىل ئىشلەيدىغان كېننى شۇ ئىخلاسى بىلەن يەنە ئارقا-ئارقىدىن ‹‹ يان كۆلەڭگۈ ›› ، ‹‹ كېننىنىڭ تۇرمۇشى ›› ، ‹‹ مونتاج ››،‹‹ ھاسىراش ››...قاتارلىقلارنى كەينى-كەينىدىن تاماشىبىنلارغا سۇنىدۇ. بۇ پىلاستىنكىلارمۇ سېتىلىش جەھەتتە بىر-بىرسىنىڭ رېكورتىنى بۇزۇپ، ئۇنىڭ شۆھرىتىنى بارغانسېرى ئاشۇرۇپ بارىدۇ. 1991-يىلى جۇلىيە . روبېرتىس باش رول ئالغان ‹‹ بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولاي ›› ناملىق كىنونىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلەپ ، تېخىمۇ داڭ قازىنىدۇ. 1994-يىلى نەشر قىلىنغان ‹‹ مۆجىزە ›› ناملىق پىلاستىكىسى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سېتىلىش رېكورتىنى يارىتىدۇ. ئۇنىڭ تەسىرى ئامېرىكىدىن ھالقىپ، يەتتە ئىقلىمغا تارىلىشقا باشلايدۇ.
باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىشىنى ئادەت قىلغان  كېننى داڭلىق سەنئەتكارلار بىلەن بىرلىشىپ تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارغا نائىل بولىدۇ. لېرىك ناخشا پادىشاھى مىكائىك بوتتىن بىلەن ھەمكارلىشىپ مۇزىكا ئىشلەيدۇ ،ياۋرۇپا ئۇسلۇپتىكى داڭلىق ناخشىچى  پىبوبۇلەيسىن  بىلەن ئىشلىگەن‹‹بۇ – ئوتۈپ كېتىدىغان كېچە ›› ،كىلاسسىك ئانسانبېل ‹‹ مۇنارنىڭ ھوقۇقى ››نىڭ ناخشىچىسى ۋىليامىس بىلەن بىللە ‹‹ سۆيگۈڭنى ساقلاتما ›› ، روھ مۇزىكا ساھەسىدىكى رىۋايەتلىك سەنئەتكار روبىنسۇن بىلەن ھەمكارلاشقان‹‹ بىز ئەڭ ئاخىرقى، ئەڭ ئېسىلىنى ساقلىدۇق ››، روھ مۇزىكا خانىشى شياكاكاڭ بىلەن بىللە ئوتتۇرىغا چىقارغان ‹‹گۈزەل ›› ...ناملىق مۇزىكا – ناخشىلار ئۇنىڭ تالانتىنى ، ئۇنىڭ تەسىرىنى پۈتۈن دۇنياغا يېيىۋىتىدۇ. ئۇنىڭ ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كىنولارنىڭ مۇزىكىلىرىنى ئورۇنلاپ چىقارغان پىلاستىنكىلىرى ( مەسىلەن ، ‹‹ تىتانىك ناملىق پاراخۇت ›› نىڭ مۇزىكىسىنى ئورۇنلاپ پۈتۈن دۇنيادا زىلزىلە قوزغىغان )  ئاجايىپ كەڭرى تارقىلىدۇ. دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا قۇيۇلغان ئويۇنلىرى ئۇنى مۇزىكا زوقمەنلىرىنىڭ قەلبىدىكى سېھىرلىك مەبۇدقا ئايلاندۇرىدۇ.
ئۇنىڭ دۇنياۋېي شۆھرىتىنى كېننىنىڭ تەڭداشسىز ئورۇنلاش ماھارىتىگە مەپتۇن بولغان ئامېرىكىنىڭ سابىق پېرىزدېنتى كلىنتوننىڭمۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش كېچىلىكىدە ئۇنىڭ بىلەن ساكس چېلىشنى ئۆزىگە شەرەپ بىلگەنلىكىدىن كۆرىۋېلىش مۇمكىن.
ئۇ ھاياتىدا نۇرغۇن مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن بولۇپ، گراممي مۇزىكا مۇكاپاتى، يەرشارى مۇزىكا مۇكاپاتى، ئامېرىكا مۇزىكا مۇكاپاتى ..دېگەندەك كاتتا مۇكاپاتلار ئۇنى چۆرگىلەپ كېتەلمىگەن.
ئۇ 30 يىلغا يېقىن كەسپىي مۇزىكا ھاياتىدا يۇقىرىدا تىلغا ئالغان مەخسۇس لېنتىلىرىدىن باشقا يەنە ،‹‹يىغىلىش ››، ‹‹ ۋاقىت  ››،‹‹ تاللانما مۇزىكىلار ››،‹‹قەلبىم داۋاملاشماقتا ››،‹‹ كىلاسسىك مۇزىكىلار ›› ‹‹سېغىنىش››،‹‹دىلىستان››، ‹‹ جەننەت ››،‹‹تىلەك ››،‹‹ئەڭ ئاخىرى››، ‹‹ كىلاسسىك ئارامبەىش مۇزىكىلار ››، ‹‹ مەن گۈلگۈن يىللاردا ››،‹‹رېتىم ۋە رۇمانتىكا›› قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق مەخسۇس لېنتىسىنى چىقىرىپ يىلسىرى ئېشىپ بېرىۋاتقان مۇزىكا ئىستىداتىنى نامايەن قىلىپ كەلدى. 2002-يىلى نەشىردىن چىققان ‹‹ جەننەت ›› ناملىق پىلاستىنكىسى مۇزىكا ساھەسىنى ‹‹ مۆجىزە ›› دىن يەنە بىر قېتىم سىلكىۋەتكەندىن  كېيىن، 2010-يىلى 6-ئايدا ‹‹ قەلب ۋە روھ ›› نى نەشردىن چىقىرىپ، دۇنيانى  يەنە بىر قېتىم ھەيرەتتە قويدى.
تىنىمسىز تىرىشچانلىق ئارقىلىق يۈكسەك پەللىگە يەتكەن كېننىنىڭ يەككە مۇزىكىلىرىمۇ ئىنتايىن داڭلىق بولۇپ، ‹‹ بۇلبۇل››، ‹‹ ئۆيگە قايتىش ›› ، ‹‹ يەسىمەن گۈلى ››گە ئوخشاش  ئۆز ئىجادى ۋە ئىجراسىدىكى 60 يېقىن مۇزىكىسى پۈتۈن دۇنيانى، سانسىز قەلبلەرنى كېزىپ يۈرمەكتە.
بۈگۈنكى دۇنيا مىقياسىدا كېننىدەك ياشانغانلار ، ئوتتۇرا ياشلىقلار، ياشلار ۋە بالىلارغا قەدەر مۇزىكىسىنى ئورتاق ياخشى كۆرىدىغان سەنئەتكارنى تاپماق تەس. ئۇنىڭ  ئۇزۇن مۇددەت ھېسسىيات جۇغلانمىسى ھازىرلاپ، ئەستايىدىل ئىجاد قىلغان مۇزىكىلىرى روھنىڭ ئىچكى قاتلاملىرىدىكى پىنھان ھېسلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەپ، ئادەمگە خۇددى قەلبنىڭ ئۆزى سۆزلەۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ئۇنىڭ مۇزىكىلىرىدا جاز ، رېتملىق كۈي، رەپ ۋە لاتىن مۇزىكىلىرى ئاجايىپ نازۇك جىپىسلىشىپ كەتكەن بۇ مۇزىكا ئۇنىڭ كامالەتكە يەتكەن ساكس ماھارىتى بىلەن يۈرەكنىڭ دەل بېغىشىغا تېگىدۇ. ئۇ يۇقىرىقى نادىر مۇزىكىلىرىنى يۇقىرى ئاۋازلىق، ئوتتۇرا ئاۋازلىق ، توۋەن ئاۋازلىق ساكس چېلىش ئۇسلۇبىنىڭ خىلمۇ خىل شەكىللىرىدە ئورۇنلاپ، ساكسنى ئاخىرى دۇنياۋىي مۇزىكا ( ساز ) قاتارىغا ئۆتكۈزدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا ، كېننىدىن بورۇن ساكسنىڭ يەككە ئۇرۇندىلىشى كەمدىن-كەم ئۇچىرايتتى ھەم ئۇ ئوركېستردىكى قۇشۇمچە ساز ئىدى. دەل كېننى ئۇنى مۇشۇنداق شانلىق تەختكە مۇيەسسەر قىلدى. شۇڭا، كېننى.ج بىر دەۋردىكى مۇزىكا ئورۇنلاش سەۋىيىسىنىڭ سىمۋوللۇق ئالامىتى  سۈپىتىدىلا ئەمەس، بەلكى، ساكىسنىڭ ئوبرازى ۋە بەلگە ئىسمىغا ئايلانغانلىقى بىلەنمۇ دۇنياغا مەشھۇردۇر .

بىلىپ ‹ قىل › ئاخىرى ئېچىنما ،
- بىلىپ ‹ تاشلا › ئاخىرى سېغىنما .
                                               « سۇلتان » ...

Rank: 8Rank: 8

تېما
33
يازما
274
نادىر
3
جۇغلانما
1176

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 17:56:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




خەلقىمىز، بولۇپمۇ بىر-ئىككى ئەۋلاد ياشلىرىمىز پىيانىنونىڭ سېھرىي كۈچىنى رىچارد.كلايدېرمان ئورۇنلىغان رۇمانتىك مۇزىكىلاردىن ھېس قىلغان، دېسەك ئاشۇرىۋەتكەن بولمايمىز. بېتخوۋېندەك بۈيۈك كومپوزىتورنى كىتاب ۋە ئۈن-سىنلاردىن كۆرۈپ  تونىغان بولساقمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مۇزىكىلىرىنىمۇ يەنە شۇ سۈيۈملۈك سازەندە- رېچاردتىن ئاڭلاپ مۇڭلانغانمىز.ئاشۇ رۇمانتىك كۈيلەرگە قانچىلىغان يۈرەك مەست بولمىغان دەيسىز ؟
بۇ مەشھۇر پىيانىنوچى ئـۇيـغـۇر ياشلىرىغىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادىكى نەچچە يۈز  مىليۇنلىغان قەلبلەرگە پىياننىونىڭ ئوتىنى ياققان. بىز ئۇنى كىلاسسىك مۇزىكىلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلايدىغان ئاقسۆڭەك تىپىدىكى پىيانىنوچى دېيەلمەيمىز. لېكىن، ئۇ پىيانىنونى، پىيانىنو موزىكىلىرىنى ئاددىي ئىشلەمچىدىن تارتىپ، ئاق ياقىلىق زەردارلارغىچە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا تونۇتقۇچى ۋە ئومۇملاشتۇرغۇچى سۈپىتىدە تولىمۇ قەدىرلىك ۋە سۈيۈملۈك.  
30 يىل مابەينىدە ،60 نەچچە دۆلەتتە   2000قېتىم نەق مەيدان مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈش، 340 دانە پىلاستىنكا،1200 پارچە مۇزىكىنى پىيانىنو بىلەن دۇنياغا يېيىش،700 مەيدان تېلېۋىزىيە مۇزىكا كېچىلىكىگە قاتنىشىش،50-60 مىڭ دەستە گۈلگە نائىل بولۇش، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ،50 مىليوندىن ئارتۇق تاماشىبىنغا نەق مەيدان مۇزىكا چېلىش، 85 مىليوندىن ئارتۇق پىلاستىنكىسى سېتىلىش، 50 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق ئىمزا قويۇش، ئويۇن قويۇش جەرىيانىدا، يەر شارىنى 70 قېتىم ئايلانغۇدەك مۇساپىنى بېسىش، ئوخشىمىغان 5000 دىن ئارتۇق مېھمانخانا ، 40 مىڭدىن ئارتۇق ماشىنا، 5000 دىن ئارتۇق ئايروپىلان ئالمىشىش... بۇ سان-سىفىرلار بەلكىم ئۇنىڭ دۇنياۋېي تەسىرى ۋە شۆھرىتىنى سۈپەتلەشكە يېتىشى مۇمكىن.
بۇ نۇقتىدىن دۇنياغا، جۈملىدىن خەلقىمىزگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن رېچارد بىلەن تونۇشۇپ چىقىش تولىمۇ ئەھمىيەتلىك.
رېچارد.كلايدېرمان 1953-يىلى 28-دېكابىر فرانسىيەنىڭ پارژ شەھرىدىكى خىلۋەت بىر بازاردا ئاددىي بىر ئائىلىدە دۇنياغا كېلىدۇ. دادىسى ئۆي جاھازىلىرى ياسايدىغان ھۆنەرۋەن بولۇپ،مۇزىكىغا ھېرىسمەن، نۇرغۇن سازلارنى چالالايدىغان ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرى لەرزان مۇزىكا ساداسى ئىچىدە ئۆتىدۇ. بۇۋاق چېغىدىن باشلاپ مۇزىكىغا بۆلەنگەن رىچارد 3 ياش چېغىدا دادىسى ئېلىپ بەرگەن ئېغىز گارمونىنى رېتىملىق چېلىپ دادىسىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بالىسىدىكى مۇزىكا سېزىمى ۋە ئىشتىياقىنى بايقىغان دادىسى ئۇنى تەربىيىلەشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلايدۇ. دادىسى مەھەللە ئانسانبېلى بىلەن ئۇرۇنلىغان مۇزىكىلار، مۇزىكا يىغىلىشلىرى رىچاردقا ئۈنسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ.بالىسىنىڭ مۇزىكانت بولۇپ چىقىشىنى ئارزۇلىغان دادىسى مۇقىم كىرىملىك ئۆي جاھازىلىرى ياساش كەسپىنى تاشلاپ، بازاردا مەخسۇس پىيانىنودىن ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولىدۇ. بۇ دەرسلەرگە ئىزچىل قاتنىشىپ،ئىشتىياق بىلەن كىرىشىۋاتقان رېچاردنىڭ قەلبىگە نۇرغۇن مۇزىكا –ئاھاڭلار تەبىئىي قۇيۇلۇپ كېتىدۇ. پىيانىنونىڭ ئاددىي تېخنىكىلىرىنى ئۆگىنىدۇ. 6 يېشىدا نوتا ئوقۇيالايدىغان بولغاندىن باشقا، بىر پارچە مۇزىكا يېزىپ ۋە ئورۇنلاپ، ھەممىنىڭ ئاغزىغا چىقىپ قالىدۇ. شۇڭا رېچارد بۇ كۈنلەردىكى كەچمىشلىرىنى سۆزلەپ : ‹‹ دادام مېنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋە ئەڭ بۈيۈك ئۇستازىم ›› دەيدۇ. ئۆزىنىڭ سەۋىيىسىنىڭ يېتىشمەي قېلىۋاتقىنىنى سەزگەن كۆيۈمچان دادا رېچاردنى شۇ جايدىكى كەسپىي پىيانىنوچى – فرېتېرمان ئەپەندىگە تەربىيىلەشكە بېرىدۇ. تەلەپچان بۇ ئۇستاز ئۇنىڭغا مۇزىكىنىڭ سېھرىي كۈچىنى تېخىمۇ چۇڭقۇر ھېس قىلدۇرغاندىن باشقا ، يەنە شوبېرت، شۇمان، شوپىن قاتارلىقلارنىڭ مۇزىكا ئالىمىگە باشلاپ كىرىپ، كىلاسسىك پىيانىنو  مۇزىكىسى خۇسۇسىدا سېستىمىلىق تەربىيەلەيدۇ. شوپىن رېچاردنىڭ بالىلىق قەلبىدىكى مەبۇدە بولۇپ قالىدۇ. ئۇ شوپىنغا ئوخشاش بۈيۈك مۇزىكانت بولۇشنى كۆڭلىگە پۈكىدۇ. باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەندىن كېيىنلا ، ئەلا نەتىجە بىلەن پارژ مۇزىكا ئېنىستىتوتىنىڭ كىلاسسىك مۇزىكا كەسپىگە قوبۇل قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ نەتىجىسىدىن مەمنۇن بولغان دادىسى رېچاردنى ئېسىل بىر ئورگان ( ساز ) بىلەن تارتۇقلايدۇ. رېچارد بۇ سوۋغىنى ئۆمۈر بۇيى ئۇنۇتمايدۇ. ئۇ مەكتەپتە كىلاسسىك مۇزىكىنى بېسىۋالغۇسىز تەشنالىق بىلەن ئۆگىنىدۇ. بىر تاساددىپىي پۈرسەتتە رېچارد ئۆز يۇرتىدىكى توي مۇراسىمىدا ئورگان بىلەن كىلاسسىك مۇزىكا ئورۇنداپ زور ئالقىشقا ۋە 20 فرانك ھەققە ئېرىشىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا توي مۇراسىمى ۋە يىغىلىشلارنىڭ مۇزىكانتىغا ئايلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئىگلىگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزىدۇ ۋە بەلگىلىك ئىقتىسادقا ئېرىشىدۇ. بۇ فرانسىيەدە كىلاسسىك موزىكىلار تۆردىن ئورۇن ئېلىپ، ئاممىباپ مۇزىكىلارغا ئانچە ئېتىۋار بېرىلمەيدىغان چاغلار ئىدى.مەكتەپتە شوپىن ، مۇزارت، بېتخوۋېنلارنىڭ كىلاسسىك مۇزىكىلىرىنى ئۆگىنىۋاتقان رېچارد ئاۋام ئىچىدىكى توي، يىغىلىشلاردا مۇزىكا ئورۇنداش جەرىيانىدا ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئاممىباب مۇزىكىغا ھېرىسمەن ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا  ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ بېقىش، كىلاسسىك مۇزىكىلار بىلەن فىرانسىيە خەلق ئاھاڭلىرى ۋە ئاممىباب مۇزىكىلارنى بىرلەشتۈرۈش ئويى پەيدا بولىدۇ. قانچە قېتىرقىنىپ ئۆگەنسىمۇ 25 ياشتىن بورۇن نامى چىقمايدىغان ، شۆھرەتلىك، بازارلىق كىلاسسىك مۇزىكا ساھەسىدە بۇرۇلۇش ياساشقا بەل باغلايدۇ.مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن مۇزىكا مۇسابىقىسىدە چىمپىيۇن بولۇپ، يىراق-يېقىنغا نامى تارىلىدۇ. قەھۋەخانا، رېستورانلاردا مۇزىكا ئورۇنلاشقا تەكلىپ قىلىنىپ، ئويلىغانلىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە سىناقتىن ئۆتكۈزىدۇ. مۇزىكا ئەترىتى دەۋر سۈرىۋاتقان شۇ دەۋردە مۇزىكا ئەترىتى قۇرۇشقا تۇتۇنۇپ، ئەتىراپتىكى مۇزىكانت دوستلىرى بىلەن ئەڭ دەسلەپكى مۇزىكا ئەترىتىنى قۇرىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ ئەمدىلا 15 ياش ئىدى.مۇستەقىل ئىدىيە ۋە مۇزىكا ئەترىتىگە ئىگە بولغان رېچارد باشقىلارنىڭ قەتئىي قارشى تۇرىشىغا قارىماي،شۇ چاغدىكى مۆتىۋەر ئېقىم - كىلاسسىك مۇزىكا ئورۇنداشتىن ۋاز كېچىپ، كىلاسسىك مۇزىكا ئاساسىدىكى يېڭى بىر ئاممىباب مۇزىكا ئېقىمىنى بارلىققا كەلتۈرۈش قارارىغا  كېلىدۇ. مىشېر.شاد بىلەن ھەمكارلىشىپ، مۇزىكا ئەترىتى ۋە ئۈنخانىدا ئىشىنى باشلىۋېتىدۇ. ھاياتىدىكى مۇھىم شەخس ، فىرانسىيەدە ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقان كومپوزىتۇر ئولىۋېر. دوۋسىن بىلەن تونۇشۇپ، ياخشى ھەمكارلاشقۇچىلاردىن بولۇپ قالىدۇ. 17 يېشىدا دادىسى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغاننىڭ ئۈستىگە، ئۆزى ئاشقازان يارىسى كېسىلى بىلەن ئاغرىپ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆز كەسپىگە لايىق خىزمەت تېپىشقا كىرىشىدۇ. ئۇنىڭ يۇقىرى مۇزىكا سېزىمى، پەۋقۇلاددە ئۇرۇنداش ماھارىتى تېزلا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، يىغىن ئارىلىقىدا مۇزىكا ئورۇنلايدىغان ، كىرىمى نۇرمال بىر خىزمەتكە ئېرىشىدۇ.كېيىن ئەنە شۇ ئىزدىنىش ۋە سېرىقتال تۇرمۇشتىكى كۈنلەرنى رېچارد : ‹‹  ئەڭ كۆڭۈللۈك كۈنلەر ئىدى ›› دەپ دائىم ئەسكە ئالىدۇ.
چولپان بولۇشنى ئەمەس، بەلكى مۇنەۋۋەر بىر ئورۇنلىغۇچى بولۇشنى ئارزۇلايدىغان رېچاردنىڭ تۇرمۇشىدا 1976-يىلى ئاجايىپ زور بۇرۇلۇش بولىدۇ. ئۇنىڭ مۇزىكا تالانتى ۋە ئىستېداتىغا قايىل بولغان داڭلىق مۇزىكانتلار ھەمكارلىشىپ ئۇنىڭ تۈنجى پىلاستىنكىسىنى پىلاستىنكا سودىگىرىنىڭ مەبلىغى بىلەن نەشر قىلىدۇ. ئۇنىڭ نامى تارىلىشقا باشلىغىنى بىلەن ، لېكىن ئۇنىڭ نامىنى ھەقىقىي چىقارغىنى تېلېۋىزۇردا ئورۇنلىغان مۇزىكىسى بولۇپ قالىدۇ. 1977-يىلى ئۇ  تېلېۋىزوردا يالغۇز مۇزىكا ئۇرۇنلاش پۈرسىتىگە ئېرىشىپ، ‹‹ سۇ بويىدىكى ئاددىلىنا ›› مۇزىكىسى تارقىتىلىشى بىلەنلا زور زىلزىلە پەيدا قىلىدۇ.ئىستانسىسىغا بۇ  مۇزىكانتنى سۈرۈشتۈرۈپ ئۇرۇلغان تېلېفون ئۈزۈلمەيدۇ.رېچارد پىلاستىنكا سودىگەرلىرى ئارىسىدا تالاشتا قالىدۇ. بۇ مۇزىكا پىلاستىنكا بولۇپ تارىلىپ، سېتىلىشى ئەسلىدىكىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ، 800 مىڭ دانىغا يېتىدۇ. فىرانسىيە چىگرىسىدىن ھالقىپ، ۋېينادىن ئافرىقىغىچە تارىلىدۇ.بىر كېچىدىلا نامى دۇنياغا پۇر كەتكەن بۇ مۇزىكانتنىڭ سۈرىتى دۇنيادىكى نوپۇزلۇق مۇزىكا گېزىتلىرىنىڭ كۆرىنەرلىك يېرىدىن ئورۇن ئالىدۇ. بۇ رېچارد.كلايدېرماننىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چولپانلىق دەۋرى باشلانغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالىدۇ.  ‹‹ راۋان، ھەشەمەتلىك كۈي شەكلى، نەپىس مېلودىيە ، گۈزەل ئوبراز ›› رېچاردنىڭ مۇزىكا ئورۇنداش ئۇسلۇبى سۈپىتىدە دۇنياغا تونىلىدۇ.
ئەنە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ، ئۇ ئۆز ئۇسلۇبىنى تېخىمۇ پۇختىلاپ ۋە دادىل ئىسلاھ قىلىپ، نۇرغۇنلىغان مۇزىكىلارنى ئۇرۇنلاپ دۇنياغا تارقىتىدۇ.ئۇنىڭ داڭقىنى چىقارغان ‹‹ ‹‹ سۇ بويىدىكى ئاددىلىنا ››دىن كېيىن ، ‹‹ ئەيلىسقا تەقدىم ›› ، ‹‹ دىلكۈيى ››، ‹‹ تەقدىر ›› ، ‹‹ كۈزدىكى پىچىرلاش ››... قاتارلىق مۇزىكىلىرى ئۇنىڭ شۆھرىتىنى تېخىمۇ كۆتۈرۈپ، دۇنيادىكى ھەممە ئادەم دېگۈدەك بىلىدىغان مۇزىكا ئۇرۇندىغۇچىغا ئايلىنىدۇ. بۈگۈنكى زامان مۇزىكا دۇنياسىدا ، ئۇنىڭدەك كۆپ مۇزىكىسى تارالغان سەنئەتكاردىن يەنە بىرنى تاپماق تەس. ئۇنىڭ دۇنياغا تارالغان مۇزىكىلىرى 1200 پارچىدىن ئاشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ‹‹ كۈزدىكى پىچىرلاش ›› ، ‹‹ چۈشۈمدىكى توي مۇراسىمى ›› ، ‹‹ سۇ بويىدىكى ئاددىنا ›› ، ‹‹ يۇلتۇزلۇق ئاسمان ›› ، ‹‹ ئەيلىسقا تەقدىم ›› ،‹‹ تەقدىر ››، ‹‹ بالىلىقنى ئەسلەش ›› ، ‹‹ رومىيو-ژولىتتا ››، ‹‹ مۇھەببەت خاتىرىسى ›› ، ‹‹ قىزچاقنىڭ ئىلتىجاسى ›› ، ‹‹ كۆك رەڭلىك سۆيگۈ ›› ، ‹‹ سىرلىق گۈللۈك ›› ...قاتارلىق مۇزىكىلىرى ئەڭ كەڭ تارقالغان ۋە ئەڭ زور ئالقىشقا سازاۋەر بولغان بولۇپ،جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئاددىي كەپىلەردىن تاكى چىكاكودىكى  ئايدورۇملارغىچە  ساداسىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ مەخسۇس پىلاستىنكىلىرىمۇ ئىنتايىن كۆپ بولۇپ،1976-يىلىدىن ھازىرغىچە 340 دانىدىن ئارتۇق پىلاستىنكا چىقارغان.  ئۇنى بۇ جەھەتتە دەرىجىدىن تاشقىرى مول ھۇسۇللۇق سازەندە دەپ تەرىپلەش مۇمكىن. ئاساسلىق پىلاستىنكىلىرىدىن : ‹‹ كۈزدىكى پىچىرلاش ›› ، ‹‹ سېرىنادا ›› ، ‹‹ پەقەت مەن ›› ، ‹‹ سۆيگۈ ئۈچۈنلا ›› ، ‹‹ مەڭگۈلۈك پۈتۈم ›› ، ‹‹ ئەيلىسقا تەقدىم ›› ، ‹‹ كىلاسسىك مۇزىكىلاردىن نەمۇنىلەر ›› ، ‹‹ شەرققە مۇھەببەت ›› ، ‹‹ ئېلېنا ››، ‹‹ كىلاسسىك كىنو كۈيلىرىدىن  تاللانما ›› ، ‹‹ فىرانسىيەنى سۆيىمەن ›› ، ‹‹ ئالتۇندەك قەلب ›› ، ‹‹ ھوللىۋود كۈيلىرى توپلىمى ›› ، ‹‹ سۆيگۈ دەرياسىغا غەرق بولۇش ›› ، ‹‹ چۈشۈمدىكى مېلودىيە ››، ‹‹ يېڭى رۇمانتىك باللادالار ›› ، ‹‹ سوناتا توپلىمى ›› ، ‹‹ سۆيگۈ مېلودىيەسى ››، ‹‹ تاساددىپىي ئۇچرۇشۇش ››، ‹‹ ئانامغا مەكتۇپ ›› ، ‹‹ ئامېرىكىچە مۇھەببەت ›› ، ‹‹ يېڭى دەۋر ›› ، ‹‹ ئەنگلىيەدىكى مۇزىكا كېچىلىكى ››، ‹‹ رېچاردنىڭ رۇمانتىك پىيانىنو كۈيلىرى ›› ، ‹‹ شېرىن ئەسلىمە ›› ، ‹‹ رېچارد. كلايدېرمان تاللانما مۇزىكىلار توپلىمى ›› ، ‹‹ گۈزەل دۇنيا ››، ‹‹ ئەر ئايالنى ياخشى كۆرگەندە ››، ‹‹ تـۈركىيەنى ياخشى كۆرىمەن ›› ، ‹‹ دۇنياغا سەپەر ››، ‹‹ رىچارد كىلايدېرمان – 2000 ›› ، ‹‹ ئەڭ يېڭى تاللانما كۈيلەر ›› ...قاتارلىقلار ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە پىلاستىنكىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ شۈنچە پىلاستىنكىلرى دۇنيا مىقياسىدا تارقىتىلغىنىغا باقماي، يەنىلا ئەڭ بازارلىق، ئەتىۋارلىق پىلاستىنكىلارنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئۇرۇن ئالغان. ھەر قېتىملىق تارقاتقان پىلاستىنكىسى بۇرۇنقى رېكورتىنى يېڭىلاپ تۇرىدۇ. ھازىرغىچە پىلاستىنكىلىرى 100 مىليون دانىغا يېقىن سېتىلىپ ( قانۇنسىز نەشىر 30 مىليوندىن ئاشىدۇ )، بۇ ساھەدىكى ئەڭ يۇقىرى رېكوردنى ساقلاپ تۇرماقتا.

ئۇنىڭ كونسېرت ئۆتكۈزۈش سەپىرى 1979-يىلىدىن باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە 60 نەچچە دۆلەتتە 2000 مەيدانغا يېقىن كونسېرت ئوتكۈزگەن. ئۇ كونسېرت ئۆتكۈزمىگەن ۋېينادىكى ھەشەمەتلىك مۇزىكا زاللىرىدىن تارتىپ، ئاسىيانىڭ كىندىكىدىكى ئۈرۈمچى شەھىرىمۇ قالمىغان. يالغۇز ياپونىيەدىلا 700 مەيداندىن ئارتۇق كونسېرت ئۆتكۈزگەن . توكيودىكى كالتەك توپ مەيدانى ۋە جۇڭگو كۈنمىڭدىكى پۇتبول مەيدانىدا ئۆتكۈزگەن كونسېرتلىرىدا ھەر قېتىم  40 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تىقما-تىقماق بولۇپ، ئۇنىڭ مۇزىكىسىدىن ھۇزۇرلانغان. ھەر قېتىملىق كېچىلىكىنىڭ بېلىتى يۇقىرى باھادا سېتىلىپ، مەيداندا بوش ئورۇن قالمىغان. قۇچاقلىرى دەستە-دەستە گۈللەرگە تولۇپ كېتىپ، ئىمزا قويدۇرىدىغانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىگەن. ئۇنىڭ ھەتتا، 250 كۈن ئىچىدە تىنىم تاپماي 250 مەيدان كونسېرت ئۆتكۈزگەن ۋاقىتلىرى بولغان. ئۇ يەنە دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا 700 قېتىمدىن ئارتۇق تېلېۋىزىيە مەخسۇس مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، بۇ جەھەتتىمۇ رېكورت ياراتقان. بۇ كېچىلىكلەر ئۇنىڭ پىلاستىنكىلىرىدىن زوقلانغان مۇخلىسلىرىنىڭ قەلبىگە بىۋاستە سىڭىپ كىرىپ، شۆھرىتىنى ئاجايىپ يۇقىرى پەللىگە كۆتىرىۋەتكەن. شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا نۇرغۇن مۇكاپاتلارغا نائىل بولغان. بۇ يەردە ئۇنىڭ ئالغان مۇكاپاتلىرى ۋە شان-شەرەپلىرىنى ساناپ ئولتۇرمايمىز.پەقەت فىرانسىيە ھۆكۈمىتى تارقاتقان ‹‹ 1990-يىلنىڭ چولپانلىرى ›› نى تاللاشتا بىردىنبىر ‹‹ ئالتۇن پىيانىنو مۇكاپاتى›› ئېرىشكەنلىكىنى قەيت قىلىش بىلەن كۇپايىلىنىمز.
ئۇنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان باغلىنىشى تولىمۇ قويۇق بولۇپ،جۇڭگودا ئۇنىڭ پىلاستىنكىلىرى ۋە كېچىلىكلىرى ئۆز دولىتى فىرانسىيەدىنمۇ بەكرەك ئالقىشقا سازاۋەر. ئۇنىڭ مۇزىكىلىرى جۇڭگودىكى 7 ياشتىن 70 ياشقىچە ھەممە ئادەم دېگۈدەك سۆيۈپ ئاڭلايدىغان مۇزىكىلار بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئەڭ ئاددىي چايخانىلىرىدىمۇ ئۇنىڭ مۇزىكىلىرى ياڭراپ تۇرىدۇ.  جۇڭگو مۇزىكا ئوبزۇرچىلىرىنىڭ تەھلىلىچە ، رىچارد جۇڭگوغا ئەڭ زور تەسىر كۆرسەتكەن ، ئىسلاھات ، ئېچىۋىتىشتىن كېيىن ، جۇڭگولۇقلارنىڭ مۇزىكىدىن ھۇزۇرلىنىش سەۋىيەسىگە ئىنقىلاپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلغان چەت ئەللىك سازەندە ھېسابلىنىدىكەن. ئۇنىڭ پىلاستىنكىلىرى جۇڭگودا ھەددىدىن تاشقىرى بازار تاپقان. ئوتكۈزگەن كونسېرىتلىرىغىمۇ تاماشىبىن سىغماي قالىدۇ. ئۇنىڭ جۇڭگوغا بولغان قىزىقىشى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۆگەنگەن تارىخ-جۇغراپىيە دەرسىدىكى جۇڭگونىڭ مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا بولغان ئىشتىياقتىن باشلانغان. شۇڭا، ئۇ جۇڭگونىڭ كەڭ تارقالغان مۇزىكىلىرىدىن ‹‹ يەسىمەن گۈلى ››، ‹‹ قۇياش ئەڭ قىزىل ››، ‹‹ گۈل قەلبى ››، ‹‹ تىيەنئەنمىننى سۆيىمەن ››...قاتارلىق خېلى كۆپ مۇزىكىلارنى ئۆز ئۇسلۇبىدىكى پىيانىنۇ ئۇسلۇبىدا ئىشلەپ ۋە ئۇرۇنلاپ كەڭ تارقاتقان. ئۇنىڭ جۇڭگوغا بولغان كونسېرت سەپىرى 1992-يىلىدىن باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە جۇڭگونىڭ مەركىزى ۋە چوڭ شەھەرلىرىدىكى  ئەڭ چوڭ مۇزىكا زاللىرى ، تەنتەربىيە مەيدانلىرىدا 200 مەيداندىن ئارتۇق كونسېرت ئۆتكۈزىدۇ.ھەر قېتىمدا تاماشىبىن سىغماي قالىدۇ. مەسىلەن ، ئۇنىڭ كۈنمىڭ پۇتبول مەيدانىدا ئۆتكۈزگەن كونسېرتىنى 40 مىڭدىن ئارتۇق تاماشىبىن نەق مەيداندا كۆرۈپ ئالقىش ياڭرىتىدۇ. ئۇنىڭ 1995-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن كونسېرىتىدىكى 12 ئەرخۇچى قىز بىلەن ئۇرۇندىغان ‹‹ مېنىڭ ۋەتىنىم ›› ناملىق مۇزىكا ( بۇ شۇ دەۋردە پىيانىنو بىلەن ئەرخۇنىڭ ئۆز-ئارا تەڭكىشىنىڭ ئەڭ نادىر ئۈلگىسىنى ياراتقان ) نىڭ زىلزىلىسى مۇزىكا زوقمەنلىرىنى ھازىرغىچە ھاياجانغا سېلىپ كەلمەكتە. ئۇ جۇڭگو مۇزىكا ئەسەرلىرى ھوقۇقى جەمئىيىتى بىلەن توختام ئىمزالىغان مۇزىكانتلارنىڭ ئەڭ ئالدىنقىلىرىنىڭ بىر بولۇپ، جۇڭگو خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن ‹‹ جۇڭگو-فىرانسىيە سەنئەت ئەلچىسى ›› سۈپىتىدە قەدىرلىنىپ كەلمەكتە. ئۇ 2008-يىلى 6-يانۋار ئۈرۈمچىدىمۇ ‹‹ باھار ساداسى ›› پىيانىنو كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، دىيارىمىزدىمۇ زور ئالقىشقا سازاۋەر بولدى.شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ تەنتەربىيە زالىدا ئالقىشقا كۆمۈلۈپ كەتتى. ئۇ جۇڭگو سەپىرىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ يىل 1-يانۋاردىن 17 –يانۋارغىچە جۇڭگونىڭ چوڭ ۋە مەركىزى شەھەرلىرىدە ئىنتايىن داغدۇغىلىق كونسېرتلارنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو خەلقىدە يەنە بىر قېتىم ئۆچمەس تەسىر قالدۇردى.
ئۇنىڭ پىلاستىنكىلرىنىڭ شىددەت بىلەن بازار تېپىشى، كونسېرىتلىرىغا ئادەم پاتماي قېلىشى، ئورۇنلىغان كۈيلىرىنىڭ زور ئالقىشقا سازاۋەر بولىشى ھەرگىزمۇ سەۋەبسىز ئەمەس. پىيانىنو سازلارنىڭ پادىشاھى بولۇش سۈپىتىدە كىلاسسىك ئاھاڭلارنى، سىمفونىك ئەسەرلەر ئورۇنلىنىش بىلەن قەدىرلىنىپ كەلگەن. شۇڭىلاشقىمۇ ، رېچاردنىڭ ئۇسلۇبىنى كىلاسسىك ئۇسلۇپتىكى، سىمفونىك يۇسۇندىكى مۇنتىزىم ، كەسپىي پىياننىنو ئۇستىلىرىغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. شۇڭىلاشقا ، دۇنياغا داڭلىق كىلاسسىك پىيانىنو ئۇستازلىرى دائىم دېگۈدەك رېچاردنى مەسخىىرە قىلىدۇ ياكى كەسپىي پىيانىنوچى قاتارىدا سانىمايدۇ. لېكىن، رېچارد ئۆزى ئىزدەنگىنىدەك كىلاسسىك مۇزىكىلارنى خەلق ئاھاڭلىرى، مودا ئاممىباب،زامانىۋېي ئاھاڭلار بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، دۇنياغا پىيانىنو ئورۇنلاشتا ، يېڭى بىر خىل ئاممىباب ئۇسلۇپ - ‹‹ يېڭى رۇمانتىزىم›› ئۇسلۇبىنى تەقدىم ئەتتى. ئۇنىڭ ئۇرۇنداۋاتقىنى ئۆزىنىڭ ئىجادىي مۇزىكىلىرى، كىلاسسىك مۇزىكىلار، باشقا كومپىزوتۇرلارنىڭ ئاممبىباب كۈيلىرى،ئىجادىي ئاھاڭلاردىن ئۆزگەرتىپ ئىشلىگەن مۇزىكىلار، شەرق ۋە غەربنىڭ خەلق ئاھاڭلىرى، كىنو مۇزىكىلىرى ...قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇ ئاشۇ ئۇسلۇپتىكى كۈيلەرنى ئايرىم ياكى جىپىسلاشتۇرۇپ، پىيانىنودا  زامانىمىز كىشىلىرىگە ئەي يېقىملىق رەۋىشتە ئۇرۇنداپ ئۇتۇق قازانغان ‹‹ ئاممىباب پىيانىنو ئۇستازى ›› بولۇشقا تامامەن مۇناسىپتۇر. ئۇ باسقان پىيانىنو تىللىرىدىن  ياڭراۋاتقىنى كىلاسسىك مۇزىكا بىلەن ئاممىباب ( زامانىۋېي ) مۇزىكىنىڭ ئىنتايىن ماس ھالدىكى جىپىسلىشىشىدىن ھاسىل بولغان ئاھاڭلار بولۇپ، كۈي شەكلى ئاددا –ساددا، راۋان، نەپىس،پۇزۇر، مېلودىيەسى لەرزان، يېقىملىق، گارمونىيەسى ئىخچام، قېنىق شېئىرى ھېسسىياتقا تۇيۇنغان. ئاڭلىغان كىشىنى تەبئىي ھالدا تەبىئەتنىڭ پايانسىز قوينىغا باشلاپ كىرىدۇ، كىشىگە خۇددى ئەي يېقىن كىشىسى بىلەن مۇڭدىشىۋاتقاندەك ، سۆيگەن يارى بىلەن مۇڭدىشىۋاتقاندەك لەززەتلىك تۇيغۇ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ھاياتبەخش ، نەپىس ، ئىلاستىك مۇزىكىلىرى كىشىلەرنى قەلبىنڭ چۇڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئۇرغۇۋاتقان  ئۆز خۇشاللىقى ياكى دەرد-ئەلىمىدەك ھېسسىياتقا كەلتۈرۈپ، ئارامبەخش مۇزىكا باغرىدا پەرۋاز قىلدۇرىدۇ.ئۇنىڭ مۇزىكىلىردىن سېھىرلەنگەن دىللار ئۇنىڭ مۇزىكىسىنى قايتا ئاڭلىغاندىمۇ ئوخشاشلا رۇمانتىك ھېسلارغا چۆمۈلىدۇ.شۇنداق بولغاچقا، ئۇنىڭ مۇزىكىلىرىغا جەمئىيەتنىڭ ھەر قانداق قاتلىمىدىكى كىشىلەر مەپتۇن. مۇزىكا تەربىيەسى يېتەرسىز كىشىلەرمۇ ئۇنىڭدىن ئالامچە زوق ئالالايدۇ.دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدىكى مۇزىكا مۇخلىسى ئۇنىڭ پىيانىنو باسقان قوللىرىدىن پىيانىنونىڭ ھەقىقي سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلالايدۇ. ئۇ ‹‹ يېڭى رۇمانتىزىم ئۇسلۇبى ›› يولىدىكى تىنىمسىز تىرىشچانلىقى بىلەن پىيانىنونى ئاقسۆڭەكلەرچە ھاكاۋۇر ھالەتتىن دېھقانمۇ بەھرىنەلەيدىغان پۇقراۋېي ھالەتكە كەلتۈرەلىدى. خۇددىي گېرمانىيەلىك بىر ئايال مۇخبىر يازغاندەك : ‹‹ ئۇ بېتخوۋىندىن كېيىن پىيانىنو مۇزىكىلىرىنى دۇنياغا ئەڭ كەڭ تارقاتقان مۇزىكا ئەربابىدۇر ››...شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى بىرىنچى خانىمى – رېگان خانىم تەرىپلەپ ، كېيىن پۈتۈن دۇنياغا ئۇمۇملاشقاندەك ‹‹ پىيانىنو شاھزادىسى ›› بولۇپ قېلىشى ھەرگىزمۇ ئەجەبلىنەرلىك بولمىسا كېرەك.
ئاقكۆڭۈل، ۋاقىتقا ئىنتايىن رىئايە قىلىدىغان، تارتىنچاق بۇ سەنئەتكارنىڭ  ئائىلىسى ئىنتايىن بەختلىك بولۇپ، ساداقەتمەن ئايالى ۋە بىر ئوغۇل، بىر  قىزى بىلەن پارژدا كۈيۈمچانلىق ، ئىناقلىق ئىلكىدە ياشاپ كېلىۋاتىدۇ.
‹‹ پىيانىنو شائىرى ›› دەپمۇ شۆھرەتلىنىدىغان بۇ بۈيۈك سازەندە ھازىر 60 ياشقا بېرىپ قالغان بولسىمۇ ، لېكىن يەنە ياشناپ تۇرغان قەلبى بىلەن دۇنياغا داۋاملىق سۆيگۈ بەخش ئەتمەكتە.

بىلىپ ‹ قىل › ئاخىرى ئېچىنما ،
- بىلىپ ‹ تاشلا › ئاخىرى سېغىنما .
                                               « سۇلتان » ...

Rank: 8Rank: 8

تېما
33
يازما
274
نادىر
3
جۇغلانما
1176

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 18:01:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمھاللىرى : 2012 - يىللىق شىنجاڭ سەنئىتى ژورنىلىنىڭ 2 - ۋە 4 - سانلىرىدىن ئېلىندى.

بىلىپ ‹ قىل › ئاخىرى ئېچىنما ،
- بىلىپ ‹ تاشلا › ئاخىرى سېغىنما .
                                               « سۇلتان » ...

Rank: 6Rank: 6

تېما
4
يازما
305
نادىر
0
جۇغلانما
1195
يوللىغان ۋاقتى: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى 21:34:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گىتتار ئەرمىكى ، رىشاد كېرەم گىرمان ، كەينى جىنلار مۇزىكا بىلەن بىر تەن بىر جان بوپ كەتكەنلەر ، ھەقىقى سەنئەتكار دىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ ، شۇنداقلا بۇلاردىن باشقىمۇ داڭلىق سازچىلار بار ، قالغانلىرىنىمۇ تونۇشتۇرىۋىتەرسە !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش